UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتىرىلىش ۋە «شەرەپلىك ئىنقىلاپ»

تىرىلىش ۋە «شەرەپلىك ئىنقىلاپ»

بەش مىڭ يىل مىلادىنىڭ 1661 - يىلى، يەنى كرومۋېل كېسەل بىلەن ئۆلگەندىن كېيىنكى 3 - يىلى 1 - ئاينىڭ31 - كۈنى لوندون ئەتراپىدىكى خۇددى ھەممە ئۆلگەندەك جىمجىت ئىدى. «تىرىڭ! تىرىڭ!» قىلغان پوچتا قوڭغۇرىغى يېقىنلاشتى. «تىرر! _» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پوچتا توختىدى. بېشىغا تاج كىيگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى پوچتىدىن چۈشتى، ئۇ چارلىزⅡ نىڭ ئۆزى ئىدى. _ پادىشاھنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ سازايى قىلىنسۇن! _ دېدى پادىشاھ بۇيرۇق بېرىپ. بىر توپ پادىشاھ پەرەسلەر دەرھال توپلىشىپ، قولىدىكى گۈرجەك ۋە بولقىلار بىلەن قاتار _ قاتار قەۋىلەرگە ئېتىلىدى. 1 - قەۋرىگە ئورنىتىلغان تاختاي پاچاقلاندى، ئۇنىڭغا «دۆلەت ھامىسى كرومۋېل» دېگەن خەت ئويۇلغان ئىدى. 2 - قەۋىرىگە ئورنىتىلغان تاختايمۇ سۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭغا «ئېرلاندىيىنىڭ باش ۋالىسى ئېلتون» دېگەن خەت ئويۇلغان ئىدى _ ئۇ كرومۋېلنىڭ كۈيئوغلى ئىدى. قەۋرىلەر كولاپ ئېچىلدى. كروۋېل بىلەن ئېلتوننىڭ جەسىدى چىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، پادىشاھ پەرەسلەر توختىماستىن جەسەتنىڭ بېشىنى بىر _ بىرلەپ تېنىدىن جۇدا قىلىپ، سىمىستا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئېسىپ، ئاشكار سازايى قىلدى. _ پادىشاھنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ! _ دېدى چارلىزⅡ دادىسى چارلىزⅠ نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلەپ تارام _ تارام يىغلىغان ھالدا. ئۇ لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ، _ قىرىڭلار! قىرىڭلار! قىرىڭلار! _ دېدى ئەسەبىلەرچە ۋارقىراپ، لوندون تېررورلۇق ئىچىدە قالدى. كرومۋېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى پاردىشاھ پەرەسلەر چارلىزⅡ نى چەتئەلدىن «تەكلىپ» بىلەن ئېلىپ كەلدى. ئەنگلىيە شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ستوئارت خاندانلىقىنىڭ تىرلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. چارلىزⅡ فرانسىيە پادىشاھىنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىقتى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەنلا، كروۋېل ئىسپانىيىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان دونكېركنى فرانسىيىگە سېتىپ بەردى. دونكېرك ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقىدىكى بىردىن - بىر سودا بازىسى ئىدى، بۇ يەر فىرانسىيىگە سېتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ياۋروپا قورۇقلۇقىدا پۇت تىرەپ تۇرىدىغان جايدىن ئايرىلىپ قالدى. كەڭ خەلق، بولۇپمۇ بۇرژۇئازىيە بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، «بېلىمىزگە ئېسىقلىق بىر ئاچقۇچتىن ئايرىلىپ قالدۇق» _ دېيىشتى. بۇنىڭ بەدىلىگە فرانسىيە ھۆكۈمىتى چارلىزⅡ گە «قەرز» ھېسابىدا ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىپ تۇردى. چارلىزⅡ ئارقا تىرىكىگە تايىنىپ ھېچنىمىدىن ھېيىقماي، ئىچكى جەھەتتە تېخىمۇ ئەسكىلىك قىلدى. پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى، شەھەر ئاپتونومىيىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەنگلىيە ئىنقىلابى دەۋرىدە ئىگە بولغان بەزى خەلق ھوقۇقلىرىمۇ تارتىۋېلىندى. 1685 - يىلى چارلىزⅡ ئۆلدى. ئۇنىڭ قانۇنىي ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىققا ئۇنىڭ ئىنىسى جامىس Ⅱ ۋارىسلىق قىلدى. جامىس Ⅱ ئۇچىغا چىققان كاتولىك مۇرىتى ئىدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ تىرىلدۈرۈش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن تاشقىرى، ئېغىر دىنىي زولۇم سېلىپ، پۈتۈن ئەنگلىيە خەلقىنى ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇردى. دەل شۇ چاغدا، چارلىزⅡ نىڭ «شاھزادىسى» پەيدا بولۇپ قالدى. 1685 - يىل 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۆزىنى چارلىزⅡ نىڭ خوتۇنىدىن تۇغۇلغان دەپ ئاتىۋالغان كېنەز مانمۇس 150 كىشىلىك بىر قوشۇننى ئەگەشتۈرۈپ، ئەنگىلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئۇ قۇرۇقلۇققا چىقىش بىلەنلا، جامىس Ⅱ نىڭ مۇستەبىتلىك سىياسىنى ئاشكارا ئەيىپلەپ، پارلامېنتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، دائىرمىي ئارمىيە ئورنىغا خەلق ئەسكەرلىرىنى قويىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىن ئەركىنلىكى، ۋاھاكازالارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىرىلگەن خاندانلىقتىن بىزار بولغان ئەنگلىيە خەلق ئۇنىڭغا كەينى _ كەينىدىن قوشۇلۇپ، كۆلىمى غايەت زور بىر قېتىملىق خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەردى. ئىككى ھەپتە ئۆتەر _ ئۆتمەيلا، غەربىي جەنۇبى ئەنگىلىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 100 ھەسسە كۆپەيدى. جامىس Ⅱ لوندوندىكى پادىشاھ ئوردىسىدا ۋەزىرلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ تەدبىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. _ ئالىلىرى، كېنەز مانمۇس ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ھەقىقى ۋارىسىمەن دەۋاتىدۇ.... _ دېدى ۋەزىرلەردىن بىرى دۇدۇقلاپ. _ جۆيلۈپتۇ، مانمۇس ھارامدىن بولغان، مەن ئۇنىڭ ۋارىسلىغىنى ئېتىراپ قىلمايمەن! ئۇنىڭ قول ئاستىدا قانچىلىك ئادىمى بار؟ _ دېدى جامىس Ⅱ، ئۇ قوزغىلاڭچىلار كۈچىنىڭ قانچىلىكلىكىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. _ 15 مىڭ. _ ئۇنچىۋالا ئادەم نەدىن كەپتۇ؟ _ دېدى جامىس ھاڭ - تاڭ بولۇپ. _ غەربىي جەنۇپتىكى دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر قاتنىشىپتۇ، مېندىپ تېغىدىكى نەچچە مىڭ كان ئىشچىلىرىمۇ بار ئىكەن. _ ئۇلار ھازىر نەگە يېتىپ كەلدى؟ _ ئۇلار سومېرىسېت شىتاتىغا يېتىپ كەلدى، لوندونغا يۈرۈش قىلماقچى. _ نېمە ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرمىدىڭلار؟ _ دېدى جامىس بىر ئاز ئالاقزادە بولۇپ. _ ئەسكىرىي كۈچىمى بەك ئازالىق قىلىۋاتىدۇ، _ دېيىشتى ۋەزىرلەر ئامالسىز قېلىپ. _ شۇنداقمۇ..... _ جامىس بىر نېمىلەرنى ئويلاپ، توساتتىنلا پېشانىسىگە بىرنى ئۇردى، _ بەللى... كۈيئوغلۇم ۋىليام ھازىر گوللاندىيىنىڭ ھاكىمى، ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنى بار، ئۇنى نېمىشقا ياردەمگە چاقىرمىدىم؟ _ دېدى ۋاقىراپ. _ شۇنداق! شۇنداق! ئالىلىرى ئەۋلىيادەك گەپ قىلدىلا، بىز سۆزسىز قارشى ئالىمىز _ دېيىشتى ۋەزىرلەر تۇشمۇ تۇش قوشۇلۇپ ۋە دەرھال گوللاندىيە قوشۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باستۇرماقچى بولۇشتى. 7 - ئايدا، ۋىليام گوللاندىيىنىڭ ئۈچ جۇنتۇەنىنى ئەۋەتىپ، برىجۇئوتېردا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. ئاخىرىدا ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. جامىس Ⅱ قوزغىلاڭچى ئاممىدىن دەھشەتلىك تۈردە ئۆز ئالدى. بىر نەچچە كۈندىلا 330 كىشى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدۈ: 800 دىن ئارتۇق كىشى ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى يامايكاغا قۇللۇققا سېتىۋېتىلدى؛ مانمۇسمۇلوندۇنغا ئېلىپ كېلىنىپ دارغا ئېسىلدى. جامىس قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئەكىسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، كاتولىك دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھال ئەنگىلىيىدىكى بۇرژۇئاز يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنى غەزەپلەندۈردى. چۈنكى، دىن ئىسلاھاتى دەۋرىدە، ئۇلارنىڭ ئاتا _بوۋىلىرى كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرىدىن تارتىۋالغان يەر _ مۈلۈكلەر بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەك بولۇپ كۆتىرىلگەن ئىدى. ناۋادا كاتولىك دىنى دۆلەت دىنى قىلىندىغان بولسا، ئۇلار ھايات كەچۈرەلمەيتتى. شۇڭا، ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسىدىن تارتىپ بۇرژۇئازىيىگىچە بولغان ھەممە كىشى جامىسنى يوقىتىش كويىدا بولدى. بۇرژۇئاز يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدا، ھەم ئىشچى _ دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان، ھەم جامىس Ⅱ تىرىلدۈرگەن سۇلالە ئۈستىدىن «ئىنقىلاپ قىلىنىدىغان» بىر لايىھە مۇھاكىمە قىلىندى. 1688 - يىل 11 - ئايدا، جامىس پادىشاھ ئوردىسىدىكى ۋەزىرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، ۋەزىرلەردىن بىرى ئەلپازى بۇزۇلغان ھالدا تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى. _ ئالىلىرى، سىلىنىڭ كۈيئوغۇللىرى _ ۋىليام جاناپلىرى 12 مىڭ گوللاندىيە ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، شەرقىي دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپتۇ! _ ئۇ، نىمىشقا كەپتۇ؟ گوللاندىيە ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، شەرقىي دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپتۇ! _ ئۇ، نېمىشقا كەپتۇ؟ گوللاندىيە ئەسكەرلىرى ئىككى يىل بۇرۇنلا قايتىپ كەتكەن ئىدىغۇ؟ _ دېدى جامىس ئاقىرالماي. _ ئۇ، ياق، ۋىليام جاناپلىرى بۇ قېتىم پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيىنىڭ تەكلىۋى بىلەن پادىشاھلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيىگە كەپتۇ، _ دېدى بۇ ۋەزىر دۇدۇقلاپ. _ مەن تېخى ئۆلمىدىم! ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك رەپىقەم ئوغۇل تۇغدى، ئۇ مەندىن پادىشاھلىقنى قانداق ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن؟ _ ئۆزىنىڭ كۈيئوغلىنىڭ ھاكىميەتنى تارتىۋېلىشىنى زادى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن جامىس ئاچچىقىنى باسالماي غال _غال تىترەپ كەتتى. ھەممەيلەن جىمجىتلىققا چۆمگەن بىر چاغدا، يەنە بىر ۋەزىر ئالدىراپ _ تېنەپ ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى. _ نېمە گەپ؟ _ دېدى جامىس دەرغەزەپ بولۇپ. _ ئالىلىرىغا مەلۇم بولغايكىم، پادىشاھلىق ئارمىيىمىزنىڭ باش قوماندانى گېنىرال چىرچىل ۋىليام جاناپلىرىغا تەسلىم بوپتۇ! _ ئوھو! _ دېدى جامىس بېشىغا توقماق تەككەندەك بولۇپ ، ئۆزىنى شاھانە ئورۇندۇققا تاشلىغان ھالدا. _ئالىلىرى ئويغانسىلا! ئالىلىرى ئويغانسىلا! فىرانسىيىگە قېچىپ كەتسەكمىكىن! _ دىدى ۋەزىرلەردىن بىرى ئەقىل كۆرسىتىپ. _بۇنىڭدىن باشقا ئامالىمىز يوق، _ دىدى جامىس كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئىككى قولىنى يايغان ھالدا تاقەتسىزلىك بىلەن. بىراق، جامىس كېنت شىتاتىغا يېتىپ بارغاندا، كىشىلەر ئالدىنى توسۇۋېلىپ قايتۇرۇۋەتتى. ئۇ ئاق سارايغا قايتىپ كەلگەندە، گوللاندىيە ئەسكەرلىرى ۋېليامنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇنى قولغا ئېلىپ ، دېڭىز بويىدىكى لوچىستىر قورغىنىغا نەزەربەنت قىلىپ قويدى. جامىس باشتا غەم-غۇسسە ئىچىدە قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلتۇرۇلۈشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى، ئەمما ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. _ھا- ھا، ئەمدى چىقىپ كېتىدىغان بولدۇم. _ئالىلىرى، نېمە دەۋاتىلا ! ئۇنىڭ بىلەن بىللە قامالغان يېقىن ئادەملىرى دەرھال ئولىشىپ بوينىنى سوزغان ھالدا . _ۋېليام مېنىڭ كۈيوغلۇم، ئۇ مېنى قويۇپ بېرىشى مۈمكىن! _بىرەر خەۋەر بارمۇ؟ _ دىيىشتى ئەتراپدىكىلەر راستلا ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىدىغاندەك ھېس قىلىپ، _ ياق، ياق، _ دېدى جامىس قولىنى سىلكىپ. _ ھەي! ئۇنداقتا بىزنىڭ چىقىپ كېتىشىمىزدىن ئۈمىت يوقكەن _ دە، _ دېيىشتى بىر قانچىسى ئارقىغا داجىپ، ئاندىن ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا سىرتتىكى بىپايان دېڭىزغا كۆز تىكىشتى. _ قاراڭلار! _ دېدى جامىس قورغاننى كۆرسىتىپ، _ قورغاننىڭ غەربىي تەرىپى قۇرۇقلۇق، ئۇ تەرەپنى گوللاندىيە ئەسكەرلىرى ساقلاۋاتىدۇ، شەرقىي تەرىپى دېڭىز، ئۇ تەرەپنى ساقلىماقتا يوق، تېخى بىر قېيىق تۇرۇپتۇ. كۆرمىدىڭلارمۇ؟ بۇ بىرىنى دېڭىز ئارقىلىق تېزرەك قېچىپ كەتسۇن دېگەنلىك! ۋىليام مېنىڭ كۈيئوغلۇم تۇرسا، مېنى ئۆلتۈرەتتىمۇ؟ ساراڭلار! دىلكەشلەر ئەھۋالنى چۈشەندى. ئۇلار دەرھال تەييارلىنىپ، كېچىدە قىيىققا چۈشۈپ قېچىپ، 3 - كۈنى فرانسىيىگە يېتىپ باردى. ۋىليام تىرىلگەن سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق دۆلەت قۇردى. پادىشاھ پەقەت رەسىمىيانە باشلىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى پارلامېنىت قارار قىلىدىغان، ئىچكى كابېنت (ھۆكۈمەت) ئىجرا قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنقىلاپ دەۋرىدىكى بەزى خەلق ھوقۇقلىرىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇرژۇئاز يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ناھايىتى رازى بولۇپ، بۇ ۋەقەنى قان تۆكۈلمىگەن ئىنقىلاپ دېگەن مەنىدە «شەرەپلىك ئىنقىلاپ» دەپ ئاتىدى. خەلق ئاممىسى قاتناشمىغان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى، ئەمىلىيەتتە بىر قېتىملىق سىياسى ئۆزگىرىش ئىدى. 1707 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە رەسمىي بىرلىشىپ، «بۈيۈك برىتانىيە» قىسقارتىلىپ «ئەنگلىيە» دەپ ئاتالدى. ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىقتىن ئىبارەت سىياسى تۈزۈلمە ئەنگىلىيىدە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنگلىيە 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىۋارەن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ