برېست سۈلھ شەرتنامىسى
بەش مىڭ يىل
>ئاۋرورا< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ توپ ئاۋازى توختىغان ھامان، سوۋېت قۇرۇلتىيى لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان >تىنچلىق پەرمانى< نى ماقۇللاپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقۇچى بارلىق دۆلەتلەرگە يەر بۆلۈۋالمايدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان تىنچلىقنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.
ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلدى، ئۇلار روسىيىنى داۋاملىق ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرىپ، روسىيە ئارقىلىق شەرقىي سەپتە گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم قوشۇنلىرىنى بەنت قىلىش، شۇنداقلا يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى گېرمانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش داۋامىدا ھالاكەتكە ئۇچرىتىش خىيالىدا بولدى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، لېنىن ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسى جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا گېرمانىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدى.
گېرمانىيە ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتى، بىرىنچىدىن، ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى خورلۇق كەلتۈرىدىغان سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ نەپ ئېلىش ئىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى روسىيىنىڭ چېگرىسىدىكى برېست دېگەن شەھەردە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىككى ئايلىق سۆھبەت ئارقىلىق، گېرمانىيە تەرەپ 1918 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ: يا بىز ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر بويىچە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش، يا داۋاملىق ئۇرۇشىمىز، ئۈچىنچى يولدا ماڭمايمىز، دېدى.
گېرمانىيە تەرەپ قانداق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى دېمەمسىلەر؟
بۇ شەرتلەر ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، روسىيىدىن 150 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش، ئۈچ مىليارد رۇبلى تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.
مۇنداق سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالاش، ئىنتايىن خورلۇق بۇلاتتى، ئەلۋەتتە. ئەمما لېنىن ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلدى!
شەرتلەر شۇنچە ئېغىر، قوبۇل قىلىش ناھايىتى خورلىنىش بولىدىغان بولسا، لېنىن نېمىشقا ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟
لېنىن ئەسلىدە، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئارقىسىدا روسىيىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېغىر ۋايرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ تىنچلىققا جىددىي مۇھتاج ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، ئەسكەرلەرنىڭ چارچاپ ھالى قالمىغانىدى، ھەربىي ھازىرلىقلارمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بىر مەزگىل ئىچىدە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرما زەربە بىلەن چېكىندۈرەلمەيتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، زورىغا ئۇرۇش قىلغاندا، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى نابۇت قىلىۋېتىش ئېھتىمالىغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. يېڭى ھاكىمىيەتنى ۋاقىتلىق ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىدىن بىر ئارمىيە قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق چېكىنىشى شەرت ئىدى. شۇڭا، دۈشمەن مۇشۇنداق قاتتىق شەرتلەرنى قويغان تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىش كېرەك ئىدى.
ئەمما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزالىرى لېنىننىڭ تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنداق سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشقا قوشۇلمىدى.
سوۋېت ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى تروتىسكى ئىدى. لېنىن ئۇنىڭغا ئالدىنئالا يوليورۇق بېرىپ، ئەگەر گېرمانىيە تەرەپ ئۇلتىماتۇم تاپشۇرسا، سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇش لازىملىقىنى ئېيتقانىدى، ئەمما ئۇ قانداق ھەل قىلدى؟
گېرمانىيە تەرەپ ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغاننىڭ ئەتىسى، ئۇ گېرمانىيە تەرەپكە: سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ، ھەربىي سەپتىكىلەرنى داۋاملىق قايتۇرۇشنى، ئەمما شەرتنامە ئىمزالىماسلىقنى قارار قىلدى، دەپ جاكارلىدى. جاكارنى ئوقۇپ بولۇپلا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پايتەختكە قايتىپ كەلدى. بۇنداق قىلىش گېرمانىيە تەرەپكە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشنى رەت قىلىشقا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا باراۋەر ئىدى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىزا دەردىدىن غەزەپكە كەلدى - دە، سەككىز كۈندىن كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتىگە بولغان ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھايالسىز جاكارلىدى.
بۇ سەككىز كۈننى لېنىن قانچە تەقەززالىق بىلەن ئۆتكۈزدى - ھە! ئۇ مىڭبىر ئاماللار بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشقا قارشى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تەبىئىتى ۋە نۆۋەتتىكى تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى شۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس، ئۇرۇش يېڭىباشتىن باشلانغان ھامان ۋەزىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىشىدۇ. ئەگەر گېرمانىيىگە يېڭىباشتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقىمىزنى دەرھا ئۇقتۇرىدىغان بولساق، ۋەزىيەتنى يەنىلا ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ، دېدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇشۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش يۈزىسىدىن ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئاچتى، ئەمما مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى لېنىننىڭ تەشەببۇسىغا يەنىلا قوشۇلمىدى. بەزىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قورقۇتۇش ئۈچۈن پوپوزا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ، ئۇنى پىسەنتىمىزگە ئالمىساقمۇ بولىدۇ، دەپ قارىدى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا يەنە بىر قېتىم ئاۋاز بېرىش بولدى. نەتىجىدە، لېنىننىڭ گېرمانىيە بىلەن يېڭىباشتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش توغرىسىدىكى لايىھىسى قارشى تۇرغۇچى بىر ئاۋازنىڭ كۆپلۈكى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىندى!
ئىش دەل لېنىن مۆلچەرلىگەندەك بولدى، مۇشۇ كۈنى چۈش سائەت 12 دە گېرمانىيە قوشۇنلىرى روسىە قوشۇنلىرىغا پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قوزغىدى، روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپى ئىنتايىن تېزلىكتە بۆسۈۋېتىلدى. زور تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر قوراللىرىنى تاشلاپ مەغلۇبىيەت بىلەن چېكىندى...
ئېغىر ئەمەلىيەت مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئايرىم ئەزالىرىنى سەگەكلەشتۈردى. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى قوللىغۇچى بىر ئاۋازنىڭ كۆپلۈكى بىلەن لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە دەرھال تېلېگرامما بېرىپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق شەرتلەر بويىچە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشتىن ئىبارەت يېڭى لايىھە ماقۇللاندى.
بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇمىنى توختاتتىمۇ؟ ياق! ئۇلار - تاجاۋۇزچىلىقنى داۋاملاشتۇردى!
ناھايىتى روشەنكى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى جاۋاب قايتۇرۇشنى ئەتەي ئارقىغا سۆرەپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ زېمىنىدىن تېخىمۇ كۆپرەك ئىگىلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.
گېرمانىيە قوشۇنلىرى كېچە - كۈندۈزلەپ قىستاپ كەلدى. پايتەخت پېتروگرادقا باستۇرۇپ كىرىش قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرىسىدىكى ئىش بولۇپ قالدى! يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى!
لېنىن >سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز خەتەر ئىچىدە!< دەپ مۇراجىئەت ئېلان قىلدى.
بۇ مۇراجىئەت خەلق كومىتېتىنىڭ پەرمانى سۈپىتىدە پايتەختنىڭ ھەممە يېرىدە تارقىتىلدى. پەرماننى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قورال - ياراغلىرى بارلىرى تېزلىكتە تەشكىللەندى، قورال - ياراغلىرى يوقلىرى ئارقا - ئارقىدىن سىمولنىي سارىيىغا بېرىپ قوراللاندى.
ئەمما، مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، پۈتكۈل بىر دىۋىزىيە قوشۇن سىمولنىي سارىيىغا قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن ھەربىي سەپتىن ئالمىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىشتى. ئەسلىدە ئۇلار تروتىسكىينىڭ گېرمانىيە تەرەپكە بەرگەن جاۋابى بويىچە ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىپ كەلگەنىكەن.
بىر مەيدانغا كەلگەندە، بىر ماشىنا غۇيۇلداپ ئۈزگىنچە توساتتىن بۇ قىسىملارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توختىدى. بىر ياش ئىشچى ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ بىر تۇتام تەشۋىق ۋارىقى ىۋىزىيىنىڭ سىياسىي كومىسسارىغا بەردى ۋە >خەلق كومىتېتىنىڭ پەرمانى! لېنىننىڭ مۇراجىئىتى!< - دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى.
دىۋىزىيىنىڭ سىياسىي كومىسسارى تەشۋىق ۋاراقىسىنى مېڭىپ كېتىۋېتىپ كۆردىيۇ، قوماندان بىلەن جىددىي قىياپەتتە بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەشتى.
شۇ ھامان قوماندان: >دىۋىزىيە بويىچە ئورۇندا تۇر!< - دەپ كوماندا بەردى.
پۈتۈن دىۋىزىيە جەڭچىلىرى كوماندا بىلەن تەڭ چاسا سەپ تۈزۈپ توختىدى. قوماندان ئاۋازىنى تازا قويۇپ بېرىپ، >سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز خەتەر ئىچىدە< نى ئوقۇدى ۋە بۇ پەرماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن:
- يولداشلار، بىز ھازىر كەسىپ ئالمىشىپ كەتسەك بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئالدىنقى سەپكە بارىمىز! - پۈتۈن دىۋىزىيىدىكىلەر بىر خىل سادا ياڭراتتى.
لېنىننىڭ چاقىرىقى بىلەن يېڭى بىر قىزىل ئارمىيە قوشۇنى تېزلىكتە تەشكىللەندى. ئۇلار گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەردى. گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ پايتەختكە قىلغان ھۇجۇمى توسۇپ قېلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىگە قايتۇرما زەربە بەرگەن ئاشۇ كۈن - 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قىزىل ئارمىيە بايرىمى قىلىپ بەلگىلەندى.
ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگراممىسىغا جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب تېلېگراممىسىدا تېخىمۇ ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ: بۆلۈپ بېرىدىغان زېمىن دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىشى، تۆلەم پۇلىنى ئالتە مىليارد رۇبلىغا ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى! شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن 48 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشنى شەرت قىلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچىدە يەنە جىددىي كۈرەشلەر بولۇپ ئۆتتى. مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەزى ئەزالىرى دۈشمەننىڭ مۇنچىۋالا ئېغىر شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ ئۇرۇش قىلىشنى تەكلىپ قىلدى.
لېنىن ئەمدى زادىلا چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلىدى:
- مەن ئەمدى كۈتۈپ تۇرالمايمەن، بىر دەقىقىمۇ كۈتۈپ تۇرالمايمەن! بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن، نېمىسلار بىزگە تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ خورلايدىغان شەرتلەرنى قويدى. ئەمما مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇلارنى دەرھال قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق! بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق يولنى تاللاش - سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىش بىلەن باراۋەر!
لېنىن ئىنقىلابىنىڭ دەپنە قىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالدى - دە، قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى:
- بۇ تامامەن زۆرۈر بولغان بىر خىل چېكىنىش! ئەگەر ئىنقىلاب ئۈستىدە يەنىلا مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ سېتىش بولىدىكەن، مەن ھۆكۈمەتتىن ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن چىقىپ كېتىمەن! ئەمما، مەن پارتىيىگە مۇراجىئەت قىلىمەن. پارتىيە مېنى قوللايدۇ!
لېنىننىڭ سۆزلىرى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى شەرتلەر بويىچە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش ماقۇللاندى.
1918 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، سوۋېت قۇرۇلتىيى گېرمانىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. مانا بۇ - برېست شەرتنامىسىدۇر.
برېست سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ئارقىسىدا، سوۋېت ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى تەڭشەش، قىزىل ئارمىيە قۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. شۇ ئاساستا جاھانگىرلىكنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلىۋالدى.
برېست سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى، روسىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى، ئەمدى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوشۇنلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتتى، دەپ قارىدى - دە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1918 - يىلى يازدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
برېست سۈلھ شەرتنامىسى رەسمىي ئىمزالىنىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيە قوشۇنلىرى غەربىي سەپتە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئەسكىرىي كۈچ 200دىۋىزىيىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەنىلا يېتەلمىدى.
بۇ چاغدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى بىرىنچى بولۇپ ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ ئۇرۇشقا قاتناشتى، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوشۇنلىرى تولۇقلاندى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى كۈن جەڭ قىلىپلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، بۇنىڭدىن كېيىنلا، ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى.
9 - ئايدا كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپى ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈۋېتىلدى. 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى، 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەركىبىدىكى تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تەسلىم بولدى. گېرمانىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئىنقىلاب پارتلىدى، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بېرلىن ئىشچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى كارل لىبكنېخت ۋە روزا ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم Ⅱ ئورنىنى بوشاتقانلىقىنى جاكارلاپ، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتتى. 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيە رەسمىي تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئەتىسى، سوۋېت ھۆكۈمىتى تەڭ ھوقۇقسىز برېست سۈلھ شەرتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
1 - دۇنيا ئۇرۇشى تۆت يىل ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ، بىر مىليارد 500 مىليون يەنى شۇ چاغدىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىردى. جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىلگەنلەر 70 مىليوندىن ئارتۇقراق بولۇپ، بۇلاردىن 30 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئۇرۇش تۈپەيلىدىن، ئاچارچىلىق ۋە ئاپەت دەستىدىن ئۆلگەن ئادەملەر ئون مىليون ئەتراپىدا بولدى. ئۇرۇش قىلىشقان دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە تەخمىنەن 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتتى. بۇ ئۇرۇش ئىنسانلار تارىخىدا جاھانگىرلار پەيدا قىلغان بىر قېتىملىق زور دۇنياۋى قىرغىنچىلىق بولدى.
ئۇرۇش نەتىجىسىدە، كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ سىستېمىسى ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلەندى. جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ھەل بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە، ئۇرۇش ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن دۇنيا ئەللىرىدە ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، كاپىتالىزم دۇنياسى ئىقتىسادىي كىرىزىس دەۋرىگە كىردى، دۇنيا تارىخىمۇ پرولېتارىياتنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب دەۋرىگە قەدەم قويدى.