مۇنازىرىچى
بەش مىڭ يىل
پۇقرالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان 18 ياشلىق ئافىنا پۇقراسى دېموستېنېس ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ بۇرۇنلا ئۇزۇن نۇتۇق تەييارلاپتۇ ھەمدە ئۇنى نۇرغۇن قېتىم سۆزلەپ مەشىق قىلىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە، بۇ قېتىم ئاڭلىغۇچىلارنى تەسىرلەندۇرۇۋېتىمەن، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىمدا، نۇتۇق سۆزلەپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئويلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولالماپتۇ.
قۇرۇلتاي ئاخىر ئېچىلىپتۇ. بۇ قېتىم دېموكىراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك دېگەن مەسىلە مۇنازىرىگە قويۇلۇپتۇ. دېموستېنېس ئۈستىگە سۇس سېرىق كېيىم، بېشىغا دەپنە دەرىخى گۇلىدىن ياسالغان گۈلتاج كىيگەن پېتى چوڭ _ چوڭ قەدەم تاشلاپ سەھنىگە چىقىپتۇ.
_ ھە يەنە شۇ ئىكەنغۇ..._ ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدىن مەسخىرە قىلغان بوش ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ. دېموستېنېسمۇ بۇنى ئاڭلاپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا غەيرەتلىنىپ ئۆز نۇتىقىنى باشلاپتۇ:
_ پۇقرالار، مەن ئافىنا دې... دېموكىراتىيە تۈزۈمى... نى قەتئى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك... دېگەن تېما ئۈستىدە سۆزلەيمەن... _ كۈتۈلمىگەن يەردىن دېموستېنېس بىرىنچى جۈملە سۆزىدىلا دۇدۇقلاپ، سۆزىنى تۈزۈك دېيەلمەپتۇ. شۇ زامان ئۇنىڭ بەدەنلىرى قىزىپ چىكىسىدىن سوغۇق تەرچىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ تەمتىرىگەنسېرى، ئادىتى بويىچە ئىككى مۈرىسىنى قىسىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغۇچىلار تىپىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئاخىر ئۇنىڭ ئاۋازى پەسىيىپ كېتىپتۇ.
_ بولدىلا يىگىت، سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى زادىلا ئۇقالمىدۇق... _ دەپ ۋارقىراپتۇ ئارقا تەرەپتە ئولتۇرغان بىرسى.
_ قايتىدىن بېرىپ ئاناڭدىن سۆزلەشنى ئۆگىنىپ كەل! _ ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدىن كۈلكە كۆتىرىلىپتۇ.
دېموستېنېس نائىلاج بېشىنى سالغان پېتى سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ تونۇش - بىلىشلەر كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ، مەيداندىن چىقىپلا يۈزىنى يېپىپ ئىتتىك قەدەم تاشلاپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.
بۇ يىگىت نۇتۇق سۆزلەشكە نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئامراق بولۇپ قالغان؟ ئەسلىدە ئۇ بالا چېغىدىلا سوتتا بىر مەشھۇر ناتىقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ بۇ نۇتۇقنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن. ئۇ مۇنازىرىۋازلىقنى تەتقىق قىلىشقا ھەۋەسلىنىپ، ناتىق بولۇشقا بەل باغلاپتۇ. لېكىن ئىش ئۇنداق ئاسان چۈشمەپتۇ. مۇنازىۋازلىق يۈكسەك دەرىجىدە راۋاج تاپقان ئافىنادا، مەيلى سوتتا، كوچىلاردا ۋە مەيدانلاردا بولسۇن، ياكى مەيلى پۇقرالار قۇرۇلتايدا بولسۇن، تەجرىبىلىك ناتىقلار دائىم مۇنازىرە قىلىشىپ تۇرىدىكەن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەلىۋى يۇقىرى ئىكەن ھەمدە ئۇلار بەك قىتىمال ئىكەن. نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرەر سۆزنى جايىدا ئىشلىتەلمىسلىكى، بىرەر يارىماس قول ئىشارىتى ۋە ھەركىتى كۈلكە - شاڭخو پەيدا قىلىدىكەن _ دە، نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە دېموستېنىستا قىلچىمۇ ناتىق بولغۇدەك تالانت يوق ئىكەن. ئۇ توغما كېكەچ بولۇپ، ئاۋازى پەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇرە قىسىدىغان ئادىتى بار ئىكەن؛ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت ئارقىسىدا، ئۇ غەزەپكە كېلىپ ئىككىنچى نۇتۇق سۆزلىمەسمەن دېگەن يەرگە كېلىپتۇ.
_ يىگىت، نېمىدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالدى؟ _ دەپتۇ دېموستېنېس بېشىنى سېلىپ كېتىۋاتسا ئالدى تەرەپتىن ئافىنالىق بىر ئارتىس كېلىپ، ئۇ دېموستېنېسنىڭ پەرىشان ھالىتىنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا چوقۇم بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.
_ ھەي، قارىمامسەن بۇ ئىشنىڭ قاملاشمىغىنىنى، بۈگۈنكى نۇتۇقتىمۇ مەغلۇپ بولدۇم! _ دەپتۇ دېموستېنېس قوللىرىنى شىلتىپ سالپايغان ھالدا، _ كېشىلەر مېنىڭ نۇتۇقىمنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئەسلا چۈشەنمەي تۇرۇپ، قۇسۇر چىقىرىشتى...
-ھە، شۇنداقمۇ؟ ھېچقىسى يوق... _ دەپ تەسەللى بېرىپتۇ. ئارتىس، _ ھېچقىسى يوق، مەن ساڭا ياردەم قىلاي، قېنى، ئاۋال مۇنۇ بىر ئابزاسنى ئوقۇپ باق.
ئارتىس تىراگېدىيە «پىرومىتې» نى ئېچىپ، ئوقۇپ دەپ بىر ئابزاسنى كۆرسىتىپتۇ.
دېموستېنېس ئوقۇپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارتىس بىر قېتىم دىكلاماتىسىيە قىلىپ بېرىپتۇ. دېموستېنېس ئارتىسنىڭ ئاھاڭدار ئاۋازى ۋە چىرايلىق قول ئىشارىتىنىڭ شۇنچە تەبىسى چىقىقانلىقىدىن ھاڭ _ تاڭ قېلىپتۇ. دېموستېنېس ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا يىپ ئىشىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى سېزىپتۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ دېموستېنېس بۇ ئارتىسنى ئۇستاز تۇتۇپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئىخلاس بىلەن ئاۋاز چىقىرىشنى مەشق قىلپتۇ ھەم ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ئۇ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئادەتلىنىپتۇ، ھەتتا تاغلارغا چىققاندا ياكى دېڭىز بويلىرىدا سەيلە قىلغانىدىمۇ ئۆز ئاۋازى بىلەن شامالنىڭ گۇرۇلدەشلىرى ۋە سۇنىڭ شاۋقۇنلىرىنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشىدىكەن. ئۇ كېكەچلىمەي ئاۋازىنى ئوچۇق چىقىرىش ئۈچۈن، شېغىل تاشنى ئاۋازىغا سېلىۋېلىپ، ئاۋازىنى ئېنىق چىقىرىشنى مەشق قىلىپتۇ.
دېموستېنېس ئاۋاز چىقىرىشنى مەشىق قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى سەۋىيىسىنىمۇ تىرىشىپ ئۆستۈرۈپتۇ. ئۇ يوناننىڭ شېر _ قوشاقلىرىنى، ئەپسانىلىرىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىپتۇ. شۇ چاغلاردا ئېقىپ يۈگەن تىراگېدىيە ۋە كومىدىيىلەرنى يادىلاپتۇ، يەنە بەزى مەشھۇر تارىخشۇنلارنىڭ بەدى ئۇسلۇبىنى ئىنىتايىن تەپسىلى تەقتىق قىلىپتۇ. شۇ چاغلاردا، چوڭ سورۇنلاردا دائىم نۇتۇن سۆزلەيدىغان ئافىنا پەيلاسوپى پلاتوننى ھەممەيلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە مەشھۇر ناتىق دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىكەن. ئۇ ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە دېموستېنېس بېرىپ ئاڭلاپتۇ ھەمدە مەشھۇر ناتىقنىڭ نۇتۇق سۆزلەش سەنئىتىنى پۇختا مۇلاھىزە قىلىپتۇ.
10 نەچچە يىل جاپالىق چېنىقىش ئارقىسىدا، دېموستېنېس ئاخىرى مەقىسىدىگە يېتىپتۇ. ئۇ 30 ياشقا كىرگەندە مۇنەۋۋەر ناتىق بولۇپ قېلىپتۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرى 338 - يىلى بىر كۈنى كەچتە، ماكسىدۇنىيە پادىشاھى پىلپپوسⅡ نۇرغۇن لەشكەر باشلاپ يۇنان يېرىم ئارىلىغا تاجاۋوز قىلىپ كىردى. يەنە كېلىپ ئافىناغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ.. دېگەن دەھشەتلىك خەۋەر ئافىنا شەھىرىدە تارقىلىپتۇ.
پۈتۈن ئافىنادا قىيا _ چىيا كۆتىرىلىپتۇ، كوچىلاردا مەشئەللەر يېقىلىپتۇ. بۇ جىددىي پۇقرالار قۇرۇلتىيى چاقىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئىكەن.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالاقزادە بولغان ئادەملەر پۇقرالار قۇرۇلتىيى مەيدانىغا كېلىپتۇ. رەئىس «ماكىدۇنىيە قۇشۇنلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كېلىپتۇ. قانداق قىلىمىز؟» دەپ سورىغاندا، كىشىلەر كۆزلىرىنى ناتىق دېموستېنېسقا تىكىپتۇ. چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭ قىزغىن ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ پىلپپوس Ⅱ نىڭ قارا نىيىتىنى بارلىقىنى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالغانلىقىنى بىلىدىكەن.
دېموستېنېس يەنىلا ھېلىقى سېرىق كىيمىنى كىيگەن. بشىغا دەپنە دەرىخى گۈلىدىن ياسالغان گۈلتاج كىيگەن پېتى سەھنىگە چىقىپتۇ. بىراق، بۇ قېتىم كىشىلەر ئۇنىڭغا مەسخىرە نەزىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت ۋە ئۈمىد نەزىرى بىلەن قاراپتۇ.
_ پۇقرالار، تىنچ، تىنچ بولۇڭلار! دېموكىراتىيە ئەنئەنىسىگە ئىگە ئافىنالىقلار مۇستەبىت پىلپپوس Ⅱ گە باش ئىگەمدۇ؟ ياق، باش ئەگمەيدۇ! پۇقرالار، جاسارەتلىك بولۇشىمىز كېرەك ! ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە پىداكارلىق روھىغا ئىگە ئافىنالىقلار ياۋايى تاجاۋۇزچىلارغا ئەل بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئەل بولمايدۇ! پۇقرالار، شەرەپلىك ئافىنالىقلار، ئىتتىپاقىلىشايلى، ھەرىكەتكە كېلەيلى، غەلىبىدىن ئۈمىد بار، غەلىبە كۆز ئالدىمىزدا...
دېموستېنېسنىڭ كىشىلەرگە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان نۇتقى پۈتۈن مەيداندا ئالقىش قوزغاپتۇ. لېكىن شۇ ئەسنادا، ئېسىچېنى دېگەن ناتىق سەھنىگە چىقىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا:
_ سىلەر بۇنىڭ ئادەم قايمۇقتۇرىدىغان قۇتراتقۇ سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئىتتىرمەكچى بولىۋاتىدۇ! پىلپپوس Ⅱ بۇ قېتىم بىزنى يۇتۇۋالغىلى ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغىلى كەلدى... _ دەپتۇ.
_ جۆيلۈپسەن! _ دەپ رەددىيە بېرىپتۇ دېموستېنېس شۇزامان، _ پىلپپوس ھەممىگە ئايان بولغان قارا نىيەت، يېقىندا، ئۇ ماكىدۇنىيە ئەتراپدىكى قەلئەلەرنى بېسىۋالدى. كىم ئۇنىڭغا قارشى تۇرسا، ئۇ پۈتۈن شەھەردىكى خەلقنى قۇل قىلىۋالىدۇ. پىلپپوس Ⅱ بۇرۇندىنلا پۈتۈن يۇناننى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نىيىتىدە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئافىنانىڭ ھەتتا پۈتۈن يۇناننىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى! ئېسىچېنى ئەپەندىدىن سوراپ باقايلىچۇ: پىلپپوسنىڭ تاجاۋۇز قىلقىلى ئەمەس، بەلكى سۆھبەت ئېلىپ بارغىلى كەلگەنلىكىنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟
_ راست، ئېسچېنى جاۋاب بەرسۇن! _ دەپ ۋاقىرىشىپتۇ كېشىلەر بىر ئېغىزدىن. ئېسىچېننىڭ يۈرىگى پوكۈلداپتۇ. ئالدىنقى كۈنى، پىلپپوس Ⅱ ئافىناغا ئوغرىلىقچە ئادەم كىرگۈزۈپ، كۆپ پۇل خەجلەپ ئۇنى سېتىۋېلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى پۇقرالار قۇرۇلتىيدا نۇتۇن سۆزلىتىپ، پىلپپوس Ⅱ نىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاقلاتماقچى بولغان ئىكەن، شۇڭا، ئۇ تەمكىن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۈچىنىڭ بېرىچە ئۆز پىكرىنى ئاقلاپتۇ.
_ پۇقرالار، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەڭلار، _ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. دېموستېنېس، _ شۇنى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، ماكىدۇنىيىگە تەسىلىم بولۇشنى تەشەببۇس قىلغانلار پۇلى بار بايلار. ماكىدۇنىيىلىكلەر كەلسە، بۇلار مال _ مۈلكىنى ساقلاپ قالىدۇلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ! _ ئۇ بىردەم توختىۋېلىپ جىددى توردە مۇنداق دەپتۇ، _ ئافىنادىن ئىبارەت بۇ كېمە چۆكۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، كېمە ئۈستىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى كېرەك. لېكىن غايەت زور دولقۇن كېمە قىرغىقىغا ئۇرۇلسا، ھەممە ئادەم بىلەن غەرق بولىدۇ _دە، ئۇ چاغدا تىرىشقان بىلەن ھىچ نەرسىگە دال بولمايدۇ.
دېموستېنېسىنىڭ مۇنازىرىسى كېشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپتۇ. ماكدۇنىيەپەرەس بىر نەچچە ئادەم سەھنىگە چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپتۇ؛ تېخىمۇ كۆپ ئادەم سەھنىگە چىقىپ ئۇنى قوللاپتۇ. يىغىن مەيدانىدىكىلەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ماكىدۇنىيە پەرەسلەردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا كەسكىن مۇنازىرىلىشىپتۇ. دېموستېنېس يارقىن نۇتقى ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە سۆزلىرى بىلەن ئافىنالىقلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ. قۇرۇلتاي ئاخىر لەشكەر چىقىرىپ ماكىدۇنىيگە قايتۇرما زەربە بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپتۇ. ماكىدۇنىيىنى ھىمايە قىلغۇچىلار سوتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ. ئەينى يىللاردا كىشىلەرنىڭ مەسىخىرىسىدىن باش كۆتىرەلمەي سەھنىدىن چۈشۈپ كەتكەن ياش دېموستېنېس بولسا ئەمدىلىكتە ئافىنادىكى مەشھۇر مۇنازىرىچى بولۇپ قېلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ماكىدۇنيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ داھىسى بولۇپ سايلىنىپتۇ!
دېموستېنېس دەرھال دېڭىز ئارمىيىسىنى رەتكە سېلىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇ تىياتىرخانىلاردا ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان راسخوتنىڭ ھەممىسىنى ھەربى راسخوت قىلىپتۇ ھەمدە يۇناندىكى نۇرغۇن قەلئەلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئافىنا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ،ماكىدۇنىيىگە قەتئى قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپتۇ.
بىراق، ئافىنانىڭ ئىچىكى قىسىمىدىكى بولۇنۇش ئارقىسىدا، مىلادىدىن ئىلگىرى 338 - يىلى كارونىيە ئۇرۇشىدا ئافىنا قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولۇپتۇ. ماكىدۇنىيە پەرەسلەرنىڭ قۇترىشىشى بىلەن ئافىنا پىلپپوس Ⅱ گە تەسلىم بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئافىنا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئافىنا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولۇپتۇ. دېموستېنېس نائىلاج ئافىنادىن باشقا يۇرتقا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى 323 _ يىلى پىلپپوس Ⅱ نىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ئالېكساندىر پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، ماكىدۇنىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپتۇ، كېيىن مەغلۇپ بولۇپ، ئۆلۈۋاپتۇ. دېموستېنېس ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماكىدۇنىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن سۆزلىگەن نۇتۇقىلىرى «پىلپپوس توغرىسىدىكى نۇتۇقلار توپلىمى» قىلىپ بېسىلىپ ، ھەممە يەرگە تارقىتىلىپتۇ. بۇ مۇنازىرىچىنىڭ يالقۇنلۇق سۆزلىرى مىڭلىغان _ مىليونلىغان كىتاپخانىلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتىپ كەلمەكتە.