لى شۈنچېن ۋە «تاشپاقىسىمان كېمە»
بەش مىڭ يىل
تاشپاقىسىمان كېمە دېگەن نېمە؟ ئۇ - كىشىلەر چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئىجاد قىلغان بىر خىل ئۇرۇش كېمىسىگە قويغان ئاممىباب نام. بۇ خىل كېمىنىڭ سىرتى تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۆمۈر تاختاي بىلەن قاپلانغاچقا، كىشىلەر ئۇنى تاشپاقىغا ئوخشىتىپ ئاشۇنداق ئاتىغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە، بۇ خىل كېمە چاۋشىيەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر سەردارى لى شۈنچېننىڭ ئۆزگەرتىشى بىلەن مۇكەممەللىشىپ ناھايىتى زور ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان.
لى شۈنچېن، 1545 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئاۋۋال ياپونىيىنىڭ بىر كىچىك ناھىيىسىدە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان بولۇپ، كېيىنچە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ مۇنەۋۋەر ھەربىي مۇتەخەسىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەشھۇر كېمىساز ئىدى.
لى شۈنچېن ياساتقان «تاشپاقىسىمان كېمە» لەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 33 مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى. كېمە ئۈستى قېلىن تاختايلاردا ياسالغان ۋە تاختايلار ئۈستى تۆمۈر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كېمىدىكىلەرنى دۈشمەننىڭ ئوت چاچقۇچى قوراللىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئە قىلاتتى. كېمىنىڭ ئۈستى ۋە يان - بەلگىلىرىگە پۈتۈنلەي، شەمشەردەك زىخچىلار ۋە تۆمۈر ئىلمەكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، دۈشمەن ئاسانلىقچە كېمىگە يامىشىپ چىقالمايتتى. كېمىنىڭ بېشىغا رول ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رولنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئىككى يەرگە توپ ئېتىش ئېغىزى ئېچىلغان ئىدى؛ كېمىنىڭ تۇمشۇقىغا ئۆتكۈر بېسىملىق يوغان زىخلار ئورنىتىلغان بولۇپ، گېزى كەلگەندە دۈشمەنگە زەربە بەرگىلى بولاتتى.
مىلادى 1592 - يىلى، ياپونىيىلىك فېڭچېن شيۇجى چاۋشىيەن، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتتى دېگەن باھانە بىلەن، 200 مىڭ كىشىلىك كاتتا قوشۇن، 700 ئۇرۇش كېمىسى باشلاپ چاۋشىيەننىڭ فۇشەن شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى.
مۇشۇ يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، لى شۈنچېن يۈفۇ پورتىغا ياپونىيىنىڭ بىر بۆلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى كېلىۋالغانلىقىنى، بۇ كېمىلەردىكى ئەسكەرلەرنىڭ قاراۋۇللۇققا ئازغىنا ئادەم قالدۇرۇپ قويۇپ، كۆپچىلىكى قىرغاقتىكى پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتى - دە، 95 «تاشپاقىسىمان كېمە» گە قوماندانلىق قىلىپ دەرھال يۈفۇغا ھۇجۇم قىلدى.
ياپونىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدىكىلەر بۇنداق كېمىلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، يىراقتىن كۆرۈپلا نېمىلىكىنى بىلەلمەي ھەدەپ كالدىرلىشىپ كەتتى.
- ئاۋۇ نېمە، قاراڭلارچۇ؟
- بىر توپ تاشپاقىدەك قىلدىغۇ!
بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، «تاشپاقا» لار بارغانسېرى يېقىنلاشتى ۋە ئۇرۇش كېمىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى - دە، قاراۋۇللار ئالدىراپ - تېنەپ قىرغاققا چىقىپ ئوفىتسېرگە مەلۇم قىلدى:
- سالام ئوفىتسېر، بىر توپ «تاشپاقا» پورتىمىزغا قاراپ ئۈزۈپ كەلمەكتە!
ئوفىتسېر دۇربۇن بىلەن قاراپ كۈزەتتى - دە، ۋارقىراپ تىللىدى:
- ھە، كالۋا، تاشپاقا، ھەتۆ - پەتۆ دېگەننى قاراڭ! تاشپاقىسىمان كېمە ئۇ، كېمە! تېزلىكتە كېمىگە چىقىپ چېكىنىڭلار.
ياپونىيىنىڭ دېڭىزچىلىرى ئالمان - تالمان كېمىگە چىقىپ، لەڭگەرنى تارتىپ قاچقىچە، لى شۈنچېننىڭ تاپاقىسىمان كېمىلىرى پورتقا يېقىنلاپ بولدى.
«توپ ئېتىڭلار!» - لى شۈنچېن كېمىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ بىرلا توۋلىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە دېڭىز ئۈستىنى ئىس - تۈتەكلەر قاپلاپ، ھۇررا سادالىرى جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، ياپونىيىنىڭ 40 نەچچە كېمىسى كۆيدۈرۈۋېتىلدى ۋە چۆكتۈرۈۋېتىلدى سان - ساناقسىز ئەسكەرلىرى ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ئامان قالغانلىرى بىر قاقاس ئارالغا چىقىۋېلىپ، ئوت - گىياھلارئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاران بالالىقتا جېنىنى ياقىغا ئالدى. چاۋشىيەننىڭ دېڭىزچىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى يارىلاندى.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ لى شۈنچېننىڭ دېڭىزچىلىرى يەنە بىر نەچچە قېتىم غەلبىلىك جەڭ قىلىپ، ياپونىيىنىڭ نەچچە ئونلاپ كېمىلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 1592 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى ھەمدە پيۇڭياڭ، كائېسۇڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىنتايىن تېزلىكتە قايتۇرۇۋېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى شىمالىي چاۋشىيەندىن قوغلاپ چىقاردى. فېڭچېن شيۇجى، چاۋشىيەن بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاندى.
دەل مۇشۇ پەيتتە، لى شۈنچېنگە زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى باشلاندى. لى شۈنچېننى كۆرەلمەيدىغان ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ساتقىن ۋەزىرلەر ئىغۋا تارقىتىپ، كەينى - كەينىدىن بېرىپ پادىشاھقا ئەرز قىلدى. قاپاقباش پادىشاھ گەپنىڭ ئاق - قارىسىنى ئايرىمايلا، «پادىشاھنى ئالداپ، دۈشمەننىڭ قوماندانىنى قويۇپ بەرگەن» دېگەن بەتنام بىلەن لى شۈنچېننى دەرھال قولغا ئالدى ھەمدە تۈرمىگە ئالدى.
لى شۈنچېننىڭ تۆھمەت بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادىلىۋاتقان مىخنى ئېلىۋەتكەندەك ئىش بولدى. 1597 - يىلى 2 - ئايدا، فېڭچېن شيۇجى تىنچلىق سۆھبىتى بۇزۇلدى دېگەن باھانە بىلەن 15 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشىيەنگە يەنە تاجاۋۇز قىلدى. بۇ چاغدىكى ۋەزىيەت چاۋشىيەن ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز ئىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تۆت يىلغا سوزۇلغان تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە قىلچىمۇ كۆچەيتىلمىگەن ئىدى؛ دېڭىز ئارمىيىسىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قوماندانمۇ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان مەسكاللا ئىدى. شۇڭا، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، چاۋشىيەننىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيسى مەغلۇپ بولدى. دېڭىز ئارمىيىسى ئالاھەزەل توزۇپ كەتتى، كۆپ قىسىم جايلار ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
ئەل - يۇرت ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغان مۇشۇ جىددىي پەيتتە، چاۋشىيەننىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە يېرىدە لى شۈنچېننىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ۋەتەنپەرۋەر سەركەردە ۋە جەڭچىلەر بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆتىرىلگەن جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن لى شۈنچېننى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا يېڭىۋاشتىن تەيىنلىدى.
لى شۈنچېننىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پەقەت 12 تاشپاقىسىمان كېمە ۋە 100 دىن كۆپرەك ئەسكەر تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئەمما، لى شۈنچېن زادىلا مەيۈسلەنمىدى. ئۇ دېڭىز ئارمىيىسىنى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سېلىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرغان سەركەردە ۋە جەڭچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئۆلۈمدىن قورقىدىغان توخۇ يۈرەك ئوفىتسېرلارنى چىقىرىپ تاشلىدى ۋە جازالىدى. سەمىمي ھەم باتۇرت دېھقانلارنى دېڭىز ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلدى ھەمدە زور تۈركۈمدىكى مالىيە ۋە ئادەم كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تاشپاقىسىمان كېمىلەرنى ياساشنى چىڭ تۇتتى. بىر مەزگىل مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى قوشۇنى يەنە بەرپا بولدى.
بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، يەنە بىر قېتىم زور تۈركۈمدە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتتى. چېن لىن، دېڭ زىلۇڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى بۇيرۇققا بىنائەن لى شۈنچېن سەركەردە بىلەن ئۇچراشتى. چاۋشىيەن، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى تەكرار مەغلۇپ قىلدى.
1597 - يىلى قىشتا، چاۋشىيەن - جۇڭگو بىرلەشمە ئارمىيىسى ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلە ن شىدەەتلىك چوڭ ئۇرۇش قىلدى. ئالدى بىلەن چاۋشىيەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوڭ، سول، ئوتتۇرا ئۈچ يول بويىچە ئىلگىرىلەپ، ياپونىيىنىڭ ئۈچ چوڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىنتايىن تېزلىكتە زىچ مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى. ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىدىن مەدەت تىلىدى. لى شۈنچېن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال چاۋشىيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دېڭىزچىلىرىنى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى مۇقەررەر ئۆتىدىغان لۇلياڭ دېڭىز يۈزىگە ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ كۈنى كېچىدە، ياپونىيىنىڭ 500 دىن كۆپرەك ئۇرۇش كېمىسى لۇلياڭ دېڭىز يۈزىگە يېتىپ كەلدى. لى شۈنچېننىڭ بىر ئېغىز قوماندىسى بىلەن تەڭلا چاۋشىيەن، جۇڭگو دېڭىزچىلىرى دەرھال ھۇجۇمنى باشلىدى. نەچچە ئون تاشپاقىسىمان كېمە شىددەتلىك توپ ئاتتى ھەمدە يوغان نەشتەر زىخچىلار بىلەن دۈشمەن كېمىسىنى سوققا قىلدى. دېڭىز يۈزىدە يالقۇنلار ئاسمان پەلەك ئۆرلەپ، ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتتى. بىرمۇنچە جەڭچىلەر تېخى باتۇرلۇق قىلىپ دۈشمەننىڭ كېمىلىرىگە سەكرەپ چىقىپ، دۈشمەن كېمىسىنىڭ ھۇجرىلىرىنى جەسەت بىلەن تولدۇردى.
ياپونىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى 40 دىن ئارتۇق كېمىسىنى زىيان تارتقاندىن كېيىن قاچماقچى بولۇۋېدى، چاۋشىيەن - جۇڭگو دېڭىزچىلىرى تاپ باستۇرماي قوغلاپ ئەدىبىنى بەردى. لى شۈنچېن تاشپاقىسىمان كېمىدىن ئون نەچچىنى باشلاپ، پالاقچىلارنى پالاقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇپ، دۈشمەن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ لى شۈنچېن قوماندانلىقىدىكى كېمىلەرگە ئوق ياغدۇردى.
ئەدەپ كېتىۋاتقان توپ ئوتلىرى ئىچىدە، لى شۈنچېن تەمكىنلىك بىلەن جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. ئۇ توساتتىن جۇڭگو دېڭىزچىلىرىنىڭ قوماندانى دېڭ زىلۇڭنىڭ قوماندانلىقىدىكى كېمىلەرنىڭ دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىنى كۆردى - دە، قورشاۋنى بۇزۇۋېتىش ئۈچۈن دەرھال شۇ تەرەپكە بۇرالدى. كېتىۋاتقاندا بەختكە قارشى سول كۆكسىگە ئوق تېگىپ، قىزىل قان بۇلدۇقلاپ ئېقىشقا باشلىدى. سەركەردە ۋە جەڭچىلەر ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئەتراپىغا چۆرىدەشتى.
- سەركەردە، سىزگە نېمە بولدى؟ كېمىنىڭ ئارقا ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىڭ! - ئىككى جەڭچى ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ سەركەردىنى يۆلىۋالدى.
- جەڭ جىددىي، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، جەڭچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن يارىلانغانلىقىمنى بىلدۈرمەڭلار. سىلەر جەڭنى داۋاملاشتۇرۇڭلار! - دېدى - دە، سەركەردە قولىدىكى ھەربىي بايراقنى قول ئاستىدىكىلەرگە تۇتقۇزۇپ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن بۇيرۇق بېرىپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمدى - يۇ، كىشىلىك دۇنياسىدىن مەڭگۇ ئايرىلدى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا جۇڭگو دېڭىزچىلىرىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان قوماندانى دېڭ زىلۇڭمۇ باتۇرلارچە ۋاپات بولدى.
«دۈشمەندىن قانلىق قەرزنى ئېلىش ئۈچۈن جان تىكەيلى!» - چاۋشىيەن - جۇڭگونىڭ سەركەردە ۋە جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى دەرغەزەپكە كەلگەن ھالدا قوللىرىنى كۆتىرىپ توۋلىدى. جەڭ تاكى ئەتىسى چۈش مەھەللىگىچە داۋاملاشتى، چاۋشىيەن - جۇڭگو دېڭىزچىلىرى دۈشمەننىڭ 400 دىن ئارتۇق كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتتى ۋە ۋەيران قىلدى، ياپون ئارمىيىسىنىڭ 15 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. ياپونىيىنىڭ ھايات قالغان ئالتە توك - توك مەجرۇھلىرىمۇ چاۋشىيەن - جۇڭگو بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا چاۋشىيەندىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئالتە يىلغا سوزۇلغان ۋەتەن ئۇرۇشى ئاخىرى غەلبىلىپ ئاياقلاشتى. بۇ ئۇرۇش 1592 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل چاۋشىيەن ۋە جۇڭگولارنىڭ ئەنئەنىۋى كالىندارىدا رېنچېن يىلى دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش چاۋشىيەن تارىخىدا ئومۇميۈزلۈك رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.
لى شۈنچېن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى كېيىنكى ئەۋلاتلار تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە مەدھىيلىنىپ كەلدى. ئۇ ياساتقان تاشپاقىسىمان كېمىمۇ ۋەتەننى داۋاملىق قوغداشتا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو - چاۋشىيەن ئىككى مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا ئورناتقان دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ!