UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى

بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل ئىۋان بولوتنىكوۋ يانچىلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، گىروي، كۈچتۈڭگۈر، ناھايىتى چىچەن، باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا، پومىشچىكلارنىڭ زۇلمىغا چىدىيالماي، كازاك يايلاقلىرىغا قېچىپ باردى، نەتىجىدە تاتارلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، تۈركلەرگە سېتىۋېتىلىپ كېمىچى قۇل بولۇپ قالدى. كېمىچى قۇللار پۈتۈنلەي ھايۋان كەبى تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئادەتتىكى چاغلاردا تويغۇدەك تاماق، ئىسسىغىدەك كىيىمگە ئىگە بولالمايتتى، سەپەرگە چىققاندا تېخىمۇ زور جەۋرى - زۇلۇملارغا ئۇچرايتتى. ئۇلار كېمە ھۇجرىلىرىنىڭ ئاستىدىكى ئۇزۇنچاق كۇسىغا قاتار - قاتار باغلانغان ھالدا توختىماستىن پالاق ئۇرۇپ ماڭاتتى. كىمكى ئاز - پاز بوشاڭلىق قىلسا، پايلاقچى شۇ ھامان ئۇنى زەردە بىلەن قامچىلايتتى. بىرمۇنچە قۇللار ئەنە شۇ سەۋەبلىك ئۇزۇنچاق كۇسىدا ئۆلۈپ كەتتى. بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، تۈركلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بولوتنىكوۋ ھەر ھالدا ئازاتلىققا ئىگە بولۇپ، ۋېنېتسىيىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ياۋروپانىڭ بىرقانچە دۆلەتلىرىدە سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، 1606 - يىلى يازدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ چاغدا، قاچقان دېھقانلار ۋە چاكارلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىپ، روسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توپلانغان ئىدى. ئۇلار يېڭىدىن چار پادىشاھ بولغان شۇئىسكىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا چىدىيالماي، قوزغىلاڭ كۆتىرىش ھەققىدە غۇلغۇلا قىلماقتا ئىدى. باتۇر بولوتنىكوۋ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنلا كۆپچىلىكنىڭ ئىززەتلىشى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ داھىيىسى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى 7 - ئايدا، بولوتنىكوۋ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، پوتىپول شەھىرىدىن موسكۋاغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قەدىمى يەتكەن يەرلەردىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، پومىشچىكلارغا قارشى تۇردى ۋە قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى؛ بىرمۇنچە شەھەر يوقسۇللىرىمۇ كېلىپ بۇ قوشۇنغا قوشۇلدى. يول بويى چار پادىشاھنىڭ بىرمۇنچە قوشۇنلىرىنى بىتچىت قىلدى. يېلېنتىس دېگەن شەھەرگە بارغاندا، ئۇلار يالغان چار پادىشاھ دىمتىرى ساقلىغان زور تۈركۈمدىكى قوراللارنى تېپىۋالدى - دە، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قۇدرەتلىنىپ كەتتى. ئەسلىدە چار پادىشاھ شۇئىسكىغا قارشى بولغان ئاقسۆڭەك، پومىشچىكلارمۇ ئەسكەر باشلاپ كېلىپ بۇ سەپكە قوشۇلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 150 مىڭ كىشىگە يەتتى. بولوتنىكوۋ ئۆزى قوشۇننىڭ قوش بېگى بولۇپ، سەپكە قوشۇلغان ئاقسۆڭەك - پومىشچىكلارنى ئوفىتسېر قىلىپ تەيىنلىدى. قوزغىلاڭچىلار مەملىكەت بويىچە 70 نەچچە شەھەرنى ئىشغال قىلدى. 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى موسكۋانىڭ يېنىغا قىستاپ كېلىپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. چار پادىشاھ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ پايتەختنى قورشىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن، جىددىي تۈردە ھەمدەمچى قوشۇنلارنى يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇداپىئەنى كۈچەيتتى. موسكۋا شەھىرىنىڭ سېپىللىرى ئۈچ قات بولۇپ، بىردەك تاشتىن ياسالغاچقا، مۇداپىئەلىنىشكە ئاسان، ھۇجۇم قىلىپ كىرىشكە تەس ئىدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى قۇدرەتلىك ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ زادىلا چېكىنمىدى ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك قورشاۋغا تەييارلىق كۆردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، شەھەر ئىچىگە تەشۋىقات ۋارىقى تاشلاپ، شەھەردىكى دېھقانلار ۋە چاكارلارنى قوزغىلىپ يانچىدار ۋە پومىشچىكلارنى يوقىتىشقا چاقىردى. ھالقىلىق پەيتتە، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئاقسۆڭەك، پومىشچىكلار ئۇشتۇمتۇت ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ چار پادىشاھ تەرەپكە ئېغىپ كەتتى. ئارقىدىنلا چار پادىشاھنىڭ زور تۈركۈمدىكى ھەمدەمچى قوشۇنلىرى موسكۋاغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە ئۈستۈنلۈك چار پادىشاھنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى موسكۋانىڭ يېنىدىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپتىكى گالۇگاغا چېكىنىپ چىقىپ، ئۇ يەردە مۇداپىئە كۆردى ھەمدە ئەتراپتىكى رايونلاردا قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتتى. بۇ قېتىمقى جەڭدە، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنغا كىرىۋالغان ئاقسۆڭەك، پومىشچىكلار ئارقىغا قارىتىپ نەيزە ئۇرمىغان بولسا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى ئۆز ئالدىغا چېكىندۈرەلمەيدىغانلىقى چار پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە تايىن ئىدى. شۇڭا، ئۇ بىر تەرەپتىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بېرىش ئۈچۈن زور قوشۇن ئەۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاقسۆڭەك، پىمىشچىكلارغا بولۇشىچە خوشامەت قىلدى. ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەدبىرى - قاچقان دېھقانلارنى ئىزدەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش بولدى. ئىلگىرى چار پادىشاھ: ھۆكۈمەت، قاچقىنىغا بەش يىل بولمىغان دېھقانلارنى پومىشچىكلارغا ياردەملىشىپ تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلىگەن بولسا، ھازىر ئۇ ۋاقىت چەكلىمىسىنى 15 يىلغا ئۇزارتتى. شۇ ئارقىلىق ئاقسۆڭەك پومىشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور دەرىجىدە قوغداپ، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىگە تارتىۋالدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى باستۇردى. 1607 - يىلى باھاردا، چار پادىشاھنىڭ زور قوشۇنى گالۇگانى قورشاۋغا ئالدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىرنەچچە تارماق جەڭگىۋار قوشۇنىنىڭ يار - يۆلەكتە بولۇشى بىلەن 5 - ئايدا دۈشمەننىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. ئارقىدىنلا، بولوتنىكوۋ غوللۇق كۈچىنى تۇلا شەھىرىگە يۆتكەپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى يەنە بىر تاماق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. ئاقسۆڭەك، پومىشچىكلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، چار پادىشاھ يەنە بىر مەرتىۋە قوشۇن توپلىدى ۋە ئۆزى قوماندان بولۇپ تۇلا شەھىرىگە ئاتلاندى ھەمدە بۇ شەھەرنى تېزلىكتە قورشىۋالدى.، تۇلا شەھىرىنى قورشاپ توپ - توغرا تۆت ئاي داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا، چار پادىشاھ قوشۇنى سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بولسا، ئاچارچىلىق ھالاتتە تۇرۇپلا قالماستىن، قورال - ياراق، ئوق - دورا جەھەتتىمۇ كەملىكنى تولدۇرالمىدى. ئەمما، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى شەھەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ تۇرغاچقا، چار پادىشاھ قوشۇنى بۆسۈپ كېرەلمىدى. كۈز كەلدى، چار پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان زىمىستان سوغۇقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا زەھەرخەندە پىلاننى ئىشقا سالدى: قىسىملىرىغا تۇلا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى دەرياغا توغان سېلىپ، شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى دەريانى توساپ، بۇ دەريانىڭ سۈيىنى تۇلا شەھىرىگە قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ سۈيى تۇلا شەھىرىگە شارقىراپ كىرىشكە باشلىدى - دە، بىردەمدىلا شەھەرنى بېسىپ كەتتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قولىدا قېپقالغان ئاشلىق ۋە ئوق - دورىلار سۇغا غەرق بولۇپ كەتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جىددىي خەۋپ ئاستىدا قالدى. دەل مۇشۇ پەيتتە كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال يۈز بەردى: يالغان چار پادىشاھ دىمتىرى بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ موسكۋاغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ نېمە دېگەن غەلىتىلىك؟ ھېلىقى يالغان چار پادىشاھ ئۆتكەن يىلى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ جەسەت كۈلىمۇ توپنىڭ ئوق چىقىدىغان ئېغىزىغا سېلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن تۇرسا، نېمە بولۇپ يەنە ئىككىنچىلەپ دىمتىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ ئەسلىدە بۇمۇ پولشانىڭ ھىيلىسى ئىكەن! ئۇلار بۇ چاغدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم دىمتىرى ئەمەس، باشقا بىر كىشى بولۇپ، راست دىمتىرى قېچىپ ۋارىسلىق قىلغىلى كەلدى، دەپ ئىغۋا تارقاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ پولشا يۆلەپ چىقارغان يەنە بىر قورچاق ئىدى. شۇئىسكى بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى پەرىشان بولۇپ، ئۆزىنىڭ 2 - پولىس بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىدىن قوغلاپ چۈشۈرۈلۈشىدىن قورقتى. ئەمما، ئۇنىڭدا ھەم قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا، ھەم بۇ پولشالىق قورچاققا تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچ يوق ئىدى. شۇڭا، تەكرار ئويلانغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى تەسلىم بولۇشقا ئالداشنى مۇۋاپىق كۆردى. چار پادىشاھ دەرھال بولوتنىكوۋ بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ: ئەگەر شەھەردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسەڭلار، ھاياتىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىمىز، دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ۋەدە بەردى. بولوتنىكوۋ ئالدىنىپ، چار پادىشاھنىڭ قىلتىقىغا چۈشتى - دە، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شەھەر بويىچە تەسلىم بولدى. شۇئىسكى، تۇلا شەھىرىنى ئېلىپ بولۇپلام بولوتنىكوۋغا كويزار - كىشەن سېلىپ موسكۋاغا يالاپ ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق بەردى. يېرىم يىلدىن كېيىن، بولوتنىكوۋغانىڭ ئىككى كۆزى ۋەھشىيلىك بىلەن ئويۇپ تاشلاندى ۋە ئۇ دەرياغا تاشلاپ غەرق قىلىۋېتىلدى. بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى روسىيە تارىخىدا، 1 - قېتىملىق زور كۆلەملىك دېھقانلار ئۇرۇشى ئىدى. 1613 - يىلى، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئاساسىدا، روسىيىدە ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىق - رومانوۋ پادىشاھلىقى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ