UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

بەش مىڭ يىل جۇڭگو ـ ياپونىيە ئەللىرى بىرلا دېڭىز بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن خوشنىلار، يازام مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى دۆلەت 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا، ئۆز ئارا باردى - كەلدى مۇنسىۋەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ يەردە شۇ مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدىكى بىرلا ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. داخۇا ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئارقا ـ ئارقىدىن ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتىشكە باشلىدى. دەسلىۋىدە ھەر قېتىمىدا 100 ئەتراپىدا ئادەمنى بىر ئۆمەك قىلىپ ئەۋەتتى، 8 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئادەم سانى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، نەچچە يۈز كىشىگە يېتىپ باردى. بۇ ئۆمەكلەردە باش ئەلچى، ئورۇنباسار ئەلچى، جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار، راھىپلار، دوختۇرلار، سودىگەرلەر ۋە دېڭىزچىلار بار ئىدى. بۇلار تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر بولغاچقا، "اڭغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر< دەپ ئاتالدى. مىلادى 717 - يىلى مارتتا، تاڭ سۇلىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر چىققان تۆت كېمە ياپونىيىنىڭ نەنبۇ شەھىرىدىكى پورتتىن يەلكەن تىكلەپ يولغا چىقتى. بۇلار يايونىيىنىڭ سەككىزىنچى قېتىم تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتلىگەن ئەلچىلىرى بولۇپ، دېڭىزچىلار بىلەن قوشقاندا 055 دىن كۆپرەك ئادەم ئىدى. ئۇلار جەنۇبىي يۆنۈلۈش بىلەن ئىلگىرىلەپ شەرقىي جۇڭەو دېڭىزدىكى دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېزىپ ئۆتۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا تېچ - ئامان يېتىپ بارغاندىن كېيىن، غەرپكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۇلار توقۇز ئايلىق سەپەردىن كېيىن، چاڭئەن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئارىسىدا شۇ يەردە قېلىپ ئوقۇيدىغان بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. 16 ياشلىق ئابېيجۇڭ مالۇ تىرىشچان، تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بالا بولغاچقا، قېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا تاللىنىپ چاڭئەن شەھىرىگە كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا شەرقىي ئاسىيانىڭ مەركىزى بولغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ، مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقاقا دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارالماقتا ئىدى. ياش ئابېيجۇڭ مالۇ، چاڭئەننىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ھەشەمەتلىك سارايلار، ئاۋات سودا دۇكانلىرى، پاك - پاكىز مەتبەخانىلارنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا >تەيشۆ< )قەدىمكى جۇڭەودىكى ئالى بىلىم يۇرتى( گە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ئالدى بىلەن خەت ساۋادىنى چىقاردى، ئاندىن شېئىر ۋە ماقالا يېزىشنى ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا كۇڭزىچىلىق تەلىماتىغا دائىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇدى. ئۇ بەش ـ ئالتە يىل جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئىمتىھانغا قاتناشتى. ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ئارىسىدا جۇڭەولۇقلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە >تەيشۆ< نى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن شەرق ۋە غەرپلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. ئىمتىھان سوئاللىرى ناھايىتى قىيىن ئىدى. بىراق ياپونلۇق بۇياش ئوقۇغچى ھەممىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تەشىپدالىرققا ئۆتتى. شۇنىڭدن ئېتىۋارەن، ئابېيجۇڭ مالۇ مەنسەپكە ئولتۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن شاھزادە لى يىڭنىڭ قىرائەتخانىسىدا كىتاپ - نامىلەر مەھكىمىسىنىڭ كاتىۋى )كىتاپ - نامىلەرنى باشقۇرغۇچى( بولدى ھەمدە شاھزادىنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ھەمراھ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە، سول قول مەسلىھەتچى بولدى ھەمدە دەرىجە ئاتلىتىپ پادىشاغا مۇشاۋۇرلۇققا ئۆستۈرۈلدى. مۇشاۋۇرلۇق، پادىشاغا ھەمراھ بولىدىغان مەنسەپ ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھەمىشە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاسى شۇەنزۇڭنى كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى. - ھە، ئىسمىڭىز نېمە؟ - بىر كۈنى شۇەنزۇڭ، ئابېيجۇڭ مالۇنى كۆرۈپ شۇندق سورىدى. ـ ئابېيجۇڭ مالۇ، پادىشاھى ئالەم. ـ ئىسمىڭىز ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەن، مەن سىزگە بىر ئىسىم قويۇپ قويسام قانداق؟ - ھىممەتلىرىگە رەھمەت دەيمەن، پادىشاھى ئالەم، ئېلىپ >جاۋخېڭ" دەپ يازدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابېيجۇڭ مالۇنىڭ ئىسمى >جاۋخېڭ< دېگەن خەنزۇچە ئىسمىغا ئۆزگەرتىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جېنبېي ئىسىملىك بىر ياپونلۇق ئوقۇغچىئابېيجۇڭ مالۇنى كۆرگىلى كېلىپ: - سېنى مەنسەپتىن ئامىتىڭ كېلىپ قالدى! مۇشاۋۇر بولۇپ قالدىڭ. پادىشاھى ئالەم ساڭا قۇتلۇق ئىسىم ئىتىپات قىلدى. بىراق، مەن سېنىڭ ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەدەبىياتنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ چاڭئەندە بازىرى يوق ئىكەن. ئاڭلىشىمچە پادىشاھى ئالەم مۇزىكىغا بەكمۇ بېرىلىدىكەن، يەنى تېخى شېئىر يازىدىكەن، ـ دېدى. - راست دېدىڭ، ـ دەپ چوڭقۇر ئويلىنىپ جاۋاپ بەردى جاۋخېڭ، ـ مەن بۇرۇن ياپونچە شېئىرغا قاىزىقاتتىم، تاڭ سۇلالىسىگە كەلەەندىن بۇيان خەنزۇچە شېئىرلارغىمۇ قىزىقىپ قالدىم، - ئۇ سۆزلەۋېتىپ بۈيۈك شائىر لى بەي، ۋاڭ ۋېي، شۈگۇاڭيى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدىكى ئەھۋاللارنى زوقمەنلىك بىلەن تىلغا ئالدى ھەمدە خاتىرىسىدىكى ئۇلار بىلەن مۇشائىرە بولغان بىر مۇنچە شېئىرلارنى كۆرسىتىپ جېنبېيدىن مەسلىھەت سورىدى. - پاھ، يارايسەن، مەن سېنى ئۇستاز تۇتۇشۇم كېرەك ئىكەن! - جېنبېي ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، توختىماستىن ماختىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، جېنبېي قېتىقىنىپ ئۆگىنىش، كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق ئالتە ھۈنەر )ەش كالام، ئۈچ تارىخ، شەرھىچىلىك ئىلمى، ھېساپ، اونېتىكا، خۇشختە( نى ئۆگىنىۋالدى؛ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىلىمخۇمارلىقى چاڭئەندىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا تەرىپلەندى. ۋاقىت يورغىلاپ ئۆتۈۋەردى، جاۋخېڭ سېزە - سەزمەي جۇڭگودا 40 يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۇنىڭ سۋاقدىشى جېنبېي، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىپ، ياپونىيىنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە 10 - قېتىم ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بىەن بىرلىكتە يەنە جۇڭگوغا كەلدى. بۇ چاغدا، جاۋخېڭ دىۋانخانىدا پۈتۈكچى مۇەپەتتىشلىككە كۆتىرىلگەن ئىدى. جېنبېينىڭ كەلگەنلىگى ئۇنڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە يېنىۋاتقان يۇرت مۇھەببىتىنى باسالماي قالدى، بۇرۇن ۋەتەنگە قايتىش ھەققىدە كۆپ قېتىم تەلەپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما شۇەنزۇڭ شاھ قوشۇلمىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھەرقاچان گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان كۈنلەر سە سۈزۈك ئايدىڭ كېچىلەردە، دائىم مۇنۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئوقۇيتتى: تەلپۈنىمەن قاراپ دائىم كۆك ئاسمانغا، سەندۇشەنگە )ياپوندىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى( يېتىپ بېرىپ، يېتەرمەنمۇ ئامانغا. 10 - قېتىم تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن ئەلچىلەر ياپونىيىگە قايتماقچى بولدى. جاۋخېڭ ۋەتىنىگە قايتىش تەلىۋىنى شۇەنزۇڭغا يەنە بىر قېتىم سەمىمىيىلىك بىلەن مۇراجەت قىلدى. - مېنىڭ ياپونىيىگە قايتىشىم - دېدى ئۇ، - ياشانغان ئاتا - ئانامغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ياپونىيىگە ئۆگىتىش ئۈچۈن. شۇەنزۇڭ ئۇنىڭ ئىنتايىن سەمىمىي نىيىتىنى چۈشىنىپ، ۋەتىنىگە قايتىشقا رۇخسەت بەردى: - خەير، بوپتۇ! ياپونىيىدىن ھوزۇرىمىزغا سوغا تەقدىم قىلغىلى كەلگەن ئەلچىلەرنى ۋەتىنىگە ئۇزىتىپ قويۇش ۋەزىپىسىنى سىزگە تاپشۇراي! - 752 - يىلى ئۆكتەبىردە، ئابېيجۇڭ مالۇ يولغا چىقماچى بولدى ئۇنىڭ چڭئەندىكى شائىر دوستلىرى كاتتا خوشلىشى زىياپىتى ئۆتكۈزدى. مەشھۇر شائىر لى بەي بۇ چاغد يىراق جايلارغا زىيارەتكە كەتكەنلىگى ئۈچۈن، زىياپەتكە قاتنىشالمىدى. ۋاڭ ۋېي، چۇ گۇاڭيى ۋە ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئەلچىلەر خۇشال - خۇرام جەم بولۇشتى. ۋاڭ ۋېي زىياپەت ئۈستىدىلا قولىغا قەلەم ئېلىپ >پۈتۈكچى مۇپەتتىشىنى ياپونىيىگە ئۇزىتىمەن< دېگەن شېئىرىنى يازدى. 56 ياشقا كىرگەن جاۋخېڭ ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياخش كۆرىدىغان قىلىچىنى غىلىپىدىن ئېلىپ، جۇڭگولۇق شائىر دوستىغا ھەدىيە قىلدى ۋە تۆۋەندىكى نەزمىنى ئوقۇدى: مانا مەن پەرمان بىلەن چىقتىم بۇندىن خوشلىشىپ، ئىقتىدارىم بولسىمۇ كەم، تەيىنلىنىپ ئەلچى بولۇپ. دانا پادىشاھ پانايىدا تۇرساممۇ گەر جۇڭگودا مەن، مېھرىۋان تۇققانلارنى كۆپ ئەسلىدىم بۇندا تۇرۇپ. ……… ئەسلىتەر ئۆتكەن كۈنۈم باققاندا مەن مەغرىپ تامان، ھېس قىلارمەن خاسىيەتلىك چاغلىنى مەشرىقتەمەن. بار ئىدى ئۆمرۈمدە بەكمۇ ياخشى كۆرگەن شەمشىرىم، ھەدىيە قىلىپ قالدۇراي دوستلارغا شۇ شەمشەرنى مەن. 15 - ئۆكتەبىردە ئابېيجۇڭ مالۇ چاڭئەن بىلەن خوشاشتى ۋە ياپونىيىگە قايتىپ كېتىدىغان ئونىنچى قېتىملىق ئەلچىلەر ئۆمىگى بىلەن ياڭجۇ ئارقىلىق سۇجۇنىڭ خۇاڭسىپو دېگەن يېرىگە كەلدى. جۇڭگو شائىرلىرى ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇنى ئاشۇ يەرگىچە ئۇزىتىپ قويدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ياڭجۇدىكى يەنگۇاڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مەشھۇر راھىپى جيەن جېنى ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ياپونىيىگە يولغا چىقتى. ياپونىيىگە قايتىدىغان تۆت چوڭ ياغاچ كېمە دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. ئەمما ئوكىناۋا ئارىلىغا يېتىپ بارغاندا، بەختىگە قارشى قارا بوران چىقىپ تۆت كېمىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى. جيەن جېن چۈشكەن كېمە بىلەن قالغان ئىككى كېمە ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا يول يۈرۈپ، ياپونىيىگە يېتىپ بارد. ئەمما ئابېيجۇڭ مالۇ قاتارلىقلار چۈشكەن كېمە ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى. ئىككىنچى يىلى مارتتا ياپونىيىنىڭ ئوردىسىغا يەنىلا >ئىز - دېرىگى يوق< دېگەن خەۋەر يېتىپ باردى. ئابېيجۇڭ مالۇنىڭ بەختىسزلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى مىش - مىش گەپلەر تاڭ سۇلالىسىگە تارقالدى. سۇجۇدا ساياھەت قىلىۋاتقان لى بەي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئىشەندى - دە، بەكمۇ پەرىشان بولۇپ تۆۋەندىكىچە قايغۇلۇق مەرسيەنى يازدى: بىر كۈنى چاڭئەندە جاۋخېڭ ھەزرىتىم دوستلار بىلەن، خوشلىشىپ قايتقن ئىدى يۇرتى - ياپون دىيارىغا. ئايلىنىپ سىرلىق ئارالدىن ئۆتكىنىدە كېمىلەر، شۇ ئېسىل گۆھەر چۆكۈپ كەتكەن ئىمىش سۇ ئاستىغا، ئاق بۇلۇت قايغۇ ئىچىدە شۇندىن بۇيان ياشىن تۆكەر. لى بەي بىلەن جاۋخېڭ پەقەت ئۈچ يىللار بىللە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شېئىردىن مەلۇمكى، ئۇلار بىر بىرىنى چۈشىنىدىغان ھەمنەپەس دوستلاردىن بولۇپ قالغان. ئەمما، بەختكە ارىشا ئابېيجۇڭ مالۇ ئۆلۈپ كەتمىگەن. ئۇ چۈشكەن كېمە ھازىرقى ۋيېتنام قىرغانلىرىغا يېتىپ بارغاندا، كېمىدىكى 017 نەچچە كىشى شۇ جايدىكى ئادەملەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئابېيجۇڭ مالۇ قاتارلىق ئون نەچچە كىشى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادى 755 - يىلى ئىيۇلدا ئۇلار مىڭبىر جاپا - مۇشەقەتنى باشتىن كەچۈرۈپ چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، مۇشۇ يىلى نويابىردا، تاڭ سۇلالىسىدە توپىلاڭ كۆتىرىلىپ، پايتەخت توپىلاڭچىلارنڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. پادىشاھ شۇەنزۇڭ سىچۈەنگە قېتىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئوغلى سۇزۇڭ، گەنسۇنىڭ لىڭۋۇ دېگەن يېرىدە تەخت قۇرغان. ئابېيجۇڭ مالۇ تاكى 757 - يىلى ئۆكتەبىرگىچە شۇەنزۇڭنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ يۈرۈپ چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا گەرچە توپىلاڭ بېسىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بارسا كەلمەسكە كەتكەنىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، ئابېيجۇڭ مالۇ سول قول مۇپەتتىش مەسلىھەتچى )اپدىشاھ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە نەسىھەت قىلغۇچى ئەمەلدار( قاتارلىق مەنسەپلەردە ئولتۇرغان. ئاېيجۇڭ مالۇ 70 يېشىدا ئاننەننىڭ ھىراۋۇللۇغىغا تەيىنلىنىپ ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ خېنېي قاتارلىق جايلىرىنى باشقۇرغان. ئەمما ئۇز ئۇزاق يىللار مابەينىدە چارچاپ كەتكەچكە، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېغىر كېسەل بولۇپ 770 - يىلى يانۋاردا، 73 يېشىدا چاڭئەندە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ تكھپىلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھ دەيزۇڭ ئۇنىڭغا >لۇجۇنىڭ ئۇلۇغ مۇپەتتىشى< دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئابېيجۇڭ مالۇنىڭ ھاياتى - 8 - ئەسىردىكى ياپونىيە خەلقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتىنى تەشنالىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا جۇڭەو ياپونىيە خەلقلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان دوستلۇغىنىڭ سىمۋولى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ