تىز پۈكمەس ئېفىئوپىيە
بەش مىڭ يىل
1935 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىتالىيىدىكى رىم شەھرىدە قىزىق بىر كومىدىيە ئوينالدى.
«دۈم - دۈم- دۈم! دۈم - دۈم - دۈم! » قىلىپ چېلىنغان دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ئۇچىسىغا ئاق يەكتەك، بېشىغا ئېگىز قالپاق كىيگەن ، يېنىغا تاپانچا ئاسقان فاشىستلار گۇرۇھى رەت - رەت تىزىلىپ، مەيدانغا قاراپ ئاقتى. ھەر بىر ئەترەتنىڭ ئالدىدا پالتىنى ئوراپ تۇرغان بىر باغلام كالتەكنى سخېمىسى چۈشۈرۈلگەن بايراق تۇراتتى. بۇ سېخىما فاشىتلارنىڭ بەلگىسى ئىدى.
قىيسق ئېڭەكلىك بىر كىشى پاراخوت مۇنبىرىگە چىقتى. ئۇ ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئاندىن بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
_ مانا ئەمدى ئېفىئوپىيە مەسىلىسىنى ئۆمۈرۋايەتلىك ھەل قىلىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى! بۇنىڭدىن 39 يىل ئىلگىرى، بىز بۇ مەملىكەتكە يۈرۈش قىلىپ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، 11 مىڭ ئادىمىمىز ئۆلگەنىدى. ھازىر مەن ئىتالىينىڭ باش ۋەزىرى سۈپىتىم بىلەن جاكارلايمەنكى، ئۇلارنى جازالاش كېرەك . . .
سۆزلەۋاتقان بۇ كىشى فاشىتلار گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى مۇسسولىنى ئىدى. فاشىستلار گۇرۇھى بۇ يەرگە يىغىلىپ، ئومۇمىي ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى!
ئەتىسى ئىتالىيىنىڭ تولۇق قوراللانغان 300 مىڭ تاجاۋۇزچى ئەسكىرى ئەلپازىنى بۇزۇپ، ئېفىئوپىيىگە شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلدى.
ئېفىئوپىيە ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بايلىقى مول، ئاق ئالتۇن (پلاتىنا) ۋە سېرىق ئالتۇن كۆپ چىقىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە، قىزىل دېڭىزنىڭ مۇداپىئە دەرۋازىسى بولۇپ، ئەزەلدىنلا جاھانگىرلار تالىشىپ كەلگەن سىتېراتىگىيىلىك مۇھىم جاي ئىدى. شۇ كەملەردە ئىتالىيە بۇدۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سومالى بىلەن ئېرېترىينى بېسىۋالغان بولۇپ، مانا ئەمدى قەدىمىي فېئودال پادىشاھلىق ئېفىئوپىيىنى يۇتۇۋالماقچى بولدى.
ئېفىئوپىيە خەلقى قەھىرىمان خەلق، ئۇلار زامانىۋى قورال - ياراغلار بولمىغان بىلەن، قەتئىي ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بار. ئۇلار نەيزە - كالتەكلەر بىلەن قوراللىنىپ ئىتالىينىڭ چىش - تىرنىقىچە قوراللانغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلدى.
17 - ئۆكتەبر كۈنى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبە شەھىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. 100 مىڭ ئەسكەر ۋە ئامما مەيدانغا يىغىلىپ، داغدۇغىلىق قەسەمياد يىغىن ئاچتى.
_ ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ياشايمىز! ۋەتەن ئۈچۈن جېنىمىز پىدا!
_ ھەرگىز ئىتالىيىگە قۇل بولمايمىز!
شوئار سادالىرى كەينى - كەينىدىن ياڭراپ، پۈتۈن مەيداننى كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى قاپلىدى.
يېشىل، سېرىق، قىزىل رەڭدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 50 مىڭ كىشىلىك ئېفىئوپىيە ئەسكەرلىرى رەتكە تىزىلىپ مەيدانغا كىرىپ كەلدى. ئۇلار نەيزىلەنگەن ئۇزۇن مىلتىقلارنى كۆتۈرۈپ، جاسارەت ۋە غەيرەت بىلەن پارات قوبول قىلدى.
_ بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز! تاجاۋۇزچىلار چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ! - مەيداننى شوئارلار قاپلىدى.
ياش پادىشاھ خائىل سىلات پارات مۇنبىرىگە چىقىپ، تەنتەنىلىك نوتۇق سۆزلىدى:
_ ئىتالىيە فاشىتلىرى زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلدى. ھازىر ئەڭ ئېغىر كۈنلەر يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قوراللىنىپ، ۋەتەننى تېزدىن قوغداڭلار!
_ دۈشمەنگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆلسەكمۇ تىز پۈكمەيمىز! - 100 مىڭ كىشى يەنە بىر قېتىم تەڭلا شوئار توۋلىدى.
50 مىڭ ئەسكەر تەكشى قەدەم تاشلاپ پارات مۇنبىرى ئالدىدىن ئۆتۈپ، مەيداندىن چىققان پېتى ئۇدۇل جەڭ مەيدانىغا ماڭدى.
يىغىندىن كېيىن پادىشاھ سىلاس ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. پۇقرالار ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىدىغان قوشۇنلارنى تەشكىل قىلدى. تېجەپ قالغان ئاشلىق ۋە گۆش - پۆشلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ ئارمىيىنى تەمىنلىدى. شەرقتىكى قۇملۇقلاردا قوشۇنلار ئىچىدىغان سۇ قىس ئىدى. چارۋىچىلار سۇنى تۇلۇملارغا قاچىلاپ يىراق جايلاردىن ئېشەك - قېچىرلارغا ئارتىپ، ئەسكەرلەر چۈشكەن بارگاھلارغا توشۇدى. ياش ئوقۇغۇچىلار شەھەر كوچىلىرى ۋە سەھرالاردا تەشۋىقات تەرغىبات ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ئاياللار قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەشكىل قىلىپ، ئالدىنقى سەپتە يارىدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئارمىيە بىلەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، قوشۇنلارغا ھەرخىل ئويۇنلارنى قويۇپ بەردى. ھەربىيلەر بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولۇپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا قەسەمياد قىلدى.
ئېفىئوپىيىدىكى ھەربىي ۋە خەلقلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىتالىيە ئەسكەرلىرى ناھايىتى ئاستا ئىلگىرلىدى. جەڭنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىلا ئىتالىيە ئونمىڭغا يېقىن ئادىمىنى چىقىم تارتتى. ئۇلارنىڭ تېز غەلىبە قىلىش سۈيقەستى تارمار بولغاندىن كېيىن، فاشست تاجاۋۇزچىلار نۇرغۇن ئايروپىلان ئەۋەتىپ، دەھشەتلىك بومباردىمان قىلدى. ئېفىئوپىيىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك خارابىيلىككە ئايلاندى. 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىلا ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئېفىئوپىيە زېمىنىنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمىنى بېسىۋالالىدى. شەرق، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىن كەلگەن تاجاۋۇزچى ئارمىيە ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختىگە يېقىن جايغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى خاراب ئىدى. يەرلىك ئاھالە چېكىنىش ۋاقىتىدا ئاشلىقلارنى يۇشۇرۇپ قويۇپ، قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ئىتالىيە ئەسكەرلىرى ئوزۇقلىنالمايدىغان ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
_ قۇدۇق! بۇ يەردە قۇدۇق سۈيى بار ئىكەن! - دېدى ئىتالىيە ئەسكەرلىدىن بىرى گويا يېڭى قۇرۇقلۇقنى تېپىۋالغاندەك قىيا - چىيا قىلىپ، بىرمۇنچە تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر سۇ ئىچىش ئۈچۈن يىغىلدى. ئۇلار مىڭ تەسلىكتە قايناتقان سۇنى ئىچكەندە، «تۇزلۇقكەن، شاكىراپكەن! بۇ سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ! » - دېيىشىپ چوقان كۆتۈردى. يەرلىك ئاھالە بۇ قۇدۇققا نۇرغۇن تۇزنى تۆكۈۋەتكەنىدى. ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىلاجسىز قالدى.
19 - نويابردىن 21 - نويابرغىچە پادىشاھ سىلاس ئايروپىلان بىلەن جەنۇبىي سەپكە بېرىپ ئارمىيىدىن ھال سورىدى ئېفىئوپىيە قوشۇنلىرى غايەت زور دەرىجىدە روھلاندى. ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قولدىن كەتكەن نۇرغۇن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىتالىيە ئەسكەرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي سەپتىكى قوشۇنلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نۇرغۇن تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرنى يوقاتتى ۋە يارىدار قىلدى. موسسۇلىنى ئىزا - ئاھانەتچە چىدىماي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ئىتالىيە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئىتالىيە ئارمىيىسنىڭ باش شتاب باشلىقىنى ئېفىئوپىيىدىكى ئۇرۇشقا نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى. ئۇ تازا خىللانغان «قارا يەكتەكلىكلەر » (فاشىتلاردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچ) نى ئەكىلىپمۇ غەلىبە قىلالمىدى.
پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىدىكى خەلقلەر ئېفىئوپىيىنىڭ كۈرىشىگە تەرەپ - تەرەپتىن ياردەم بەردى. شۇ كەملەردە جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە تۇرۇۋاتقان، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، «ئېفىئوپىيە بۇرادەرلەر جەمئىيىتى»نى تەشكىل قىلىپ، ئىفىئوپىيە خەلقىنىڭ كۈرىشىگە ئىئانە توپلاش يولى بىلەن ياردەم بەردى. شۇنداقتىمۇ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئەنگىلىيە،ئامېرىكا، فرانسىيە جاھانگىرلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تاجاۋۇزچىلىقنى تېخىمۇ ڭېڭەيتتى.
ئىتالىيە دېكابرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئېفىئوپىيىنى كەينى - كەينىدىن بومباردىمان قىلدى. بۇ چاغدا شىۋىتسىيە قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئېفىئوپىيىدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنى ئەۋەتتى. ئىتالىيە ئايروپىلانلىرى ئۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، قىزىل كىرست قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ھالدا ئوققا تۇتۇپ، شىۋېتسىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 50 نەچچە ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. فىللاندىيە قىزىل كىرىست قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ كۆپ قېتىم ئىتالىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى. بۇ فاشست تاجاۋۇزچىلارنىڭ كەچۈرگۈسىز جىنايىتى.
ئىتالىيە فاشىتلىرى ئېفىئوپىيە خەلقىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، 1936 - يىلى فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلىك گاز ئىشلىتىشكە باشلىدى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئېفىئوپىيە ھەربىي ۋە خەلقلىرى قوراللىرىنى تاشلاپ، ئىككى ئالقىنى بىلەن كۈيۈپ ئاغرىۋاتقان كۆزىنى چاڭگاللاپ قالدى. گاز زەھىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن يېقىلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەر جېنىدىن جۇدا بولدى. قىسمىلاردىن بىرقانچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولدى. قىسىملار ئارتۇقچە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئېفىئوپىيە قوشۇنلىرى مەغلۇب بولوپ چېكىنىشكە باشلىدى.
ئېفىئوپىيىنىڭ ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشتا داڭ چىقارغان يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى مۇرۇچنىڭ 8 - مارتتا ئالدىنقى سەپتە ئاغرىپ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر تارقالدى. ئىتالىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى مارتنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا، تاجاۋۇزچىلىق نەشىتىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبە شەھرىگە سانجىلدى. بۇ چاغدا پادىشاھ سىلاس ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كېلىپ، خانىشنى ئېلىپ 3 - مارتتا پايتەختتىن ئايروپىلان بىلەن كېتىپ قالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ قوشۇنلىرى ئەددىس - ئەبېبىنى بېسىۋالدى. بۇ فاشىست باندىتلار شەھەردە تەپ تارتماي باسقۇنچىلىق، قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئوت قويۇپ، ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلدى. 9 - مايدا مۇسسولنى ئېفىئوپىيىنى بېسىۋالغانلىقىنى رىمدا رەسمىي ئېلان قىلدى. ئىتالىيە پادىشاھى قۇشۇمچە ئېفىئوپىيە پادىشاھى بولدى.
ئىتالىيە فاشست ھۆكۈمرانلىقىن كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئېفىئوپىيىدە 250 مىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، يەرلىك خەلقنى ۋەشىيلەرچە قىردى ۋە ئازابلىدى. تىز پۈكمەس ئېفىئوپىيە خەلقى تاغلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلدى. پايتەخت ئەددىس - ئەبېبىدىكى پارتىزان جەڭچىلار ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ، ئىتالىيە ئەۋەتكەن باش ۋالىينى ئۆلتۈردى. شۇ سەۋەبتىن فاشىست دائىرىلەر كەڭ كۆلەمدە تىنتىش ئېلىپ بېرىپ، پايتەختىتە ئۈچ كۈن ئىچىدىلا 900 دىن ئارتۇق كىشىنى قىردى. مەملىكەت بويىچە قىرغىن قىلىنغان بەختسىز ئامما 30 مىڭغا يەتتى. شۇنداقتىمۇ، پارتىزانلار تېخىمۇ ئەدەپ، قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 1939 - يىلىغا كەلگەندە پارتىزانلار 400 مىڭغا يېتىپ، دۆلەت زىمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلدى.
تاجاۋۇزچىلار قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان يىللاردا مۇنداق بىر ھېكايە تارقالغان. بىر كۈنى كېچىدە، ئېفىئوپىيىنىڭ بىر پارتىزان ئەترىتى ئىتالىيە قوشۇنلىرىنىڭ گازارمىسىغا تۇيدۇرماي كىرىپ، بىرسېۋەت ھەسەل ھەرىسىنى دۈشمەنلەر ياتقان چېدىرغا قويۇپ بېرىپتۇ. تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر ھەرىدىن قورقۇپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ كەتكەندە، پارتىزانلار ئۇلارنىڭ بارلىق قورال ياراغلىرىنى ئەكىتىپتۇ. ئېفىئوپىيە خەلقى فاشست تاجاۋۇزچىلارغا قارشى مۇشۇنداق ئەپچىل ئۇسسۇللار بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۈشمەننى يىڭىپ، غەلىبە قازاندى.
1941 - يىلى ئاپرېلدا ئېفىئوپىيىدىكى پارتىزان جەڭچىلەر پايتەخت ئەددىس - ئەبېبىنى ئازاد قىلدى. 5 - مايدا پادىشاھ سىلاس 2000 پارتىزاننى باشلاپ، سۇداندىن پايتەختكە قايتىپ كەلدى. ئېفىئوپىيە يەنە مۇستەقىل بولدى. ئىتالىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولدى.
تىز پۈكمەس ئېفىئوپىيە خەلقنىڭ ئىتالىيىگە قارشى كۈرىشىدە قازانغان غەلىبىسنى پۈتۈن دۇنيادىكى فاشىزمغا قارشى كۈرەشكە زور تۆھپە قوشتى ھەمدە دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە ئۈلگە يارىتىپ بەردى.