مىسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇلالە
بەش مىڭ يىل
بۇندىن 5000 يىل ئىلگىرى، نىل دەرياسى بويىدىكى مىسىردا ئىنسانلار تارىخىدىكى بىرىنچى سۇلالە قۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى ياراتتى. ئەمدى بىز مىسىردا ئەڭ ئاخىرقى سۇلالىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
شۇ چاغ 1804 - يىلنىڭ 3 - ئايلىرى بولۇپ، قاھىرە شەھىرىدە تۇرۇپلا بوران - چاپقۇن كۆتىرىلدى.
_ ئەبلەخ، بالدىس!
- بالدىس، سەن نېمىشقا كەمبەغەللەردىن پۇل ئالىسەن؟
غەزەپلەنگەن شەھەر ئاھالىسى توپ - توغرا بولۇپ كوچىلارغا چىقتى.
بېشىغا ئاق لىچەك ئارتىۋېلىپ «دۈم - دۈم!» «دۈم - دۈم!» قىلىپ قوڭغۇراقلىق دۇمباق چېلىپ يۈرگەن ئەر ئەرەپلەر «ۋار - ۋۇر» قىلىشىپ، توختىماي پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇمباق چېلىشاتتى.
يۈزىگە چۈمپەردە تاقىۋالغان ئەرەپ ئاياللار «ھۆڭ - ھۆڭ!» يىغلىشىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئۇلار داد - پەرياد ئېيتىپ، ئىككى قولى بىلەن كۆكسىگە مۇشتلايتتى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى قاتتىق تېپەتتى.
ۋاراڭ - چۇرۇڭلۇق يىغا - زارە، تىل - ھاقارەت ئىچىدىن«ئەبلەخ، بالدىس، سەن نېمىشقا كەمبەغەللەردىن پۇل ئالىسەن؟» دېگەن گەپلا ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بالدىس دېگەن كىم؟ ئۇ چەتئەللىك ھەربى ھۆكۈمرانلارنىڭ كاتتىۋېشى، ناپولېئون كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ئۇ تەختكە چىقىش بىلەنلا، جان - جەھلى بىلەن مىسىر ئاھالىسىنىڭ پۇل - پۈچەكلىرىنى تارتىۋېلىپ، مەجبۇرى ھالدا نۇرغۇن باج - سېلىق ئالدى. مىسىر خەلقى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، ئاخىر توپىلاڭ كۆتەردى.
بالدىس ھۆكۈمىتى پاراكەندە بولۇپ تۇرغاندا، ئالبانىيىنىڭ بىر قوشۇنى باستۇرۇپ كىردى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پۈتۈن قاھىرە شەھىرىنى كونتۇرۇل قىلدى.
ئالبانىيە قوشۇنى نەدىن كېلىپ قالدى؟ بۇ ھەقتە گەپ جىق. مىلادى 7 - ئەسىردىن تارتىپ ئەرەپلەر نىل دەرياسى بويىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مىسىر ئەرەپ دۆلىتى بولۇپ قالدى. 16 - ئەسىردىن كېيىن، مسىرى تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولدى. شۇ كەملەردە ئالبانىيىمۇ تۈركىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، تۈركىيە ئالبانىيىنىڭ بىر قوشۇنىنى مىسىرغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇلار بۇ نۆۋەت قاھىرە خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.
مىسىرغا كىرگەن ئالبانىيە قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى مەھەممەت ئېلى ئىسىملىك ئالبان ئىدى. ئۇ مىسىرنىڭ باش ۋالىسى بولغاندىن كېيىن، قىسىملارنىڭ ھەممىسىنى جەنۇبتا ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى.
دەل شۇ چاغدا، ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى كاۋاكتىن پايدىلىنىپ بېسىپ كىرىپ، مىسىردىكى ئاساسلىق پورت بولغان ئىسكەندىرىيىنى بېسىۋالدى ھەمدە نىل دەرياسى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان جايدىكى رەشىت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قاھىرە شەھىرى ئۆرە - تۆپە بولۇپ كەتتى. مىسىرنىڭ پايتەختىدە باشلىقمۇ يوق، ئارمىيىمۇ ئاز بولۇپ، پۇقرالار ۋەسۋەسە ئىچىدە قالدى.
بۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بەردى. 1807 - يىل 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، رەشىت خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرىنى يوقاتقانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر تارقالدى.
- تېز كېلىپ كۆرۈڭلار! تېز بولۇڭلار! ئەنگىلىيە ئەسىرلىرى بىلەن باشلىقى كەلدى! - دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان قاھىرە پۇقرالىرى تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى. ئارغامچا بىلەن ماتالغان توپ - توپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى كوچىدا دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا «سازايى» قىلىنىۋاتاتتى، قەپەزلەرگە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان باشلىرى سېلىنىپ ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلدى. رەشتتە ئاران 300 - 400 مىسىر ئەسكىرى بار ئىدى، ئۇلار ئەنگىلىيىنىڭ قوراللىق خىل 1400 دىن ئوشۇق ئەسكىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلغاندۇ؟
ئەسلىدە، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى نىل دەرياسى ئېغىزىدىكى رەشتكە كۆرەڭلىك بىلەن كىرىپ كەلگەندە، بۇ شەھەرنىڭ باشلىقى ئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چېكىنگەن ئىدى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ گىدىيىشىپ شەھەرگە كىردى. دەسلەپتە ئانچە - مۇنچە ئېتىشىشقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەھەرگە كىرىپ بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتقىچە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىدى.
- مەرھەمەت، مەرھەمەت، سىلەرگە ھاردۇق چېيى تەييارلىدۇق.
ئەنگىلىيىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ھىجىيىپ، ئەنگىلىيە كوماندىرلىرىنى پايپېتەك بولغان ھالدا ھاراق بىلەن كۈتۈۋالدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچتىن - تۆتتىن بولۇشۇپ قەھۋەخانىلاردا كەيپى - ساپا سۈرۈشەتتى.
ئۆگزىلەردىن، دەرىزىلەردىن «پاڭ - پۇڭ!» قىلىپ توساتتىن مىلتىق ئېتىلىشقا باشلىدى، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى كەينى - كەينىدىن يىقىلدى. مىسىرلىق شەھەر باشلىقى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى! تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر چېچىلىپ كەيپ سۈرۈۋاتقانلىقتىن، يىغىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا تار مار بولدى. ئەنگىلىيە گېنېرالىنىڭ تۆت پۇتى نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ئاسمانغا بولۇپ، بېشىنى يىدى. تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرنىڭ مەينەت قېنى نىل دەرياسىنى بۇلغىدى، تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى نىل ئېقىتىپ كەتتى. مىسىر خەلقىنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاكتىكىسى تولۇق غەلىبە قىلدى.
ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر مىسىر خەلقىنى شاتلاندۇردى، ئۇلار ئىستىخىيلىك ھالدا سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قوشۇنىنى قۇردى. ئارقىدىنلا، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىمۇ ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىنىپ، ئىسكەدىرىيە پورتىنى قايتۇرۇۋالدى ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىدى. نىل دەرياسىنىڭ ئەۋلادى بولغان مىسىر خەلقى ئۆزىنىڭ پەلەككە يەتكەن كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسەتتى.
خەلق غەلىبىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈنلەردە، مەھەممەت ئېلى قاھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مىسىردا يېڭى سۇلالە قۇرۇلدى. مىتروپولىيىلەر بىلەن توغرىدىن - توغرا تۇتۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەھەممەت ئېلى نامدا تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مىسىردىكى باش ۋالىسى بولۇپ قېلىۋەردى؛ ئەمەلىيەتتە ئۇ، دۆلەت باشلىقى ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 40 نەچچە يىلدا، مسىر بىرلىككە كەلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرى يۈكسەلدى. مەھەممەت ئېلى ئائىلىسى مىسىرغا جەمئى 150 يىل چامىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر ئون ئەۋلاد پادىشاھ بولدى. 1952 - يىل 7 - ئايدا، ناسىر رەھبەرلىك قىلغان ھەربىلەر ئىنقىلابى مىسىرنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى فارۇق - مەھەممەت ئېلىنىڭ ئەۋرىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.