بىر مىنۇتلۇق ئادەملەر
بەش مىڭ يىل
ئارغىماقنىڭ تۈن كېچىدە كىشنىگەن ئاۋاز كۆكنى يېرىپ يىراقلارغا كەتتى.
ھۆرىيەت ئوغلانلىرى جەڭچىسىدىن بىرى سەكرەپ ئاتقا مىندى - دە، يېنىدا تۇرغان ئىشچىغا:
_ تېز بولغىن، ۋېليام! تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى كونكوردقا يېتىپ بېرىشىمىز كېرەك! - دېدى پىچىرلاپ.
- بولىدۇ، جەزمەن يېتىپ بارىمىز،! - دېدى ۋېليام دېۋىس سەكرەپ ئاتقا مىنىۋېتىپ ۋە ھۆرىيەت ئوغلانلىرى جەڭچىسىگە ئەگىشىپ يولغا راۋان بولدى.
ئارغىماق بوستوندىن «تاقاق - تۇقۇق!» قىلىپ يولغا چىقىپ، چوڭ يولدا غەربكە قاراپ ئۇچتى.
ئارغىماقلار «تاقىراق - تۇقۇرۇق...» چېپىپ تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ، ھايال قىلمايلا شەھەرنىڭ غەربىي چېتىدىكى لېكسىڭتون يېزىسىغا يېتىپ كەلدى.
بىر خەلق ئەسكىرى كۈزەت قىلىپ يۈرەتتى.
- ئەنگىلىيىنىڭ نەچچە يۈز مۇستەملىكىچى ئەسكىرى يولغا چىقتى! - دېدى ھۆرىيەت ئوغلانى خەلق ئەسكىرىگە خەۋەر بېرىپ ۋە ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.
ئۇلار يول بويىدىكى يېزىلارغا خەۋەر قىلىپ ماڭدى ۋە تاڭ يورۇشتىن ئاۋۋال كونكورد بازىرىغا يېتىپ كەلدى.
بۇ ھۆرىيەت ئوغلانى جەڭچىسىنىڭ ئىسىمى پائۇل شۇۋىر بولۇپ، خەلق ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەلچىلىك قىلاتتى. ئۇ، بوستون باش ۋالىسىنىڭ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى يوشۇرۇپ قويغان قورال - ياراقلارنى ئاختۇرماقچى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئىشچى دېۋىس بىلەن ئاتلىق يولغا چىقىپ، كېچىلەپ چېپىپ، يۈرۈپ جايلارغا خەۋەر بېرىۋەتتى. خەلق ئەسكەرلىرى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال يىغىۋېلىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۆكتى. بۇ 1775 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېچە ئىدى.
19 - كۈنى ئەتىگەندە، ئەنگىلىيىنىڭ بېغىررەڭ ھەربى كىيىملىك 800 پىيادە ئەسكىرى بىر شياۋشاۋنىڭ باشچىلىقىدا، بىر كېچە يول يۈرۈپ، لېكسىڭتون يېزىسىغا كىرىپ كەلدى، ئۇلار خىرە - شىرە كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ، شەھەر تومانلىرى ئىچىدە ئالدى تەرەپكە كۆز تاشلىغاندا، يېزا ئالدىدىكى ئوتلاقتا سەپ تارتىپ تەييار تۇرغان بىر توپ «بىر مىنۇتلۇق ئادەملەر» گە كۆزى چۈشتى.
شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى خەلقلەر خەلق ئەسكەرلىرىنى يېقىن كۆرۈپ «بىر مىنۇتلۇق ئادەملەر» دەپ ئاتايتتى. خەلق ئەسكەرلىرى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، سىگنالنى ئاڭلىغان ھامان، بىر مىنۇت ئىچىدىلا يولغا چىقاتتى، شۇڭا كۆپچىلىك ئۇلارنى «بىر مىنۇتلۇق ئادەملەر» دېيىشەتتى.
- توختا! - دېدى يولنى توساپ تۇرغان خەلق ئەسكەرلىرى غەزەپ بىلەن.
_ ئۇلاردىن قورقماي ئالغا باس! - دېدى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شياۋشاۋسى قوماندا قىلىچىنى ئېگىز كۆتىرىپ.
«پاڭ!» قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
لېكسىڭتوندىكى خەلق ئەسكەرلىرى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. ئوق تەككەن ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى پوك - پوك يىقىلدى.
ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ شياۋ شىياۋسى يەردە ياتقان ئەسكەرلىرىگە قاراپمۇ قويماي، «تېز مېڭىش!» دېدى ۋە قالغان ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ كونكورد بازىرىغا بېسىپ كىردى.
كونكورد بازىرىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قورال - ياراقلىرىنى يۆتكەپ بولغان، ۋەتەنپەرۋەر يولغاشچىلارمۇ يوشۇرۇنۇپ بولغان ئىدى، ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ شياۋ شياۋسى قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولدى.
شياۋ شياۋ ئىشنىڭ ئوڭىدىن كەلمىگەنلىكىنى بايقىدى - دە، «چېكىن!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، ئەسكەرلىرىنى ئالمان - تالمان بوستون تەرەپكە چېكىندۈردى.
«پاڭ - پۇڭ» قىلىپ ئۆگزىلەردىن ئوق ياغدى، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈستى - ئۈستىگە يىقىلدى.
«پاڭ - پۇڭ!» قىلىپ ئورمان ئىچىدىن يامغۇردەك ئوق ياغدى، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىدىن يەنە بىر تۈركۈمى يىقىلدى.
ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى يول بويىدىكى يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تاش تام ئارقىسىغا، دۆڭلەرگە ياكى ئۆيلەرنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغا مۆكۈپ تۇرۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان بېغىر رەڭ كىيىملىك ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى قارىغا ئېلىپ ئوققا تۇتتى، توختىماي ئوققا تۇتتى.ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى رەسۋا بولۇپ، بوستۇنغا قاراپ تىكىۋەتتى. جەڭدىن كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىدىن 247 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، خەلق ئەسكەرلىرىدىن نەچچە ئونلا كىشى قۇربان بولغان. بۇ، شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىگە بەرگەن تۇنجى زەربىسى ئىدى. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ پەم - پاراسەتلىك خەلق ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى قارشىلىق كۆرسىتىشتە جانلىق پارتىزان ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى ئوقى ئېتىلدى! ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىرىنچى ئوق ئېتىلدى! شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا قىتئەسى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقى لېكسىڭتون ئۇرۇشى تارىخىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قولىدا مىلتىق تۇتقان خەلق ئەسكىرىنىڭ مىس ھەيكىلىنى ياساتتى. بۇ خەلق ئەسكىرى جەسۇرانە قەد كۆتىرىپ، تاش تامغا مەزمۇت دەسسەپ، كۆزىنى ھۇشيارلىق بىلەن ئالدىغا تىكىپ، ھەيۋەت بىلەن تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى سىلىقلانمىغان، ئىنتايىن ئاددى تاش مۇنارغا مۇنداق خەت يېزىلغان:
فۇرۇنتنى چىڭ ساقلا. دۈشمەن ئوق چىقىرىشتىن ئاۋۋال ئوق چىقارما؛ ئەمما، دۈشمەن ئۇرۇشنى بىزگە تاڭىدىكەن، ئۇنداقتا، ئۇرۇش مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن!