UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقانلىق يەكشەنبە

قانلىق يەكشەنبە

بەش مىڭ يىل 1905 - يىلى يېڭى يىل بايرىمىدىن كېيىن، روسىيىنىڭ پايتەختى پېتېربۇرگقا: لۈشۈنكۇنى ياپونىيە ئارمىيىسى ئىگىلىۋالدى، دېگەن قورقۇنچلۇق بىر خەۋەر تارالدى. چارپادىشاھ ئىنتايىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى سەپەر قىلىۋاتقىلى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغاچقا، ئۇ ئاشۇ فلوتنىڭ مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىشىغا ئۈمىد باغلىدى. لېكىن، پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى روسىيىنىڭ ئىگىلىكنى ۋەيران قىلدى، ترانسىپورتىنى راۋانسىزلاشتۇردى، خەزىنىنى قۇرۇقدىدى، مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى كەملەپ كەتتى؛ زور تۈركۈمدىكى دېھقانلار ئەسكەرلىككە قۇتۇلۇپ، يېزىلاردا ئەمگەك كۈچى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، كىشىلەردە ئومۇميۈزلۈك نەپرەت ۋە نارازىلىق ئۇلغايدى، بىر مۇنچە چوڭ شەھەرلەردە ئۇرۇشقا قارشى نامايىش بولدى. 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، پېتېربۇگتىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت پوتىلوۋنىڭ خوجايىنى تۆت ئىشچىنى ئىشتىن چىقىرىۋەتتى، ئىشچىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلاشقا باشلىدى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بەلگىلەش ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما خوجايىن بۇ تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلدى. ئۈچىنچى كۈنى، پولشېۋىكلار پارتىيىسى پېتېربۇرگ كومىتېتىنى ئىشچىلارنى پوتىلوۋ زاۋۇتىدىكى ئىش تاشلاشقا ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى. بۇ چاقىرىق بىلەن ئىش تاشلىغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭغا يەتتى، پايتەختتە توك ۋە سۇ توختاپ كەتتى، ھەتتا بىرەر پارچە گېزىتمۇ يوق ئىدى. كۈتۈلمىگەندە، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ، ئىشچىلار نامايىش قىلىپ قىشلىق سارايغا بېرىپ، چارپادىشاھقا يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ تەلەپنامە سۇنىدىكەن، دېگەن بىر يات خەۋەر پۈتكۈل شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقاپ كەتتى. قانداق بولۇپ بىردەمدىلا چارپادىشاھقا تەلەپنامە سۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ ئەسلىدە، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، چارپادىشاھ، ھۆكۈمىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى گاپون دېگەن بىر پوپنى ئىشچىلار ئارىسىدا بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، مەخسۇس ئىشچىلارنى ئالداش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول كۆرسىتىدۇ. دەل ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش شاۋقۇنى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقاچقا، ئۇ دەرھال ئىشچىلار يىغىنىغا بېرىپ: - ئىشچى قېرىنداشلار! ئاللا سىلەرنىڭ رىيازەتلىك تۇرمۇشۇڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ. سىلەرنىڭ بۇ ھالدىن بۇرۇنراق ئازاد بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن پادىشاھى ئالەم بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيدۇ، سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىدىغانلار بولسا، سىلەرنىڭ تەلەپلىرىڭلارغا جەزمەن ماقۇل بولىدۇ، بىز قاتار بولۇپ قىشلىق سارايغا بېرىپ، پادىشاھى ئالەمگە تەلەپنامە سۇنساق، پادىشاھىمىز جەزمەن سىلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلىدۇ، سىلەرنىڭ دەرد - ئەلەملىرىڭلارغا قۇلاق سېلىپ، تەلەپلىرىڭلارنى قاندۇرىدۇ! - دېدى. ئىشچىلار بۇ يالاقچىنىڭ سۈيقەستىنى بىلەلمەي، بۇ ھەرىكەتكە قوشۇلدى ھەمدە 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى )روسىيە كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى( يەكشەنبە كۈنى قىشلىق سارايغا بېرىپ چارپادىشاھقا تەلەپنامە تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى. بولشېۋىكلار گاپوننىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، چارپادىشاھنىڭ قانلىق باستۇرۇش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئىشچىلارغا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە دەرھال تەشۋىق ۋەرەقىسى يېزىپ تارقاتتى: >ئەركىنلىككە ھەرگىز پادىشاھقا يالۋۇرۇش بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنى قولغا قورال ئېلىپ شەپقەتسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چارپادىشاھقا تەلەپنامە سۇنماسلىق، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەلەپمۇ قويماسلىق كېرەك، ئەشەددىي دۈشمىنىمىز ئالدىدا تىز پۈكمەي، ئۇنىڭ تاجۇ تەختىنى گۇم قىلىشىمىز كېرەك. سىلەر پوپ ياكى چارپادىشاھ ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيسىلەر!< لېكىن، خېلى بىر قىسىم ئىشچىلار شۇ چاغدا، چارپادىشاھ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئىشىنىپ، تەلەپنامىگە ئارقا - ئارقىدىن ئىمزا قويدى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلارنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن قىلغان تەلەپلىرىگە قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئىشچىلار نەدىن بىلسۇن! 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى پېتېربۇرگنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىغا قوشۇنلار زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىلمۇخىل ئالامەتلەر چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىسى ئىشچىلارغا زەھەرلىك قول سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى! پېتېربۇرگتىكى ئاتاقلىق زاتلار ئەھۋالونىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈپ، ھۆكۈمەت ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. - ۋەزىر جانابلىرى، ئەتە بولىدىغان ئىشچىلار نامايىشى پۈتۈنلەي تىنچلىق تەلەپ خاراكتېرىدە بولىدىغان تۇرسا، نېمىشقا مۇنچىۋالا قوشۇن پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ - ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇن چىقىرىشى پۈتۈنلەي مۇھاپىزەت ئۈچۈنغۇ! - ۋەزىر ناھايىتى تومتاقلا جاۋاب بەردى. - قوشۇننىڭ كوچىغا چىقىپ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى بىزگە ناھايىتى ئايان. سىزنىڭ قوشۇنغا چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! - ئەپەندىلەر، - دەپ سوغۇق كۈلدى ۋەزىر، - ھۆكۈمەتنىڭ پىكرى ھەربىرلىرىنىڭ پىكرىگە تامامەن ئوخشاشمايدۇ... ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى گوركى ئىدى. ئۇ ۋەزىرنىڭ مۇغەمبەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە ئۇرۇۋېتىپ: - جانابلىرى، سىلىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە شۇنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىزكى، ئەگەر ئەتە قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بولغان زىيان ھەسسىلەپ تۆلىتىۋېلىنىدۇ! - دېدى. - ھەسسىلەپ تۆلىتىۋېلىنىدۇ؟ ھا - ھا - ھا، ھەسسىلەپ تۆلىتىۋېلىنىدۇ! - دەپ سىيايگەرلىك قىلدى ۋەزىر، - ھۆكۈمەت تەرەپ ھەربىرلىرىنىڭ پىكرىنى ئويلاپ كۆرىدۇ ۋە ئۆزى پۈتۈنلەي زۆرۈر دەپ قارىغان ھەرىكەتنى قوللىنىدۇ - دە، ئەلۋەتتە! شۇ كۈنى كەچتە ئارمىيە تەرەپ ئىشچىلارنى قىرىش >ئۇرۇش< پىلانىنى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا تەستىقلىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئىشچىلار قاتتىق سوغۇققا قارىماي مۇراجىئەتنامىنى كۆتۈرۈپ، چارپادىشاھقا تەلەپ قويۇش ئۈچۈن قاتار بولۇپ قىشلىق سارايغا قاراپ كەلدى، مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق يېزىلغان: >بىز پېتېربۇرگتىكى ئىشچىلار، خوتۇن، بالا - چاقىلىرىمىز ۋە ياشانغان ئاتا - ئانىلىرىمىز بىلەن پادىشاھى ئالەمدىن ئادالەت ۋە ھىمايە تىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە يېتىپ كەلدۇق<. مۇراجىئەت قىلىش سېپىدە تەخمىنەن 150 مىڭ كىشى بار ئىدى، ئۇلار بايراق مەئبۇت ئىلاھى ۋە چارپادىشاھنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاق سارايغا يۈرۈش قىلدى. ئۇلار ماڭغاچ ھەمدۇ سانا قىلدى ۋە چارپادىشاھقا مۇناجات ئوقۇدى. خۇددى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئاگاھلاندۇرغاندىكىدەك، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ئىشچىلار رايونىدىن شەھەر مەركىزىگە بارىدىغان كوچا، ئاساسلىق كۆۋرۈكلەر ۋە قىشلىق ساراي ئالدىدىكى مەيدانغا 40 مىڭ قوراللىق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر مەيدان چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە شەھەر ئىچىدىكى جاي - جايلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چارپادىشاھ ساقچىلىرى، توپلىشىپ كېتىۋاتقان ئاممىغا قارىتىپ ئۇشتۇمتۇت ئوق ياغدۇردى. شۇ ھامان پېتېربۇرگنىڭ كوچىلىرى ئىشچىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالدى. 1000 دىن ئارتۇق كىشى نەق مەيداندىلا ئۆلدى. 2000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ كۈننى >قانلىق يەكشەنبە< دەيدىغان بولدى. بۇ كۈن روسىيە 1905 - يىلى ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چارپادىشاھنىڭ قىرغىنچىلىقى ئىشچىلاردىكى چارپادىشاھقا بولغان ساددا خام خىياللارنى يوقاتتى. مەملىكەت بويىچە نارازىلىق بىلدۈرۈش خاراكتېرلىك ئىش تاشلاشلار جاي - جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە كۈرەشنىڭ شىددەتلىك دەرىجىسى ئىلگىرى ھەر قانداق مەزگىلدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىدىن ئېشىپ كەتتى. دېھقانلار ھەرىكىتىمۇ ھەممىلا يەردە پارتلىدى. بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا، روسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى يەتتىدىن بىر قىسىم زېمىننىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ئىشچى - دېھقان ئاممىسىنىڭ كۈرەش يالقۇنى يەنە تېز سۈرئەت بىلەن چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى - ئارمىيىگە كېڭەيدى. مۇشۇ يىلى يازدا، >پوتيومكىن< ناملىق پولات قاپلىمىلىق پاراخوتتىكى ماتروسلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پاراخوتتىكى ئەكسىيەتچىل ھەربىي ئەمەلدارلارنى قولغا ئېلىپ ۋە ئېتىپ تاشلاپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولۇۋاتقان ئودېسسا شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى قارا دېڭىز فلوتىنى پوتيومكىننى باستۇرۇشقا يۆتكىدى. >پوتيومكىن< ناملىق پاراخوت قارا دېڭىزدا بىر ھەپتە يۈرۈپ، تاتلىق سۇ، يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك جەھەتلەردە تەمىنلىنىشكە ئېرىشەلمىگەچكە، قوزغىلاڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇب بولدى. 10 - ئايدا، پۈتكۈل روسىيە بويىچە ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلاش بولدى. مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى زاۋۇتلار ئىشتىن توختىدى. سودا دۇكانلىرى تاقالدى، مەكتەپلەر ئوقۇش تاشلىدى. پاراخوت، ھارۋىلار قاتناشتىن توختىدى. ئېلېكتر چىراقلىرى ئۆچتى. تېلېفون سىملىرى ئۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ئچىكى ھاياتى توختاش ھالىتىگە يەتتى. 30 نەچچە شەھەردە ئىشچى ۋەكىللەر سوۋېتى قۇرۇلدى. پېتېربۇرگنىڭ باش ۋالىيىسى ئۆكتەملىك بىلەن: >مىلتىقنى بىكارغا ئاتماسلىق، ئوقنىمۇ ئايىماسلىق كېرەك!< - دەپ بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلابنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىدى. چارپادىشاھ ھەتتا پاناھلىق ئىزدەپ چەتكە قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى. دېكابردا موسكۋادا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى دەرھال 2000 كىشىلىك گۋاردىيىچى قوشۇن يۆتكەپ كەلدى. ھەربىي ئەمەلدارلار ئۇلارغا: >ئادەم تۇتماڭلار، لېكىن شەپقەتسىز ھەرىكەت قىلىڭلار!<، - دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. دۈشمەننىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن قىرغىن قىلىشى ئارقىسىدا، ئەمەلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، موسكۋا سوۋېتى قوزغىلاڭنى توختىتىشنى قارار قىلدى. >قانلىق يەكشەنبە< دىن دېكابىر موسكۋا قوراللىق قوزغىلىڭىغىچە بولغان 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب - روسىيە تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئىنقىلابىي >ئومۇمىي مانېۋر< بولدى، ئۇ 1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبر ئىنقىلابىي ئۈچۈن غالىبىيەت ئاساسىنى سالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ