بۇددا دىنىنىڭ پىرى _ ساكيامۇنى
بەش مىڭ يىل
سىز بېيجڭدىكى شىشەن تېغىغا چىققانمۇ؟ ئۇ يەردە ئوفۇسى دېگەن بىر بۇتخانا ئىچىدە مىستىن قۇيۇلغان ناھايىتى كاتتا بىر بۇت بار. ئۇنىڭ ئىگىزلىكى بەش مېتىرىن كۆپ، ئېغىرلىقى نەچچە ئون مىڭ جىڭ كېلىدۇ. ئالاھىدە بولغىنى شۇكى، بۇت يانپاشلاپ ياتقان، بىر قولىنى بېشىغا قويغان بولۇپ، مېھرىبان، ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە 12 كىچىك مىس بۇت بار. يانپاشلاپ ياتقان بۇت كېسەل بولۇپ قالغان بولسىمۇ مۇرتلىرىغا سەمىمى دەرس ئۆتۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بېيجىڭدىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى بۇددا دىنى تارالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش يانپاشلاپ ياتقان بۇت بار. بۇ بۇت كىم؟ بۇ، بۇددا دىنىنى ئىجات قىلغۇچى ساكيامۇنى.
ساكيامۇنى مىلادىدىن ئىلگىرى 565 _ يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۇغۇلغان. پەمىلىسى گائۇتاما، ئىسمى سدفرتا. ئۇنىڭ دادىسى ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك دۆلەتنىڭ (ھازىرىقى نېپالدا) پادىشاھ بولغان. يەرلىك ئۆرۈپ - ئادەت بويىچە، بوۋاق مومىسىنىڭكىدە تۇغۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ساكيامونىنىڭ ئانىسى قوساق كۆتۈرگەندىن كېيىن مومىسىنىڭ ئۆيدە يەڭگىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ، بىر باغنىڭ قېشىدىكى دەرەخ تۈۋىدە دەم ئېلىۋېتىپ بۇ شاھزادىنى تۇغقان. ئۇنىڭ ئانىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېسەلمەن بولۇپ يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇڭا ساكيامۇنى ھامماچىسىنىڭ قېشىدا چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىنىشكە خۇشتار بۇلۇپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، ھېساپنى پۇختا بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە چامباشچىلىق، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش قىلىچۋازلىققا ئۇستا بولغان. ئۇنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىغا كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاتا _ بوۋىسىغا شۆھرەت كەلتۈرۈپ «ئالەمنى چورگىلىتىدىغان پادىشاھ» _ ئالەمنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى پادىشاھ بولۇشنى ئۈمىت قىلغان.
بىراق، ساكيامۇنى ھوقۇققا ھەۋەس قىلمىغان. ئۇنىڭ كالىسىغا ئىنسانلار ئارىسىدىكى خىلمۇ _ خىل ئادالەتلسىلىكلەر كىرىۋالغان: نېمە ئۈچۈن يۈتۈن ھىندىستاندا كىشىلەر تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاق تەنلىكلەر باشقا تەنلىكلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شالغۇت نەسللىكلەر باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ تېگى پەسلەر دەپ ئاتىلىدۇ.؟
بىركۈنى ئۇ ھارۋىغا ئولتۇرۇپ سەيلىگە كېتىۋېتىپ رەڭگى سارغايغان، چىپ _ چىپ تەرگە چۆمگەن. ئاچلىق ھەم ئۇسسۇزلۇق، ھېرىش ھەم چارچاش دەستىدىن ھالىدىن كەتكەن دېھقانلارنىڭ ئېتىزلاردا تومۇز ئاپتاپقا قارىماي يەر تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. قوش سۆرەۋاتقان قېرى كالا تېخىمۇ ھالىسىرىغان بولۇپ، ئالدىدا بىرسى كالىنىڭ بۇرنىغا ئۆتكۈزۈلگەن چۇلۋۇردىن تۇتۇپ يېتىلەۋاتقان، بىرىسى كەينىدىن قامچا بىلەن ساۋاپ ھەيدەۋاتقان ئىكەن. قېرى كالا قامچا زەربسىگە چىدىماي، مۇڭگۈزىنى چايقاپ، يەرگە يېرىپ كىرگەن ساپاننى پۇشۇلدىغان پېتى ئالغا سۆرەپ ماڭماقتا ئىكەن.
_ يارەببىم! _ دەپ ۋاقىرىۋەتكەن ساكيامۇنى.
ساكيامونىنىڭ كاللىسىنى «بۇ ئالەمدە نېمە ئۈچۈن كىشىلەر تۈغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈشنىڭ ئازابىنى تاتىدۇ؟ قانداق قىلسا بۇ ئازاپ _ ئوقۇبەتتىن قۇتۇلىدۇ؟» دېگەن سۇئاللار چىرمىۋالغان، ئۇ نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپمۇ بۇنىڭغا جاۋاب تاپالمىغان. كېيىن، ئۇ ھوقۇقى ھەرقانچە چوڭ بولغان پادىشاھنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، دەرۋىش بولۇش قارارىغا كەلگەن.
_ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ بۇ بالا؟ - دېگەن پادىشاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ، _ئۇ تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن تۇرسا.
ئوغلنىڭ راھىپ بولۇشىنى توساش ئۈچۈن پادىشا خوشنا دۆلەتنىڭ ياش، ساھىپجامال پادىشاھىنىڭ قىزىنى ساكيامنىغا ئېلىپ بەرگەن. ئۇ ئوغلىغا:
_ قارا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەممە نەرسىسى ساڭا قالدى، بۇنىڭغا رازى بولمامسىەن؟ _ دېگەن.
بىر يىلدىن كېيىن، ساكيامۇنى بىر ئوغۇل تاپقان. بىراق غايەت زور ھوقۇق، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش، گۈزەل خوتۇن ۋە ئوماق ئوغلىمۇ ئۇنى دەرۋىش بولۇش ئىرادىسىدىن قايتۇرالمىغان.ساكيامۇنى 29 ياشقا كىرگەن يىلى، يەنى 12 _ ئاينىڭ 8 - كۈنى يېرىم كېچىدە ھىچكىمگە تۈيدۇرماي ئاتقا مىنىپ شەھەردىن چىقىپ باشقا دۆلەتنىڭ ئورمانلىقىغا كىرىپ كەتكەن. ئۇ شاھزادە كىيىمنى سېلىۋېتىپ، چاچلىرىنى چۈشۈرگۈزۈپ دەرۋىش بولغان.
پادىشاھ ئوغلىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تىت _ تىت بولۇپ، ئىزلەش ئۈچۈن بەش ئادەم ئەۋەتكەن. ئىزلە - ئىزلە بۇلار ئاخىر ساكيامۇنىنى ئورمانلىقتىن تاپقان. بىراق ئۇ قايتىپ كېلىشكە ھەگىز ئۇنمىغان. ساكيامۇنى مەشھۇر ئۈچ ئۆلىمانى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن پەلسەپە ئۆگەنگەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇيۇق ئورمانلىققا كىرىپ دەرۋىش بولۇپ تەرىقەت ئۆگەنگەن شۇنداق قىلىپ، ئۇ 6 - يىل يۈرگەن، بىرەر قېتىممۇ يۇيۇنمىغان بىراق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئازاپ - ئوقۇبەتنى تۈگىتىشنىڭ ئامالىنى تاپالمىغان.
ئۇ بىر كۈنى بىر دەريا بويىغا كەلگەن، ئۇ سۇغا چۈمۈلۈپ بەدەنلىرىدىكى كىرلەرنى يۇيۇۋەتمەكچى بولغان. دەريا بويىدىكى پادىچى قىز بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سۈت بەرگەن شۇنىڭ بىلەن سادكيامۇنى مادارىغا كەلگەن. ئۇ بىر تۈپ لىپا دەرىخى تۈۋىگە كېلىپ، يەرگە ئوت _ چوپتىن جەينىماز ياساپ مەشىققە قاراپ چەتان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، تەڭرى ئالدىدا «ئەگەر مەن ئۈزۈل - كېسىل ئويغانمىسام، ئۇستىخانلىرىم پارە _ پارە بولۇپ كەتسە كېتىدۇكى، ئورنۇمدىن قوپمايمەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ، لىپا دەرىخى تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، ئىستىقامەت قىلىپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئازاپ - ئوقۇبەتنى تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزلىگەن.
ئۇ 35 ياشقا كىرگەن يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كېچىدە بىر يوۇق يۇلتۇز شەرق تەرەپتە كۆتىرىلگەندە تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ، بۇددا دىنىنى ئىجات قىلغان،ئاشۇ لىپا دەرىخىنىڭ ئورنى ھازىر ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىدە بار.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، ساكيامۇنى ھىندى يېىم ئارىلىنىڭ نۇغۇن جايلىرىغا بېرىپ بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىنى تاقاتقان ئېتىلىشلارغا قارىغاندا ئۇ سرىلانكا ۋە بىر ملارغىچە بارغان.
بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىدە كىشىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشقا، تەڭسىزلىك ئەھۋاللىرىغا قارشى تۇرۇش، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا ھىسداشلىق قىلىش تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشىلىققا ھالاۋەت، يامانلىققا تالپەت دېگەن نەرسە تەشۋىق قىلىنىپ، بۇ دۇنيادا ياخشىلىق قىلىسا، ئۇ دۇنيادا تالاپەت كۆرىدۇ دەپ قارالغان. ساكيامۇنىنىڭ بۇ تەششەببۇسلىرىنىڭ ئىجابى تەرىپىمۇ بار، سەلىبى تەرىپىيمۇ بار. ئۇ يەنە ئۆز ئۆزىدىن خالاس بولۇش يولى بىلەن ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۈرەشنى ئىنكار قىلغان. بۇنداق تەشەببۇس قۇلدارلار ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلارغا ئەلۋەتتە پايدىلىق بولغان، شۇڭا تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمرانلارغا ئەلۋەتتە پايدىلىق بولغان، شۇڭا تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمرانلارغا ئەلۋەتتە پايدىلىق بولغان، شۇڭا تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمران سىنىپلار، كۆپ ھاللاردا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتكەن.
مىلادىدىن ئىلگىرى 485 _ يىلى ساكيامۇنى 80 ياشقا كىرەي دەپ قالغان. ئۇ قېرىپ قالغان ھەم ئاغرىقجان بولۇپ قالغان بولىسمۇ، يەنىلا بارغانلار يېرىدە دىن تارقاتقان. 2 _ ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۇ بىر دەريا بويىغا كەلگەندە، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان، ئۆزىنىڭ بولالمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ، دەرياغا چومۈلۈپ يۇيۇنغان، ئۇنىڭ تالىپلىرى بىرنەچچە براخا دەرىخىگە سەگۈنچۈك ياساپ بەرگەن. ساكيامۇنى يانپاشلاپ ئوڭ قولىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان پېتى تالىپلىرىغا، ئۇستازىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق دەپ ئالغا ئىنتىلمەي قالماڭلار، ئۆزەڭلەرنى تاشلىۋەتمەڭلار، بەلكى بۇددا دىنى قانۇنلىىرنى يېتەكچى قىلىپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەڭلار، دەپ سەمىمى تەلىم بەرگەن ۋە سۆزىنى تۈگىتىپلا جان ئۆزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ تالىپلىرىغا بەرگەن چىن تەلىملىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بۇتخانىلاردا ساكيامۇنىنىڭ يانپاشلاپ ياتقان ھەيكىلىنى ياسىغان. شۇنىڭدەك ساكيامۇنى تۇغۇلغان كۈننى (4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى) «بۇت يۇيۇش بايرىمى» دەپ، ئۇ دەرۋىش بولغان كۈننى (12-ئاينىڭ 8 - كۈنى) «8 - دىكابىر بايرىمى» دەپ ئاتاشقان.
ساكيامۇنىنىڭ جەسىدى ئوتتا كويدۇرۇلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سۆڭەك كۈللىرى دانە _ دانە بولۇپ قېتىشقان، بۇددا دىنىدا بۇنداق دانچىلار «سېلى» دەپ ئاتالىغان. كېيىنچە 8 پادىشاھ سېلىنى بۇلۇشۋېلىپ ئالاھىدە ياسالغان مۇنارلاردا ساقلاپ سەجىدە قىلىپ ساكيامۇنىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق مۇنارلار ئالتۇن، كۈمۈش، ھېقىق، مەرۋايت قاتارلىق 7 تۈرلۈك قىممەتلىك نەرسىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ «گۆھەر مۇنار» دەپ ئاتالغان.
مىلادى 1 - ئەسىردە بۇددا دىنى جۇڭگونىڭ خەنزۇلار ياشايدىغان رايونلىرىغا تارقالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگودىن چاۋشەن ۋە ياپۇنىيىلەرگە تارقالغان. ھالبۇكى، مىلادى 8 - ئەسىردىن كېيىن، ھىندى دىنى ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر يوق دىيەرلىك. لېكىن، ھىندى يېرىم ئارىلىدىن تارقالغان بۇددا دىنىغا يەنىلا پۈتۈن دۇنيا ئەھمىيەت بەرمەكتە. بېيجىڭنىڭ شىشەن تېغىدىكى لىڭگۇاڭ بۇتخانىسىنىڭ مۇنارىدا، ساكيامۇنىنىڭ بىر چىشى ساقلانماقتا ئىكە. شۇڭا كىشىلەر بۇ مۇنارنى «بۇد چىشى مۇنارى» دەپ ئاتايدۇ.