ئىسسىق قان بىلەن يېزىلغان كىتاب
بەش مىڭ يىل
1942 - يىل 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، گۈزەل ۋە ئىللىق باھار ئاخشىمى ئىدى. چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۇلىئۇس فۇچىك يالىڭاياق بوۋايدەك ياسىنىپ، ئالدىراش كېتىپ باراتتى. ئۇ ئەل جىمىققىچە يەر ئاستى پارتىيە خىزمىتىدىكى يولداشلار بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان جايغا يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئۇ ئېلىنوكلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. بۇ يەردە فرىد ۋە ئۇنىڭ ئايىلى ھەمدە فۇچىكنىڭ ياردەمچىسى مىلېكلار ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى.
_ يولداشلار، سىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق بىر يەرگە جەم بولۇۋېلىشىنى خالىمايمەن. مەخپىي خىزمەت قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغاندا، ئىشنى توختىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا، ئۆزىمىزگىلا زىيانلىق بولۇپ قالماستىن، ھەتتا باشقىلارنىمۇ پېشكەللىككە ئۇچرىتىپ قويىمىز....
فۇچىكنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، كىمدۇر ئىشىكنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقانلىقى ئاڭلاندى.
_ شۇ تاپتا يېرىم كېچە بولدىغۇ؟ بۇ كىمكىنا؟ _ پۇچىك گۇمانلاندى.
_ ئىشىكنى ئاچ، بىز ساقچى ئىدارىسىدىن بولىمىز!
_ سىلەر دېرىزە بىلەن تېز قېچىڭلار، _ دېدى فۇچىك ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپلا كۆپچىلىككە، _ مەندە تاپانچا بار، مەن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇراي، سىلەر چېكىنىڭلار!
ئەمما ئۇلار كېچىككەنىدى. ساقچىلار دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆيدىكىلەرنى قورۇلغا ئېلىپ بولغانىدى. ساقچىلار يوشۇرۇنۇۋالغان فۇچىكنى كۆرمەي قالدى. فۇچىك تاپانچىنى سۇغۇرۇۋېلىپ ئوق چىقارماقچى بولۇۋىدى، ساقچىلارنىڭ توققۇزتال مىلتىقى ئىككى ئايال بىلەن قۇرۇق قول ئۈچ ئەركىشىگە بەنلەپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئەگەر ئۇ ئوق چىقىرىدىغان بولسا، ساقچىلار ئاۋۋال ئۇلارنى ئېتىپ تاشلايتتى. فۇچىك بىر نەچچە سېكۇنت ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزى مۆكۈۋالغان يەردىن چىقىش قارارىغا كەلدى.
_ بەللى، يەنە بىرسى بار ئىكەن - دە، - دېدى ساقچىلار كۆرەڭلەپ ۋە فۇچىكنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت سالدى. ئارقىدىنلا ئىككىنچى، ئۈچىنچى .... مۇشتلار تېگىۋەردى، شۇنچە رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان ئۆي بىردەمدىلا تەرەختەم - پەرەختەم بولۇپ كەتتى....
ئورۇق ۋە بويلۇق كەلگەن باشلىق فۇچىكنى ئىشخانىسىغا ئەكىلىپ،ئۇنىڭغابىر تال پايرۇس تۇتاشتۇرۇپ بەردى.
_ سەن كىم بولىسەن؟
_ مۇئەللىم بولىمەن.
_ يالغا سۆزلەۋاتىسەن!
ئۇنى كالتەك بىلەن بىرنى ئۇردى. ئىككىنچى، ئۈچىنچى كالتەكلەر تېگىۋەردى... ساپساق بىر كىشى بۇنداق ئېغىر تاياقنى كۆتۈرەلەمدۇ؟
_ ئېتىڭ نېمە؟ ئېيت! مەخپىي ئالاقە ئورنى قەيەردە؟ ئېيت! سۆزلە! ئېيت دەيمەن!ئېيتمىساڭ ئۆلتۈرىمەن!
بىردەمدىن كېيىن، رادىئودىن يېرىم كېچە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سىگنال ئاڭلاندى. ھېلىقى ئورۇق، ئېگىز ساقچى باشلىقى خۇشال ھالدا كۈلۈمسىرەپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى:
_ ھەممە ئىش ئېنقلاندى _ قانداق، مۇھەررىر ئەپەندىم؟
فۇچىكنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى ۋە ئۇ، بۇ ئۇلارغا كىم ئېيتقاندۇ؟ ئېلىنوك بىلەن خوتۇنى ئېيتقانمىدۇ؟ فرىد بىلەن خوتۇنى ئېيتقانمىكىن؟ ئەمما ئۇلا مېنىڭ ئىسمىمنى نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىغۇ! دەپ ئويلىدى.
- مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن يەنە كىملەر بار؟ رادىئو ئىستانسىسى قەيەردە؟ باسما زاۋۇتى نەدە؟ ئېيت! گەپ قىل! تېز ئېيت!
فۇچىك مانا ئەمدى تېگىۋاتقان تاياقلارنى جىم تۇرۇپ سانىيالايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ پەقەت چىلشەپ يارا قىلىۋالغان لېۋىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنىلا سېزەتتى.
_ ئۇنىڭ ئايىغىنى سالدۇر!
پۇتىنىڭ نېرۋىلىرى ئۇيۇشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى سەزدى. بەش، ئالتە، يەتتە، تاياق مانا ئەمدى ئىلىكلىرىگە تېگىۋاتقاندەك بولدى.
_ گەپ قىل! ئېيت!
فۇچىك تىلىنى چىشىنىڭ مىلىكىگە تىرەپ، قانچە چىشىنىڭ چىقىۋېتىلگەنلىكىنى ساناپ بېقىشقا تىرىشتى. ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ سانىيالمىدى. 12، 15، 17 مۇ؟ يا، بۇ شۇ تاپتا ئۇنى «سوراق قىلىۋاتقان» ساقچىلارنىڭ سانى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسى ھېرىپ - چارچاپ ھالىدىن كەتكەنىدى.
تاڭ سەھەر سائەت ئۈچلەردە، ئۇلار فۇچىكنىڭ خوتۇنىنى ئەكەلدى.
_ سەن ئۇنى تونۇمسەن؟
فۇچىك خوتۇنىنى كۆرۈپ قالمىسۇن ... دەپ، قان ئىزلىرىنى سۈرتۈۋەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ باش - كۆزىدىن ھەتتا تىرناقلىرىدىنمۇ قان ئېقىپ تۇراتتى.
_ سەن ئۇنى تونۇمسەن؟
_ تونۇمايمەن!
فۇچىكنىڭ خوتۇنى مانا شۇنداق جاۋاب بېرىپ، قىلچە قورقۇش ئالامەتلىرىنى كۆرسەتمىدى. گەرچە بۇنداق قىلىش ھېچنېمىگە دال بولالمىسىمۇ، ئۇ تونۇشلۇقنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىقرار قىلماسلىق توغرىسىدىك ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى.
ساقچىلار ئۇنى ھەيدەپ چىقىپكەتتى، فۇچىك ئەڭ خۇشاللىق نەزەرى بىلەن خوشلاشتى.
مانا ئەمدى فۇچىكنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ ئېچىلغان تۈرمە ئىشىكى نامايان بولدى. سېمىز كەلگەن بىر ئىسئىسچى ئۇنى ئىتتىرىپ كىرگۈزۈۋەتتى.
_ ئۇ ئەتە ئەتىگەنگىچە تىرىك قالمايدۇ.
بۇلار چېخوسلوۋاكىيىنىڭ فاشىزمغا قارشى باتۇر جەڭچىسى فۇچىكنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «دار ئالدىدىكى سۆز» دەپ تەسۋىرلەپ ئۆتكەن تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قىيىن - قىستاقلارنىڭ جەريانى.
فۇچىك چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئىنقىلابىي ئاخباراتچى، يازغۇچى ۋە ئوبزورچى ئىدى. ئۇ، پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى «قىزىل ھوقۇق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولغانىدى. 1936 - يىلدىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ناتسىستلا گېرمانىيىسىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچرىدى. فۇچىك كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بىلەن نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ، دۈشمەننىڭ سۇيىقەستى ۋە قارا نىيىتىنى پاش قىلدى. 1939 - يىل 15 - مارتتا، چېخوسلوۋاكىيىنى ناتسىستلار گېرمانىيىسى بېسىۋالدى. فۇچىك مەخپىي كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە رەھبەرلىك قىلدى، مەخپىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇردى. ياردەمچىسى مىلېك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ئارقىسىدا، ئۇنى دۈشمەنلەر تۇتۇۋالدى.
فۇچىك قولغا ئېلىنغاندىن تارتىپ ئىنتايىن دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىندى، نۇرغۇن قېتىم جان ئۈزەي دەپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، ئادەتتە كىشىلەر چىدىيالمايدىغان ئازابلارغا باشتىن - ئاخىر قەيسەرلىك بىلەن چىداشلىق بەردى ھەمدە تۈرمىدىكى كوللېكتىپ كۈرەشنى ئۇييۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ چېخوسلوۋاكىيىلىك دىلى يۇمشاق بىر گۇندىپاينىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، پارچە - پۇرات قەغەزلەرگە قېرىنداش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر «دار ئالدىدىكى سۆز» نى يېزىپ چىقتى.
فۇچىك جەڭگىۋار تۇرمۇشنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيەتتى.
ئۇ: «بىز خۇشاللىق ئۈچۈن ياشايمىز، خۇشاللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، بىز كەلگۈسىدىمۇ خۇشاللىق ئۈچۈن جان بېرىمىز، شۇڭا، قايغۇ - ئەلەمنىڭ بىزنىڭ نامىمىز بىلەن بىللە بولۇشىغىمۇ مەڭگۈ يول قويمايمىز« دېگەنىدى. فۇچىك دۈشمەنلەر ئالدىدا ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ كەلسى. گېرمانىيىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ تەسلىم قىلماقچى بولدى. بىر كۈنى، ساقچىلار ئۇنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك گۈزەل پراگا شەھىرىگە ئەكەلدى، ئۇلاردىن بىرى:
_ مەن سىزنىڭ پراگانى ياخشىكۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن.بۇيەر نېمىدىگەن گۈزەل، سىز ئۇنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشنى خالىمامسىز؟ _ دېدى.
فۇچىك پراگانىڭ تازا ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئۈزۈمزارلىق، بىر قەۋەت كۆك پەردە يېپىنىۋالغاندەك ئاجايىپ گۈزەل ياز ئاخشىمىغانەزەر سېلىپ تۇراتتى. ئۇ پراگانىڭ گۈزەللىكىدىن نەقەدەر مەپتۇن بولاتتى - ھە! ئەمما ئۇ سقاچىنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋېتىپ:
_ سىلەر بۇ يەردىن يوقالغاندا، ئۇ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ، _ دېدى.
فۇچىك مەخپىي ساقچى تۈرمىسىدە 411 كۈن نەزەربەند قىلىنىپ، خىلمۇ خىل ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى چېكىپ،ئاخىر 1943 - يىل 8 - سېنتەبردە بېلوچېنىس تۈرمىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.
«خەلق مەن سىلەرنى سۆيىمەن! _دەيتتى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەرزەنتى فۇچىك، _ سىلەر ھوشيار بولۇشۇڭلار لازىم!»
ئۇ دار ئالدىغاكېتىۋېتىپ، كىشىلەرگە چەكسىز مۇھەببەت بىلەن سەمىمىي تاپىلاپ، ئۇلارنىڭ كونا دۇنيانى پاچاقلاپ تاشلاش، گۈزەل ئەتە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بەردى.
1945 - يىل 5 - ئايدا نېمىس قاراقچىلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فۇچىكنىڭ خوتۇنى تۈرمىدىن چىقتى ۋە ھېلىقى چېخوسلوۋاكىيىلىك ئاق كۆڭۈل گۇندىپاي كلىنىسكىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ قولىدىن فۇچىكنىڭ قول يازمىلىرىنى تېپىۋالدى. ئۇ بۇ قول يازمىلارنى رەتلىدى، بىز بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇۋاتقان، ئىسسىق قان بىلەن يېزىلغان « دار ئالدىدىكى سۆز» ئەنە شۇ.
فۇچىكنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەسىرى خۇددى قۇربان بلۇش ئالدىدا تۇرغان ئەسكەر مىلتىقىنى سەپداشلىرىغا تاپشۇرغاندەك، سەپداشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كۈرەشلەردىكى كۈچلۈك قورالى بولۇپ قالدى.