UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكىيېۋروسنىڭ گۈللىنىشى ۋە غۇلىشى

كىيېۋروسنىڭ گۈللىنىشى ۋە غۇلىشى

بەش مىڭ يىل ھازىرقى ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىگە ناھايىتى بۇرۇنلا سىلاۋيانلار )سىلاۋيانلار ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تارقالغانلىقتىن، شەرقىي سىلاۋيانلر، غەربىي سىلاۋيانلار ۋە جەنۇبىي سىلاۋيانلار دېگەن ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ھازىرقى سوۋېت ئىتىتپاقى تەۋەلىكىگە ئولتۇراقلاشقانلار شەرقىي سىلاۋيانلار تارمىقىدۇر(. ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئۇلار ئەڭ ئاۋال ئۇرۇقداشلىق ئاساسىدىكى قەبىلىۋى تۇرمۇشتا ياشىغان. مىلادى 8 -، 9 - ئەسىرلەردە شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان بەزى كىنەزلىكلەر بارلىققا كەلدى )ياۋروپانىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى كىنەزلىك دۆلەتلەردە گىروسوگنى دۆلەت باشلىقى قىلغان(، قەنۇپتىكى كىيېۋ بىلەن شىمالدىكى نوۋگەورود ئەڭ چوڭ بەگلىكلەر ئىدى. 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نوۋگورود كىنەزلىگىنىڭ كىنەزى ئولېگ لەشكەر تارتىپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، كىيېۋنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، كىيېۋنى مەركەز قىلىپ بىرلىككە كەلگەن بىردۆلەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بۇ دۆلەت تارىختا >كىيېۋروس< )جەنۇپ تەرەپكە ئولتۇراقلاشقان شەرقىي سىلاۋيانلار ناھايىتى بۇرۇنلا رۇسلاپ دەپ ئاتالغان ئىدى. رۇسلار ھازىرقى ئورۇنلارنىڭ ئەجدادى ئىدى.( دەپ ئاتالدى. كىنەز ئولېگمۇ تۇنجى >رۇس كىنەزى< )قەدىمكى رۇسلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئۇلۇغ بېگى( بولدى. ئولېگ، قورال كۈچىگە تايىنىپ سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، كىيېۋروسنى پەيدىن - پەي ياۋروپادىكى مەشھۇر قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئولېگ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىەور ئۇنىڭ ۋارىسى بولدى، ئىگور دۆلەت زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۆز خەلقى ئۈستىدىكى ئېكسىپىلاتاتسىيىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇردى. 945 - يىلى قىشتا، ئىگور بىر تۈركۈم ئوردا ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، دىلىۋىيانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا >چارلاش< قا بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ئاھالىلەردىن >ئوليان< ئالدى. >ئوليان< نىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قوي تېرىسى، ھەسەل، سېرىق موم ۋاھاكازالار ئىدى. ئەسكلەرلەر >ئوليان< لارنى كېمىلەرگە بېسىپ شەھەرگە قايماقچى بولۇۋاتقاندا، ئىەورنىڭ كەيپىياتىدا توساتتىن نارازىلىق ئالامەلتىرى پەيدا بولدى - دە: - ئاران مۇشۇنچىلىكمۇ! بوپۇت ئەمىسە، سىلەر يۆتكەپ كەتكەچ تۇرۇڭلر، مەن يەنە بىر قېتىم چارلاش ئېلىپ باراي، - دېدى. شۇ گەپ بىلەن ئۇ ئاز بىر قىسىم ئوردا ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم >ئوليان يىغىش< ئۈچۈن كەنتكە كىردى. كەنت ئەھلى، كىنەزنىڭ قايتىلاپ كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ ئارقا - ئارقىدىن غۇلغۇلا قىلىشتى: - ئەگەر چىلبۆرىلەر چارۋا پادىسى ئىچىگە كىرسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىگىچە، ئۇ چارۋىلارنى يەپ تۈەىتىش ئادىتىنى تاشلىمايدۇ! - بۆرىنى يوقىتايلى، بۇ ئاچ بۆرىلەرنى ئۆلتۈرەيلى! كەنت ئەھلى تاش پالتا، كالتەك - چوماقلارنى ئېلىپ ئىگورغا قاراپ ئېتىلدى. ئوردا ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى. ئىگور ئۆزئەسكەرلىرىنى تىللاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، غەزەپلەنگەن جامائەت تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىندى ۋە ئۇر - ئۇر بىلەن تەككەن پالتا، كالتەكلەر زەربىسىدىن ھەش ـ پەش دىگىچە جان ئۈزدى. ئىگور ئۆلگەندىن كېيىن، تۇل قالغان خوتۇنى گۆدەك بالىسى شۋتىسلاۋنىڭ ئورنىدا مۇۋەققەن ھاكىملىق قىلدى. ئۇ زور تۈركۈملەپ ئەسكەر چىقىرىپ دىلىۋىيانلارنى دەھشەتلىك باستۇردى، ئۇلار ئارىسىدىكى تېنى ئاجىز، ياشانغانلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاپ، كۈچىگە تولغانلارنى قۇل قىلدى. كىنەز سىۋتسىلاۋ ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، قورال كۈچىگە ئاتىسى ئىگوردىنمۇ بەك چوقۇندى. ئۇ ئادەتتىكىچە ئاق كۆينەك كىيىپ، بىر قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ، ئۇزۇن ماڭلاي چېچىدىن باشقا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆمرى جەڭ بىلەن ئۆتتى، ئۇ يۈرۈش قىلغاندا يۈك ھارۋىسى بولمىسا، ئىگەرنى تەكى قىلىپ يەردە ئۇخلايتتى، چالا پىشقان ئات ەۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. 967 - يىلى، شەرقىي رىم ئىمپرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەسكەر چىقىرىپ بۇلغارىيىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە بۇلغارىيىنىڭ پايتەختىگە ئولتۇراقلاشماقچى بولۇپ: >بۇ يەر مېنىڭ زېمىنىمنىڭ مەركىزى. بارلىق ياخشى نەرسىلەر: يۇناننىڭ ئالتۇنلىرى، ېخنىڭ كۈمۈشلىرى، ۋېنگرىيىنىڭ ئاتلىرى، رۇسلارنڭ قوي، تېرە ۋەھەسەللىرىگىچە قوشۇلۇپ بۇ يەرگە جۇغلىنىشى كېرەك!< - دەپ تەلۋىلەرچە جاكا چىقاردى. لېكىن، شەرقىي رىم ئىمپرىيىسى كىيېۋروسنىڭ كۈچلىرى ھەددىدىن زىيادە قۇدرەتلىنىپ كېتىشتىن قورقۇپ، دەرھال قوشۇن چىقىرىپ رۇس ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ تەلۋە رۇس كىنەزىنى بۇلغارىيىنىڭ پايتەختىدىن قوغلاپ چىقاردى. رۇس ئارمىيىسى چېكىنىپ كېتىۋاتقان يوللىرىدا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىدىنى گۈلخان سېلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى يەنە رۇس ئارمىيىسىنىڭ ئۆز ئېلىگە قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۈركلەرگە خەۋەر قىلدى؛ تۈركلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەڭ يولدا ئۇلارغا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ، سىۋتسىلاۋنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرك ئاتامانى ئۇنىڭ باش سۆڭىەىدە شاراپ ئىچتى. كىيېۋورسنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بىر نەچچە ئەۋلاد كىنەزلىرى چەتكە قارىتا داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلدى، مەملىكەت ئىچىگە قارىتا ئېكىسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت كۈچى يەنە بىر مەھەل قۇدرەت تاپتى. ئەمما 1054 - يىلىغا كەلگەندە، بەەلىكتە ئىچكى ماجرا پەيدا بولۇپ، ئۈچ كىچىك بەگلىككە بۆلۈنۈپ كەتتى؛ بۇ بەگلىكلەر توختىماستىن بىر بىرسىگە جازا يۈرۈشى ئېلىپ باردى. بۇ يېغىلىقلار 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلدى. بۇ چاغدا، جەنۇپ تەرەپتىكى يايلاقلاردا ياشاۋاتقان تۈرك كۆچمەن قەبىلىلىرىدىن قىپچاقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېسىپ كىرىپ، ئەسىرلەر ۋە چارۋا ماللارنى بۇلاپ كېتىش بىلەن كيېۋروس خەلقىگە ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈردى. 1185 - يىلى، كىيېۋروسىدە ئىگورسىۋىتسىلاۋىچ دېگەن بىر كىنەز بولۇپ، دۆلىتىنى يېڭىۋشىن قۇدرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ بولمىغان ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، قىپچاقلارغا بىر قېتىم جازا يۈرۈش قىلدى. ئىگورسەپنىڭ ئالدىدا سەركەر بولۇپ مېڭىپ، باتۇرلۇغى ۋە قەيسەرلىگى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ قەدىرلىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئازچىلىق كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولدى ۋە ئۆزىمۇ قىپچاقلارغا ئەسىر بولدى. كېينچە، بىر شائىر >ئىەورنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى< ناملىق بىر تارىخىي داسان يېزىپ، ئىگورنىڭ باتۇرلۇغى، جاسارىتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ۋەتەن سۆيۈش قىزغىنلىقى ۋە پىداكارانە روھىنى قىزغىن مەدھىيىلىدى. داستاننىڭ مۇمۇن مىسرالىرىغا قاراڭ: ئەي چەۋەنداز قېرىنداشلىرى، ياۋغا ئەسىر بولغاندىن كۆرە. جەڭدە مەرتلىك بىلەن ئۆلەيلى، ئۇچقۇر جەڭ تۇلپاىرغا مىنىپ، ئاشۇ كۆپ - كۆك دوننى كۆزلەيلى. ئۈمدىم شۇ، قىپچاق يايلاقلىرىدا قىلسام قانلىق جەڭ. ئۇچقۇر جەڭ تۇلپارىغا مىنىپ، رۇسلار بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ. مۇشۇ يولدا جاننى تىكسەم مەن، يا بولمىسا دون سۈيىدىن ئىچسەم قانغۇدەك. لېكىن، كىيېۋروسنىڭ ئىچكى قىسمى فېئودال خوجىلىقلارغا بۆلۈنگەنلىكتىن، سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كېلمىگەن، ھەربىي ئىشلاردا بىردەك قەدەم باسالمىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگوردەك ۋەتەنپەرۋەرلەر جاپالىق كۈرەش قىلىپمۇ، ئەلنى مەغلۇبىيەت تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. كېيىنك كۈنلەردە، قىپچاقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندچىلىك سېلىشى ئارقىسىدا، كىيېۋروس گۈللىنىشتىن زەئىپلىشىشكە، زەئىپلىشىشتىن غۇلاشقا قاراپ يۈزلىنىپ ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتتى. 13 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنلىرى موڭغۇللار ئىشغالىيىتىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما، كىيېۋروسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى شەرقىي سىلاۋيانلارنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ - ئورۇسلار، ئوكرائىنلار، بىلرۇسلاردىن ئىبارەت ئۈچ سىلاۋپان مىللىتىنڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ