ھەيكەلتاراشلىقنىڭ بۈيۈك ئۇستازى - ردىن
بەش مىڭ يىل
فرانسىيە ھەيكەلتاراشلىقىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى - رودىن، بالزاكنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرىدۇ. ھەيكەل پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ بىر نەچچە شاگىرتىنى باشلاپ كېلىپ، بىرلىكتە ئۇنى كۆرىدۇ.
ھەيكەلدە يارىتىلغان ئوبراز ئۆزگىچە ئىدى، بالزاك ئۇخلاش كىيىمىنى يېپىنچاقلىغان ھالدا، ئىككى قولىنى مەيدىسىگە گىرەلەشتۈرۈپ، كەڭ پېشانىلىك بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇدۇلغا كۆز تىكىپ تۇراتتى.
- مۇئەللىم، - دېدى بىر شاگىرتى ھەيكەلنىڭ قوللىرىنى كۆرسىتىپ، - ھەيكەلنىڭ ئىككى قولى بەك ئوخشاپتۇ! مەن مۇنداق مۇكەممەل قاتۇرۇلغان قولنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن.
ئەپسۇسكى، شاگىرتنىڭ ماختىشى بىلەن تەڭ رودىننىڭ قاپىقى تۈرۈلىدۇ. ئۇ بىر ھازا چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، بىردىنلا پالتىنى ئېلىپ، ھەيكەلنىڭ ئىككى قولىنى چاپتى. شۇئان بۇ >مۇكەممەل قول< ئۈزۈلۈپ چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، شاگىرتلىرى ھەيران قېلىشىدۇ.
- مۇئەللىم! - دەپ ۋارقىراپ تاشلايدۇ بىر شاگىرتى ئىچى سىيرىلغان ھالدا، - نېمە بولدىڭىز؟ بۇ ھەيكەلگە بەش يىل قان - تەر سىڭدۈرگىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، نېمىشقا بىردەمدە...
- بۇ ئىككى قول بەك گەۋدىلىنىپ كېتىپتۇ! ـ دېدى رودىن جىددىي قىياپەتتە، - بۇ ئىككى قولنىڭ ھاياتى بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ قوللار، بۇ ھەيكەلگە مەنسۇپ بولمايدۇ. شۇنى چوقۇم ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، ھەقىقەتەن مۇكەممەل بولغان بىر سەنئەت بۇيۇمىنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىكى پۈتۈن گەۋدىدىنمۇ مۇھىم بولمايدۇ!
رودىن بۇ ھەيكەلنى فرانسىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتۇرغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ، ھەيكەلنىڭ ئىككى قولىنى چانىۋەتتى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇئان بۇ ھەيكەلنىڭ رودىنغا زاكاز قىلىنغان بالزاكنىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. رودىن بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئېچىنىدۇ، لېكىن ئۇ كىىشلەرگە: >مەن قاتۇرغان ھەيكەل ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ!< - دەپ ئالدىن ئېيتىدۇ ھەمدە بۇ ھەيكەلنى ئۆزىنىڭ بېغىغا ئاپىرىپ ئورنىتىپ قويىدۇ. كېيىن، دېگەندەك ئۇنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى راست بولۇپ چىقىدۇ. بالزاكنىڭ ھەيكىلى دۇنياغا مەشھۇر قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالىدۇ.
رودىن 1840 - يىلى پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇ 14 يېشىدا رەسىم سىزىش ۋە ماتېماتىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى، ئۇستازىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاددىي تەسۋىر ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىدى. ئۇ، ئەسلى رەسسام بولۇش ئويىدا بولسىمۇ، كېيىن ھەيكەلتاراشلىققا قىزىقىپ قالدى - دە، ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئىجادىيىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتتى.
1875 - يىلى رودىن ئىتالىيىگە ساياھەتكە بارىدۇ. ئۇ، ئۇ يەردە ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىكى ھەيكەلتاراشلىق مىكلانگېلو قاتارلىقلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. كېيىن، ئۇ، >تۇچ دەۋرى<، >غۇسۇل تاھارەت قىلغۇچى جون< قاتارلىق ھەيكەللرنى ئىشلەپ، ئاز - تولا ئاتاق - ئابرويغا ئېرىشىدۇ.
1880 - يىلى، رودىن پارىژ سەنئەت مۇزېيىنىڭ دەرۋازىسىنى بېزەش ئىجادىيىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دەرۋازىنى قانداق بېزەش كېرەك؟ ئۇ ئىتالىيىدىكى چېغىدا داڭلىق فلورېنسىيە ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىدا، بۇ دەرۋازىنىڭ پەۋقۇلئاددە سەنئەت زىننىتىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى - دە، ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇزېيغا سەنئەتلىك زىننەتلەنگەن دەرۋازا ياساشقا تەييارلاندى.
ئۇنىڭ تەپەككۇرى بويىچە، پۈتكۈل قۇرۇلۇش 186 ئويما ھەيكەلنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇ يىلى، رودىن ئۇلاردىن >پىكىر يۈرگۈزگۈچى<، >ئۈچ ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسى< قاتارلىق ئەسەرلىرىنى پۈتتۈردى. كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇ يەنە بىر نەچچە ئەسەرنى پۈتتۈردى، لېكىن پۈتكۈل قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچىرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى.
بۇ سەنئەتلىك دەرۋازىنى ياساش باشلىنىپ ئۈچىنچى يىلى، دەل فرانسىيىنىڭ كاتتا يازغۇچىسى گيوگونىڭ 80 ياشقا كىرگەن يىلى ئىدى. ئىنسانىيەتكە ئۇلۇغ تۆھپە قوشقان بۇ پىشقەدەم يازغۇچىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، >مارسېل گېزىتى< نىڭ كاتىپى رودىننى، گيوگونىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. رودىنمۇ گيوگوغا ئىنتايىن چوقۇناتتى، شۇڭا بۇ تەكلىپكە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
ئويلىمىغان يەردىن، گيوگو، رودىننىڭ ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال رەت قىلىدۇ:
- مېنى كەچۈرۈڭلار! 80 ياشقا كىرىپ قالدىم، سەنئەتكارلارنىڭ ئازابلىشىغا بەرداشلىق بەرگۈچىلىكىم قالمىدى!
بۇ زادى قانداق ئىش؟ رودىن تىڭ تىڭلاپ يۈرۈپ، مۇنۇ ۋەقەنى بىلىۋالىدۇ: يېقىندا بىر ھەيكەلتاراش گيوگونىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرماقچى بوپتۇ، ئۇ گيوگونى يېرىم ئايغىچە كۈنلۈكى بىر نەچچە سائەت مىدىراتقۇزماي ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىنى كۈيۈشتۈرۈپ، بەللىرىنى ئالغۇسىز قىلىۋېتىپتۇ. ئاخىر ھەيكەل ناھايىتى ئۆلۈك ۋە جانسىز بولۇپ چىقىپتۇ. گيوگى ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئىككىنچى ھەيكەلتاراش بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى قارار قىلىپتۇ.
رودىن ئىشنڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، گيوگونىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم بارىدۇ.
- گيوگو ئەپەندى، مېنىڭ ھەيكەل قاتۇرۇشۇم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. سىز تۇرمۇشىڭىزنى ئۆز ئادىتىڭىز بويىچە ئۆتكۈزۈۋېرىسىز، مەن سىزگە قىلچە كاشىلا قىلمايمەن.
- ئەگەر مەن سەيلىگە چىقسام ۋە ياكى مېھمان قوبۇل قىلسامچۇ؟
- ئۇنىڭغىمۇ كاشىلا قىلمايمەن، پەقەت بىر تەرەپتە تۇرۇپ كۆزەتسەملا بولدى.
گيوگو، رودىننىڭ سەمىمىي پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگىمۇ قىلچە ئاۋارىچىلىك يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى.
- بىراق مەن يەنە بىر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، - دېدى بوۋاي، - سىز لاي، ياغاچ جازىسى قاتارلىق نەرسىلىرىڭىزنى بۇ يەرگە ئەكەلمەڭ، چۈنكى، مەن پاكىزلىقنى ياقتۇرىمەن، ئۆينى پاسكىنا قىلىۋېتىشنى خالىمايمەن.
- بولىدۇ، تەلىپىڭىز بويىچە ئىشلەي.
رودىن، گيوگو بىلەن ۋاقىتنى پۈتۈشۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كۈنلۈكى دەل ۋاقتىدا بارىدۇ. مەيلى گيوگو شىرەگە دۈمچىيىپ بىر نەرسە يېزىۋاتقان بولسۇن، ياكى پۈتۈن دىققىتى بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان بولسۇن؛ مەيلى ھويلا - ئاراملاردا ئايلىنىپ يۈرگەن بولسۇن؛ ياكى مېھمانخانىدا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولسۇن، ئۇ بىر چەتتە جىم تۇرۇپ كۆزىتىپ، تېز سىزىش دەپتىرىگە قېرىنداش بىلەن دەسلەپكى لايىھىسىنى سىزىۋالىدۇ. ئىلھامى كەلگەن چاغلاردا سىزىپ بولۇپلا دەرھال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، ئىشخانىسىدا لاي بىلەن ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇۋالىدۇ.
بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، ھەيكەلنى ئاخىر قاتۇرۇپ بولدى.
كىشىلەر بۇ ئالاھىدە سەنئەت بۇيۇمىغا يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى. رودىن ياراتقان گيوگونىڭ ئوبرازى سىرتقى كۆرۈنۈشتە بەئەينى ئۆزىگە ئوخشاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇ پېشقەدەم يازغۇچىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە چوڭقۇر ئوي - پىكرى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. گيوگومۇ بۇ ھەيكەلنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندى. ناھايىتى قىيىن شارائىتتا يارىتىلغان بۇ قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى رودىننىڭ ئۆز ئۆمرىدە ياراتقان ئاتاقلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىن فرانسىيە دۆلەتلىك گۈزەل - سەنئەت سارىيىغا قويۇلدى.
رودىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان ھەيكەلتاراشلىقنىڭ بۈيۈك ئۇستازى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنيادىكى چوڭ - چوڭ موزىيلار سېتىۋالدى، ئۆزى بولسا نۇرغۇن شان - شەرەپ ۋە ئۇنۋانلارغا ئېرىشتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ساقلاپ كەلگەن بۇيۇملىرىنى ساقلاش ئۈچۈن كونا بىر خان سارىيى بىناسىنى ئىجارىگە ئالىدۇ ھەمدە 1916 - يىلى بۇ يەردە رودىن مۇزېيى ئاچىدۇ.
1917 - يىل 11 - ئايدا، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۇ ھەيكەلتاراشلىقنىڭ بۈيۈك ئۇستازى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ قەبرىسىگە >پىكىر يۈرگۈزگۈچى< دېگەن ھەيكەل قويۇلدى. بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق، شۇنداقلا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.