UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھون چەۋەندازلىرىنىڭ ياۋروپاغا باستۇرۇپ كىرىشى

ھون چەۋەندازلىرىنىڭ ياۋروپاغا باستۇرۇپ كىرىشى

بەش مىڭ يىل مىلادى 3 - ئەسىردە بىر قىسىم گېرمانلار، ياۋروپانىڭ شەرقىي، جەنۇبىي قىسمىغا كېلىپ، ئىككى دۆلەت قۇردى. بىرى، شەرقىي گوتلار بولۇپ، ھازىرقى سوۋېت ئىتىتپاقىنىڭ ئوكرائىن ئەتراپلىرىغا توغرا كېلىدۇ، بىرى، غەربىي گوتلار بولۇپ، ھازىرقى رۇمىنىيە ئەتراپلىرىغا توغرا كېلىدۇ. 374 - يىلى، قۇدرەتلىك بىر چەۋەندازلار قوشۇنى شەرقىي گوتلار دۆلىتىنىڭ زېمىنىگە ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئۇلار دوغىلاق، پاكار، يۇمۇلاق يۈزلۈك، قاڭشالىق، شالاڭ ساقاللىق، جەڭگە ماھىر پالۋانلر بولۇپ، بويى زىلۋا ئۇزۇن، سوقا يۈزلۈك، قاڭشالىق، قويۇق ساقاللىق ياۋروپالىقلارغا زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش تاكتىكىسى - يىراقتىن ئوق - يا بىلەن ئېتىش، ئۇچراشقاندا قىلىچۋازلىق قىلىش، يۈگۈرۈك تۇلپارلارغا مىنىۋېلىپ گاھ يىغىلىپ، گاھ تارقىلىپ، گاھ بىرلىشىپ، گاھ يەككە جەڭ قىلىش، بىلىندۈرمەي بېسىپ كېلىپ، ئىز - دېرەكسىز يوقىلىش ئىدى، بۇ تاكتىكا، ياۋروپالىقلارنىڭ جەڭ قىلغاندا يىراقتىن نەيزە ئېتىش، ئۇچراشقاندا خەنجەر تقىپ ئۆلتۈرۈش، ھارۋىلىق قىسىملار بىلەن پىيادە قىسىملار بىرلىكتە سەپ تۈزۈپ مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ زادىلا ئوخشاشمايتتى. دېمەك، بۇ قۇدرەتلىك چەۋەندازلار قوشۇنى خۇددى ئەينى چاغدىكى بىر رىم تارىخچىسىنىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك: >ئۇلار بۇ يەردىكىلەر بىلمەيدىغان بىر خىل كىشىلەر بولۇپ، گويا ئۇچار سەركەردىلەر ئاسماندىن چۈشكەندەك توساتتىن پەيدا بولۇپ، دەھشەتلىك چىققان قۇيۇندەك ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى قويماي بىتچىت قىلاتتى.< شەرقىي گوتلار دۆلىتىنىڭ ياشىنىپ قالغان پادىشاسى بۇ قۇدرەتلىك قوشۇننىڭ قاياقتىن كەلگەنلىگىنى بايقىۋالالماي، ئالاقزادىلىك بىلەن ھەربىي قىسىم تەشكللەپ تاقابىل تۇردى. ئەمما، پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن سەپ تۈزۈپ مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلغان گوتلار، چەۋەنداز قىسىملارنىڭ جانلىق ھەم كۈچلۈك ھۇجۇمىغا قانداقمۇ تاقابىل تۇرالىسۇن؟ ئۇرۇش نەتىجىسىدە شەرقىي گوت قىسىملىرى ئۈزۈل - كېسىل، پاجىئەلىك مەغلۇپ بولدى، ياشانغان پادىشا ئۈمىتسىزلىكتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا شەرقىي گوتلار تەسلىم بولغانلىقىنى جاكالىدى. بۇ قۇدرەتلىك چەۋەندازلار كىملەر ئىدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى >ھون< دەپ ئاتايتتى. ھونلارنىڭ يېزىقى بولمىغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يازما ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلىيلمايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ داھىسى، ھونلار دۆلىتىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالاتتى. ئۇلاردا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ نۇرغۇنلىغان دانا ھەم باتۇر >تەڭرىقۇت< لار ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشچىلىقىدا ھونلار تەرەپ - تەرەپلەردە جەڭ قىلغان. ئۇلارنى جۇڭگو تارىخىي مەنبەلىرىدىكى خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، ھون دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھونلار ئىكەنلىگى مەلۇم بولدى. ئەسلىە مىلادى 1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا )جۇڭگونىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە(، ھونلار سىيانچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ئىدى. جەنۇبىي ھونلار سەددىچىندىن بېسىپ كىرىپ، خەنزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى؛ شىمالىي ھونلار ئۇزاق - ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئورال تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا كىرگەن. ھونلار ياۋروپادىن غەرپكە يۈرۈش قىلغان بىرىنچى جەڭدە شەرقىي گوتلارنى يوقاتقان ئىدى. شەرقىي گوتلار يوقىتىلغاندىن كېيىن، غەربىي گوتلار خۇددى ئوق - يادىن ئۈركۈپ كەتكەن قۇشلاردەك ئارقا - ئارقىدىن چەتكە قاچتى، 763 - يىلى ئۇلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە پانالىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئەلچى ئەۋەتتى. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاسى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، غەربىي گوتلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ زېمىنىگە چىقىپ كېتىپ، دوناي دەريا ۋادىلىرىنى ھونلارغا تاشلاپ بەردى. ھونلار، دوناي دەريا ۋادىلىرىنى ئىشغالىيىتىگە ئالغاندىن كېيىنلا، تىغىنى جەنۇبقا قارىتىپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە يۈرۈش قىلدى. ۋە تاكى كونىستانتىنپولغىچە بېسىپ باردى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ھونلارغا ھەر يىلى 2100 قاداق ئالتۇن خىراج تۆلەيدىغان بولدى ھەمدە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھونلارغا بۆلۈپ بەردى. 444 - يىلى، ھون ئىمپېرىيىسى دوناي دەرياسى بويىدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇنىڭ زېمىن تەۋەلىگى ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە ھالقىدى ۋە شەرق تەرەپتە كاسپى دېڭىزدىن باشلىنىپ، غەرپ تەرەپتە رىيىن دەرياسىغىچە جەنۇب تەرەپتە بالقان ئارىلىغىچە، شىمال تەرەپتە ئادىرىياتىك دېڭىزىغىچە يېتىپ باردى. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەنرىڭ پادىشالىرى ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئاتامانلىرى ھون ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ خىراج تۆلىدى. 450 - يىلى، ھون ئىمپىرىيىسىنىڭ خاقانى ئاتىللا لەشكەر تارتىپ غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، ئۇ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە >تېچىلىق نىكاھ< تەلىۋىنى قويدى )غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىنى تەڭ بۆلۈشۈۋېلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولدى(، ئۇنىڭ بۇ تەلىۋى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ھونلار خاقانى 451 - يىلى لەشكەر تارتىپ غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ، تاكى پارىژ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورلېئانغىچە باستۇرۇپ باردى ۋە غەربىي گوتلارنىڭ پادىشاسىنىمۇ ئۆلتۈردى. غەربىي گوتلىقلار پادىشاھ ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم ئېچىپ، جاسارەت بىلەن مۈشكۈل جەڭلەرنى قىلىپ، ئاخىرى ھونلارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشىنى مەغلۇپ قىلدى. 452 - يىلى، ھونلار ئالپىسىر تېغىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلدى، قەدىمىي شەھەر رىم خەۋپ ئاستىدا قالدى، چىقىپ كەچۈرۈم سوراپ، ھون خاقانىدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئۆتۈندى. ئىككىنچى يىلى، ھون خاقانى ئالەمدىن ئۆتتى، ھونلار دونيا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا ) ھازىرقى ۋېنگرىيە ئەتراپلىرىدا( ماكانلاشتى. ھون چەۋەندازلىرى ياۋروپا قۇرۇقلۇغىدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ توپ - توغرا 80 يىل ئۇدۇل كەلگەن يەرگە بېسىپ كىرىپ يۈردى. مۇشۇ 80 يىل داۋامىدا، ھون چەۋەندازلىرىنىڭ زەربىسى بىلەن غەربىي گوتلار دونيا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيەگە بېرىشقا مەجبۇر بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنى ھالاك قىلدى؛ شۇندىن كېيىن يەنە گاللىيە ) ھازىرقى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى( دىن ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە كىرىپ غەربىي گوتلار پادىشاھلىقىنى قۇردى. ھالبۇكى، ئەۋىلىسىدە ئىسپانىيىدە ياشايدىغان ۋاندارلار نائىلاجلىقتىن ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، شىمالىي ئافرىقىغا كىردى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى - ۋاندارلار پادىشاھلىقىنى قۇردى. دېمەك، بۇ 08 يىل ياۋروپا مىللەتلىرى زورتۈركۈملەپ كۆچكەن، زور دەرىجىدە بىر بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن 80 يىل بولدى. شۇنداقلا ياۋروپانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدە چوڭ تەۋرىنىش بولغان 80 يىل بولدى. بۇ چوڭ تەۋرىنىش يىللىرىدا تېشى پال - پال، ئىچى چىرىك ھەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قۇللۇق تۈزۈم ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋروپا تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ھون چەۋەندازلىرىنىڭ ياۋروپاغا باستۇرۇپ كىرىشى | UyghurWiki | UyghurWiki