UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئېپىسكوپ گوترىنىڭ ئۆلۈمى

ئېپىسكوپ گوترىنىڭ ئۆلۈمى

بەش مىڭ يىل فرانسىيە لانگېدوك شەھەر رايونىنىڭ ئېپىسكوپى گوترى، ئەنگىلىيىدىن قايتىپ كەلدى. ئۇ ئەنگىلىيە پادىشاھىدىن پۇل ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بېرىپ، ئىشنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرگەچكە، لانگېدوكقا خۇشال قايتتى. بىراق، گوترىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىققان ئىككى نەپەر ئورۇنباسار ئېپىسكوپنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككىدە ئىدى، ئۇلار ئالدى بىلەن گوترىدىن ھال سورىدى، ئاندىن ئىنتايىن خاۋاتىرلەنگەن ھالدا سۆزلىدى: - ئېپىسكوپ جاناپلىرى، بىزنى كەچۈرگەيلا! جاناپلىرى يوق بولغاچقا بىز ئۆزلىرىگە - لانگېدوكنىڭ خوجايىنىغا ۋاكالىتەن شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ئەمەل قىلىدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈپ قويدۇق. - نېمە كېلىشىم؟ - ئېپىسكوپ ئىنتايىن قىزىقسىنىپ سورىدى. - مۇنداق گەپ، - دېدى ئورۇنباسار ئېپىسكوپ خۇش خۇيلۇق بىلەن، - شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىز سىلەرگە ھەر يىلى بىر مۇنچىدىن پۇل تاپشۇرايلى، سىلەر شەھەرنى ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، دەپ تەلەپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، شەھەرنىڭ باج - سېلىق، ئالۋاڭ - ياساق، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىيەتلىرى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمايدىغان بولدى. ئېپىسكوپ جاناپلىرى ئۆزلىرىمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرىدىغان بولدىلا. ئەسلىدە، 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرانسىيە پادىشاھلىقىدا شەھەرلەر فېئوداللارنىڭ قول ئاستىدىكى يانچىلار ھېسابلىناتتى. ئېپىسكوپلار ھەم فېئوداللاردىن بولۇپ، شەھەرلەر شۇلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. فېئوداللار كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر پۇقرالىرىنى شۈلۈۋېلىشقا ھەر قانداق ۋاستىلەرنى ئىشقا سالاتتى. شۇڭا، شەھەر پۇقرالىرى فېئوداللارغا غايەت كۆپ پۇل تۆلەش بەدىلىگە شەھەر كوممۇناسى دېگەن بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىختىيار قىلىشقان ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق شەھەرنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەركىن شەھەرگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى بۇنداق كۈرەش، شەھەرلەر تەرەققىياتىدا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، گوترىنىڭ قارىشىچە ئەقىلغە سىغمايدىغان يولسىزلىق، ئۇنىڭ ئىناۋىتى ۋە مەنپەئىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغان يامان ۋەقە تۇيۇلغاچقا، ئورۇنباسار ئېپىسكوپنىڭ سۆزى تۈگىگەن ھامان ئۇ تەرىنى بىر تۈردى - دە، غەزەپ بىلەن كايىپ كەتتى: - يۈرىكىڭلار قاپتەك بولۇپ كېتىپتۇغۇ! مۇشۇنچىۋالا زور ئىشنى، مەن يوق چاغدا ئۆز ئالدىڭلارغا بىر تەرەپ قىلىۋەتسەڭلار بولامدۇ! بۇنى ئېپىسكوپقا تولۇق مەلۇم قىلىپ، سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتقۇزىمەن! - خاپا بولمىسىلا ئېپىسكوپ جانابلىرى - دېدى ئورۇنباسار ئېپىسكوپ بوش كەلمەي، - بۇ راست دېگەندەك زور ئىش، ئەمما، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كوممۇنا قۇرۇشىغا، شەھەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا يول قويۇش بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى بولماستىن، بۇرۇنمۇ بولغان، كانبورى، سېن - كانتېن شەھەرلىرىمۇ شۇنداق قىلدىغۇ؟ يەنە ئېيتايلۇق - پادىشاھ ئالىلىرىمۇ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىمەن دەپ قەسەم ئىچتى. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ پادىشاھ ئالىلىرىغا ئىززەت - ئىكرام بىلەن قىلىۋاتقان سوۋغاتلىرىمۇ ناھايىتى مول ئىكەن... ئېپىسكوپ، لانگېدوك شەھىرىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا پادىشاھنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر ھازاغىچە داڭقېتىپ قالدى. ئورۇنباسار ئېپىسكوپ ئۇنىڭغا شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تاپشۇرغان پۇلنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئاچچىقىدىن سەل - پەل ياندى ۋە ھايالسىز پادىشاھقا ئوخشاش كوممۇنانىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا قەسەم ئىچتى. ئەمما، ئېپىسكوپ گوترى، كۆزى تويماس نەپسى بالا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، لەۋزىدە تۇرمايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ شەھەر پۇقرالىرىنىڭ پۇللىرىنى سۈپۈرۈۋېلىپ، ئۇلارغا يېڭى سىرتماق سېلىش ئۈچۈن، كوممۇناغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش سۈيىقەستىنى يۈرگۈزۈشكە كىرىشتى. بۇ ئىش ئەلۋەتتە پادىشاھنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 1112 - يىلى ئەتىيازدا، ئېپىسكوپ گوترى، پادىشاھنى لانگېدوك شەھىرىگە كېلىپ، خىرىستۇسنىڭ قازا تاپقانلىقىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى )خىرىستىئان دىنىنىڭ خىرىستوسىنىڭ كىرىست جازىسىغا مىخلانغانلىقىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى( مۇراسىمىغا قاتنىشىقا تەكلىپ قىلىپ، پادىشاھنى بۇرۇنقى قەسىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كوممۇنانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر پۇقرالىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ پادىشاھقا يەنە كۆپ پۇل بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە پادىشاھدىن قەسىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئېپىسكوپ ھەم فېئوداللار پادىشاھقا تېخىمۇ كۆپ پۇل بېرىشكە ماقۇل بولدى. نەتىجىدە ئاچكۆز پادىشاھ پۇلنى تېخىمۇ كۆپرەك بېرىشكە ماقۇل بولغان تەرەپكە يول قويدى ۋە كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. فېئوداللار، پادىشاھقا تۆلەيدىغان شۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق تەييارلاپ بولۇشتىن ئەنسىرىدى، لېكىن ئېپىسكوپ مەيدە قېقىپ ئۇلارنى ئەنسىرىمەسلىككە دەۋەت قىلدى. - ئەگەر مەن قەسىمىمنى ئىشقا ئاشۇرالمىسام، سىلەر مېنى پادىشاھنىڭ زىندانغا تاشلاڭلار، - دېدى ئۇ، - كىم كوممۇنانى قۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل چىقارغان بولسا، كوممۇنانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك پۇل چىقارسۇن! بۇ خەۋەر تېزلىكتە پۇقرالارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ باردى. شەھەردە دەرھال پاراكەندىچىلىك باشلاندى. بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى خىزمەت توختاتتى. دۇكان - رەستىلەرنىڭ دەرۋازىلىرى چىڭ تارقالدى. كۆپچىلىك ئېپىسكوپ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى زورلۇق كۈچى بىلەن بەربات قىلىشقا بەك باغلىدى. پاسخا بايرىمى )خىرىستىيان دىنىدا ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى خاتىرىلىنىدىغان كۈن( نىڭ ھارپىسى كەچتە لانگېدوك شەھەر باشلىقى پۇقرالارنىڭ توپىلاڭ قىلىشىغا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېپىسكوپ گوترىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنى ئەتىسى چېركاۋغا ئىبادەتكە بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. غالجىرلاشقان ئېپىسكوپ:>تۈفى! مەن مۇشۇ ئەبلەخلەرنىڭ قولىدا ئۆلەمدىمەن؟< دەپ ۋاقىرىغان بولسىمۇ، بىراق ئەتىسى يەنىلا چېركاۋغا بېرىشقا پېتىنالمىدى. پاسخا بايرىمىنىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئېپىسكوپ گوترى ئۆيىدە ئورۇنباسار ئېپىسكوپلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرىدىن سېلىقنى قانداق قىلىپ يىغىۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى، >كوممۇنا! كوممۇنا!< دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلاندى. ئۇزاق ئۆتمەي، قوللىرىغا قىلىچ، خەنجەر، ئوقيا، كالتەك ۋە نەيزە ئالغان شەھەر پۇقرالىىرنىڭ قوشۇنى ئېپىسكوپنىڭ قوراسى ئالدىغا بېسىپ كەلدى. ئېپىسكوپنىڭ مۇھاپىزەتچىسى قولىغا قالقان - نەيزىلەرنى ئېلىپ ھويلىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدى - يۇ، ئايپالتا تېگىپ يەرگە يىقىلدى؛ بىر فېئودال قوراغا كىرمەكچى بولۇۋېدى، دۈمبىسىگە بىر نەيزە كېلىپ سانچىلدى؛ يەنە بىر ياساۋۇل ئېلىشىپ تۇرۇپ كەينىگە چېكىنمەكچى بولۇپ يارىلاندى ۋە ئاخىرى ئوق تېگىپ ئېپىسكوپنىڭ زىياپەت شىرەسى يېنىغا يىقىلدى. قوراللانغان پۇقرالار قوشۇنى ئوت قويدى ۋە ئېپىسكوپقا سادىق بولۇپ قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىدىنى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىگە تاشلىدى. ئېپىسكوپنى قوغدىغۇچىلار ئامالنىڭ بېرىچە قايتۇرما زەربە بەردى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا تاش - توقماقلارنى ئېتىپ تۇردى - يۇ، ئەمما پۇقرالار تەرىپىدىن ناھايىتى تېزلىكتە يوقىتىلدى. ئېپىسكوپ، ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال چاكارچە ياساندى ۋە يەر ئاستى ئۆيىدىكى ھاراق كۈپلىرى لىقمۇ لىق بېسىلغان بىر كىچىك ئۆيگە مۆكۈۋالدى ھەمدە بىر چاكىرىغا ئىشىكنى قاتتىق تاقىتىۋەتتى. - ئالدامچى ئېپىسكوپنى تېز تۇتايلى! - غەزىپى ئۆرلىگەن كىشىلەر ۋاقىراشقان پېتى تەرەپ - تەرەپتىن ئۆز رەقىبىنى ئاختۇردى، ئەمما، ئېپىسكوپنىڭ قارىسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدى. غەزەپتىن ئۆرتەنگەن كىشىلەر ئېپىسكوپقا ھەزى بولغۇچى ھېلىقى چاكارنى تاپتى. ئەمما ئۇ ئېپىسكوپنىڭ قەيەرگە مۆكۈۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدى. دەل شۇ چاغدا ئېپىسكوپنىڭ كوممۇنا تەرەپكە ئۆتكەن بىر چاكىرى يەر ئاستى ئۆيىگە بېرىپ ئىزلەشنى تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ ھاراق كۈپلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېچىپ، بىر كۈپ ئىچىدىن ئېپىسكوپنى تېپىۋالدى. ئۇ كۈپنىڭ ئاغىزىنى ئاچقاندا، ئېپىسكوپ گوترى قوققىنىدىن تىترەپ ئاقىرىپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى مىڭ تەسلىكتە مىدىرلىتىپ :>ئاسىر مۇشۇ يەردە< دېدى، ئاندىن بىر ئالىيىپ قاراپ غەزەپ بىلەن :>سەن، بۆرى!< دېدى. >ئوھۇي، ئېپىسكوپ جاناپلىرى مۇشۇ يەردە ئىكەن!< ئېپىسكوپنىڭ كوكۇلىسىدىن تارتىپ كۈپتىن چىقىرىشتى ۋە تالادىكى كىچىك يولغا سۆرەپ كېلىندى. ئېپىسكوپ كۆپچىلىككە قانچە يالۋۇرۇپ، قەسەم ئىچىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئېپىسكوپ بولمايدىغانلىقىنى، جىق پۇل تۆلەيدىغانلىقىنى ھەم لانگېدوك شەھىرىدىن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يانچىلار بۇ لەۋزىدە تۇرمايدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، ۋەھشى بۆرىگە رەھىم قىلماسلىقنى قارار قىلدى. بىر يانچى شۇ ھامان ئايپالتا بىلەن ئېپىسكوپنىڭ كاللىسىغا قاتتىق چاپتى، يەنە بىرى قىلىچ بىلەن ئېپىسكوپنىڭ بارمىقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۈزۈكىنى ئېلىۋالدى. لانگېدوك شەھىرىدىكى بۇ ئەڭ كاتتا ئەربابنىڭ جەسىدى قىپ - يالىڭاچلىنىپ يولغا تاشلىۋېتىلدى. جەسەتنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكى ئادەم تاش چالما ئاتتى، قاغاپ تۈكۈردى، ئۇنى دەپنە قىلىش ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىدى. كېيىن لانگېدوك پۇقرالىرى يەنىلا پادىشاھ تەرىپىدىن باستۇرۇلدى، يېڭى تەيىنلەنگەن ئېپىسكوپ مۇنداق دەپ پەرەز ئېيتتى:>سانكىت پېتىر )خىرىستىئان ئىنجىلنىڭ ھېكايىسىدە ئېيتىلغان ئەيسانىڭ 12 مۇرتىنىڭ بىرى( قۇل ئۆز خوجايىنىغا ھېيىققان ھالدا بوي سۇنۇشى كېرەك، دېگەن ئىدى. يانچىلار خۇدا ۋە ئىنسانلارنىڭ پەرمانىغا قارىماي، كوممۇنادا زورلۈق كۈچى بىلەن خوجايىنىنى قانۇنىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلسا، دىندىن چىقىرىلىدۇ، جازالىنىدۇ!< لېكىن، لانگېدوك پۇقرالىرى يېڭى ئېپىسكوپنىڭ گەپلىرى بىلەن كارى بولماي، داۋاملىق قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئاخىرىدا يېڭى ئېپىسكوپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، شەھەرنى پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىشىغا ماقۇل بولدى، >كوممۇنا< نىڭ نامىنىلا >تىنچلىق ئورگىنى< دەپ ئۆزگەرتىپ قويدى. پادىشاھمۇ شەھەر ئاپتونومىيىسىنىڭ فېئوداللارنىڭ مۇستەقىل بولۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى - دە، 1128 - يىلى بۇ يول قويۇش تەدبىرىنى تەستىقلىدى، شۇ پېتى ئىككى ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى فرانسىيە پادىشاھى ئەمەلدىن قالدۇردى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ