UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭنوبېل

نوبېل

بەش مىڭ يىل ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدىن ئۆتكەندە، شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمىدىكى مۇزىكا زالىدا بىر قېتىم دۇنياۋىي تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر مۇكاپات فوندى جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، چوڭ قەدەم تاشلاپ زالغا كىرىدۇ. فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇكاپاتلانغۇچىلارنىڭ ئىلىم - پەن ياكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى شۋېتسارىيە تىلىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆزىنىڭ دۆلەت تىلىدا جاۋاپ نۇتقى سۆزلەيدۇ، ئاندىن شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە ئالتۇن مېدال تارقىتىلىدۇ، شەرەپ گۇۋاھنامىسىنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ گۈلى ۋە نەقىشلىرى ھەر كىم قازانغان مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ سېزىلىدۇ. ئالتۇن مېدالنىڭ ئوڭ يۈزىگە نوبېلنىڭ كۆپمە نەقىشلىك رەسىمى، رىم سىفىرىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىل، ئاي، كۈنلىرى چۈشۈرۈلگەن. ئارقا تەرىپىگە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىم، فامىلىسى ۋە مۇكاپاتلانغان يىلى ئويۇلغان. ئارقا تەرىپىگە يەنە:>سىز نەقەدەر شەپقەتلىك ۋە ئۇلۇغ زات، كشىلەر سىزنىڭ تۆھپىڭىز ۋە كەشپىياتىڭىزغا تاينىپ، ئەقلىي ۋە تۇرمۇشنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ< دېگەن مەدھىيە ئويۇلغان. ئەگەر ئۇ فېزىكا ياكى خېمىيە مۇكاپاتى بولسا، مېدالنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە، ئايال ئىلاھ ئېيشۇ - سسىنىڭ كۆپمە نەقىشلىك رەسمى ۋە مەريەم ئانىنىڭ بايلىق ۋە ئىلىم - پەن جەۋھىرىنىڭ بۇرغىسىنى تۇتۇپ، ئايال ئىلاھنىڭ چۈمبىلىنى ئاستا قايرىۋاتقانلىقىمۇ ئويۇلغان. موكاپات تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە پادىشاھى كېلىپ نۇتۇق سۆزلەپ، مۇكاپاتلانغۈچىلارغا بەخت - سائادەت تىلەيدۇ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەتىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيىتىگە بېرىلگەن مۇكاپات تەرىقىسىدە، نۇرغۇن مۇكاپات سوممىسى ئالىدۇ. بۇ داغدۇغىلىق يىغىن نېمە ئۈچۈن جەزمەن ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟چۈنكى، نوبېل 1833 - يىل 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. مۇكاپات نېمە ئۈچۈن جەزمەن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت تۆت يېرىمدا بېرىلىدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، نوبېل 1896 - يىلى دەل شۇ ۋاقىتتا ئىتالىيىدە ۋاپات بولغان. نوبېل مۇكاپاتى ئالفرېد نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان. ئۇ ھاياتىدا ماشىنىسازلىق ۋە خېمىيە ساھەسىدە نۇرغۇن كەشپىيات يارىتىپ، جەمئىي 129 خىل نەرسە ئۈستىدە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بۇلار ئىچىدىكى تازا گەۋدىلىك كەشپىياتى پارتىلىتىش دورىسىدىن ئىبارەت. پارتىلىتىش دورىسى ئۈستىدە سۆز بولسىلا، كىشىلەر ئۇرۇش داۋامىدىكى قانلار تېمىپ تۇرغان پاجىئەلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نوبېل پارتېلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلغاندا، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىپ بېرىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. نوبېلنىڭ دادىسى شۋېتسارىيىلىك ماشىنا ئۇستىسى ئىدى، بىر كۈنى ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن ئائىلىسى كۆيۈپ قۇرۇقدىلىپ قالدى، ئۇلار ئامالسىز سەرگەردان بولۇپ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە باردى. كىچىك نوبېل دادىسى بىلەن قاتراپ يۈرۈپ، ئىشچىلارنىڭ چۆل - چۆزىرىلەردە بازغان بىلەن تاش چۇقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىرەر تۆمۈر يول ياكى تاشيولنى ياساش ئۈچۈن، قانچىلىك جاپالىق ئەمگەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ - ھە! ئۇ، تاغلارنى بىراقلا يېرىپ ئۆتىدىغان بىرەر نەرسە كەشىپ قىلىنسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە!دېگەن ئويغا كەلدى. نوبېلنىڭ دادىسى زاۋۇتتا ھەمىشە پىستان ۋە پارتىلىتىش دورىلىرىنى سىناق قىلىپ تۇراتتى، بۇ ئىش نوبېلنى ناھايىتى بەك قىزىقتۇردى، ئۇ 17 ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى ئامېرىكىدىكى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىغا ئىككى يىل شاگىرتلىققا ئەۋەتتى. نوبېل شۋېتسارىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پارتىلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلىشقا تېخىمۇ ئىشتىياق باغلىدى. ئۇ بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا، دادىسى ۋە ئاكىسى بىلەن بىللە بىر خىل سۇيۇق پارتىلىتىش دورىسىنى كەشىپ قىلدى، بۇ پارتىلىتىش دورىسىنىڭ پارتىلىتىش كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى >نوبېلنىڭ پارتىلىتىش يېغى< دەپ ئاتىدى ۋە ئۇ پۈتۈن دۇنياغا داڭ كەتتى. سۇيۇق پارتىلىتىش دورىسى ناھايىتى ئاسان پارتلاپ كېتەتتى. بىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدە مۇشۇ دورا قاچىلانغان بىر پويىز چايقىلىپ كېتىپ، پۈتۈن پويىز كۆيۈپ كۈل بولدى. يەنە بىر كۈنى، سۇيۇق پارتىلىتىش دورىسى لىق قاچىلانغان >ياۋرۇپا<ناملىق چوڭ پاراخوت ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىۋاتقاندا، دولۇندا چايقىلىپ دورا پارتلاپ كېتىپ، پۈتۈن پاراخوت تەھتىساراغا چۆكۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن >نوبېلنىڭ پارتىلىتىش يېغى< دىن پۈتۈن دۇنيا قورقۇپ قالدى. نۇرغۇن ھۆكۈملەتلەر ئۇنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى، نۇرغۇن تىرانسىپورت شىركەتلىرى بۇ قورقۇنچلۇق دورىنى توشۇشتىن باش تارتتى. >پارتىلىتىش دورىسىنى قانداق قىلىپ بىخەتەر توشۇلىدىغان قىلىش كېرەك؟< - نوبېل قىلچە بوشاشماي داۋاملىق سىناق ئېلىپ باردى. 4186 - يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بىر ئاپەت ئاخىر يۈز بەردى!>گۈلدۈر!< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، خىش ۋە كاھىش پارچىلىرى تەرەپ - تەرەپكە ئۇچۇپ، پەلەككە قاپ - قارا قويۇق ئىس كۆتىرىلىپ، نوبېلنىڭ تەجرىبىخانىسى بىر دەمدىلا كۈلگە ئايلاندى. كىشىلەر بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە، يەر قىپ - قېزىل قانغا بويالغان بولۇپ، بەش نەپەر خىزمەتچى شۇ يەردىلا ئۆلۈپ كەتتى، ئۇلاردىن بىرى نوبېلنىڭ ئۇكىسى ئىدى. نوبېلنىڭ دادىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېرىم پالەچ بولۇپ، ئۆمۈر بويى مېيىپ ئۆتتى، نوبېل شۇ كۈنى ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەختكە يارىشا ئامان قالدى. نوبېل ئېغىر مۈشكۈللۈكتە قالغان بىر ۋاقىتتا، تولۇق قوراللانغان بىر ساقچى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدى، نوبېل ئۇنى دەرھال ئەدەپ بىلەن ئۆيگە باشلىدى. - نوبېل جانابلىرى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىزگە يازغان خېتى، - دېدى ساقچى بىر پارچە ئالاقىنى سۇنۇپ. - ئولتۇرۇڭ، ئولتۇرۇڭ! - دەيتتى نوبېل تۈزۈت قىلىپ. - بولدى!سىز بۇنىڭغا قول قويۇۋېتىڭ. - قول قويۇۋېتەي، قول قويۇۋېتەي! - دېدى نوبېل رىپىسكىگە قول قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇ خەتنى ئېچىپ مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇدى: خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت نوبېلنىڭ پارتىلىتىش سىنىقىنى دەرھال توختىتىشنى قارار قىلدى. ئەگەر توختاتمايدىكەن، قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ! - ساقچى جاناپلىرى، سەل تەخىر قىلىپ تۇرسىلا، بۇ پارتىلىتىش دورىسى خەلققە بەخت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ياسالغانغۇ! - دېدى نوبېل ئالاقىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال كۈلكە ئارىلاش ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەمما بۇ چاغدا ساقچى كۆزىدىن ئاللىقاچان غايىپ بولغان ئىدى. بۇ ئېچىنىشلىق رىياللىق ئالدىدا قانداق قىلىش كېرەك؟ نوبېل مۈشكۈللۈككە پەرۋا قىلماي، كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. نوبېل ئاغىنە - بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا بىر چوڭ كېمىنى ئىجارىگە ئېلىپ، شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختىگە يېقىن جايدىكى مىلورېن كۆلىدە سىناق ئېلىپ باردى. ئۇ نەچچە يۈز قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، توپ - توغرا تكت يىلنى قېيىق ئۈستىدە ئۆتكۈزۈپ، 1867 - يىلى كۈزدە، سىناقتا ئاخىر ئىنتايىن زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئۇ سۇيۇق پارتىلىتىش دورىسىنى بىر خىل كرېمىي توپىسى ئىچىگە ئالغاندىن كېيىن، مەلۇم ھارارەت ياكى سۈركىلىش، سىلكىنىش بولغاندىمۇ پارتىلىتىش دورىسى ئاسانلىقچە پارتلاپ كەتمەيدىغان بولدى. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن، بىخەتەر توشۇشقا بولىدىغان قاتتىق پارتىلىتىش دورىسى - سېرىق پارتلىتىش دورىسى ئىدى. بۇ پارتىلىتىش دورىسى ئوت تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا پارتىلايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن نوبېل ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى تۇتاشتۇرغۇچ ئۈسكۈنە پىستاننى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر تاغلارنى يېرىپ يول ئاچقاندا، تونېل تەشكەندە، كان قۇدۇقلىرىنى ئاچقاندا بازغان بىلەن چاقمايدىغان بولدى. نوبېل پارتىلاش كۈچى تېخىمۇ زور بولغان پارتىلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلىش ئۈچۈن، توختىماي، داۋاملىق جىددى سىناق ئېلىپ باردى. بىر كۈنى ئۇ تەخرىبىخانىدا ئۆزى پىلتىگە ئوت يېقىپ، ئاستا - ئاستا تۇتىشىپ بېرىۋاتقان ئۇچقۇنغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. مانا يېقىنلاشتى!مانا يېقىنلاشتى!ئۇچقۇن پارتىلىتىش دورىسىغا تۇتىشاي دەپ قالغاندا، نوبېلنىڭ يۈرىكى>دۈپ! دۈپ!< سوقۇشقا باشلىدى، ئەمما ئۇ ئىككى كۆزىنى پارتىلىتىش دورىسىدىن ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى، ۋاقىتمۇ توشتى، گۈلدۈرمامىدەك >گۈلدۈر!<قىلغان پارتلاش ساداسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، ھايت - پايت دېگۈچە تەجرىبىخانىدىن قويۇق ئىس كۆتىرىلدى، بۇ سادانى ئاڭلىغان كىشىلەر ئوپۇر - توپۇر يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار تەقەززالىق بىلەن:>نوبېل تۈگەشتى!<، >نوبېل تۈگەشتى!<دېيىشەتتى. پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى ئۇشتۇمتۇتلا تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ، قەيسەرلىك بىلەن قويۇق ئىس - تۈتەكنى يېرىپ چىقىپ، ئىككى قولىنى كۆتەرگەن پېتى:>مەن غەلىبە قىلدىم! مەن غەلىبە قىلدىم!<دەپ توۋلىدى. ئۇ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پارتىلىتىش دورىسىنىڭ كەشپىياتچىسى - نوبېل ئىدى. نوبېل 1875 - يىلى پارتلاش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان كوللوئىدلىق پارتىلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلدى. 1887 - يىلى نوبېل يەنە ھەم پارتلاش كۈچى زور، ھەم ئىس - تۈتەكسىز پارتىلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلدى. بۇ پارتىلىتىش دورىسى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان پارتىلىتىش دورىسىنىڭ دەل ئۆزى. پارتىلىتىش دورىسىنى كەشپ قىلىش ئۈچۈن، نوبېل ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلدى. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىدى، نوبېل ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئۇ كەشپ قىلغان پارتىلىتىش دورىسىدىن ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈندى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىدە، ئۇنىڭ 100 خىلدىن ئارتۇق كەشپىياتىغا بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى بىلەن مەخسۇس پايدا پۇلى - ئىككى مىليون فوند ستېرلىڭنى بانكىدا قويۇپ قويۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى فىزىكا، خېمىيە ۋە بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق قاتارلىق بەش ئىشتا ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان كىشىلەرگە مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىشنى تاپىلىدى. ئالدىنقى تۆت خىل مۇكاپات شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا، تىنچلىق مۇكاپاتى بولسا، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا بېرىلىدۇ. كېيىن يەنە >ئىقتىسات مۇكاپاتى< قوشۇلدى، ئۇمۇ شۋېتسارىيىدە بېرىلىدۇ. يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدىغان >نوبېل مۇكاپاتى< مانا شۇنداق كېلىپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ