نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى پاراخوتى
بەش مىڭ يىل
ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاشقاندا، >20 - U< سۇ ئاستى كېمىسى زۇمرەتتەك كۆك دېڭىز يۈزىدە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئورنى ئىرلاندىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى.
گېرمانىيىنىڭ بۇ پاراخوتى ئەنگلىيىنىڭ ئىككى پاراخوتى ۋە بىر يەلكەنلىك كېمىسىنى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئەمدى يەنە يېڭى نەرسە ئوۋلاش كويىدا يۈرەتتى.
- پاراخوت! ئەنگلىيىنىڭ پاراخوتى! - دەپ تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى كۆزەتچى.
كاپىتان ۋالتېر دۇربۇن بىلەن بىردەم كۆزەتتىيۇ، دەرھال بۇيرۇق بەردى:
- 13 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ غەربىي - جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ يۇقىرى تېزلىكتە ئالغا! سۇ مىناسى قويۇپ بېرىشكە ھازىرلىق قىلىنسۇن!
بىر سائەتتىن كېيىن >20 - U< سۇ ئاستى كېمىسى ئەنگلىيە پاراخوتىدىن تەخمىنەن 800 مېتىر يىراقلىققا ھەيدەپ بېرىلدى ھەمدە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشىنى تاللىدى.
بۇ - >روسسىتانىيە< ناملىق پاراخوت بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندا قاتنايدىغان ئەڭ زور ۋە ئەڭ تېز سۈرئەتلىك پاراخوتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 مېتىر، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 45 كىلومېتىر بولۇپ، ھەر قانداق سۇ ئاستى كېمىسىدىن ئىككى ھەسسە تېز ئىدى. بۇ چاغدا، پاراخوتتا كېتىۋاتقان كۆپ ساندىكى يولۇچىلار چۈشلۈك غىزادىن كېيىن پاراخوت سەھنىسىگە چىقىپ ئىرلاندىيە دېڭىزى قىرغاقلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلماقتا ئىدى.
ۋالتېر بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى يۇقىرىدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغانىدى. بۇيرۇقتا ئۇنىڭغا 1915 - يىل 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە ۋە ئىرلاندىيە دېڭىز ساھىللىرىدا ئۇچراتقان دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى ئاگاھلاندۇرمايلا پاچاقلىۋېتىش، بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ مۇستەسناسىز پاچاقلىۋېتىشنى ئۇقتۇرغانىدى. >روسسىتانىيە< ناملىق پاراخوت ئەنگلىيىنىڭ پاراخوتى بولۇش بىلەن بىر چاغدا يەنە جاكارلانغان دېڭىز ساھىلىدا قاتناۋاتقاچقا، ۋالتېرنىڭ ئۇنىڭغا مەھرۇم قىلىشى تەبىئىي ئىدى.
- ئوڭ بېقىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ ئات!
>ۋىژ< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، سۇ مىناسى تۇرۇبىدىن چىقىپ، دېڭىز يۈزىدە پۇژ - پۇژ كۆپۈك پەيدا قىلىپ >روسسىتانىيە< ناملىق پاراخوتقا قاراپ ئۈزدى.
>گۇمباڭ!< سۇ مىناسى پاراخوتىنىڭ ئوڭ بېقىنىدىكى بۆلۈمچە ئىشىكىنىڭ ئارقىسىغا تېگىپ دەھشەت پارتلىدى. مىنا تەگكەن يەرنىڭ ئۈستىدىكى قۇرۇلمىلار ۋە شوتا پارتلاپ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتتى، شۇئان لاۋۇلداپ ئوت ئېلىپ، پاراخوتنىڭ بېشى ناھايىتى تېزلىكتە چۆكۈشكە باشلىدى. مالىمانچىلىقتا قۇتقۇزۇش كېمىلىرى دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى، باغاقلار تەكشى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكتىن، بەزى قۇتقۇزۇش كېمىلىرى دېڭىزغا چۈشۈپ كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.
18 مىنۇتتىن كېيىن، >روسسىتانىيە< ناملىق پاراخوت دېڭىز دولقۇنلىرىدا غايىپ بولدى. 1100 دىن ئارتۇق ئادەم ھالاك بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلاردىن 128 كىشى بار ئىدى.
بۇ - گېرمانىيىنىڭ >چەكسىز سۇ ئاستى كېمە ئۇرۇشى< نى يولغا قويۇشىدىكى بىر كۆرۈنۈش ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئارقىسىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تەرەپكە ئۆتۈپ گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشتىن قورقۇپ، 1916 - يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ھەمدە ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرۇپ قالمىغان، شۇڭا دېڭىز ئارمىيىسىگە سودا پاراخوتلىرىنى غەرق قىلىۋەتمەسلىككە بۇيرۇق قىلىندى، ئەمما بۇ سودا پاراخوتى قېچىشقا ئۇرۇنغان ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولغاچقا، بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ، دېيىشكە مەجبۇر بولدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىلىرى ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، سودا پاراخوتلىرىغا ئۇچرىغاندا، ئالدى بىلەن توپ ئېتىپ توختاشقا مەجبۇرلاپ پاراخوتلاردىكى خادىملار قۇتقۇزۇش كېمىلىرىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن، پاراخوتقا چىقىپ غەنىيمەتلەرنى بۇلىدى، ئاندىن بۇ سودا پاراخوتلىرىنى غەرق قىلىۋەتتى.
بۇنداق ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئەنگلىيە، گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مەخپىي لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى...
پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياندا كونىراپ كەتكەن بىر يۈك پاراخوتى سودا يولىنى بويلاپ ئاستا - ئاستا كېتىۋاتاتتى.
- قاراڭلار، گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتى كۆتۈرۈلدى! - دەپ ۋارقىرىدى بىر ماتروس.
- ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا بېرىپ يوشۇرۇنايلى! - كاپىتان سۇ ئاستىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان سۇ ئاستى پاراخوتى كۆرۈپ بۇيرۇق بەردى.
چىلىق - چىلىق سۇ ئېقىپ تۇرغان سۇ ئاستى پاراخوت تېزلىكتە دېڭىز يۈزىگە چىقتى. بىر نەچچە ماتروس تېزلىكتە كېمە يۈزىگە چىقىپ توپنىڭ يېنىغا كەلدى.
گۇمباڭلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر دانە توپ ئوقى يۈك پاراخوتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشتى.
- توختا! - كاپىتان بۇيرۇقنى داۋاملاشتۇردى، - پىلان بويىچە ھەر خىل تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈڭلار!
كاپىتان شۇنداق دېگەن ھامان پاراخوت خادىملىرى ئالدىراپ - تېنەپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. بەزىلىرى تېزلىكتە قۇتقۇزۇش كېمىلىرى تەرەپكە يۈگۈردى، بەزىلىرى پاراخوت بۆلۈمچىلىرى يېنىدا ئاللىقاندان بىر ئىشلارغا ئالدىراشتى.
سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ كاپىتانى يۈك پاراخوتىنىڭ توختىغانلىقىنى، پاراخوت خادىملىرىنىڭ ئالاقزادە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ پاراخوت تەسلىم بولۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، قىلچە پەخەس بولماستىنلا سۇ ئاستى پاراخوتىنى يۈك پاراخوتىغا يېقىنلىشىشقا، - بۇيرۇدى.
بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، يۈك پاراخوتىنىڭ بۆلۈمچىسىگە يوشۇرۇنغان 12 قاداقلىق توپلارنىڭ ھەممىسى كېلىۋاتقان سۇ ئاستى كېمىگە توغرىلاندى. كاپىتان چىرايلىق شاتۇتى سولانغان قەپەزنى كۆتۈرگەن ھالدا نېمىسلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى پاراق - پۇرۇق كۈلدۈرۈۋەتتى.
سۇ ئاستى پاراخوتى ئېتىش دائىرىسىگە كىرگەن ھامان كاپىتان توساتتىن >ئېتىڭلار!< دەپ ۋارقىرىدى.
غاراچ - غۇرۇچ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئېغىر توپلار ئەتراپىدىكى نىقاب تاملىرى تورلانغان نەرسىلەر بىلەن بىرلىكتە يېقىلدى، توپ - توپ ئوتلار سۇ ئاستى كېمىگە قاراپ ئۇچتى. شۇئان ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بايرىقى ماچتىغا چىقىرىلدى.
سۇ ئاستى كېمە توپ ئېتىپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە ياكى چۆكۈۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى - دە، شىددەتلىك توپ ئوقى تەرىپىدىن غەر قىلىندى.
كونىراپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن بۇ يۈك پاراخوتى ئەسلىدە نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى كېمىسى ئىدى. گېرمانىيىنىڭ بىر نەچچە سۇ ئاستى كېمىسىنى مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن جايلىۋەتكەنىدى.
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى بۇ سۇ ئاستى كېمىلەرنىڭ توساتتىن ئىز - دېرەكسىز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇشتىيۇ، ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىدى. ئۇلار ھەر قايسى ئەللەرگە يوشۇرۇنغان جاسۇسلىرىدىن بۇ جەھەتتىكى ئاخباراتلارنى توپلاشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئەنگلىيىنىڭ نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سىرى سبور دېگەن بىر جاسۇس تەرىپىدىن بىلىپ قېلىندى.
سبور كانادا پوچتىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئورنىغا يوشۇرۇنغان گېرمانىيىلىك جاسۇس ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر پارچە خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى، سىبور خەتتىن خەت سالغۇچىنىڭ ئاكىسىنىڭ گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ تەھدىتىگە خاتىمە بېرىش مەخپىي لايىھىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى توساتتىن كۆرۈپ قالدى. ئۇ بۇ خەتنىڭ يۈكسەك مەخپىي ئاخباراتلىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرگۈچىسى سۈپىتىدە خەت سالغۇچىنى زىيارەت قىلدى.
- خانىم، ئاكىڭىز ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە ئوفىتسېرغۇ دەيمەن؟
- شۇنداق، سىز قانداق بىلىسىز؟
- خانىم، - دېدى سبور ئەستايىدىللىق بىلەن يانچۇقىدىن ھېلىقى خەتنى چىقىرىپ، - سىلەر خەتتە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇپسىلەر!
- ھە!
سبور ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇرماستىنلا، داۋاملىق ئاگاھلاندۇردى:
- بىلەمسىز؟ بۇ ئاكىڭىزنىڭ ئىستىقبالىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ!
- ئەپەندىم، مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراي، ياق، سەمىمىي ئۆتۈنۈپ سوراي...
سبور پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خەت سالغۇچىدىن بىرمۇنچە ئىنچىكە تەرەپلەرنى سورىۋالدى. ئەسلىدە، ئەنگلىيىنىڭ ئوۋچى سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى قەرەلسىز يۈك پاراخوتى ياكى يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ سىياقىدا نىقابلىنىپ، پۈتۈنلەي مەخپىي رەقەملىرى بىلەن تونۇۋېلىناتتى. بۇ پاراخوتلارغا يوشۇرۇن ئېغىر توپلار ۋە سۇ مىناسى قويۇپ بېرىدىغان تۇرۇبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ماتروسلىرى ئىدى. مۇشۇنداق بولغاچقا، گېرمانىيىنىڭ بەزى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۇلارنى تونۇۋالالماي، غەرق بولۇپ كەتكەنىدى.
سبور بۇ مۇھىم ئاخباراتنى دەرھال بېرلىنغا يەتكۈزدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ، گېرمانىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى مۇنداق گۇمانىق پاراخوتلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا سۇ مىناسى قويۇپ بېرىپ، يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچىلىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرەتتى ۋە يەنە ئۆرلەپ چىقىپ ئۇنى توپقا تۇتۇپ غەرق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى سۇ مىناسىنى تېجەپ قالدى.
ئەنگلىيىنىڭ نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى كېمىلىرى ئارقا - ئارقىدىن غەرق قىلىنىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ يېڭى تاكتىكا قوللاندى...
بىر >5 - Q< نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى كېمىسى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەكلا سودا يولى بىلەن ئەنگلىيىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەي قويۇپ بېرىلگەن بىر سۇ مىناسى توساتتىن كېلىپ ئۇنىڭ قاپقىقىنى زەخىملەندۈردى.
پاراخوت گەۋدىسى چۆكۈشكە باشلىدى، پاراخوت خادىملىرى بەس - بەس بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىش كېمىلىرىگە چىققان پېتى جان - جەھلى بىلەن پاراخوتتىن يىراقلاشتى. بىردەمدە پاراخوتتا بىرەر ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ قالمىدى.
پاراخوت داۋاملىق چۆكتى. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، پاراخوتنىڭ چۆكۈش سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ، گويا بىرەر نەرسە ئۇنى تارتىۋېلىۋاتقاندەك بىلىندى. بۇنداق ئەھۋاللارغا گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىلىرى دىققەت قىلمايتتى، ئەسلىدە >5 - Q< نىقابلانغان پاراخوتقا لىقمۇلىق پۇرۇپكا قاچىلانغان بولۇپ، پاراخوتنىڭ گەۋدىسى تېزلىكتە چۆكۈپ كەتمەيتتى. پاراخوت بۆلۈمچىلىرىدىكى توپچىلار يوشۇرۇنغان ئېغىر توپلار يېنىدا تۇرغان ئىدى. ئۇلار دېڭىز سۈيى ئۆرلەپ ئاچچىق سۇدا بەدەنلىرى ۋاژىلداپ كەتكەن تەقدىردىمۇ نىشاننى ئاشكارىلىمىدى.
گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتى يەنىلا چۆكمە ھالەتتە ئالغا ئىلگىرىلەۋەردى. ئۇ ئۆزى ئوۋلىغان نەرسىنىڭ ئاستا - ئاستا چۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەمدى قايتىدىن خەۋپ تۇغۇلمايدۇ دەپ پەخەسلىك بىلەن سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈلدى، ئەمما، كاپىتان كابىنكىدىكى قوماندانلىق مۇنارىدىن گەۋدىسىنى چىقارغان ھامان، چۆكۈپ كېتەي دەپ قالغان >5 - Q< نىقابلانغان پاراخوت شىددەتلىك توپ ئاتتى - دە، بىرىنچى پايدىلا كاپىتاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا چاغدا سۇ ئاستى كېمىگە ئالاھەزەل 30 پاي ئوق تېگىپ، بىر مىنۇت ئىچىدىلا ئۇنى دېڭىزغا پاتۇردى.
سۇ ئاستى پاراخوت دېڭىزغا تولۇق غەرق بولغاندىن كېيىن، چۆكۈپ كېتەي دەپ قالغان >5 - Q< نىقابلانغان پاراخوت يېقىندىكى ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنى تەلەپ قىلدى، بىر قوغلامچى پاراخوت تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىپ، كارامەت خىزمەت كۆرسەتكەن نىقابلانغان ئوۋچى سۇ ئاستى كېمىنى پورتقا سۆرەپ كەتتى.
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى سۇ ئاستى كېمە ئۇرۇشىنىڭ قۇدرەتلىك ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى يولغا قويغان دېڭىزدىكى قامالنى نېگىزىدىن بۆسۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى تۇيغاندىن كېيىن، پۇرسەت كەلتۈرۈپ ئەنگلىيە فلوتى بىلەن دېڭىزدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قارارىغاكەلدى. شۇنىڭ بىلەن، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشى - يوتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى.