UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىجادچىسى

قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىجادچىسى

بەش مىڭ يىل شۋېتسارىيىدىكى سيۇرىخ شەھىرىنىڭ دەل - دەرەخلىك سالقىن بىر چاغدا ئاق مەرمەردىن ياسالغان خاتىرە مۇنار بار. بۇ خاتىرە مۇنارنىڭ ئالدى تەرىپىگە كىمخابلىق بىر جەڭچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان بىر يارىدار جەڭچىگە سۇ ئىچۈرۈۋاتقانلىقى قاپارتما نەقىش قىلىپ ئويۇلغان كەينى تەرىپىگە - >ج. ھېنرى. دونانت 1828 - 1920 قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىجادچىسى< دېگەن ئۈچ قۇر ئاددىي خەت ئويۇلغان. قىزىل كرېست جەمئىيىتى - خەلقئارالىق پىدائىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەشكىلاتى، ھازىر ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتى. شۋېتسارىيىلىك دونانت بۇ تەشكىلاتىنى نېمە ئۈچۈن ھەمدە قانداق تەسىس قىلغان؟ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئىتالىيە يەنىلا چاك - چېكىدىن بۆسۈلگەن ھالەتتە تۇراتتى. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لومبادى شەھىرىگە ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ساردىنىيە پادىشاھلىقى ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاۋسترىيىگە بىرلىكتە زەربە بەردى. ئۇرۇش 1859 - يىل 4 - ئايدا پارتلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتالىيە ـ فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى لومبادىغا بېسىپ كىردى. ئىككى ئارمىيە سولفېرنودا جەڭ قىلدى. جەڭ ئاران 15 سائەت داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپتىن ھالاكەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. جەڭ مەيدانى جەسەتزارلىققا ئايلاندى. قان دەريا بولۇپ ئاقتى. جەڭ مەيدانىغا يېقىن كاستروپ بازىرىدىكى چېركاۋ، مەكتەپ ۋە خۇسۇسىي ئۆي - جايلار يارىدارلار بىلەن تولدى. 6 - ئاي مەزگىلى، 31 ياشلىق دونانت دەل مۇشۇ بازاردىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ، بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالنى كۆرۈپ قېتىپلا قالدى. >سۇ! سۇ! سۇ! ماڭا تېزرەك سۇ بېرىڭ!< - دەپ ئېچىنىشلىق ھالدا چىراقىرايتتى ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان يارىدار جەڭچىلەر ئۇنىڭ شىمىنىڭ پۇشقىقىنى تارتىپ تۇرۇپ. - ئەپەندى، ماڭا بىر پارچە داكا بەرسىڭىز...، - يەنە بىر يارىدار ئەسكەر ئۇنىڭغا يېلىندى. - ئەپەندى، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ھەربىي دوختۇر چاقىرىپ كەلسىڭىز، پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى... دونانت جەنۋەدە بىر باي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا نامرات، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە بەكمۇ ھېسداشلىق قىلاتتى. 18 يېشىدىن باشلاپ، ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا، غېرىپ - مىسكىن نامراتلارنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى؛ 20 يېشىدىن تارتىپ، ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈرمىگە بېرىپ، جىنايەتچىلەرنى يوقلاپ ئۇلارغا تارىخىي، ساياھەت خاتىرىلىرى ۋە ئىلىم - پەنگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىپ يۈرگەنىدى. ئەمدى، ئۇ بۇ يەردىكى يارىدار جەڭچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشسىز قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى - دە، يۈرىكىدە ھېسداشلىق ئوتى ياندى. - ھەربىي دوختۇرۇڭلار قېنى؟ ئۇلار نەگە كەتتى؟ - دەپ جىددىي ھالدا سورىدى دونانت يارىدار جەڭچىگە سۇ ئىچۈرۈۋېتىپ. يارىدار جەڭچى جاۋاب بېرەلمەي بېشىنى چايقىدى، دونانت يەنە بىر يارىدار ئوفىتسېردىن ھەربىي دوختۇرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىدى. - ھەربىي دوختۇر؟ - پەرىشان ھالدا جاۋاب بەردى ئوفىتسېر، - شۇنچە چوڭ قىسىمدا ئاران ئالتە ھەربىي دوختۇر بار، ئۇلار ھېچنېمە يېمەي، كۆزىنىمۇ يۇمماي ئىشلىسىمۇ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن يارىدارنى قۇتۇلدۇرۇپ بولالمايدۇ - دە! - ئاران ئالتە دوختۇر!؟ - دونانت چۆچۈپ كەتتى. ئۇ گەپ - سۆز قىلماستىن، دەرھال چېركاۋغا يۈگۈرۈپ بېرىپ دىن تارقاتقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىل قىلدى، كىشىلەرنى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا بىرلىكتە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتى تېزلىكتە تەشكىل قىلىندى. بۇ قوشۇندا دىن تارقاتقۇچىلار، ئاياللار ۋە يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر بار ئىدى. ئۇلار يارىدارلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭدى. ئۇلارغا سۇ ئىچۈردى، تاماق يېگۈزدى، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدى. دونانتمۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئاشۇ يەردە جان - دىلى بىلەن قۇتقۇزۇش ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. دونانت جەنۋەگە قايتىپ كەلدى، لېكىن سولفېرنو جېڭىنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى زادى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئويىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ، >سولفېرنو جېڭى ھەققىدە ئەسلىمىلەر< ناملىق كىتابچىنى يېزىپ، 1862 - يىلى جەنۋەدە ئېلان قىلدى. دونانت ئۆز كىتابىدا، ئادەتتىكى ئەسلىمىلەرگە ئوخشاشمىغان ھالدا جەڭ مەيدانىدىكى يارىدارلارنىڭ چىدىغۇسىز ئازابلىرىنى تەسۋىرلىرى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئەسىرلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، يارىدارلار بىتەرەپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇن تۈزۈش؛ ھەر قايسى دۆلەتتە پىدائىي قۇتقۇزغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇپ، تەربىيىلەنگەن بىلىملىك دوختۇر - سېسترالارنى توپلاپ، ئارمىيىدىكى داۋالاش خىزمىتىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، جەڭ پارتلىغان ھامان ئۇلارنى ئىختىيارىي ھالدا ئالدىنقى سەپكە ئاپىرىپ، ئېرقىي، دۆلەت تەۋەلكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي ئېتىقادىنى ئايرىماستىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. دونانت يەنە دەرھال خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىپ، بۇ جەمئىيەترنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنى قويدى. بۇ كىتابچە بېسىلىپ چىققاندىن كېيىن، دونانت ئۇنى شۋېتسارىيە دۆلەت مۇداپىئەسى باش قوماندانى گېنېرال دوففۇغا ئەۋەتىپ بەردى، گېنېرال كىتابچىنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، دونانتىنىڭ تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ دونانت ۋە ئادۋوكات مۇنىئەي بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر كومىتېت تەشكىللەپ، دونانتىنىڭ تەشەببۇسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇ كومىتېت 1863 - يىل 2 - ئايدا قۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئۇلاردىن باشقا يەنە ئىككى دوختۇر قاتناشتى. دونانت بۇ كومىتېتنىڭ كاتىپلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. دونانتىنىڭ كىتابچىسى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپاغا تارقالدى، ھەر قايسى تەرەپتىكىلەر بۇنى قۇۋۋەتلىدى، لېكىن، مۇشۇنداق بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ماقۇل بولۇپ، ئەھدىنامىگە ئورتاق ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بەش كىشىلىك كومىتېت ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا خەت يازدى؛ دونانت ئون نەچچە دۆلەتكە قاتراپ يۈۈپ تەشۋىق قىلدى. دونانت قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئاستىدا، بەزى دۆلەتنىڭ ئاتاقلىق ئەربابلىرى، خان ۋە باشلىقلىرى، ھەتتا سولفېرنو جېڭىگە بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان ناپولېئون Ⅱ مۇ قوللايدىغانلىقى بىلدۈردى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۋەدە جەمئىيەت قۇرۇش تەييارلىق يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا 16 دۆلەتتىن 36 ۋەكىل قاتناشتى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي پرىنسىپلىرى بېكىتىلدى. بۇ جەمئىيەتكە نېمىدەپ نام بېرىش كېرەك؟ قانداق بەلگە قوللىنىش كېرەك؟ دونانتقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ساھىبخان دۆلەت - شۋېتسارىيىنىڭ يىغىنىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن، ۋەكىللەر شۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگىنى ئاق، ئوتتۇرىسىدىكى كرېست بەلگىسىنى قىزىل قىلىپ ئۆزگەرتىپلا، ئۇنى بەلگە قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. قىزىل رەڭ ئىنسانىيەتنىڭ قېنى تۆكۈلگەن يارىدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئاق رەڭ خاتىرجەملىكنى ئىپادىلەيتتى. بەلگە بېكىتىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ نامى >خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى< دەپ ئاتالدى. 1864 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شۋېتسارىيىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن جەنۋەدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىپ، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەھدىنامىسى رەسمىي ئىمزالاندى. مانا بۇ كۈن، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى دۇنياغا كەلگەن كۈن بولۇپ قالدى. گېنېرال دوففۇ تۇنجى رەئىس بولدى. دونانت كاتىپ بولدى، دونانت خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋاقتى ھەم كۈچىنى سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ دادىسىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان بانكىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ناچار بولغانلىقتىن، 1867 - يىلى ۋەيران بولدى. بۇ چاغدا ئۇ پارىژدا بولۇپ، خەۋەرنى ئاڭلاپ ۋەتىنىگە قايتىشقا پېتىنالمىدى. شۇ يىلى 8 - ئايدا، ئۇ، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، پارىژدا نامرات تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ، كەمبەغەللەر مەھەللىسىدە ئولتۇردى. ھەتتا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەي، كېچىلەرنى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزدى. دونانت گەرچە يېنىدا بىر تىيىننىڭ سۇنۇقى بولمىسىمۇ، يەنىلا خەيرىيەت ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغۇللاندى. 1870 - يىلى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسى قورشاۋدا قالدى. ئۇ، بۇ ئورۇنلاردا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى. 1875 - يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى تامامەن نامرات سەرگەردانلىقتا ئۆتتى. كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىلى تاس قالدى. 1895 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ياخشى بىر مۇخبىر قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىجادچىسى بولغان بۇ كىشىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۋېتسارىيىگە بېرىپ، ئۇنى زىيارەت قىلدى. مۇخبىر 67 ياشلىق دونانتنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە تولىمۇ ھېسداشلىق قىلدى ۋە گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە ئۇنىڭ بەختسىزلىك سەرگۈزەشتىسىنى تونۇشتۇردى. بۇ ماقالە دەرھال ياۋروپا ئەللىرىنىڭ گېزىتلىرىدە بېسىلدى، دونانت يەنە بىر قېتىم دۇنياغا تونۇلدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۇنى ئىززەتلەش ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلەپ سان - ساناقسىز خەتلەرنى ئەۋەتتى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە خەير - ساخاۋەت ئورگانلىرى ئۇنى جەمئىيەت ئەزاسى ۋە پەخىر رەئىس بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، يەنى ئۇنى چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ قۇتلۇق سۆزلەر ۋە پەخىرنامىلەر نۇرغۇن ۋەقەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دونانتنى قىزىقتۇرالمىدى. ئۇ تۇرمۇشنى بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزۈۋەردى. 1901 - يىلى، دونانت ئىنتايىن مۇھىم شەرەپ قازاندى: نورۋېگىيە يىغىنى تۇنجى قېتىم تارقاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ، بۇنىڭغىمۇ قىزىقمىدى. ئۇ ئالغان مۇكاپات پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى شۋېتسارىيە ۋە نورۋېگىيە خەير - ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلدى. 1910 - يىل 10 - ئايدا، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئىجادچىسى دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. دونانت تەشەببۇسچىلىقىدا قۇرۇلغان خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى 120 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن تەرەققىي قىلىپ، تىنچ شارائىتتا تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، قان بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە خەۋەر ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر دۇنيادا 120 نەچچە دۆلەتتە قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇرۇلدى. پەقەت مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى جەمئىيەت بەلگىسى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، قىزىل كرېست ئورنىغا قىزىل يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ