UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبىرىنچى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش

بىرىنچى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش

بەش مىڭ يىل 1848 - يىل 6 - ئايدىكى پارىژ قوزغىلىڭى پۇرۇلېتارىيات تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىرىنچى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش بولدى. شۇ يىلى 2 - ئايدا، فرانسىيىدە «فېئورال ئىنقىلابى» پارتلاپ، «ئىيۇل خاندانلىقى» ئاغدۇرۇلدى، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يېڭىۋاشتىن بەرپا قىلىنىپ، فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. پۇرۇلېتارىيات بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ ئاساسى كۈچى بولسىمۇ، ئەمما، يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە بۇرژۇئازىيە رەھبەرلىك قىلدى. دۆلەت بايرىقى ئۈستىدە مۇزاكىرە بولغاندا، زىددىيەت تۈغۇلدى. پۇرۇلېتارىيات، فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى پۇرۇلېتارىياتنىڭ سوتسىيالىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان چوڭ قىزىل بايراق بولۇشى لازىم، دەپ ھېسابلىدى. بۇ بۇرژۇئازىيە بولسا، فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» قا ۋەكىللىك قىلغان، بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىزىل، ئاق، كۆك رەڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى لازىم، دەپ ھېسابلىدى. تەكرار كېلىشىش ئارقىسىدا، ئاخىر كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. دۆلەت بايرىقى ئۈچ رەڭلىك بولۇپ، بايراق سېپىغا بىر تال قىزىل لېنتا قوشۇلدى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلگەندە، ھەمىشە لېنتا ئېسىلمىدى. دۆلەت بايرىقى دۆلەت خاراكتېرىنىڭ بەلگىسى، دۆلەت بايرىقى توغرىسىدىكى بەس - مۇنازىرە، ئەمەلىيەتتە، ئىككى چوڭ سىنىپنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىردەك ئەمەسلىكىنىڭ ئىنكاسى ئىدى. تالاش - تارتىش بولغان ئىككىنچى مەسىلە، ئەمگەك ھوقۇقى مەسىلىسى بولدى. كاپىتالىزىم جەمئىيىتىدە، ئىشسىزلىق ئىشچىلارنىڭ «ئەركىنلىكى» ئىدى. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەمگەك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىدى. مەسىلىھەتلىشىش ئارقىسىدا، ھۆكۈمەت «دۆلەت زاۋۇتى» ئېچىپ، ئىشسىز ئىشچىلار بىلەن ۋەيران بولغان قول سانائەتچىلەرنى ئەمگەككە قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەمگەك مۇشەققەتلىك، ئىش ھەققى تۆۋەن بولسىمۇ، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەر ھالدا ھەل قىلىندى. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگە كەلگەندە، ۋەزىيەتتە 80 گىرادۇس بۇرۇلۇش بولدى. ھۆكۈمەت دۆلەت زاۋۇتىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى، ياشلارنى ئەسكەرلىككە ئالدى، قىران ۋە قېرىلارنى چەت ئۆلكىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەۋەتتى. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەكسىيەتچىل تەدبىرى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن قان تۆكۈپ قۇربان بەرگەن پۇرۇلېتارىياتنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. تاغنى تالقان قىلىدىغان پۇرۇلېتارىيات قوزغىلىڭى يانار تاغدەك پارتىلىدى! شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، دۆلەت زاۋۇتىنىڭ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىشچىلىرى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئۇلار «يوقالسۇن پارلامېنت»، «قولىمىزغا قورال ئالايلى» دەپ توۋلاپ، شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئاقتى. پارىژنىڭ شەرقىدىكى سېنت - ئانتوئىن رايونى ئىشچىلار ئولتۇراقلاشقان رايون ئىدى؛ فرانسىيە پارلامېنتى بولسا، پارىژنىڭ غەربىي رايونىدا ئىدى. ئىشچىلار ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، يولغا ياتقۇزۇلغان تاشلارنى بەس - بەستە قومىرىپ، ھايال قىلماي، شەھەر مەركىزىدە 600 دىن ئارتۇق كوچا ئىستىھكامى ياسىدى. دېمەك، پارىژ شەرق ۋە غەرپتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. پۇرۇلېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئايرىم - ئايرىم قورغان ياساپ، شەرق بىلەن غەرپ تىركىشىپ تۇرىدى. ئىشچىلار ياسىغان كوچا ئىستىھكاملىرى ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، بەزىلىرى ئىككى قەۋەتلىك ئىمارەتتىنمۇ ئېگىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە توق قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. بايراقلار ئۈستىگە: - كىشىنى كىشىگە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈمنى يوقىتايلى! دېموكىراتىك سوتسىيال جۇمھۇرىيەت ياشىسۇن! - دېگەن شوئارلار ئېنىق يېزىلغان ئىدى. 23 - كۈنى سەھەردە، مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىر نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ، كوچا ئىستىھكاملىرىغا غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى. كېلېر كوچىسىدىكى ئىستىھكامنى يەتتە نەپەر ئەر ئىشچى بىلەن ئىككى نەپەر ئايال ئىشچى ساقلاۋاتاتتى. بىر ئەر ئىشچى قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتىرىپ، ئىشچىلارنى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلىدى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ «پاڭ!» قىلىپ ئاتقان ئوقى بايراقچىغا تېگىپ يىقىلدى. بىر ئايال ئىشچى ئېتىلىپ كېلىپ قىزىل بايراقنى ئالدى - دە، ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ «پاڭ!» قىلىپ ئاتقان يەنە بىر ئوقى ئۇچۇپ كەلدى - دە، ئايال ئىشچى شۇ جايدىلا قۇربان بولدى. يەنە بىر ئايال ئىشچى ئۇچقاندەك كېلىپ قىزىل بايراقنى ئېلىپلا كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. جەڭ توپ - توغرا بىر كۈن داۋاملىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ياردەمچى ئەسكەرلەر كەلگەندىن كېيىنلا، بۇ كوچا ئىستىھكامى قولدىن كەتتى. باشقا جايلاردىمۇ ئىنتايىن قاتتىق جەڭ بولدى. ئەتىسى، كۈرەشكە قاتناشقانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، ماشىنىسازلىق ئىشچىلىرى، تۆمۈر يول ئىشچىلىرىمۇ تۇشمۇ تۇشتىن ياردەمگە كەلدى. قوزغىلاڭچى ئىشچىلار كۈچنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەپ، تۆت يولغا بۆلۈنۈپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ماڭدى. دەل شۇ چاغدا، زەمبىرەك ئېتىلدى! جاللات گېنېرال كاۋېنياك نەچچە ئون مىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى باشلاپ كېلىپ، قوزغىلاڭچى ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار چاچما ئوق ۋە ئۆيلەرنى ئوققا تۇتۇپ ئوت قويدى. ئىشچىلار قوشۇنى ناھايىتى نۇرغۇن قۇربان بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۈرەشنى قەھرىمانلارچە داۋاملاشتۇردى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى قېشىدا، «گۈزەللەر» كىيىم ماگىزىنى بار ئىدى، 600 قوزغىلاڭچى ئىشچى ئۇ يەرنى پۇختا ساقلاپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان كۈچلۈك قورغان بولۇپ قالدى. كاۋېنياك بۇ يەرنى ئۇزاققىچە ئالالمىغاندىن كېيىن، قاتتىق زەمبىرەكنى تۇتتى. 600 ئىشچىنىڭ بىرىمۇ تەسلىم بولماي، ھەممىسى مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولۇپ، پۇرۇلېتارىياتنىڭ تېز پۈكمەيدىغان قەھرىمانلىق ئىنقىلابى روھىنى كۆرسەتتى. 3 - كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى چۆمۈلىدەك بېسىپ كېلىپ، پارىژدىكى ئىشچىلار رايونىغا 250 مىڭ ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى. قاتتىق كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، 26 - كۈنى كەچقۇرۇن سېنت - ئانتوئىن رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كوچا ئىستىھكامى قولدىن كېتىپ، ئىيون قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولدى. بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭغا قاتناشقان پارىژ ئىشچىلىرىنى قانلىق باستۇردى. مەلۇماتلاردىن قارىدا، 11 مىڭ كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 25 مىڭ كىشى نەزەربەنت قىلىنغان، 3500 كىشى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. بۇرژۇئازىيە كۆز - كۆز قىلغان «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» ئەنە شۇ! پۇرۇلېتارىيات قوزغىلاڭ داۋامىدا، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. راكلى ئىسىملىك بىر ماشىنىسازلىق ئىشچىسى ئېغىر يارىدار بولۇپ قولغا ئېلىندى. ئۇ سوتتا سوراق قىلىنغاندا، بۇرژۇئا ئەمەلدارلىرى ئالدىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن:«كەلگۈسى بىزگە مەنسۇپ! ياشىسۇن دېموكىراتىك سوتسىيال جۇمھۇرىيەت!»دەپ تەنتەنىلىك شوئار توۋلىدى. شۇنداق، كەلگۈسى پۇرۇلېتارىياتقا مەنسۇپ، سوتسىيالىزىم جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ. ئىيۇن قوزغىلىڭى پۇرۇلېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىرىنچى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرىشى، ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسى تارىخقا مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئىنقىلابى ئىشلىرىنى قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىنى - كوممۇنىستىك پارتىيىنى قۇرۇش لازىم. پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابى كونا دۆلەت ماشىنىسىنى چوقۇم ئۈزۈل - كېسىل پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى - پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قۇرۇشى لازىم. ئىيۇن قوزغىلىڭى بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەردى. ناپولېئوننىڭ ئوغۇل جىيەنى لۇئى بۇناپارت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەكسىلئىنقىلابى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، 1852 - يىلى خانلىق تەختىگە چىقىپ، ئۆزىنى«ناپولېئون II » دەپ ئاتىدى. ئۇ فرانسىيىدە فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان ئىمپېرىيە تۈزۈمىنى يېڭىۋاشتىن قۇردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ