UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭرويال پادىشاھى - لىست

رويال پادىشاھى - لىست

بەش مىڭ يىل ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋېنگرىيە - ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇ چاغدا، ۋېنگرىيىدە لىست فرانژ دېگەن ئاتاقلىق بىر مۇزىكانت مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ، رويال چېلىشقا ئۇستا بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى: >رويال پادىشاھى<، - دېيىشەتتى. لىست ئۇزاق مۇددەت چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇش جەريانىدا، ھەمىشە ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېقىپ يۈرۈپ ئويۇن قوياتتى، بەزىدە ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئويۇن قوياتتى. ئۇ، چەترەك شەھەرلەرگە ئانچە بارمايتتى، پەقەت چوڭ شەھەرلەردىلا ئويۇن قوياتتى. بىر كۈنى، كىچىك بىر شەھەردە، لىستنڭ بىر قىز شاگىرتى بۇ يەردە رويال كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىدۇ. مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، لىستنىڭ رويال چالغىنىنى بىۋاستە ئاڭلاشقا پۇرسەت بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىز شاگىرتىنىڭ چالغان رويالىنى ئاڭلىساقمۇ بىر خىل ھۇزۇر بولىدۇ، دەپ ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بېلەتنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئويۇن قويۇلىدىغان كۈننى تەلمۈرۈپ كۈتۈشىدۇ. بىراق، ئۇلار بۇ قىزنىڭ >لىستنىڭ قىز شاگىرتى< نىقابىغا كىرىۋالغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ئەسلىدە، ئۇ قىز نامى چىقمىغان رويالچى بولۇپ، >رويال پادىشاھى< لىسنىڭ ئابرويى ئارقىلىق مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى بولۇپ، ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانا ئالدىدىكى تاختايغا ئىختىيارىچە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قوشۇپ قويغانىدى. ئۇ، لىست بۇ كىچىك شەھەرگە زادى كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇنىڭ شاگىرتى نامىدا نىقابلىنىۋالغانلىقىمنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئىش مۇنداقمۇ ئېپىدە كېلەرمۇ، ھېلىقى قىز رويالچى ئويۇن قويۇش ئالدىدا، لىست تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالىدۇ. تېخىمۇ باب كەپقالغىنى، ئۇ ھېلىقى قىز چۈشكەن مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولۇپ، كىرىۋېتىپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئېسىلغان ھېلىقى تاختاينى كۆرۈپ قالىدۇ. لىست مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىدۇ ھەمدە ئىسمىنى تىزىملىتىدۇ. لىستنىڭ كەلگەنلىكى دەرھال ھېلىقى قىز رويالچىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ئۇ ئالاقزادە بولۇپ، شۇئان لىست ئورۇنلاشقان ئۆيگە كىرىپ، لىستنىڭ ئايىقىغا باش ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: - لىسىت ئەپەندى، مېنى كەچۈرسىڭىز، چۈنكى مەن... مەن... لىست دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن مۇلايىم ھالدا: - ئويۇن كېچىلىكىدە ئورۇندىماقچى بولغان مۇزىكىڭىزنى ھازىر ئاڭلاپ باقسام قانداق؟ - دەيدۇ. قىز رويالچى دەرھال بىر مۇزىكا ئورۇنداق بېرىدۇ. لىست ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بەزى ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، لىست ئۇنىڭ چالغىنىنى رەسمىي ئورۇنداشقا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ: - ھازىر مەن سىزگە رويال چېلىشنى ئۆگەتتىم، شۇڭا ئەمدى سىز ئىسمى - جىسمىغا لايىق >لىستنىڭ قىز شاگىرتى< بولدىڭىز، بۇ قېتىم سىز ئۇيۇشتۇرغان ئويۇن كېچىلىكىڭىزدە، مەخسۇز سىز ئۈچۈن بىر نومۇر ئورۇنداپ بېرەي، ئەگەر نومۇر تىزىملىكىنى باستۇرمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ نۇمۇرىمنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ، - دېدى رويالچىغا. قىز رويالچى يەنە يىغلاپ كەتتى. بىراق بۇ قېتىم تەشۋىشتىن ئەمەس، بەلكى تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى... لىستنىڭ مۇزىكىدا كامالەتكە يەتكەنلىكى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتتە كەڭ قورساقلىقى ئۇنى دۇنيادا يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر ئەربابلاردىن بىرى بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. لىستنىڭ بالىلىق دەۋرىدە، دادىسى ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتە ئالاھىدە تالانتى بارلىقىنى سېزىدۇ. دادىسى رويال چالسا ئۇ يېنىدا جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى. بىر قېتىم ئۇ، ئادەتتە ئاڭلاپ يۈرگەن بىر مۇزىكىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى چالىدۇ، بۇ ئىش دادىسىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. - دە، ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا رويال چېلىشنى ئۆگىتىش قارارىغا كېلىدۇ. مۇزىكىخانىدا بىتخوۋېننىڭ رەسىمى ئېسىقلىق تۇراتتى. لىست دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ھەمىشە مۇشۇ رەسىمدىن كۆىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. بىر قېتىم دادىسى ئۇنىڭدىن: - نېمىشقا بۇ رەسىمگە قاراۋېرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن ئاشۇ كىشىدەك بولاي دەيمەن! - دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ چاغدا، لىست ئەمدى ئالتە ياشقا كىرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، لىست خەت تونۇشتىن بۇرۇن نوتا ئۆگىنىۋالدى ھەمدە رويالنى خېلى ئوبدان چالىدىغان بولۇپ قالدى. لىست توققۇز ياشقا كىرگىنىدە، بىر ياش مۇزىكانت، مۇزىكا كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرۇپ، لىستنى رويال چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. 1820 - يىل 10 - ئايدا، ئۇ تۇنجى قېتىم تاماشىبىنلار ئالدىدا رويال چېلىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، دادىسى ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويۇن كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرۇشىغا يول قويدى. نەتىجىدە، ئۇ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ۋېنگرىيىلىك ئالتە ئاقسۆڭەك لىست ئورۇندىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تۇغما تالانتىدىن ئىنتايىن ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭ ئالتە يىل مۇزىكىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە يېتەرلىك راسخوت ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل يىغىش قىلىپ بەردى. بىراق، لىست ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنى مۇزىكا ئۆگىنىپ كەل، دەپ يالغۇز ئۆيدىن چىقارغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ دادىسى قايتا - قايتا ئويلىنىپ، ئاقسۆڭەكلەر خوجىلىق يېرىدىكى خوجىدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئوغلىنى باشلاپ ھەر جايلارغا بېرىپ مۇزىكا ئۆگىتىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئالدى بىلەن ئۇنى مۇزىكا ھاۋاسى ئەڭ قويۇق بولغان ۋېناغا ئاپىرىپ، ئۇنى ئاتاقلىق بىر رويالچىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت شاگىرتلىققا بەردى. ئاندىن، بىر مۇزىكا ئىجادىيەتچىسىدىن مۇزىكا ئىجاد قىلىشنى ئۆگىنىشكە بەردى. لىست كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالغا باستى. 12 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ۋېنادا ئويۇن كىىچلىكى ئۆتكۈزۈپ، پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. كېيىن، دادىسى ئۇنى يەنە پارىژغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە ئويۇن كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى. 13 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئويۇن كېچىلىكىدە ئورۇندىغان مۇزىكىسى ئوركېستىرلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، مۇزىكىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن پارىژ مۇزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. لىست 12 ياش ۋاقتىدىلا ياۋروپا مۇزىكا ساھەسىدە ئالاھىدە ئاتاق - ئابرويغا ئېرىشتى. 1836 - يىلى، ئۇ پارىژدا ئېقىپ يۈرۈپ ئويۇن قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ۋېنالىق بىر رويالچى - تارفېرمۇ پارىژغا يېتىپ كېلىۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى رويال سەنئىتى ئۈستۈن، ناھايىتى داڭلىق رويالچىلار ئىدى. ئۇلار، بىر يەرگە كېلىشى بىلەنلا، پارىژدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنى لىست تەرەپدارلىرى ۋە تارفېر تەرەپدارى دەپ ئىككىگە بۆلۈۋەتتى. بۇ ئىككى رويالچى تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا، ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار رىقابەتلىشىپ، بىرى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا رويال كېچىلىكى ئۆتكۈزسە، ئارقىدىنلا يەنە بىرى تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پارىژدىكى ئىككى چوڭ مەنسەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تالاش - تارتىشنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى، گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇلارنى سۇندۇرىدىغان ۋە ماختايدىغان ھەر خىل ماقالىلەر بېسىلدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، رىقابەت خاراكتېرىنى ئالغان ئويۇنلار بىر مەھەل قويۇلغاندىن كېيىن، لىست، ئۆزىنىڭ رەقىبى بىلەن بىرلىشىپ ئويۇن قويۇش قارارىغا كەلدى. تارفېر خۇشال ھالدا ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ بىر گېرتسوگ خانىمىنىڭ مېھمانخانىسىدا بىر قېتىم رويال كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. لىست تارفېرنىڭ چالغان رويالىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتى، ئىزدىنىشتى ۋە ئۆگىنىشتى، بىر - بىرى بىلەن دوست بولۇشتى؛ پارىژدىكى ئىككى مەنسەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارمۇ دەرھال بېسىقتى. لىست ئوتتۇرا ياشلىقلار قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەممە جايدا، ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇزىكا مەستانىلىرىنىڭ قاتتىق قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ ناھايىتى مەرد بولغاچقا، تاپقان كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش بىلەن تۈگەتتى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا بىتخوۋېنغا قىزغىن مۇھەببەتتە ئىدى، ئەمدى ئۆزى بىتخوۋېننىڭ ئاتاق - ئابرويىغا ئوخشاش ئاتاق - ئابرويغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئاۋۋالقىدەكلا ئىززەت - ئىكرام بىلدۈرەتتى. گېرمانىيىنىڭ كولن شەھىرىدىكى بىتخوۋېن خاتىرە مۇنارىسىنىڭ قۇرۇلۇش راسخوتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ تەقدىم قىلغان. كۆپ يىللار ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ ئويۇن قويۇش ئارقىلىق، لىست ئىنتايىن چارچىغانىدى. ياۋروپانىڭ 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇبىيىتىمۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. شۇڭا، ئۇ شۇ يىلدىن باشلاپ گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېيمار شەھىرىدە ئون نەچچە يىل تۇردى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ساياھەت قىلىپ ئويۇن قويۇش بىلەن بولماي، ئاساسلىق زېھنىنى مۇزىكا ئىجادىيىتىگە قاراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكىلىرى >دانتې ئىلاھ كۈيى سىمفونىيىسى< )دانتې ئىتالىيىنىڭ ⅩⅢ - ⅩⅣ - ئەسىرلەردىكى ئاتاقلىق شائىرى بولۇپ، >ئىلاھ كۈيى< ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى(، >فائۇستى سىمفونىيىسى< )فائۇستى گېرمانىيىنىڭ ⅩⅧ ئەسىردىكى ئاتاقلىق شائىرى گېئوتىنىڭ داڭلىق ئەسىرى >فائۇستى< دىكى باش قەھرىمان( قاتارلىقلارنى مۇشۇ مەزگىلدە ئىشلىدى. لىست يەنە >سىمفونىيە لىرىكىسى< گە ئوخشاش يېڭى مۇزىكا تۈرلىرىنى ئىجاد قىلدى. بۇ - بىر خىل ، نەيلىك - تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندىلىدىغان، >شېئىرىيەت مەزمۇنى< بار مۇزىكا. ئۇ، نەزمە، دراما، رەسساملىق ۋە تارىخي ئىش ئىزلارنى ۋەقەلىك قىلىپ، سيۇژىتنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى كەڭ قوللىنىپ، مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتتى. يېزىق ياكى تېما ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى شەرھلەيدىغان مۇزىكا >سەرلەۋھىلىك مۇزىكا< دەپ ئاتىلىدۇ. لىست ياراتقان سىمفونىيە >تاسو<، >ۋېنگرىيە<، >مۇقەددىمە كۈيى< قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئۇلۇغ ئەسەرلەر، شۇنداقلا يېقىنقى زامان سەرلەۋھىلىك مۇزىكىلار ئىچىدىكى ئاتاقلىق ئەسەرلەر. ئۇ رويال ۋە نەيلىك - تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكا ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ياۋروپانىڭ سەرلەۋھىلىك مۇزىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. لىست 60 نەچچە يېشىدا ۋېگرىيىگە قايتىپ كېلىپ، بۇداپېشت مۇزىكا ئۇنىۋېرستېتىنى قۇردى ھەمدە مەكتەپ مۇدىرى بولدى. 1886 - يىل 7 - ئايدا، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بۈگۈن، كىشىلەر بۇ >رويال پادىشاھى< نىڭ ئۆز قولى بىلەن چالغان، كامالەتكە يەتكەن رويال ئاۋازىدىن ھۇزۇلىنالمىسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ ياراتقان يېڭى مۇزىكا ژانىرلىرى بولسا مۇزىكا ساھەسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەرنىڭ سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىشىنى بېيىتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ