UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئادەمخور ئالۋاستى

ئادەمخور ئالۋاستى

بەش مىڭ يىل سەركاتىپ ۋالىۋ. باياكوۋ بۇيرۇققا بىنائەن ئۆز خوجايىنى ھەربىي قوماندان جانابلىرىنىڭ ئالدىغا كىردى. - سەركاتىپ ئەپەندىم، سىزنىڭ شەرقىي سىبىرىيە جۇغراپىيىسىنى خېلى ئوبدان تەتقىق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. ياكۇتىسكى شەھىرىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي تەرىپىدە خېيلۇڭجياڭ دەيدىغان بىر دەريانىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ - قوماندان ئۇنى كۆرۈپ دەسلەپتىلا شۇنداق سورىدى. - بىلىمەن، جانابلىرى، شۇنداق دەپ ئاڭلىغان. ئۇ دەريا ياكۇتىسكىدىن توپ - توغرا مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىمىش. 1638 - يىلى، بىر كازاك ئاتامان رازۋېتكا قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، تاپالماي قايتىپ كەلگەن ئىكەن. كېيىنچە، ئۇ مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى توپلاپتۇ، شۇ ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ئۇ يەردە ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىكەن، يەنە كۈمۈش چىقىدىغان بىر تاغمۇ بار ئىكەن. - ھەببەللى، خاتىرىڭىز جايىدا، يارايسىز! يارايسىز! دېدى قوماندان ماختىغان ھالدا، - بۇ بەش يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان بىرمۇنچە يېڭى ئاخباراتلارنى توپلىدىم. راست دېگەندەك، خېيلۇڭجياڭ ۋادىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ھەم باي جاي ئىكەن. سىز چار پادىشاھ ئالىيلىرى ئۈچۈن بۇ رايوننى ئېچىشنى خالامسىز؟ - بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ، ئالىيلىرى! - دېدى باياكوۋ شۇ ھامان ئىززەت - ئىكرام بىلەن، - بىراق، جانابلىرىدىن شۇنى سورىۋالايكى، ھازىر ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى كىم ئىكەن؟ - كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى بىلەن زادى كارىڭىز بولمىسۇن! - دېدى. قوماندان جىددىيلىك بىلەن، - ھەرقاچان ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، روس پادىشاھلىقىنىڭ سادىق ۋەزىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پادىشاھى ئالەمگە ئولپان ئېلىش ھەمدە ئولپان تۆلىمەيۋاتقانلارنى ئىزلەش، مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر! سىزنى چاقىرتىپ كېلىشىمىز پادىشاھى ئالەمنىڭ مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ ئالىي ۋەزىپىنى سىزگە تاپشۇرۇش ئۈچۈندۇر! باياكوۋ نەزەرگە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ھاياجانغا چۆمدى - دە، ئىختىيارسىز ھالدا تىك تۇرۇپ قەسەم ئىچتى: - پادىشاھى ئالەم ئۈچۈن خىزمەتكە تەييارمەن! ھەرقاچان جانابلىرىنىڭ بۇيرۇقىدا بولىمەن! - بىر تارماق قوشۇننى قوماندانلىقىڭىزغا تاپشۇرىمەن! - دېدى قوماندان مەمنۇنىيەت بىلەن، - بويسۇنمىغان رايونلارغا قورال كۈچى ئىشلىتىشىڭىزگە مەندىن ئىجازەت! 1643 - يىلى، باياكوۋ شەرقىي سىبىرىيىدىكى ياكۇتىىكىدىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 130 نەچچە كىشى بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىكى كازاكلار ئىدى، ئىككى باجگىر ۋە ئىككى تەرجىمانىمۇ بىللە چىققان ئىدى؛ ئۇلار مۇنچە قارا مىلتىق، بىر توپ ۋە 100 تال توپ ئوقى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار كېمە بىلەن دەرياغا چۈشۈپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ 40 نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن، يوغان تاشلار بىلەن قاپلانغان بىر ئېقىنغا كېلىپ قالدى - دە، پەسكە چۈشۈپ كېمىنى سۆرەپ مېڭىشقا توغراكەلدى. كۈتۈلمىگەندە بىر كېمە قاتتىق چايقىلىپ، كېمىدىكى قوغۇشۇن ئوقلارنىڭ ھەممىسى كېمىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن دەرياغا تۆكۈلۈپ كەتتى. شۇئان باياكوۋنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپ كەتتى - يۇ، ئەمما، ئۇ يەنىلا قوشۇنغا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق بەردى. خېيلۇڭجياڭ بېرىپ بولغىچە سوغۇق چۈشۈپ كەتتى. باياكوۋ نائىلاجلىقتىن قوشۇندىكىلەرنى ياغاچ كېسىپ قىشلىق تۇرالغۇ ياساشقا بۇيرۇدى. ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، بىر بۆلەك ئادەملىرىنى تۇرالغۇسىدا قالدۇرۇپ، ئۆزى 90 نەپەر ئادەمنى باشلاپ ئالغا قاراپ ئاتلاندى. تازا قارا قىش بولغاندا ئاخىرى جۇڭگو زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان جيېياخې دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىغا باردى ۋە ئۇ يەردىن ياشانغان بىر قەبىلە باشلىقىنى تۇتۇۋالدى. - كۈمۈش چىقىدىغان تاغ قەيەردە؟ تېز سۆزلە! - دېدى باياكوۋ ۋەھشىيلىك بىلەن. - بۇ يەردە كۈمۈش چىقىدىغان تاغ يوق! - دەپ بېشىنى چايقىدى قەبىلە باشلىقى. - جۆيلۈۋاتامسەن! ئۇنداق بولسا مۇنۇ قەيەردىن كەلدى؟ - دەپ سورىدى باياكوۋ ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ كۈمۈش تۈگمىسىنى كۆرسىتىپ. - ھە، بۇ تۈگمە، بۈيۈك چىڭ پادىشاھى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن. بىز ھەر يىلى ئۇ پادىشاھقا تېرە - يۇڭ قاتارلىقلار بىلەن ئولپان تاپشۇرىمىز، پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ بىزنى قوغدايدۇ ھەمدە رەخت، تاۋار - دۇردۇن ۋە مۇشۇنداق تۈگمىلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىز بىلەن ئوقەت قىلىدۇ. - سىلەر جۇڭگو خاندانلىقىغا ئولپان تۆلىگىلى تۇرغىلى قانچە يىل بولدى؟ - دەپ غەزەپ بىلەن سورىدى باياكوۋ. - بىرنەچچە يۈز يىل بولۇپ قالدى! - دېدى قەبىلە باشلىقى بىر قۇر ئويلىنىۋېلىپ، - تاڭ، جىن، يۈەن، مىڭ ۋە ھازىرقى چىڭ سۇلاللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئەتراپلاردا يامۇل تەسىس قىلىپ كەلگەن. خاندانلىقتىن ھەر يىلى بۇ يەرگە 3000 - 2000 كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىدۇ! - تولا ۋالاقلىما! - باياكوۋ قەبىلە باشلىقىنىڭ سۆزىنى قوپاللىق بىلەن بۆلۈۋەتتى، - مەيلى ئۇنداق، مەيلى مۇنداق خاندانلىقلىرىڭ بولسۇن، ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىم يوق، بۇنىڭدىن كېيىن چار پادىشاھ ئالىيلىرى ئولپان تاپشۇرىسىلەر! - چار پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ قەيەرلىك ئادەم؟ - قەبىلە باشلىقى دەرگۇمان بولۇپ سورىدى. - سەن تېخى ئالىي ھۆرمەتلىك چار پادىشاھىمىزغا تىل سالغۇدەك بولدۇڭمۇ - ھە! ئەدىبىڭنى بىر بېرەي! - دەپ ھۆكىرىدى باياكوۋ ۋە ھېچ گەپتىن - ھېچ گەپ يوق قەبىلە باشلىقىنى بىر پەس قامچىلىدى. ئاندىن، - جۇڭگونىڭ بۇ يەرگە ئەڭ يېقىن قەلئەسى قەيەردە؟ تېز سۆزلە! بولمىسا مېنىڭ قولۇمدا! - دېدى. قەبىلە باشلىقى تەھدىت ۋە قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەپ بەردى ۋە ئۇ يەردە قوراللانغان كىشىلەرنىڭمۇ 500 گە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويدى. شۇئان باياكوۋ بىر كىچىك كاتتىباشقا بۇيرۇق قىلدى: - يورېي، مەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇراي، سەن 70 ئادەم باشلاپ بېرىپ جۇڭگونىڭ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىل! ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار! قەلئەنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، قولغا چىققۇدەك نەرسىسىنى قالدۇرماي ئالدىمغا كەلتۈرۈڭلار! بولۇپمۇ ئاشلىقنى كۆپ ئېلىڭلار، ئاشلىقنى قولغا چۈشۈرمەيدىكەنمىز، تۈگىشىپ كېتىمىز - جۇمۇ! يورىي كازاكلارنى باشلاپ قەلئەگە يېتىپ باردى، ئۈچ نەپەر قەبىلە باشلىقى مېھمان كەلدىمىكىن دەپ قەلئەدىن چىقىپ، ئۇلارغا ئېگىلىپ تازىم قىلدى. يورىي، بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئۇ ئۈچ ئادەمنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇلارغا: - بىز ئالىي ھۆرمەتلىك چار پادىشاھ ئەۋەتكەن قوشۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ھەر يىلى چار پادىشاھغا ئولپان تاپشۇرۇشۇڭلار شەرت، بولمىسا قەلئەلىرىڭلارنى ھازىرلا ۋەيران قىلىۋېتىمىز! ھازىر ئىككىڭلار گۆرە ھېسابىدا بىزدە قېلىپ، بىرسىڭلار قەلئەگە كىرىپ، دەرھال بىزگە يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جاي ھازىرلاڭلار. قەلئەگە قايتقان قەبىلە باشلىقى نائىلاجلىقتىن شۇ كۈنىلا ئۇلارغا 40 سېۋەت سۇلۇ ۋە 40 تۇياق چارۋا كەلتۈردى ھەمدە سىرتىغا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى ئۈچۈن ئۈچ چېدىر ياساپ بەردى. ئەتىسى، كۈتۈلمىگەندە يورىي، ئىككى نەپەر قەبىلە باشلىقىنى يالاپ ئالدىغا سالغان ھالدا قەلئەگە شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. قەلئەدىكىلەر بۇ ئەبلەخلەرنىڭ بۇنچىۋالا ۋاپاسىزلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە يەر ئاستى يول بىلەن چىقىپ پىداكارلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلىقلاردا ياشايدىغان كىشىلەرمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنلا، ئارقا - ئارقىدىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ جەڭگە چۈشتى. روسىيە ئەسكەرلىرى ئوت ئالغۇچ قوراللىرى يوق، سانى ئاز، بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى بىلەن ناتونۇش بولغاچقا، ئالدى - كەينىدىن قوش ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىردەمدىلا ئون ئادىمىدىن ئايرىلىپ رەسۋا بولۇپ قاچتى. گۆرۈگە چۈشۈپ قالغان ئىككى نەپەر قەبىلە باشلىقىنىڭ بىرسى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى... بىرسى ئۆزىگە نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر كازاكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىش سېپىگە قوشۇلدى. پۈتۈن ئەزايى يارىدارلانغان كازاكلار توپ - توغرا ئون كۈن قاچ - قاچ قىلىپ باياكوېنىڭ يېنىغا باردى. باياكوۋ ئۇلارنى كۆرۈپلا: - ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر قېنى؟ ئاشلىق قەيەردە؟ - دەپ سورىدى. - ھېچنەرسە ئېلىپ كېلەلمىدۇق، ھەتتا ئۆزىمىزدىكى نەرسىلەرنىمۇ يوقىتىپ قويدۇق! - دېدى يورىي دومسىيىپ. باياكوۋنىڭ غەزىپى تاشتى - دە، يورىينىڭ سېكىلىكىدىن تۇتقىنىچە: - ئاشلىق! ئاشلىق! ماڭا ئاشلىق كېرەك! بولمىسا ھەممەيلەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگەيمىز! - دەپ ۋارقىرىدى. دەرۋەقە، بۇ دەل 1 - ئاي ئىدى، دەريانىڭ مۇزى ئېرىگەندە ئاشلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي كۈتۈش توغرا كېلەتتى، ھازىر بار ئاشلىق بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇ چاققىچە جان ساقلىغىلى بولمايتتى. ئاچارچىلىق ۋە ماماتلىق ئۇلارنى كۈتمەكتە ئىدى. باياكوۋ ئاشلىقنى شەخسلەرنىڭ قولىغا بۆلۈپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلدى. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ھەركىم ئۆزىگە تەقسىم بولغان نەچچە ئون جىڭدىن ئاشلىقىنى ئىنتايىن تېزلىكتە يەپ تۈگىتىپ، قارىغاي قوۋزىقى ۋە گىياھلارنىڭ يىلتىزلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. ئۇلارغا تېخىمۇ ئاۋارىگەرچىلىك بولغىنى شۇكى، ھېلىقى پېشقەدەم قەبىلە باشلىقى كىشەنلەنگەن تۇرۇپمۇ غىپپىدە قېچىۋالدى. ئۇزاققا بارمايلا يەرلىك خەلقنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملىرى ئۇلارنى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى كازاكلار جاراھەتلەندى، بەزىلىرى ئاچلىققا چىدىيالماي ئۇرۇش قىلىشتىن يالتايدى، بەزىلىرى ئاخىرى بېرىپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. كۆپچىلىكتە باياكوۋغا دۈشمەنلىك تولۇپ تاشتى. ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكىگە غەزەپلەندى. بىر كۈنى، باياكوۋ كۆپچىلىككە: «سىلەر بۇ يەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى خالىمىساڭلار، يايلاققا بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن تۇجۇلارنىڭ جەسىتىنى تېپىپ يەڭلار!» - دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئون نەچچە كازاكنىڭ ۋەھشىيلىكى قوزغالدى - دە، تۇرالغۇدىن يايلاققا بېرىپ ئۆلۈك ئادەملەرنى يېيىشكە باشلىدى. مۇشۇ قىشتا، بۇ باندىتلار 50 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ جەسىتىنى يەۋەتتى! يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئۇلار غاجاپ بولۇپ تاشلىۋەتكەن قېرىنداشلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆرۈپ غەزىپى ئىچىگە پاتماي، ئۇلارغا ئىچ - ئىچىدىن نەپرىتى قوزغالدى: «چار پادىشاھ باندىتلىرى قەبىھ ۋىجدانسىزلىق قىلىپ ئادەم يىدى. بۇ باندىتلار ئادەمخور ئالۋاستى بولماي نېمە؟» - دەپ تەكرارلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «ئادەمخور ئالۋاستى» دېگەن سۆز خېيلۇڭجياڭ ئەتراپىدىكى پۇقرالار روسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى ئاتايدىغان بىر نام بولۇپ قالدى. باياكوۋنىڭ كۈنى بارغانسېرى قىيىنلاشتى. 1646 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇ ئۆلۈمدىن ئېشىپ قالغان ئادەملىرىنى باشلاپ ئايرىلىپ كەتكىنىگە توپ - توغرا ئۈچ يىل بولغان ياكۇتىسكىغا قايتىپ باردى. ئەسلىدە 130 كىشى يولغا چىققان بولسا، ئەمدىلىكتە 50 نەچچە ئادەم قايتىپ كەلدى. ياكۇتىسكىغا قايتىپ بېرىپلا، باياكوۋ، قوماندانغا ئۆزى تاپقان بۇ يەردە ئادەمنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكى، مال - بايلىقىنىڭ قانداق موللىقى ھەققىدە دوكلات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىي قومانداندا بۇ رايوننى كاپ ئېتىۋېتىشكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇ قوزغالدى. ئۇزاققا بارماي، چار پادىشاھنىڭ مەقسىتىگە بىنائەن روسىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇز باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ