UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئىيۇل ۋەقەسى

ئىيۇل ۋەقەسى

بەش مىڭ يىل 1917 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى )رۇس كالېندارى بويىچە 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى( روسىيىنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتكەن لومبېرگكە قاراپ ئاتلاندى. ئالدىن يۈرگۈچى قىسىملار كازاك ئاتلىقلارنىڭ سەرخىل برىگادىسى ئىدى. روسىيە قوشۇنلىرى ئىشنىڭ بېشىدىلا غەلىبە قازىنىپ، ئىنتايىن تېزلىكتە گېرمانىيە قوشۇنلىرىدىن 17 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئەسىرگە ئالدى؛ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر تۈمەن كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. ئەمما گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى ئىنتايىن تېزلىكتە زاپاس قوشۇنلارنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ ئىككىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ كۆپلىگەن دالا زەمبىرەكلىرى بىلەن كەڭ سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. نەتىجىدە روسىيە قوشۇنلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە بىتچىت بولۇپ چېكىندى، ھۇجۇم پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. قىسقىغىنا 10 كۈن ئىچىدە 60 مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى ھالاكەتكە ئۇچرىدى. بۇ - روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ 1 - دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرىغا قوزغىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ھۇجۇمى ئىدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپ تەشەببۇس قىلغۇچى - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كرىنسكى ئىدى، ئۇ - بولشېۋىكلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى غەرىزى، ھۇجۇم غەلىبە قازانسا، چاتاقنى بولشېۋىكلارغا ئارتىپ قويۇپ، بولشېۋىكلار ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ، جەڭ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك پەيدا قىلدى دەيمەن، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەمدى، ھۇجۇم راست دېگەندەك مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن كرىنسكى يېڭى بىرنەيرەڭنى ئىشقا سالدى: ئالدىنقى سەپنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلاشنى ئىشقا سالدى: ئالدىنقى سەپنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلاشنى باھانە قىلىپ، پايتەختتە تۇرۇشلۇق ئۆزى ئىشەنچىسىز دەپ ھېسابلايدىغان قوشۇنلىرىنى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەشكە بۇيرۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن پايتەختتىكى ئەسكەرلەر زادىلا چىداپ تۇرالمىدى. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى ئەسكەر بولشېۋىكلارنىڭ پېتروگراد شەھەرلىك كومىتېتى يىغىن ئېچىۋاتقان يەرگە تۇيۇقسىز كىردى - دە، رەئىس ئۆمىكىگە بايانات ئېلان قىلدى: - بىز پايتەختتە تۇرۇشلۇق 1 - پىلىموت پولكىنىڭ ۋەكىللىرى. پولكىمىز بۈگۈن كەچتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلدى ھەمدە ھەر قايسى زاۋۇت، پولك شتابلىرىغا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ دەرھال قوشۇن تەشكىللەپ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز... بۇ ئىككى ۋەكىلنى يولداش ستالىن قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، پېتروگراد شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى - >ھەقىقەت گېزىتى< گە رەھبەرلىك قىلاتتى، ئۇ، قوشۇنلار ۋە تاشقى ئۆلكىلەر پايتەختتىكى قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرەلمىگەندە ئالدىراقسانلىق بىلەن قوزغالسا، جەزمەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قانلىق باشتۇرۇشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتكەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى ۋەكىلگە نەسىھەت قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ پولكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە ئىش قىلىپ، يەڭگىللىك بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرمەسلىكنى ئۈمىد قىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئىككى ۋەكىل ستالىننىڭ نەسىھەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئاڭلىماي، ئاچچىقلانغان ھالدا: >ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پۈتۈن پولكىمىزنىڭ قارارى، بىز ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايمىز< - دېدى - دە، خاپا بولۇپ چىقىپ كەتتى. ستالىن ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى بىلدى. دەل مۇشۇ چاغدا لېنىن كېسەل بولۇپ قېلىپ پايتەختتىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ يوليورۇقىغا دەماللىققا ئېرىشكىلى بولمايتتى. شۇڭا ستالىن شۇ ھامان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى سۋىردېلوۋقا ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋالنى جىددىي ئۇقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لېنىنغىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ دوكلات قىلدى. كۆپ تەرەپلىمە نەسىھەت قىلىش ئارقىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان ئەسكەرلەر ئاخىرقى ھېسابتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، ئەتىسى كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى قوبۇل قىلدى. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، لېنىن پايتەختكە كېسەل قايتىپ كەلدى. ئۇ مەركەزنىڭ قوراللىق قوزغىلىشىنى تىنچلىق نامايىشىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارىغا تامامەن قوشۇلدى. تاڭ سەھەردىن باشلاپ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر قاتار بولۇپ كوچىلارغا چىقتى. ئۇلار >تىنچلىق! بولكا! ئەركىنلىك!< دېگەن لوزۇنكىلار ۋە بايراقلارنى كۆتۈرۈپ تەرتىپلىك ھالدا نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشقا 500 مىڭ كىشى قاتناشتى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولغاندا، نامايىش قوشۇنى تازا قاينام بولىدىغان بىر تۆت كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، توساتتىن جاراڭلىق بىر پاي ئوق ئېتىلدى - دە، ئارقىدىنلا تات - تاتلىغان ئوققا تۇتۇش ساداسى ئاڭلاندى. دەرمەھەلدىلا زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر يەرگە يىقىلدى، يىپەكتەك قاتار بولۇپ كېتىۋاتقان نامايىش قوشۇنى شۇ ھامان پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىراشلىرىغا ئەگىشىپ مىلتىق كۆتۈرگەن پىيادىلەر ۋە قىلىچ كۆتۈرگەن ئاتلىقلار قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئاممىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ئېتىلىپ كەلدى. ھەش - پەش دېگۈچە چوڭ كوچىلاردا ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قېنى ئېقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدىلا، تەييارلىنىپ بولغان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى دوقمۇش - دوقمۇشلاردا پەيدا بولدى - دە، نامايىشچىلار قوشۇنىغا قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. ئەسلىدە، كرىنىسكى ئالدىنقى سەپتىن ھۆكۈمەتكە سادىق بىر نەچچە پولكنى يۆتكەپ تەييارلىقى بولغان ھالدا بۇ قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغانىكەن. بۇ كۈنى پايتەخت كوچىلىرىدا 400 دىن ئارتۇق ئىشچى ۋە ئەسكەرلەر ئۆلتۈرۈلدى. يارىدار قىلىندى. تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەقە يۈز بەرگەن ئاخشىمى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاممىنى زاۋۇت ۋە گازارمىلىرىغا تىنچ قايتىپ كېتىشكە چاقىردى. ئەمما كرىنىسكى بۇنىڭ بىلەن توختىمىدى، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بولشېۋىكلارنى بىر يولىلا يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قېلىپ، يەر ئاستى پائالىيىتىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. دەرۋەقە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ئاشكارا باستۇرۇشقا كىرىشتى. بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى دەرھال پاجاقىلىۋېتىلدى ۋە پېچەتلىۋېتىلدى. ئىشچىلار قىزىل گۋاردىيىچىلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش باشلاندى، ئىنقىلابىي ھېسسىياتى بار ئەسكەرلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىندى، بىر مۇنچە پولك ۋە دىۋىزىيىلەر تارقىتىۋېتىلدى. ئەمما، دۈشمەنلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ۋە ئەڭ نەپرەتلىنىدىغىنى لېنىن ئىدى، چۈنكى ئۇلار بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ >يېڭى ھۆكۈمەتكە پۈتۈنلەي ئىشەنمەسلىك<، >بولۇپمۇ كرىنسكىدىن ھەزەر ئەيلەش<، >پرولېتارىياتنى قوراللاندۇرۇش< قاتارلىق ستراتېگىيىلىك ھەممىسىنى لېنىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن لېنىننى تۇتۇشنى قەستلىدى. ئەمما بۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىغۋا تېرىپ: لېنىن >گېرمانىيىنىڭ جاسۇسى< ئىكەن، نېمىسلاردىن نۇرغۇن پۇل ئېلىپ كېلىپ، پېتروگرادتا قوراللىق توپىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇۋېتىدۇ، دېدى. شۇ ھامان گېزىتكە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىلەر توشۇپ كەتتى. بۇ باھانىنى تاپقاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لېنىننى قولغا ئېلىش ھەققىدىكى رەسمىي بۇيرۇق چىقاردى. بىر كۈنى كېچىدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى لىق ئولتۇرغان بىر قارا ماشىنا ئىنتايىن تېزلىك بىلەن لېنىن تۇرۇشلۇق قورۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئوفىتسېر تاپانچىسىنى ئويناتقان ھالدا لېنىننىڭ رەپىقىسىگە دېۋەيلەپ سورىدى: - لېنىن ئۆيدە بارمۇ؟ بۇيرۇققا بىنائەن تەكشۈرگىلى كەلدۇق! - ئۆيدە يوق، - سوغۇق جاۋاب بەردى كروپىسكايا. ئەسلىدە، دۈشمەنلەر قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن بۇرۇنلا، لېنىن مەخپىي ھالدا تۇرالغۇنى ئالماشتۇرۇپ بولغانىدى. ئوفىتسېرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ ئەسكەرلەر كىيىم ئىشكاپىنى ئاچتى، تارتمىلارنى چىقىرىپ كۆردى، دىۋانلارنى ئۆرۈپ ئاستىغا قارىدى، ئۇيان ئاختۇرار، بۇيان ئاختۇرار، گادىرماچ قىلىۋەتتى، ئەمما ھېچقانداق ئېھتىياجلىق نەرسە تاپالمىدى. ئوفىتسېر قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرغان ھالدا بىر توپ خەتنىڭ ئىچىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ خەت يىراقتىكى بىر يېزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: >يولداش لېنىن، پەقەت سىزلا روسىيىنى قۇتۇلدۇرالايسىز، بىز جەزمەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمىز...< دەپ يېزىلغانىدى. ئوفىتسېر ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا خەتنى يەرگە تاشلىۋېتىپ، كروپىسكاياغا يەنە بىر دېۋەيلەپ سورىدى. يەنىلا ھېچنېمىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇ ئىزا دەردىدە غەزەپلەندى - دە، ئەسكەرلەرگە ئۇنى ئېلىپ مېڭىشقا بۇيرۇدى. دۈشمەنلەر لېنىننى تۇتۇۋالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما لېنىننىڭ پايتەختتىن مۇنچىۋالا تېز چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، جەزمەن شەھەر ئىچىدىكى مەلۇم ئۆيدە يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇ كۈنى كەچتە، پايتەختتىكى بارلىق ئىشىكلەرگە پايلاقچى قويۇپ، ئەتىگەنلىكى ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۆيدىن چىققانلارنى تەكشۈرۈشكە، ناتونۇشلارنى بىردەك تالاغا چىقارماي تۇرۇپ دەرھال ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تونۇۋېلىشىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۇلار مۇشۇنداق قىلغاندا، لېنىننى جەزمەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. لېنىن راست دېگەندەك پايتەختتىن چىقىپ كەتمىگەنىدى. بۇ كۈنى كېچە ئۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر ئىشچىنىڭ ئۆيىدە قونغانىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ دېرىزىدىن ئىككى پايلاقچىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قادىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى - دە، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى دەرھال بىلىۋالدى. چىقايمۇ - چىقمايمۇ؟ لېنىن قىلىدىغان ئىشلار كۆپ بولغانلىقتىن يەنىلا چىقىش قارارىغا كەلدى - دە، بىر كۈنلۈكنى تۇتقان ھالدا تەمكىنلىك بىلەن ئىشىكتىن چىقىپ، پايلاقچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. پايلاقچىلار ئۆيدىن بىر يوچۇن ئادەمنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى گەپكە سالماقچى بولدى، ئەمما، لېنىن شۇنداق ۋەزمىن، تەبىئىي كېتىۋاتقاچقا، پايلاقچىلارمۇ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئادەملىكىگە ئىشەنمىدى. ئىككى پايلاقچى لېنىنغا ياندۇرلاپ قارىدى، قارىغانسېرى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تۇتماقچى بولغان ئادەم ئەمەسلىكىنى شۇنچە جەزملەشتۈردى. ئۇلار بىر - بىرىگە كۆز ئىشارىسى قىلىشتى - دە، لېنىننى ئىشەنچ بىلەن يېنىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتى. بۇ كۈنى لېنىن ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە تۇرالغۇ ئالماشتۇردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا پايتەختتىن چىقىپ كەتتى. 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كرىنسىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىق كابېنتىغا چىقىپ ئولتۇردى ھەمدە قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ھەممە جايلارنى ئاق تېرورلۇق قاپلاپ كەتتى. يۇقىرىقىلار 7 - ئايدا يۈز بەرگەن زور ۋەقە بولغاچقا، روسىيە تارىخىدا >ئىيۇل ۋەقەسى< دەپ ئاتالدى. ئىيۇل ۋەقەسى، روسىيە ئىنقىلابىنىڭ يەنىلا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. مانا ئەمدى، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى - بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ئىيۇل ۋەقەسى | UyghurWiki | UyghurWiki