كالىداسا
بەش مىڭ يىل
5 ) ئەسىردىكى گوپتا سۇلالىسى دەۋرىدە، ھىندىستاندا دۇنياغا مەشھۇر بىربۈيۈك شائىر ۋە دىراماتۇرگ مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى كالىداسا ئىدى. شائىر ھەققىدە قالدۇرۇلغان ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، ئۇنىڭ ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئىگىگىدىكى بىر بىراخمان )قەدىمكى ھىندىستاندا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا دىن تارقىتىشنى كەسىپ قىلىپ ئۆتكەن راھىپ ئاقسۆڭەك( ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىگىلا مەلۇم بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلدى.
ئۇ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەدىمكى ھىندى ئەدىبىي تىلىدا )سانسىكرت يېزىقى بىلەن( يېزىلغان >ساكۇنتالا< ناملىق باللاداسى ئەڭ مەشھۇر ئەسەر ئىدى.
>ساكۇنتالا< - >توز قىز< دېگەن بولۇپ، باللادادا پادىشاھ تىۋاستو بىلەن ساكۇنتالا ھېكايە قىلىنغان.
بىر كۈنى، تىۋاسو چاكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىغا وۋغا چىقىدۇ. ئۇ يەردە توساتتىن تالچىۋىقتەك گۈزەل ساكۇنتالاغا ئۇچراپ قالىدۇ. بىر كۆرۈش بىلەنلا بۇ ئىككىيلەن ئاشق - بىقارار بولۇپ بىرلىشىدۇ، ئايرىلىش ۋاقتىدا تىۋاستو ئالەمشۇمۇل قەسەم ئىچىدۇ ۋە بىر ياقۇت ئۈزۈكنى يادىكار قىلىپ، ئوردىغا بېرىپلا قايتىپ كېلىپ ساكۇنتالانى ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ساكۇنتالا كېچەيۇ - كۇندۈز تەقەززالىق بىلەن يولغا قارايدۇ، ئەمما پادىشانىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەس - يادى پادىشاھدا بولغاچقا، كۆڭلى ئارامىد بولمي بىر پەرىشتىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدۇ.، پەرىشتە دەرغەزەپكە كېلىپ، ئاشىغىڭ سېنى جەزمەن ئۇنۇتتى، ئۇ ئۆزى يادىكار قىلغان نەرسىنى كۆمىگىچە ئۇنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كەلمەيدۇ،دەپ ھاقارەتلەيدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي، ساكۇنتالانىڭ كۆزى يورۇيدۇ، ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتىدۇ، ئۇ بالىسىنى كۆتىرىپ، يەڭگىسى بىلەن بىرلىكتە شەھەردىكى ئوردىغا بېرىپ پادىشاھنى ئىزلەش ئۈچۈن ئاتىلىنىدۇ. يولدا كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن پادىشاھ يادىكار قىلغان ياقۇت ئۈزۈكنى يۇتتۇرۇۋېتىدۇ. ئوردىغا كىرەندە، پادىشاھ دېگەندەك ئۇنى تونۇمايدۇ ۋە ئۇنى زەھەرخەندىلىك بىلەن >كوچا كەزدى< دەپ ھاقارەتلەيدۇ. ساكۇنتالا بىلەن يەڭگە تەرىپىدىن مات قىلىنىپ، ەەپ تاپالمىغان پادىشاھ، تەپتارتماستىن:
- مەن ئۇنى ئالداپ ئاشۇندق قىلغان، نېمە دەيسەن؟ - دەيدۇ.
ساكۇنتالانى پادىشاھ يېنىدا ئېلىپ قالمايدۇ، ئۆيىگىمۇ قايتالمايدۇ. شۇ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ھال رەڭلىك بىر نۇرغا ئايلىنىدۇ ـ دە، پەرىشتە تەرىپىدىن ئەرشىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ.
كېيىنكى كۈنلەردە، بىر بېلىقچى يوغان بىر بېلىقنىڭ قارنىدىن ياقۇت ئۈزۈكنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى پادىشاھقا ھەدىيە قىلىدۇ. ئۈزۈكنى كۆرۈش بىلەنلا پادىشاھنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كېلىدۇ - دە، ساكۇنتالانى ئېسىگە ئېلىپ، قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پادىشاھ، ساكۇنتالا بىلەن ئوغلىنى تاپىدۇ، ئانا، ئاتا، بالا ئۈچەيلەن جەم بولىدۇ. بۇ ئوغۇل كېيىنچە پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ ھەم ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى تەڭ قەدىمكى پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ.
بۇ باللادا كىلاسسىك داستان >ماھا پاراتا< ئاسساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پادىشاھ بىلەن سكۇنتالانىڭ مۇھەببىتى ۋە نىكاھلىنىشى ھېكايە قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن، شۇ چاغدىكى ھىندىستان ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. باللادادا ھۆكۈمرانلارنىڭ ساختىپەزلىەى، ئالدامچىلىقى پاش قىلىنغان ۋە ئاشكارىلانغان، ساكۇنتالادىن ئىبارەت ساددا، ئاق كۆڭۈل، ورلۇققا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئەركىنلىك ۋە بەخت - سائادەتكە تەشنا قىزغا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلغان. شۇڭا، بۇ باللادا، ئەسىرلەر بويى ھىندىستان خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ياقتۇرشىغا مۇيەسەر بولۇپ كەلدۇق.
كالىداسا بۈيۈك دىراماتۇرگ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۈيۈك شائىر ئىدى. ئۇ يازغا ئەسەرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى تۆت پارچە. ئۇنىڭ >بۇلۇت ئەلچىسى< دېگەن لىرىكىلىق تىرىلوگىيىسى جەمئىي 115 پاراگىراپ بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ھىجرانلىق ھەسرەتلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. تىرىلوگىيىدە مەنسىۋىنى تۆۋەنلىتىپ جەنۇپتىكى تاققا يۆتكىۋېتىلگەن ياكىسا )بايلىق ئىلھىنىڭ چاكىرى( نىڭ خوتۇنىنى ئەسلىشى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ ئاسمانغا تەلمۈرۈپ، ھاۋادا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان بۇلۇتقا، خوتۇنىغا خەت ئالغاچ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ. ئۇ بۇلۇتنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان يوللىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئۇ بۇلۇتقا، خوتۇنىنى قانداق سېغىنىپ كەتكەنلىگىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ھەمدە خوتۇنىغا >ئۇزاققا قالماي جەم بولىسىلەر< دەپ تەسەللى بېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلىدۇ. تىرىلوگىيىنىڭ تەسەۋۋۇرى كۈچلۈك، ھېسسىياتى پاك، تىلى گۈزەل ھەم تەسىرلىك بولۇپ، سانسىكرت كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا نادىر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كالىداسانىڭ شېئىر ۋە دىرامىلىرى ھىندى كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئۆلمەس ئەسەرلەر ھېسابلىنىپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ شانلىق مىراس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرى دىرامىسى >ساكۇنتالا< ۋە داستانى >بۇلۇت ئەلچى< بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى بۇددا دىنى بىلەن بىللە مەملىكىتىمىزگە كىرەەن ھەمدە تىبەت ھەم خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. 1956 - يىلى، ئۇ دۇنيادىكى مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭ 1500 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇ چاغدا، ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۇنىڭ >ساكۇنتالا< ناملىق شېئىر دىرامىسى سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، تاماشىچىلارنىڭ قىزغىن تئالقىشىغا ئېرىشتى.