UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقەدىمقى مىسىر خانلىغىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

قەدىمقى مىسىر خانلىغىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل مەدھىيە ئوقۇيمەن نىل دەريا ساڭا، چۈنكى سەن مىسىرنىڭ تېنىدىكى قان، ئازايسا كەۋسەردەك سۇيۇڭ مۇبادا، توختايدۇ خەلقلىرىڭ نەپەستىن شۇ ئان. بۇ قەدىمقى مىسر خەلقىنىڭ نىل دەرياسىنى مەدھىيلەپ ئېيتقان مەشھۇر ناخىشىسى. نىل دەرياسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئىگىزلىكتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ھەر يىلى 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا، نىل دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى رايونلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ ۋە تاغ كەلكۈنى كېلىپ، قىيان سۇ تار جىلغىلار ۋە خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ شىددەت بىلەن ئاقىدۇ. 9 - ئايدا سۇ تازا كوپىيىپ، ساي _ جىلغىلارنى دېڭىزغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە، يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ كېتىدۇ _دە، دەريا سۇيمۇ ئازىيىپ، ئۆز يولىغا چۈشىدۇ، لېكىن كەلكۈن كەلگەن چاغدا تىنىپ قالغان لاتقىلار بولسا، زىرائەت ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئوغۇت بولىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا تارچۇق بىر جاي بار. ئۇنىڭ كەڭلىكى 3 كىلومېتىردىن 16 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ؛ ئۇ ھازىرقى مىسىرنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىدىن باشلىنىپ، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىنىڭ قېشىغىچە سوزۇلغان. بۇ جاي قاھىرىدىن تارتىپ بارا - بارا كېڭىيىشىكە باشلايدۇ. مەشھۇر نىل دەريا دېلتىسى دېگەن ئەنە شۇ. دۇنياغا مەشھۇر بۇ چوڭ دەريا مىسىرنى يېتەرلىك سۇ مەنبەسى ۋە مۇنبەت يەرلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇنداقلا مىسىرغا ھاياتلىق ۋە گۈللىنىش بەخش ئەتكەن. ئالاھەزەل مىلادىدىن 6000 - 5000 يىل ئىلىگىرى قەدىمقى مىسىرلىقلر بۇ جايدا پەيدىن _ پەي ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەڭ دەسلىۋىدە، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمىئىيەت تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن بولۇپ، قوپال - ناچار قورال - سايمانلار بىلەن دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چاتقاللار ۋە ئوت - چۆپلەرنى چېپىپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى ئېلىپ ۋە توغانلار سېلىپ، دەريا سۈيى بىلەن سۇغارغىلى بولىدىغان يەرلەرگە زىرائەت تېرىغان. ھاۋاسى قۇرغاق بولغان بۇ جاي كېينكى چاغلاردا ئاخىرى قەدىمقى زاماندا نام چىقارغان ئاشلىق كانىغا ئايلانغان. ئىگلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشغا ئەگىشىپ، قەدىمقى مىسىر ئىپتىدائى جەمىئىيەتتىن ئاستا _ئاستا قۇللۇق جەمىئىيەتكە قەدەم قويۇشقا باشلىغان. لېكىن، مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى مىسىر تېخى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن. ئۇ چاغلاردا، مىسىردا تەخمىنەن 40 نەچچە ئىشتات (نومو) بولۇپ، ھەر بىر ئىشتاننىڭ ئېتىقات قىلىدىغان تۇتىمى بولغان، كېيىنچە ئارمىيە ۋەد ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلدىغان بايراق بارلىققا كەلگەن، ئەمەلىيەتتە. بۇ ئىشتاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىچىك خانلىق ئىدى، ھەرقايسى ئىشتاتلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان ئۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى قوشۇۋېلىشلار ئارقىسىدا، ئۇزۇنچاق كەتكەن نىل دەرياسى جىلغىسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى قىسىمى ئىككى مۇستەقىل خانلىق بولۇپ ئايرىلغان. شىمالىي قىسمى تۆۋەن مىسىر خانلىقى دەپ ئاتالغان، پادىشاھ قىزىل تاج كىيگەن يىلاننى تۇتىم، ھەسەل ھەرىسىنى دۆلەت بەلگىسى قىلغان. جەنۇبىي قىسمى يۇقۇرى مىسىر خانلىقى دەپ ئاتالغان. پادىشاھ ئاق تاج كىيگەن . بۇركۈتنى تۇتىم ئاق رەڭلىك پىياز گۈلنى دۆلەت بەلگىسى قىلغان. يۇقۇرى مىسىر بىلەن توۋەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان، ئالاھەزەل مىلدىدىن ئىلگىرى 3000 يىل ئوپچورىسىدە، يۇقۇرى مىسىر بارا - بارا كۇچىيىپ، پادىشاھ مېنېس (نارمېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆزى نۇرغۇن لەشكەرلەرنى باشلاپ تۆۋەن مىسرغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدا نىل دەرياسى دېلىتىسىدا ئۆلۈم - كۆرۈم جېڭى بولغان مېنېس بېشىغا بۈركۈت رەسىمى چۇشۈرۈلگەن ئاق تاج كىيىپ، ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ باشقىلارغا ئۈلگە بولغان. چۇقان _ سۈرەن ئىچىدە، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنلىرى قىلىچ - نەيزىلىرىنى ئوينىتىپ قاتتىق ئېلىشقان ئاق رەڭلىك پىياز گۈلى رەسىمى ۋە ھەسەل ھەرىسى رەسىمى چۈشۈرۈلگەن سان _ ساناقسىز بايراقلار گىرەلىشىپ كەتكەن جەڭ ناھايىتى قاتتىق بولغان، كېچە - كۈندز قاتتىق جەڭ قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەن مىسرنىڭ قوشۇنلىرى ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. تۆۋەن مىسىرنىڭ پادىشاھى بىر تۈركۈم ئەسىر ئالدىدا قىزىل تاجىسىنى ئېلىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى مېنېسقا ئىككى قوللاپ تۇتقان. مېنېس بۇ جەڭنىڭ غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆلۈم - كۆرۈم جېڭى بولغان بۇ جايغا «ئاق شەھەر» دەپ نام بەرگەن. كېيىن، بۇ جاي بىرلىككە كەلگەن قەدىمقى مىسىر خانلىقىنىڭ پايتەختى _ مېمپىس شەھىرى بولۇپ قالغان. مېنېس تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئاق شەھەردە خىزمەت كۆرسەتكە ۋەزىرلىرىگە كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئورۇن _ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن. مېنېس ئۆزىنى «يۇقۇرى - تۆۋەن مىسرنىڭ خانى» دەپ جاكارلاپ، يۇقۇرى - تۆۋەن مىسىرنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بەزىدە ئاق تاج، بەزىدە قىزىل تاج كىيگەن، بەزىدە بولسا ئىككى خىل تاجنى بىللە كىيگەن. مىسىر بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، بارا - بارا بىر يۈرۈش ئىستىپدات ھۆكۈمرانلىق ئاپاراتلىرى قۇرۇلغان. پادىشاھ مەملىكەت بويىچە ئالى ھۆكۈمران بولغان، پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا ھەر خىل ئەمەلدارلار قويۇلغان. ھەر يىلى ئېلىندىغان باج - سېلىقلارنىڭ مىقدارىنى بېكىتىش ئۈچۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا نوپۇس، يەر، مال _ چارۋا ۋە باشقا بايلىقلارنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ تۇرغان. پادىشاھ مۇقەددەس، شەك كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ قارالغان. تاش ئويمىلاردا ياكى تامغا چۈشۈرۈلگەن رەسىملەردە پادىشاھ كاتتا تۇتىم ياكى تامغا چۈشۈرۈلگەن رەسىملەردە پادىشاھ كاتتا تۇتىم ياكى مۇقەددەس بۈركۈت، مۇقەددەس يىلان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، كېيىنكى چاغلاردا كىشىلەر پادىشاھنىڭ نامىنىمۇ ئېغىزغا ئالالمايدىغان بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىززەتلەپ «فىرئون» (ئالىجاناپلىرى، ئالىلىرى دېگەن مەنىدە _ ت) دەپ ئاتايدىغان بولغان. «ھۆرمەتلىك فرئون، ئۆزلىرى تەڭرى ئاتا قىلغان دانىشمەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى...» ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرگەندە ئاشۇنداق مەدھىيلەرنى ئوقۇپ، پادىشاھنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ، توپىنى ئۇپۇپ تۇراتتى. مىلادىدىن ئىلگىرى 30 - ئەسىردە، مېنېس مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ، مىسىر ئالدىنقى خانلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى، مىسىر مىلادىدىن ئىلگىرى 11 - ئەسىرگىچە قەدىمقى خانلىق، ئوتتۇرا خانلىقى، يېڭى خانلىق دېگەنگە ئوخشاش بىر نەچچە دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر بارا - بارا زاۋالىققا يۈزلىنىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ لىۋىيە، ئاسورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 7 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پىرسىيەئىمىپىرىيىسى، يۇنان ماكىدۇنىيىسى تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 30 - يىلى رىم زىمىنىگە قوشۇۋېتىلگەن. قەدىمقى مىسىر دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى. قدەىمقى مىسىر خەلقى يېزىق، كالىندار، سەنئەت ئىلىم، پەن قاتارلىق جەھەتلەردە غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپالارغا خېلى تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ