UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭجازا دارى ئاستىدىكى ئاسترونوم

جازا دارى ئاستىدىكى ئاسترونوم

بەش مىڭ يىل بىر ئات ھارۋىسى ئېگىز ھەم خەتەرلىك ئالپىس تاغلىرىنىڭ قاتمۇ - قات چوققىلىرى ئارىسىدىكى يىلان باغرى يولدا شىمالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ھارۋا ئۈستىدە 30 ياشلاردىن ھالقىغان بىر قىران كىشى ھەدەپ ئارقىسىغا بوينىنى سوزۇپ، يىراقتا قېلىۋاتقان تاغ - دەريالار ۋە ئوت - گىياھلارغا قارايتتى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى، غەزەپ ھەم ھاياجان ئىلكىدە گىدىرماش كۆرۈنەتتى. بۇ قىران كىشى گىئوردانو برۇنو ئىدى. برۇنو، ئىتالىيىلىك مەھشۇر ئاسترونوم بولۇپ، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى «ئىنجىل» نى تەنقىد قىلىدىغان «نوھ كېمىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالا ئېلان قىلغانلىقتىن، دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھازىر ئىتالىيىنىڭ مەھكىمە شەرئىسى ھەممە يەردە ئۇنى تۇتىمىز دەپ ئاختۇرۇپ يۈرگەنلىكتىن، ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، فرانسىيىگە قېچىپ كېتىش ئۈچۈن يولغا چىققان. برۇنو قاتتىق ئۇرۇلۇۋاتقان ھارىۋىدا ئولتۇرۇپ، ئارقىدا قېلىۋاتقان تاغ چوققىلىرىنىڭمۇ شۇنداق قاتتىق ئىغاڭلاۋاتقاندەك ھالىتىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرمىدى - دە، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، دىلغەشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنى بىردەم ئارامخۇدا تۇتۇشنىڭ قويىغا چۈشتى. ئەمما ھاياتنىڭ بۇنداق ئېگىز - پەس يوللىرىدىكى ھەلەكچىلىكلەر قەلب جامىنى قانداقمۇ ئازابتىن خالىي قىلالايدۇ دەيسىلەر؟ ئۇ كىچىكىدىنلا ئىتالىيىنىڭ نېئاپولدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئائىسىلى ھەممىدىن ئايرىلغان يوقسۇل ئائىلە بولغانلىقتىن، برۇنو ئاچچىق بالىلىق دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، كېيىنچە دەرۋىشخانىغا بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئېغىر ئەمگەك ۋە دەرۋىشخانىدىكى مەنىسىز تەنھا تۇرمۇش، شۇنداقلا ئىچى بىلەن تېشى ئوخشىمايدىغان سالاپەتلىك دىندارلارنىڭ خورلاشلىرى ئۇنى چىدىغۇسىز قىلىۋەتكەن. ئۇنى خۇشال قىلالايدىغان بىردىن بىر ئىش، ئۆگىنىش بولغان. بۇ چاغ دەل ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش دەۋرى بولۇپ، برۇنو تەرەققىيپەرۋەر كىتابلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى» نى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈپ قالغان. بۇ كىتابنى تەكرار ئوقۇش ئارقىسىدا، ئۇنىڭغا كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» غا كۈچلۈك ھەۋەس قوزغالغان ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كوپېرنىكقىمۇ چەكسىز ئېتىقاد تىكلىگەن. ئاتنىڭ بىر كىشنىشى بىلەن تەڭ، ھارۋا فرانسىيە تەۋەلىكىگە كىردى، برۇنو چۆچۈپ، كۆزىنى ئېچىپ، قەددىنى رۇسلاپ، روھىنى كۆتەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى باشلاندى. برۇنو چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 15 يىل جەريانىدا، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ فرانسىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ئاۋستىرىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە باردى. شىۋېتسىيىنىڭ جەنۋەدە تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇ يېرىم ئىشلەپ، يېرىم ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى ھەمدە ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى يېزىشنى باشلىدى. كېيىنچە، ئۇ پىروتېستانت دىنىدىكىلەرنىڭ تەبىئىي پەنلەرگە بولغان زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي، شىۋېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ۋە شەپقەتسىز رىئاللىق ئۇنى تىز پۈكتۈرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، ئۇنىڭ كۈرەش ئەمىلىيىتىدە چېنىقىپ ۋە ئۆسۈپ، ئاخىرى ئىلىم - پەندە جەسۇر بىر جەڭچى بولۇپ يېتىلىشىنى ئالغا سۈردى. 1581 - يىلىنىڭ بىر كۈنى ئەتىگەندە، برۇنو فرانسىيىدىكى بىر ئۇنىۋېرىسىتېتدا دەرس مۇنبىرىگە چىقتى، بۇ كۈنى لېكسىيە ئاڭلىغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، شۇنداقلا بىرمۇنچە تەرسا دىندارلارمۇ بولۇپ، زال تىقمۇ - تىقماق بولۇپ كەتكەن ئىدى. - جانابلار، مەن بۈگۈن ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى ھەققىدە سۆزلەيمەن، - برۇنو روھى ئۇرغۇغان ھالدا ھەربىر سۆزنى ئىشتىراكچىلارنىڭ دىل تارىنى چەككۈدەك جاراڭلىق سۆزلىدى. «ۋاي ۋۇي! - دەپ سوغۇق كۈلدى بەزىلەر، - ئالەم چەكسىزمىكەن؟ ئاجايىپ بىر گەپقۇ بۇ!» - ئېھتىمال بەزىلەر ئاجايىپ - غارايىپ گەپ قىلىۋاتىسەنغۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن، برۇنو نۇر چقناپ تۇرغان روھلۇق كۆزلىرىنى ئىشتىراكچىلارغا بىر يۈگۈرتۈپ چىقتى - دە، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەردانىلىق بىلەن، - جاكارلىدى بۇ ئاجايىپ - غارايىب سەپسەتە ئەمەس، بەلكى تەبىئەتنىڭ چىنلىقى! ئەجدادى ئالىمىمىز كوپېرنىك ئۇلۇغ، ئۇ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» دىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەلىماتنى بەرپا قىلىپ، «يەر مەركەز تەلىماتى» نىڭ بىمەنىلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەمما ئۇنىڭ نەزەرىيىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس. ئارقىدىنلام برۇنو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالەم چەكسىز چوڭ، قۇياش، ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، بەلكى قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى، يەرشارى پەقەت ئالەمدىكى ئىنتايىن كىچىك بىر پلانت، قۇياش باشقا نۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەرگە قارىتا ئېيتقاندىمۇ جىمجىت تۇرمايدۇ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ئوقى ئەتراپىدا دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ. چەكسىز ئالەمگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ھەرگىزمۇ مۇقىملاشقان مەركەز يوق. برۇنونىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان نۇتقى كۆپلىگەن ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى چىن دىلىدىن قايىل قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭراتتى. بىر توپ تەرسا دىندارلار ۋە ئالىملارمۇ دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ، نۇتۇق مەيدانىدىن غىپپىدە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. برۇنونىڭ سۆزلىرى كوپېرنىكنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى، كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلىدى، شۇ ئاساستا دىنىي جەمئىيەت تەرغىپ قىلغان «يەر مەركەز تەلىماتى» دىن ئىبارەت بىمەنە نەزىرىيىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىپ، ھەرقايسى ئەل دىنىي جەمئىيەتلىرىدە ئىنتايىن زور قورقۇنچ پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەھكىمە شەرئى برۇنوغا چىش - تىرنىقىدىن ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ پۇخادىن چىقىش ئۈچۈن مىڭبىر چارىلەرنى قوللاندى. بىر كۈنى، ئىتالىيىنىڭ ۋېنېتسىيىدىكى بىر چېركاۋنىڭ زالىدىن ئارقا - ئارقىدىن ۋەھىمىلىك كۈلكە ئاڭلاندى، زالدىن ئۈچ ئادەمنىڭ قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ كۇسۇلدىشىۋاتقان كۆلەڭگىسى كۆرۈنەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى رىم دىندارلىرى بولۇپ، يەنە بىرسى ۋېنېتسىيىلىك سودىگەر ئىدى. ئۇلار شۇ تاپتا برۇنوغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانىنى مەخپىي پىلانلىماقتا ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، «شاراققىدە» قىلدى - دە، بىر دىندار پومپىيىپ تۇرغان بىر چەندازىنى سودىگەرنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ: «گېپىمىز گەپ بولسۇن!» - دېدى. «گېپىمىز گەپ!» - دېدى سودىگەر ۋە قولىدىكى چەندازنى دەڭسەپ كۆرۈپ ۋە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. يېقىندا، برۇنو، ۋېنېتسىيىلىك مۇشۇ سودىگەردىن بىر خەت تاپشۇرۇۋالغان. سودىگەر ئۆز خېتىدە شىرىن سۆزلەر بىلەن برۇنونى يالغاندىن ماختىغان ھەمدە ئۇنى ۋېنېتسىيىگە كېلىپ لېكسىيە ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. برۇنو بۇنىڭ دىنىي جەمئىيەت قۇرغان توزاق ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىدۇ دەيسىلەر؟ برۇنو ئاشۇ خەتكە ئىشىنىپ تولۇپ تاشقان خۇرسەندىچىلىك بىلەن ۋېنېتسىيىگە قايتىشقا ماقۇل بولغان. ھاۋا ئىللىق بىر كۈنى، بىر يەلكەنلىك كېمە ۋېنېتسىيە پورتىغا لەرزان ئۈزۈپ كىردى. كېمە سەھنىسىدە 40 ياشلاردىن ھالقىغان برۇنو قىرغاققا تەلمۈرەتتى. ئۇنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشماقتا ئىدى. كېمە قىرغاققا تاقاشقان ھامان كېمە سەھنىسىدىن چوڭ - چوڭ قەدەم بېسىپ يەرگە چۈشتى. شۇئان ئۇشتۇمتۇت بىرنەچچە بەستلىك ئادەم كېلىپ يوپۇشتى - دە، برۇنونى تاتقۇچلاپ باغلىغاندىن كېيىن بىر ئات ھارۋىسىغا باستى. قامچىنىڭ تاراسلىشى بىلەنلا ئات ھارۋىنى سۆرپ قاچتى. برۇنو رىمغا ئېلىپ بېرىلدى. رىمنىڭ مەھكىمە شەرئىسىدە ئۇ قىلچىمۇ تەۋرەنمىدى. دەھشەتلىك جازالار ئالدىدا، ئۇ مەردانىلىق بىلەن تىك تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ تىز پۈكمىدى ئۇزاق ئۆتمەيلا تۈرمىگە تاشلاندى. 1600 - يىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، برۇنو رىمنىڭ گۈللۈك مەيدانىدىكى ئوت بىلەن جازالاش دارى ئاستىغا يالاپ بېرىلدى. ئون يىللىق تۈرمە ھاياتىنىڭ جەۋرى - زۇلۇملىرى ئۇنى يادىتىۋەتكەن، پۇتلىرى ئىششىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. برۇنو بۇ پەيتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا سالماقلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بىمالال تۇردى. جاللاتلار ئوتقاشنى ئۇنىڭ يۈزىگە تۇتۇپ سورىدى: - سېنىڭ ئەجىلىڭ توشتى، يەنە قانداق گېپىڭ بار؟ - قاراڭغۇ كېچە كېتىپ، سۈبھى تاڭ كەلمەكتە. ھەقىقەت رەزىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇسى! - برونۇ كۆك ئاسمانغا مەغرۇر كۆزلىرىنى تىكىپ، ساپ دىللىقى بىلەن چەكسىز پەخىرلەندى. مەيداندا ئادەملەر تىقما - تىقماق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ ئېغىر سۈكۈت قىلىشتى. مەھكىمە شەرئى، برونۇ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا جازا دارى ئاستىدا ئوت لاۋۇلداپ يالقۇنجىدى. شۇئان برۇنو بېشىنى تىك تۇتۇپ، جاللاتلارغا: «ئەي جاللاتلار! سىلەر مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھۆكۈمنامە ئوقۇۋاتقان بىلەن مېنىڭ ئۇنى ئاڭلىغىنىمدىن بەكرەك قورقتىڭلار!» - دەپ تەنتەنىلىك جاكار قىلدى. يالقۇن ئىچىدە زەپەردەست بىر تەن تىك تۇردى. دىنىي جەمئىيەت برۇنوغا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتنى يوققا چىقىرالمىدى. ئىلىم - پەن ۋە ھەقىقەت دىنىي خۇراپاتلىقنىڭ ئۇل تېشىنى قوزغىتىۋېتىپ، كىشىلەر ئالغا باسىدىغان يولنى ئاچتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ