UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسارايېۋودىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى

سارايېۋودىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى

بەش مىڭ يىل ⅩⅨ ئەسىر ئاخىرلىشىپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ كىرىشىگە كاپىتالىزم دۇنياسى يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا - جاھانگىرلىك باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ چاغدا، كاپىتالىستىك زومىگەرلەر پۈتكۈل دۇنيانى ئاساسىي جەھەتتىن بۆلۈشۈپ بولغانىدى، لېكىن كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس ئىدى. كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانسېرى خام ئەشيا شۇنچە كەمچىل بولدى. كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانسېرى خام ئەشيا شۇنچە كەمچىل بولدى. رىقابەت ۋە دۇنيا بويىچە خام ئەشيا مەنبەلىرىنى قوغلىشىش مەقسىتىدىكى كۈرەشلەرمۇ شۇنچە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش كۈرىشى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈشنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى، شۇڭا، ئۇرۇش - جاھانگىرلىكنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولدى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 1 - قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا پارتلىدى. بوسىنىيىنىڭ پايتەختى سارايېۋودا )ھازىر بۇ يەر يۇگوسلاۋىيىگە قاراشلىق( يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئوت تۇتاشتۇرغۇچىسى بولدى... 1914 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، ھەشەمەتلىك بىر پويىز سارايېۋو ۋوگزالغا كىرىپ كەلدى. بۇ پويىزدا دەۋران سۈرۈۋاتقان فرانس فرېدىناند ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى سوفى كىنەز كەلگەنىدى. ئۇلۇغبەگ ئاۋسترىيىنىڭ شاھلىق ۋارىسى ئىدى. فرېدىناند بۇ يەردىكى ھەربىي مانېۋر ئاياغلىشىشىغا كۆزىن كەچۈرۈشكە كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا، ئاۋسترىيە بىلەن ۋېگرىيە بىرلىشىپ، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بولۇپ بولغان، بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى بوسىنىيىنى قورال كۈچى بىلەن يۇتۇۋەتكەنىدى. فرېدىناند ئۇچىغا چىققان مىلىتارست بولۇپ، ئۇ يەنە يېقىن قوشنىسى بولغان سېربىيە )ھازىر يۇگوسلاۋىيىنىڭ تەۋەلىكىدە( نىمۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ تېرىتورىيىسىگە كىرگۈزۈۋېلىش قەستىدە ئىدى، ئۇ شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋرمۇ دەل ئاشۇ سېربىيىنى تەسەۋۋۇرىدىكى دۈشمەن قىلغانىدى. فرېدىناندنىڭ قەستەن ئېغىۋاگەرچىلىك سېلىشى سېربىيە مىللەتچىلىرىدە ئىنتايىن زور غەزەپ قوزغىدى. بىر ھەربىيلەر تەشكىلاتى ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، فرېدىناند سارايېۋوغا كەلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق، ئاۋسترىيە - ۋېگرىيە ئىمپېرىيىسىىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىغا زەربە بېرىشكە تەييارلاندى. سېربىيىلىك يەتتە نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ياش فرېدىناندىنىڭ ماشىنا قوشۇنى ئۆتىدىغان كوچىنىڭ يېنىغا يوشۇرۇندى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 23 ياش، ئەڭ كىچىكى 17 ياش ئىدى. سائەت ئوندىن ئۆتۈپ ھايال بولمايلا ئالتە دانە ئۈستى ئوچۇق ماشىنا ۋوگزال تەرەپتىن ئاستا - ئاستا چىقىپ كەلدى - دە، سارايېۋو شەھەرلىك مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. بىرىنچى ماشىنىدا سارايېۋو شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە ساقچىلار مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى ئولتۇراتتى. فرېدىناند ئۇلۇغبەگ ئەر - خوتۇن ئىككىنچى ماشىنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، بوسىنىيىنىڭ باش ۋالىيسى سولدىكى قاتلىما ئورۇندۇقتا. ئۇلۇغبەگنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەمەلدارى شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانىدى. باشقا تاپانداقلار ۋە ھەمراھلار ئارقىدىكى بىر نەچچە ماشىنىدا كېلىۋاتاتتى. بۇ، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. كوچىلاردا كىشىلەر تىقما - تىقماق يۈرۈشەتتى. فرېدىناند ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى بۇ شەھەردە كۆز - كۆز قىلماي، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاز - تولا ئۇتۇۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەچكە، قوشۇنلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزمىگەنىدى. كوچىلارنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە ژاندارما ۋە ساقچىلار شالاڭ يۈرۈشەتتى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تولىمۇ بىخەستىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ ھال قەستلەپ ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت بولدى. ماشىنا قوشۇنى شەھەر مەركىزىدىكى بىر كۆۋرۈككە كەلگەندە ئۇ يەرگە يوشۇرۇنغان بىرىنچى قەستلىگۈچىگە يېقىنلاشتى. ئەمما، شۇئان بىر ساقچى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەچكە، ئۇ، قول سېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. ئىككىنچى قەستلىگۈچى بۇ يەردىن ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىغان كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ ماشىنا قوشۇنىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر دانە بومبىنى شاھانە شىلەپە كىيىپ كېتىۋاتقان ئۇلۇغبەگكە قارىتىپ تاشلىدى. شوپۇر ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ قېلىپ دەرھال ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى - دە، بومبا كوزۇپىىڭ ئايىغىغا چۈشۈپلا يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى ۋە ئۈچىنچى ماشىنىنىڭ ئالدىدا پارتلىدى. گۇمباڭلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ ماشىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىنىڭ كامېرى يېرىلدى ۋە چاچراپ چىققان بومبا پارچىلىرى باش ۋالىينىڭ ياردەمچىسى سوفىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئايال بىلەن ئەتراپتا قاراپ تۇرغان بىر نەچچەيلەننى يارىدار قىلدى. بومبا تاشلىغۇچى ياش بومبىنى تاشلاپ بولۇپلا، بىر كىچىك شېشىدىكى زەھەرنى ئىچتى - دە، دەرياغا سەكرىدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئۇ دەرھال دەريادىن سۈزۈۋېلىندى. ئۇ دەھشەت ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، لام - جىم دېمەي تۇراتتى. فرېدىناند، بۇ قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ زىيارىتىگە بولغان قارشىلىق دەپ چۈشەندۈرۈشنى خالىماي، سىپاگەرلىك بىلەن: - بۇ ئەبلەخ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ! تېز بولۇڭلار، بىز ئۆزىمىزنىڭ تەرتىپىمىز بويىچە كېتىۋېرەيلى، - دېدى. ماشىنىلار دەرھال شەھەرلىك مەمۇرىيەت مەھكىمىسىگە ھەيدەپ بېرىلدى. شەھەر باشلىقى قارشى ئېلىش نۇتىقى سۆزلەشكە تەمشىلىۋىدى، غەزەپلەنگەن فرېدىناند ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭ بىلىكىدىن قاتتىق تارتىپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى: - شەھەر باشلىقى ئەپەندىم، مەن بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلدىم، بۇ يەردىكى كىشىلەر مېنى بومبا بىلەن كۈتۈۋالدىغۇ! شەھەر باشلىقى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. بەختكە يارىشا فرېدىناند ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى قويۇپ بەردى ۋە: - بوپتۇلا، ئەمدى سۆزلەڭ، - دېدى. شەھەر باشلىقى قارشى ئېلىش نۇتىقىنى كېكەچلىگەن ھالدا ئوقۇپ بولدى. فرېدىناند كۆكەرمىلىك بىلەن باش ۋالىيدىن سورىدى: - باش ۋالىي ئەپەندىم، سىزچە بىز ئەسلىدىكى پىلانىمىز بويىچە دۆلەت مۇزېيىنى زىيارەت قىلساق بولارمۇ؟ - جانابىي ئالىيلىرى، - دەپ جاۋاب بەردى باش ۋالىي ھۇدۇقۇپ تۇرۇپ، - تامامەن بولىدۇ، مەن بۇنداق رەزىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ تەكرارلانماسلىققا كېپىللىك قىلىمەن. خاتىرجەم بولسىلا، پادىشاھ ئالىيلىرى. - ئۇنداقتا مۇزېيىغا بېرىشتىن بۇرۇن، دوختۇرخانىغا بېرىپ بومبىدا زىيانلانغۇچىلاردىن ھال سوراپ كېلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىز. ھەمسەپەرلەر قايتىدىن ماشىنىغا چىقتى. بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھاپىزەتچى ئەمەلدار ماشىنىنىڭ سول تەرىپىدىكى پەشتىقىغا چىقىپ خەنجەرنىڭ سېپىنى تۇتقان ھالدا فرېدىناند ئەر - خوتۇننى قوغداپ ماڭدى. چۈنكى باياتىنقى بومبا سول تەرەپتىن تاشلانغان ئىدى. بىرىنچى ماشىنىنىڭ شوپۇرىغا پىلاننىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىش لازىملىقى ئۇقتۇرۇلمىغان ئىدى. فرېدىناند ئەر - خوتۇن ئولتۇرغان ماشىنا بىرىنچى ماشىنىغا ئەگىشىپ مۇزېي تەرەپكە كېتىپ قالدى. باش ۋالىي يولنىڭ توغرا مېڭىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شوپۇرغا ماشىنىنى دوختۇرخانا تەرەپكە ھەيدەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن فرېدىناند ئولتۇرغان ماشىنا دەل سېربىيىلىك بىر ۋەتەنپەرۋەر ياشنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. 19 ياشلىق گافللۇ پرىنتسىپ بولۇپ، بۇ قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدىكى ئەڭ قەيسەر، ئەڭ باتۇرلىرىدىن بىرى ئىدى. فرېدىناند ئولتۇرغان ماشىنا ئۆزىدىن ئىككى مېتىرغا يەتمەيدىغان ئارىلىقتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، پرىنتىسىپ تاپانچىسىنى شارتتىدە ئالدى - دە، >تاڭ - تۇڭ!< ئىككى پاي ئوق ئاتتى. بىرىنچى ئوق فرېدىناندنىڭ بوينىغا تەگدى. ئىككىنچى ئوق سوفىنىڭ قورسىقىنى بۆستى. ئىككىيلەن خۇنۈك كۆزلىرىنى ئالدى تەرەپكە تىككەن ھالدا، شۇ پېتى ئولتۇرۇپ قالدى. مۇھاپىزەتچى ئەمەلدار ماشىنىنىڭ چىقىش پەشتىقىدا تۇرغىچە نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا تۇرۇپ قالدى. باش ۋالىي، فرېدىناند ئەر - خوتۇننى ئامان - ئېسەن دەپ شوپۇرغا دەرھال باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى. ماشىنىنىڭ سىلىكىنىشى بىلەن فرېدىناند ئارقا - ئارقىدىن قان تۈكۈرۈشكە باشلىدى. سائەت 11 دىن ئۆتكەندە ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئۆلۈپ كەتتى. پرنىتسىپ ئىككى پاي ئوق ئاتقاندىن كېينلا، دەرھال تاپانچىنى ئۆزىنىڭ بېشىغا توغرىلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. ئەمما ياندا قاراپ تۇرغان بىرى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. شۇ ھامانلا، ئۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بىردەملىك ئېلىشىش جەريانىدا ئۇمۇ كىچىك بىر شېشە زەھەرنى يۇتۇۋالدى. ئالدىنقى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈچىگە ئوخشاش، ئۇمۇ قاباھەتلىك تولغىنىپ قەي قىلدى ۋە قۇستى، بۇ زەھەر بەك سۇيۇق ياكى مۆھلەتتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولغاي ئېھتىمالىم، ئۇ شۇ يەردىلا ئۆلمىدى. فرېدىناند ئەر - خوتۇننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئاۋسترىيىگە سېربىيىنى يۇتۇۋېتىشكە چوڭ باھانە بولدى. ۋەزىرلەر 82 ياشلىق قېرى پادىشاھنى سېربىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە بەل باغلاشقا ئارقا - ئارقىدىن كۈشكۈرتتى. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى قېرى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا يەنە بىر قېتىم ئالدىراتتى. قېرى پادىشاھ ئارىسالدى بولۇپ، ئۇنىڭدىن: - ئەنگلىيە، فرانسىيە، بولۇپمۇ روسىيە بىزگە باستۇرۇپ كەلسە بۇ ئۇرۇشنى قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى. - بىزگە گېرمانىيىنىڭ كاپالىتى بارغۇ؟ گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام Ⅱ ۋە ئۇنىڭ زۇڭلىسى ئاللىقاچان دىپلوماتىيە ۋەزىرىمىزگە ئاغزاكى كاپالەت بېرىپ، ئىتتىپاقداش ۋە دوستانە قوشنا دۆلەت سۈپىتىدە ئارقا تىرىكىمىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. - ئۇلارنىڭ كاپالىتىگە ئىشەنچ قىلالامسىز؟ - دېدى قېرى پادىشاھ شۈبىھلىنىش تەلەپپۇزى بىلەن، - ناۋادا بىر روسىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساقمۇ ئۇلار بىز تەرەپتە تۇرالارمۇ؟ - ئۇ بىر قۇر ئويلاندى - دە، ئۆز - ئۆزىگە سۆزلىدى، - مەن ۋىليام Ⅱ جانابلىرىغا ئۆز نامىمدا بىر خەت يېزىپ تىڭ تىڭلاپ كۆرەي. قېرى پادىشاھنىڭ ئەنسىرىشى بىھۇدە ئەمەس ئدى. چۈنكى، روسىيە ئۆزىنىڭ سېربىيىگە جايلاشقان بالقان يېرىم ئارىلىدىكى مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايتتى ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە توختامنامە تۈزۈپ بولغانىدى، ئاۋسترىيە سېربىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئارىلىشىشىغا گەپ سىغمايتتى. شۇڭا گېرمانىيىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يەڭگىللىك بىلەن ئۇرۇش باشلاشقا بولمايتتى. ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيە پادىشاھى، قوشۇنلىرىنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەنىدى. ئۇ، ئاۋسترىيىنىڭ سېربىيىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق، روسىيىنىڭ بالقان ئارىلىدىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، شۇ ئاساستا، روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋروپانىڭ زومىگىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا سارايېۋودىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان، ئۇ ئاۋسترىيىنى قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەنىدى. قېرى پادىشاھنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە تەرەپتە قەتئىي تۇرىدىغانلىقىنى دەرھال ئىپادىلىدى. گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىنى ئالغاندىن كېيىن، قېرى پادىشاھ سېربىيىنى يۇتۇۋېتىشكە ئاخىرقى ھېسابتا بەل باغلىدى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە، ئاۋسترىيە ئەلچىسى سېربىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. ئۇلتىماتۇمدا قاتتىق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاۋسترىيىگە قارشى بارلىق تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئاۋسترىيىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى جازالاش، ئاۋسترىيە ئادەم ئەۋەتىپ سارايېۋودىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان قاتىلنى بىللە سوت قىلىشنى ھەمدە بۇ تەلەپلەرگە ئىككى سوتكا ئىچىدە جاۋان بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى سوتكا مۆھلەت توشۇشتىن ئون مىنۇت ئىلگىرى، سېربىيىنىڭ زۇڭلىسى شەخسەن ئۆزى ئاۋسترىيە كونسۇلخانىسىغا كېلىپ ئۇلتىماتۇمغا جاۋاب بەردى. بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىش سېربىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاۋسترىيىنىڭ ئارىلىشىشىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەمما زۇڭلى ئاخىرقى بىر نۇقتىدىن باشقىسىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى. لېكىن، ئاۋسترىيە ئاللىقاچان ئۇرۇشۇش قارارىغا كېلىپ، بولغانىدى، شۇڭا شەرتلەرنى تولۇق قوبۇل قىلمىدى. دېگەننى باھانە قىلىپ، كونسۇلخانا خادىملىرىغا سېربىيىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق بەردى. 28 - كۈنى چۈشتە، ئاۋسترىيە - ۋېگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە قوشۇنلىرى سېربىيىنىڭ پايتەختى بېلگرادنى توپقا تۇتۇشنى باشلاپ، ھەش - پەش دېگۈچە 5000 دىن ئارتۇق ئاھالىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىككى چوڭ جاھانگىرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۇرۇش قۇرۇلمىلىرى ئىنتايىن تېزلىكتە ھەرىكەتكە كەلدى. 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى روسىيە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى گېرمانىيە روسىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، روسىيىدىن 12 سائەت ئىچىدە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. روسىيە بۇ تەلەپلەرگە جاۋابمۇ بەرمىدى. سەپەرۋەرلىكنىمۇ توختاتمىدى. شۇ كۈنىلا گېرمانىيە فرانسىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇشۇپ قالسا، فرانسىيىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇش - تۇرماسلىقىنى سورىدى. فرانسىيە ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، گېرمانىيە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە شۇ كۈنى كەچقۇرۇندا، روسىيگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنىلا فرانسىيىمۇ ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە بۇيرۇق چۈشۈردى. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، گېرمانىيە بېلگىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بېلگىيە زېمىنى ئارقىلىق فرانسىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بېلگىيە بۇ تەلەپنى رەت قىلدى. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، گېرمانىيە فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، گېرمانىيە بېلگىيىگە ھۇجۇم قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە گېرمانىيىنىڭ بېلگىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى بۇزغانلىقىنى باھانە قىلىپ، گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاۋسترىيە - ۋېگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ياۋروپادىكى ھەر قايسى جاھانگىرلىك چوڭ دۆلەتلەر بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇرۇشنىڭ ئوتى ئىنتايىن تېزلىكتە ياۋروپادىن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگىچە كېڭىيىپ كەتتى. 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ياپونىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 1917 - يىل 4 - ئايدا، ئامېرىكىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشتى. 1918 - يىلىغا كەلگەندە، دۇنيا بويىچە ئالتە قىتئەدىكى 33 دۆلەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز بولغان بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق جاھانگىرلار گۇرۇھى >ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر< تەرەپ دەپ ئاتالدى؛ ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق جاھانگىرلار گۇرۇھى >كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر< دەپ ئاتالدى. سارايېۋودىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئوت تۇتاشتۇرغۇچىسى بولدى، خالاس. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە قوشۇنلىرىنىڭ بېلگرادنى توپقا تۇتۇشقا ئەگىىشپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئاللىبۇرۇن تۈزۈپ قويغان ئۇرۇش پىلانى بويىچە، ئالدى بىلەن فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ