ميۇنخېندىكى سۈيقەست
بەش مىڭ يىل
1938 - يىلى 15 - سېنتەبر ئەتىگەندە ئەنگىلىيىنىڭ 69 ياشلىق باش ۋەزىرى چېمبېرلىن قولىغا كۈنلۈك ئېلىپ، چىرايى تاتارغان ھالدا، گىتلېر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن گېرمانىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تۆت سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى ميۇمخېن ئايرودورومىغا قوندى. ئاندىن ئۈچ سائەت پويىزدا ماڭغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر بوختىسكاردنىغا يېتىپ كەلدى.
گىتلېر پويىز ئىستانسسىغا چىقىپ قارشى ئالمىدى. چېمبېرلىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئەگىرى - توقاي تاغ يولىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە گىتلېرنىڭ تاغ ئۈستىدىكى داچىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. گىتلېر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىشقا خۇشياقىمغاندەك، پەلەمپەيدىلا كۈتۈۋالدى. ئاندىن چېمبېرلىن بىلەن بىر نەچچە ئېغىز سوغۇق پاراڭ سېلىشىپلا ئۆيىگە كىردى.
شۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك ئۇلۇغ برىتانىيە باش ۋەزىرى نېمە ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ، ئېگىلىپ تازىم بېرىپ، گىتلېر بىلەن كۈرۈشۈشكە كېلىدۇ؟
ئەسلىدە ، گىتلېر بۇنىڭدىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالىشنى ئىككىنچى نىشانى قىلغانىدى. گېرمانىيە ناۋادا ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالالىسا، ئۇنى شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلشنىڭ كۆۋرۈكى ، غەربتە ئەنگىلىيە، فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم سېپى قىلاتتى. گىتلېر بىرىنچى قەدەمدە گېرمانىيە - چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىدىكى چېخوسلوۋاكىيە زىمىنى سۇدېت رايونىنى بېسىۋېلىش ئاندىن پۈتۈن چېخلوۋاكىيىنى يۇتۇۋېلىشنى پىلانلىغانىدى.
سۇدېت رايونىدا ئىككى مىليون 500 مىڭ گېرمانلار بار ئىدى. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ «كىچىك گىتلېر» دەم نام ئالغان گۇماشتىسى خالۇن ئارقىلىق سۇدېت گېرمانلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلدى. خالۇن گىتلېرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چېخوسلۇۋاكىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، گېرمانىيىگە بېقىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىتلېر ئاشكارا نۇتۇقلىرىدا، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چىخوسلوۋاكىيە چېگىرىسىغا نۇرغۇن ئەسكەر توپلىدى ھەمدە «يېشىل رەڭلىك پىلان» نى تۈزۈپ چىقىپ، 1 - ئۆكتەبرنى چېخوسلوۋاكىيىگە يۈرۈش قىلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى.
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولدى. ئەنگلىيە چېخوسلۇۋاكىيە بىلەن ئۆز ئارا ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەنىدى. فرانسىيىنىڭمۇ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. گېرمانىيە بىلەن چېخولوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالسا ، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىمۇ ئۇرۇشقا چېتىلىپ قالاتتى. فرانسىيە باش ۋەزىرى دالادېر ئۇرۇشتىن ئىنتايىن قورقاقتى. ئۇ ھەمىشە:« گۈزەل پايتەختكە ئايروپىلاندىن بومبا تاشلىغانلىقى ئېسىمگە كەلگەن ھامان ، پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىدۇ» دەيتتى. ئۇ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىنغا تېلېگرامما بېرىپ، ئۇنى تېزدىن گىتلېر بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت داۋامىدا «ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش » قا سۈيلىدى. شۇنىڭ بىلەن چېمبېرلىن پايپاسلاپ ميۇنخېنغا كەلدى.
گىتلېر بىلەن چېمبېرلىننىڭ سۆھبىتى بىر مەخپىي ئۆيدە ئېلىپ بېرىلدى. گىتلېر گەپدانلىق قىلىپ، چېمبېرلىننى ئېغىز ئاچقىلى قويمىدى. ئۇ ئۆزىنى بىردەم ماختىغاندىن كېيىن، چوقۇم «بارلىق چارە - تەدبىر قوللىنىپ، سۇدېت مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش » لازىملىقىنى بىلدۈردى.
«ھازىرقى مەسىلە - دېدى ئۇ ئۆزىچە، - سۇدېتتىكى گېرمانلارغا ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇ رايوننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش مەسىلىسى » گىتلېر چېمبېرلىننىڭ بىر نېمە دېيىشىنى كۈتمەيلا، كەسكىن ھالدا،
_ ئەنگىلىيە سۇدېت رايونىنى بۆلۈپ بېرىشكە قۇشۇلامدۇ - يوق؟ - دەپ سوئال قويدى.
بۇ سوئال چېمبېرلىننى قىلچە ھەيران قالدۇرمىدى. ئۇ سۆھبەتكە كېلىشتىن ئاۋۋاللا، فرانسىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھەرگىز ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىۋالغان ھەمدە چېخوسلوۋاكىيىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە گىتلېر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى قارار قىلغانىدى. شۇڭا ئۇ قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا، ئۆزىنىڭ سۇدېت رايونىنى چېخوسلوۋاكىيىدىن ئايرىۋېلىش پىرىنسىپىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيىگە قايتىپ بېرىپ ھۆكۈمەتكە دوكلات ھەمدە ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئىككەيلەننىڭ يەنە ئۇچرىشىنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭغىچە گىتلېر ھەركەت قوللانماي تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۈچ سائەت خۇپىيانە سودىلىشىش ئارقىسىدا، گىتلېر چېمبېرلىننىڭ ئىلتىماسىغا ئاخىر قوشۇلدى.
چېمبېرلىن 16 - سېنتەبر كۈنى لوندونغا قايتىپ كەلدى. ئۇ شۇ كۈنى كېچىدىلا كابېنت يىغىنى چاقىرىپ، سۇدېت رايونىنى گېرمانىيىگە بەرگەندىلا ، گىتلېرنىڭ پۈتۈن چېخوسلوۋاكىيىگە ھۇجۇم قىلىشنى توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلدى. 18 - سېنتەبر كۈنى چىرايى تاتىرىپ كەتكەن دالادېرمۇ لوندونغا كەلدى. ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە بىر مەھەل پىلانلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلىكتە چېخوسلوۋاكىيىگە خىيانەت قىلىنغان مۇنداق بىر پىلاننى يەنى «سۇدېت رايونىدىكى گېرمان ئاھالىسى 50%تىن ئاشىدىغان يەرنىڭ ھەممىسى توغرىدىن توغرا گېرمانىيە ئېمپېرىيىسىگە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ» دېگەن پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى.،
ئەتىسى ئەنگىلىيە، بىلەن فرانسىيە چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە «تەكلىپ بېرىپ»چېخوسلوۋاكىيە تەۋەسىدە تۇرىدىغان بولسا، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئۆزى ۋە ياۋروپانىڭ مەنپەتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ، دەپ تەھدىت سالدى. چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ،دەسلەپ بۇ «تەكلىپ» نى رەت قىلدى. چېمبېرلىن داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى. فرانسىيە - چېخوسلوۋاكىيە شەرتنامىسىنى بىكار قىلىمىز دەپ قىسىتىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېخوسلوۋاكىيە «تەكلىپ» نى رەت قىلىدىغان بولسا، ئۇرۇش جاۋابكارلىقىنى چېخوسلوۋاكىيە ئۈستىگە ئالىدۇ. فرانسىيە ھېچقانداق ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. مۇشۇ سەۋەبلەر ئارقىسىدا چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئاخىر تىز پۈكتى. چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بېنېس دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا: «كىشىلەر بىزگە نومۇسسىزلارچە خىيانەت قىلدى» - دېدى.
22 - سېنتەبر كۈنى چېمبېرلىن ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ لايىھىسى سېلىنغان ھۆججەت سومكىسىنى ئېلىپ، گىتلېرنىڭ ئالدىغا يەنە بىر قېتىم تازىم قىلىپ باردى. ئۇ گېرمانىيىگە بارغاندا، ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋىدى؛ ئىشچىلارنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئۇنىڭ پاراتىنى جىم تۇرۇپ قۇبۇل قىلدى. ئوركىستېر ئەنگىلىينىڭ «پادىشاھىمىزنى خۇدا ئامان قىلغاي» دېگەن دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. چېمبېرلىن خۇشاللىق ئىچىدە كېمىگە ئولتۇرۇپ رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دېلىسېن مېھمانخانىسىغا كەلدى، ئۇنى گىتلېر كۈتۈپ تۇراتتى.
بۇ نۆۋەت چېمبېرلىن ھەرھالدا ئاۋۋال سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ئۇ خۇددى تۆۋەندىكىلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندەك، دۇدۇقلاپ بىر سائەت سۆزلەپ، ئۇلار بىرىنچى قېتىم بوختىسكاردىندا كۆرۈشكەندىن كېيىن قازىنىلغان نەتىجىلەرنى ئەزۋەيلەپ ئۆتتى؛ ئاندىن چېخوسلوۋاكىيىلىكلەر قوبۇل قىلىغان «ئەنگىلىيە - فرانسىيە پىلانى » نىڭ تەپسىلاتىنى گىتلېرغا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن سۇدېت رايونىنى قانداق يوللار بىلەن تېزرەك ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى ئۈستىدە قىسىقىچە توختالدى. ئۇ ئاخىردا ئاستىغا گىلەم سېلىنغان سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئۇ چېتىدە ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئىشەنگەن ھالدا گىتلېرغا قارىدى ھەمدە جىم تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى كۈتتى.
ئۆينى ئۇزاققىچە جىملىق باسقاندىن كېيىن، گىتلېر ئاخىر زۇۋان سۈردى:
_مەن ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمەتلىرى سۇدېت رايونىنى گېرمانىيىگە تاپشۇرۇش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟
_ شۇنداق، شۇنداق، - دېدى چېمبېرلىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ.
_ ئىنتايىن خىجىلمەن - دېدى گىتلېر، - ئۆتكەن بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى ۋەزىيەت تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىڭلارنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى.
گىتلېر چېكىپ بېقىشقا باشلىدى. ئۇ سۇدېت رايونىدىن تاشقىرى، نېمىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلارنىڭ ھەممىسىنى گېرمانىيىگە قوشۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېمبېرلىن ساراسىمگە چۈشتى. ئۇ يالۋۇرۇپ گىتلېرنىڭ بۇرۇنقى لايىھە بويىچە ئاۋۋال سۇدېت رايونىنى ئۆتكۈزۈلۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلدى. بىراق، گىتلېر زادى يول قويمىدى. سۆھبەت داۋامىدا، ئۇنىڭ ئاديوتىنى گىتلېرغا ئارقا - ئارقىدىن جىددىي ھۈججەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، خاپا بولغاندەك بولۇۋېلىپ:«چېخوسلوۋاكىيىلىكلەر يەنە ئىككى گېرماننى ئۆلتۈرۈپتۇ. مەن ھەر بىر گېرمان ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن. چېخلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش كېرەك!» دەپ ۋارقىراپ قوياتتى. بۇ ئويۇنلار بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، چېمبېرلىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا خوشلاشتى.
چېمبېرلىن دېلېسىن مېھمانخانىسىدىن چىققاندا، دەرغەزەبكە كەلگەن گىتلېر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاپتاپقا چىقتى. تۇرۇپلا ئۈن چىقماي قويدى. ئاندىن:
_ ھەي! باش ۋەزىر جانابلىرى، ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن، سىزگە رېيىن دەرياسىنىڭ مەنزىرىسىنى مەززە قىلدۇرماقچى ئىدىم. ئەمما ھازىر ئۇنى تۇمان بېسىپ كەتتى . . . . دېدى ئاستا ۋە مۇلايىملىق بىلەن.
گېرمانىيىنىڭ يولسىز تەلەپلىرى چېخوسلوۋاكىيە خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى. پراگادا ئومۇمىي ئىش تاشلاش باشلاندى. چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك جاكارلىدى. گېرمانىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيە قوشۇنلىرى ھوشيار ھالەتتە تۇردى، تۇتۇشقان ھامان ئۇرۇش پارتلايدىغان ۋەزىيەت پەيدا بولدى.
ھەربىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، گىتلېرنىڭ شۇ كەملەردە سەپەرۋەر قىلالايدىغان ئەسكىرى كۈچى چېخوسلوۋاكىيە بىلەن فرانسىيە ئەسكىرى كۈچنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى. چېخوسلوۋاكىيە فرانسىيە بىلانلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي قوللايدىغانلىقىنى قايتا - قايتا بىلدۈرگەنىدى. بۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، گېرمانىيىنىڭ كۆپ ساندىكى كوماندىرلىرى ئىككىلىنىشكە باشلىغان، گىتلېرغا قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، گىتلېر چېخوسلوۋاكىيىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن ھامان، ئۇنى دەرھال قولغا ئالماقچى بولغانىدى.
ئەمما، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئالاقزادە بولۇپ، بىر تەرەپتىن، قەستەن قىسمەن سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرىن ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىگە بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن چېمبېرلىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، گىتلېردىن ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن «چېخوسلوۋاكىيىلىكلەرنىڭ پەيلىنى ياندۇرۇدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. چېمېرلىن يەنە ئىتالىيىنىڭ فاشست كاتتىبېشى مۇسسولىنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە باشلىقلىرى يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە گىتلېرغا شەخسىي خەت يېزىپ:«سىزنىڭ ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپمۇ، ئاساسىي تەلەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېدى. چېخلوسۋاكىيىگە خىيانەت قىلىپ، گېرمانىيىگە تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتقان ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ چاغدا دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەركەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا «باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەر » يىغىنىنى چاقىرىپ چېخلۇسۋاكىيە مەسىلىسىنى « تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش » تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىيلىگەر گىتلېر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ زور پايدا ئالدىغا پەيت يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايقاپ، خەلقئارا يىغىن چاقىرىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى دەرھال بىلدۈردى.
29 - سېنتەبر كۈنى چېمبېرلىن كەيپى خۇش ھالدا لوندون ئايرودرومىغا كەلدى. ئۇ ئايروپىلاندا سۆھبەت ئېلان قىلىپ:
_ مەن بالا ۋاقىتىمدا ھەمىشە: «ئەگەر باشتا مۇۋەپپىەقىيەت قازىنالمىساڭ، يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆر، قايتا سىناپ كۆر، يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆر» دەيتتىم. مەن ھازىر دەل شۇنداق قىلىۋاتىمەن. مەن قايتىپ كەلگەندە، شېكىسپىرنىڭ تارىخىي سەھنە ئەسىرى «ھېنرىخ تۆتىنچى » دىكى خوسپو ئېيتقاندەك: «خۇش پۇراق ئەتىرگۈلنى يۇلۇۋېتىپ، ئۇنىڭدىكى كىشىگە سانجىلىدىغان تىكەننىڭ شۇ زېمىندا ئۆسۈشىگە يول قويمايدىغان بولۇش» نى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى.
چېمبېرلىن سۆھبەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى قېتىم ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، گېرمانىيە ناتسىتلار پارتىيىسى ئاپىرىدە بولغان ميۇنخېىنغا يۈرۈپ كەتتى.
شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، چېمبېرلىن، دالادېر، گىتلېر ۋە مۇسسولنى ميۇنخېندىكى بېغىررەڭ «ياشلىق ئوردىسى » دا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ سۆھبەتتە ئالدىنئالا پۈتۈشۈپ قويۇلغان سودا ئۈستىدە رەسمىيەت ئۆتەپ، گىتلېرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشتىن باشقا قىلچە يېڭى مەزمۇن يوق ئىدى.
يىغىن داۋاملىشىپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت بىر يېرىم بولغاندا، تۆت دۆلەت «ميۇنخېن كېلىشىمى » نى ئىمزالىدى. كېلىشىم بويىچە چېخوسلوۋاكىيە بىرىنچى ئۆكتەبردىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سۇدېت رايونى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ئەسلىھەلەرنى گېرمانىيىگە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.
يىغىن تاماملانغاندىن كېيىن، چېمبېرلىن توختىماي ئەسنەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن چارچىدىڭىزمۇ، دەپ سورىغاندا، ئۇ : «چارچىدىم، ئەمما چارچىغاندىمۇ ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ قالدىم» - دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ زورمۇ زور روھلىنىپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىككى ۋەكىلىنى يىغىن زالىغا چاقىرتتى. بۇ ئىككى ۋەكىل سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ سۆھبەتكە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنماي، يىغىن زالىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە بىر نەچچە چوڭ دۆلەتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى كۈتۈپ قاتتىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى. چېمبېرلىن چېخوسلوۋاكىيە ۋەكىللىرىنى چاقىرتىپ كەلگەندىن كېيىن، دالادېر بىلەن بىرلىكتە بىتاقەتلىك بىلەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇلارغا بىر پارچە خەرىتىنى بېرىپ، دەرھال ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇدى.
بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى «ميۇنخېن كېلىشىمى » نى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.
«ميۇنخېن كېلىشىمى » ئەنگىلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئىزچىل يول قويۇپ، چېخوسلوۋاكيىنى قۇربان قىلىش، ئاپەتنى شەرققە تېڭىشقا ئۇرۇنۇشتىكى چوڭ سۈيقەست ئىدى. ئەمما تارىخىي پاكىت بۇ دۆلەتلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن مەسخىرە قىلدى. ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئارقىسىدا، گىتلېرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق نۇخلىسى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. ياندۇرقى يىلى مارتتا، گېرمانىيە پۈتۈن چېخلوسۋاكىيىنى بېسىۋالدى. يەنە بەش ئايدىن كېيىن پولشاغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىسىدا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىدى. چېمبېرلىن بىلەن دالادېر ئاخىردا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى.