پارىياھلار
بەش مىڭ يىل
سىز بىلەمسىز؟ قەدىمى مەدىنىيەت دۆلىتى ھىندىستان دۇنياغا مەشھۇر بولغان مەدىنىيەت ئوچىغىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىل بۇرۇنلا ھىندى يېرىم ئارىلىدا ئۆزىگە خاس مەدىنىيەت ۋە ئۆرۈپ - ئادەت بارلىققا كەلگەن. بۇ يەردىكى ئاھالە دېھقانچىلىق ۋە قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللانغان، كېيىنچە بىر شەھەرمۇ بىنا قىلغان يەنە ئۆزىلىرىنىڭ يېزىقىنى ياراتقان. لېكىن، مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 - يىلى غەربىي - شىمال تەرەپتىن كەلگەن ئاق تەنلىكلەر ئۇلارنى بوي سۇندۇرغان. بۇ ئاق تەلىكلەر ئۆزلىرىنى «ئارىان» قەبىلىسى دەپ ئاتاشقا، بۇ، «كېلىپ چىقىشى ئالىقاناپلار» دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۇلار يەرلىك قارا تەنلىكلەرنى ياۋايىلار دەپ ئاتىغان. كېيىنكى چاغلاردا، ئۇلار رەڭ ۋە «كېلىپ چىقىش» قا قاراپ، ھىندىستاندا تائىپە تۇزۇمىنى بەرپا قىلغان.
تائىپە تۈزۈمگە ئاساسەن، كىشىلەر تۆت تەبىقىگە ئايرىلغان. بىرىنچى تەبىقە براخمانلار بولۇپ، ئۇلار ئاق تەنلىكلەردىن تەركىب تاپقان، بۇلار ھاپىز (نەزىر _ چىراق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاقسۆڭەكلەر) بولۇپ، ھەممىگە خوجايىنلىق قىلغان، ئورنىمۇ ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. ئىككىنچى تەبىقە شاترىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ زوركۆپچىلىكى ياساۋۇللاردىن تەركىب تاپقان، بۇلارنىڭ زوركۆپچىلىكى ياساۋۇللاردىن تەركىب تاپقان، بۇلار پادىشاھ ۋە تۈرلۈك ئەمەلدارلار بولغان. ئۈچىنىچى تەبىقە ۋائىسيا بولۇپ، بۇلار دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەردىن تەركىپ تاپقان، ئۇلار دۆلەتكە باج تاپشۇرۇپ، براخمانلار بىلەن شاترىيلەرنى باققان. توتىنىچى تەبىقە سدىرالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بوي سۇندۇرۇلغان يەرلىك ئاھالىلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ نۇرغۇنى قۇل ۋە ياللانما ئىشچى بولغان. ھەرقايسى تەبىقە ئارىسىدىكى ئىسىلزادىلىك - پەسلىك چېگىرىسى بەك قاتتىق ئايرىلىغان. بىر تەبىقە كىشىنىڭ باشقا تەبىقە كىشىسى بىلەن توي قىلىشمۇ چەكلەنگەن. توي قىلسا، تۇغۇلغان بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى «تېگى پەسلەر» دەپ، ياكى «پارىياھلار»، (يېقىن يولىغىلى بولمايدىغان ئادەملەر) دەپ ئاتالغان. ئەگەر بىرەر براخمان دىققەتسىزلىكتىن «تېگى پەسلەر» گە تېگىىپ كەتسە، ئۇنى نەس باسقانلىق دەپ قاراپ، ئۆيگە قايتىىپ تارەت ئېلىپ پاكىزلەنگەن. ئادەتتە «تېگى پەسلەر» دەپ ئاترالىغانلا كەنت سىرتىدىلا يېتىپ _ قوپقان، يول يۈرگەندە مەرتىۋىلىكلەر تېگىپ كەتمىسۇن دەپ قولىغا كوزا ئېلىپ ئۇرۇپ ماڭغان.
تۆۋەندە بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلىگىرى ھىندىستاننىڭ بىر كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
شۇ زاماندا، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ناھايىتى چوڭ بىر كەنت بولغان، بۇ كەنتتە ئىنتايىن باي بىر براخمان جەمەتى بار ئىكەن، باشقا ئاھالىلەرمۇ بولغان ئىكەن.
بۇ كەنتتە ئاترا ئىسىملىك چىرايلىق ۋە ئوماق بىر بالا بار ئىكەن، بىراق باشقا بالىلاردەك ئاق ئەتلىك ئەمەس ئىكەن. شۇڭا باشقا بالىلار بۇ بالىنىڭ براخمان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن. بىركۈنى بىرقانچە براخمال بالا مەكتەپتىن قايتقىچە ئاتراغا سومكىمىزنى ئېلىۋال دەپتۇ، ئۇ ئۇنىمىسا بالىلار ئۇنى ئۇرۇپتۇ ھەمدە «ھارامدىن بولغان» دەپ تىللاپتۇ. ئاترا يىغلىغان پېتى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ.
_ باشقىلار مېنى نېمىشقا ھەمىشە سەن براخمان ئەمەس دەيدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ بالام، _ دەپتۇ ئانىسى ئاترانىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ، _ خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن، بىز باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن براخمان...
_ ئۇنداق بولسا، براخمانلار ھاپىز بولالايدىكەن. براخمانلار زىياپىتىگە قاتنىشالايدىكەن، بىز نېمىشقا ئۇنداق قىلالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماق يىگىلى قويمايدۇ؟
ئانىسى ئاترانى نۇرغۇن پەپىلىسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلماپتۇ.
ئاترا بۇ كەنتتىمۇ پۈتۈن ھىندىستاندىكىگە ئوخشاشلا ئادەملەرنىڭ تۆت تەبىقىگە ئايرىلغانلىقىنى، براخمانلارنىڭ كەنتتە ھەممىگە خوجايىنلىق قىلىدىغانلىقىنى، سودرالار بىلەن «تېگى پەسلەر» دەپ ئاتالغانلارنى كىشىلەرنىڭ كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى بىلدىكەن. ئاترا كۆڭلىدە بىزنىمۇ براخمانلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ، سودرالار قاتارىغا ياكى تېگى پەسلەر قاتارىغا قوشۇۋەتسە، بۇ نېمە دېگەن دەھشەت - ھە! دەپ ئويلاپتۇ.
بىراق، گۇمان گۇمان پېتى قېلىۋېرىپتۇ. كىشىلەر بەزىبىر ئاساس تاپالماپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئاترا براخمانلار مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرىپتۇ. بۇ مەكتەپتە براخمانلارنىڭ دىنىي كالامى _ «ۋېدا كىتاۋى» ۋە قانۇنى _ «مانۇ قانۇنى» نى ئوقۇتدىكەن.
براخمان مۇئەللىم بىر قانۇن دەستۇرىنى قولىغا تۇتقىنىچە ئۇلارغا براخماننىڭ شەرەپلىك تارىخىنى سۆزلەيدىكەن ئاترا دەرس ئاڭلارۋېتىپ، تويۇقسىزلا سۇئال سوراپتۇ:
_ مۇئەللىم، كىشىلەر نېمىشقا بىر قانچە تەبىقىگە ئايرىلىدۇ؟
مۇئەللىم ئۇنىڭغا زەردە بىلەن ئالىيپتۇ، ئاندىن كېيىن «ۋېدا كىتاۋى» نى ۋاراقلاپ، قاتتىق تەلەپپۇز ھەم تەرسالىق بىلەن سۆزلەپتۇ:
_ كالامۇللادا ناھايىتى ئۇچۇق يېزىلغان: تەڭرى ئاغزى بىلەن براخمانلارنى، قولى ۋە مۇرىسى بىلەن شاترىيسلەرنى تىزى بىلەن ۋائىسيالارنى، تاپىنى بىلەن سودرالارنى ياراتقان.... ھەرقايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئورنىنىڭ يۇقۇرى _ تۆۋەن بولۇشى تەڭرىگە باغلىق!
_ ئۇنداق بولسا، _ دەپ سوراپتۇ ئاترا چۈشەنمەي، _ كۈنلەرنىڭ بىرىدە براخماننىڭ سودراغا، سودرانىڭ براخمانغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟
_ ھىم، ئۆلۈپ ئۇ ئالەمدە قايتا تىرىلسە مۇمكىن بۇلار، _ دەپتۇ مۇئەللىم دوق قىلىپ، _ ھايات ئادەملەرنىڭ ئورنى مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدۇ! ھەرقايسى تەبىقىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا نىكالىشىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، تەبىقىسى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرمۇ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ... شۇڭا براخماننىڭ پەرزەنتلىرى بولغان سىلەر ئورنۇڭلار ۋە شۆھرىتىڭلارنى چوقۇم قەدىرلىشڭلار كېرەك!
ئاترانى ۋەھىمە بېسىپتۇ. ئۇ ئەگەر مەن براخمان بولماي چىقسام قانداق قىلارمەن؟ دەپ دەككە - دۈككىدە قېلىپتۇ.
قورقۇنچلۇق ئىش ئاخىر يۈز بېرىپتۇ.
ھاۋا تۇتۇق كۈنلەرنى بىرىدە براخمان ھاپىزلىرى پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنى كەنت بېشىدىكى مەيدانغا يىغىپتۇ. بۇ، مەھبۇسلارنى جازالايدىغان يىغىن ئىكەن. شۇ ئەسنادا ھاپىز:
_ مەھبۇسنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ ئىگىز سۇپىدا تۇرۇپ.
قەددى - قامەتلىك بىر سودرا سۇپىغا چىقىرىلىپتۇ.
_ «مانۇ قانۇنى» غا ئاساسەن، توۋەن تەبىقىدىكىلەر يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرگە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزسە، جاۋاپكارنىڭ زىيان يەتكۈزگەن ئەزاسى كېسىپ تاشلىنىدۇ. ئۈلۈشكۈن بۇ سودرا ئىسىلزادە براخماننى ئىككى قولى بىلەن ئۇرغان، شۇڭا ئۇ جازالىنىش كېرەك! - دەپ ئۈنلۈك جاكالاپتۇ ھاپىز قولىدا «مانۇ قانۇنى» نى تۇتقان پېتى.
«گارت» لا قىلىپ بۇ سودرانىڭ ئىككى قولى كېسىپ تاشلىنىپتۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن تېگى پەسلەردەپ ئاتالغان بىرىسى سۇپىغا چىقىرىلىپتۇ. بىر قانچە ئادەم ئۇنىڭ بېشىنى بېسىپ تۇرۇپ تىلىنى كېسىپ تاشلاپتۇ، ئاندىن چوغ قىلىنغان بىر تال زىخنى قۇلىقىغا قايناپ تۇرغان ياغ قۇيۇپتۇ... ھاپىز ئۇنىڭ براخمان ھاپىزلىرى ئارقىسىدىن بىھورمەتسىزلىك قىلىپ سۆز - چۆچەك قىلغانلىق جىنايىتى بارلىغىنى جاكالاپتۇ.
ئاترا ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇن چىقارماي تۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىزدىن:
_ بۈگۈن بىز يالغاندىن براخمان بولۇۋالغان بىرسىنى قوغلاپ چىقىرىمىز، _ دەپ ئۈنلۈك جاكالاپتۇ ھاپىز، _ ئادەم ئەنە شۇ، - دەپ ئاترانى كۆرسىتىپتۇ. بۇ بالا قورققىنىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ، بېشىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا تىقىۋېلىپتۇ.
_ بۇ ئايالمۇ بىراخمان بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەس، _ دەپ ۋاقىراپتۇ ھاپىز ئاترانىڭ ئانىسىنى كۆرسىتىپ، _ تۈنۈگۈن باشقا يۇرتتىن كەلگەن براخمانلارنىڭ پاش قىلىشىچە. بۇ ئايال بىر سودراغا تەككەن. قاراڭلار، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ رەڭگىنىڭ قاپ _ قارا تۇرغىنىنى، نەدىمۇ براخمانغا ئوخشىسۇن! بۈگۈندىن تارتىپ بۇلانىڭ تېگى پەسلەر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن!
شۇ كۈندىن تارتىپ ئاترا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى كەنتتىن قوغلىنىپتۇ. بىراخمانلار بىلەن مەڭگۈ ئۇچرىشىپ قالمىسۇن ئۈچۈن، ئۇلار يول يۈرگەندە تېگى پەسلەرنىڭ بەلگىسىنى ئېسىۋېلىشقا ھەمدە بىر خىل غەلىتە ئاۋاز بىلەن ۋاقىراپ ياكى كۆزى ئۇرۇپ براخمان، شاتىرىيلەرنىڭ ئۆزىلىرگە تېگىپ كەتمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.
ئاترانىڭ ئانىسى بۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئۇ زاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن، ئاترا ئۆزىنى ئانىسىغا ئېتىپ:
_ نېمىشقا كىشىلەر تەبىقىگە ئايرىلىدۇ؟ ! _ دەپ ھۆكىرەپ يىغلىغان.
بۇنداق جىنايى تەبىقە تۇزۇمى ھىندىستاندا نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ تەسىر چوڭقۇر.