جېنناد ياركنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرىشى
بەش مىڭ يىل
ئەنگىلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، فرانسىيە، قولىدىن كەتكەن زېمىننىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن دېگۈدەك قايتۇرۇۋالدى. بىراق بۇ ياخشى كۈنلەر ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى، پادىشاھ چارلېس Ⅴ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىس بولغان چارلېس Ⅵ روھىي كېسەل بولۇپ قېلىپ دۆلەتنى باشقۇرالمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى فېئودال گۇرۇھ ھاكىمىيەت تالىشىپ، بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدى، بۇ گۇرۇھتىن مەغلۇپ بولغان بىر گۇرۇھ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئەنگىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈردى. ئەنگىلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىلادى 1415 - يىلى ئاۋغۇسىتتا 60 مىڭ كىشلىك چوڭ قوشۇن بىلەن يەنە فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ناھايىتى تېزلا فرانسىيىنىڭ شىمالىي بىلەن پارىژنى ئىشغال قىلىۋالدى. فرانسىيە شاھزادىسى بىر بۆلەك قوشۇن بىلەن جەنۇپقا چېكىندى. شۇندىن ئېتىبارەن، شەرق بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
1428 - يىلى ئۆكتەبىردە، ئەنگىلىيە قوشۇنى جەنۇپقا يۈرۈش قىلدى. پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى ئورلېئان شەھىرى جەنۇپقا ئۆتىدىغان دەرۋازا ئىدى. ناۋادا بۇ يەر قولدىن كېتىپ قالسا، فرانسىيىنىڭ جەنۇبى خەۋپ ئىچىگە چۈشۈپ قالاتتى. ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەش قىلىش، فرانسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خاراكتېرىنى ئالاتتى. شۇڭا فرانسىيە خەلقى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەش سېپىگە قاتناشتى.
بۇ چاغدا، فرانسىيە پادىشاھى چارلېس Ⅵ ئۆلگەن ئىدى. ئورلېئاننىڭ قورشاۋدا قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئالاقىزادە بولغان كىچىك شاھزادە، بىر بۆلەك ئوردا ۋەزىرلىرىنى ئېلىپ چەت بىر يېزىغا قېچىپ بېرىۋالدى.
1429 - يىلى ئاپېرىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ياساۋۇل، بىر قىز شاھزادە بىلەن كۆرۈشىمەن دەيدۇ، دەپ شاھزادىغا مەلۇم قىلدى. ئىنتايىن ئىچى تىت - تىت بولۇپ تۇرغان شاھزادە قول شىلتىپ، قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىردەمدىن كېيىن، ساقچى يەنە كىرىپ كەلدى ۋە:قىز، چارلېس بىلەن كۆرۈشمىسەم زادى بولمايدۇ، دەۋاتىدۇ ھەم ئورلېاننى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزۇش مەسلىسى توغرىسىدا كەپتۇ، دەپ مەلۇم قىلدى.
- ئورلېئاننى بىر قىز قۇتقۇزالامدىكەن؟ - چارلېس سوغاق كۈلدى، - قىزىق گەپتە - بۇ! ماقۇل، كىرگۈزۈڭلار!
بىر دەمدىن كېيىن قىز، چارلېسنىڭ ئالدىغا كەلدى. يېزا ئاياللىرىچە كىيىنىۋالغان بۇ قىزنى كۆرۈپ چارلېسنىڭ قۇشۇمىلىرى تۈرۈلدى.
- ئىسىمىڭىز كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
- ئىسىمىم جېنناد يارك.
- ھە، جېنناد يارك، سىز ئورلېئاننى قۇتقۇزماقچىمۇ؟
- شۇنداق، - جېنناد يارك كەسكىن جاۋاب بەردى، - مەندىن باشقا يەنە بىزنىڭ پارتىزانلىرىمىز ۋە كەڭ خەلق بار.
جېنناد يارك، فرانسىيىنىڭ شامپان ۋە لوررىن دېگەن يەرلىرىگە تۇتاش بىر جايدا، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا فرانسىيە زېمىنىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىنى ئاياق ئاستى قىلغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى. ئۇ 15 ياشقا كىرگەندە، پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتناشقان، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە پەيدىن پەي ياراملىق قوماندان بولۇپ يېتىشكەن ئىدى. ئورلېان شەھىرىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈش ئۈچۈن، كېچىلەپ يول يۈرۈپ شاھزادە بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئىدى. ئۇ پارتىزانلار ئەترىتى ۋە كەڭ خەلقنىڭ ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلىۋېتىشكە بولغان جىددى كەيپىياتى ۋە يۈكسەك جاسارىتىنى چارلېسقا بىلدۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۆزىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈش ھەققىدىكى پىلاننىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
مۇشۇ تاپتا چارلېسنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىدى، شۇڭا ئۇ خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈچلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماي تۇرالمايتتى. ئۇ جېنناد ياركنىڭ قەتئىي ھالدا جەڭ قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم نەزەر دائىرىسىنىڭ خېلى كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەڭ قىلىش پىلانىغا قوشۇلدى ۋە ئۇنىڭغا بىر قوشۇن بەردى.
تېخى 20 ياشقا تولمىغان جېنناد يارك، شاھزادىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، ئورلېئاننى قۇتقۇزۇش قوماندانى بولدى. ئۇ، ئۇرۇشتا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئەرچە كىيىنىپ، ساۋۇت - دوبۇلغا كىيىپ 6000 كىشلىك قوشۇننى باشلاپ ئورلېانغا قاراپ ئاتلاندى. يولدا نۇرغۇن دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوللىرىغا قىلىچ، نەيزە ئېلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا قاتناشتى؛ بىرمۇنچە كىشلەر ئۆزلۈكىدىن ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئاشلىق - تۈلۈك، ئوق - دورا توشۇپ بەردى. قوشۇن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئورلېان شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى.
يىراقتىن قارىغاندا، ئەنگىلىيە قوشۇنى ئورلېاننى چەمبەرچەس قىلىپ قورشىۋالغانلىقى، شەھەر قوۋۇقىنى مەھكەم ئېتىۋالغانلىقى كۆزگە تاشلىناتتى. فرانسىيە قوشۇنىنىڭ بەزى ئوفېتسىرلىرى گويا شەھەرگە مۇتلەق بېسىپ كىرگىلى بولمايدىغاندەك بوشىشىپ كەتكەن ئىدى. جېنناد يارك، كۆپچىلىككە:دۈشمەننىڭ ئاكوپلىرى جانسىز، بىزنىڭ باتۇرلىرىمىز جانلىق، پەقەت بىز كۆپچىلىكتە قەتئىي نىيەت، ئىشەنچ، غەيرەت ۋە جاسارەت بولسىلا دۈشمەن ئاكوپلىرى جەزمەن يىمىرىلىدۇ! دەپ ئىلھام بەردى.
ئۇ دۈشمەن پوزىتسىيىسىنى ئەستايىدىل كۈزەتتى ۋە شەھەر ئىچىدىكى قەلئەنى ساقلاۋاتقان قوشۇنغا ئادەم ئەۋەتىپ مۇناسىۋەت باغلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن جەڭ ھازىرلىقىنى ئوبدان ئۇرۇنلاشتۇردى ۋە ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە پادىشاھىغا خەت يازدى، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
ئەنگىلىىيە شاھى: سىز ئاللاغا ساداقىتىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز، ئاللا ئەۋەتكەن قىزغا ساداقىتىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز لازىم. بۇ قىز فرانسىيە شاھىنىڭ قېرىنداشلىرىنى )يەنى ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىر بولۇپ قالغان كىنەزنى( قۇتقۇزغىلى كەلدى. ئۇ تىنچلىق تەنپەنى ئۆتكۈزۈشنى تامامەن ياقتۇرىدۇ. سىلەر فرانسىيىدىن چىقىپ كېتىشىڭلار ۋە بىزنىڭ زىيىنىمىزنى تۆلەپ بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمايمەن دېسەڭلار، قىزنىڭ پات ئارىدا بېشىڭلارغا بالا - قازا كەلتۈرۈشنى كۈتۈڭلار!
مەن سىلەرنى فرانسىيە زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كەلدىم، فرانسىيە زېمىنىنى ئىگەللىۋالدۇق دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار، بۇ زېمىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى پادىشاھ چارلېسقا مەنسۇپ، مۇبادا ئاللا ۋە قىزنىڭ مەكتۈپىنى ئىلىك ئالمىساڭلار، بىتچىت قىلىنىش بىلەن ئىلىك ئېلىشقا مەجبۇرسىلەر.
ئەنگىلىيە پادىشاھى، جېنناد ياركنىڭ خېتىنى نەزەر كۆزىگىمۇ ئالمىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن جىنناد يارك ئولېانغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۇ مۈشكۈل خەتەرگە قارىماي سەپنىڭ ئالدىدا يۈرۈپ، ئاكوپلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشغال قىلدى، ئۇ جەڭدە يارىلىنىپ، قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۇشىدىن كەتتى. جەڭچىلەر ئۇنى ئۇرۇش سېپىدىن ئېلىپ كېتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا جەڭ مەيدانىدا يەنە قىر - چاپ سادالىرى ياڭرىدى. جېنناد يارك ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن، قاتتىق ئاغرىق ئاۋازىغا چىداپ، ئورنىدىن تۇردى - دە، ئېتىغا مىنىپ جەڭ مەيدانىغا قاراپ چاپتى...
فرانسىيە قوشۇنى جېنناد ياركنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا، باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىش بىلەن ئورلېئاننى تارتىۋالدى. جېنناد يارك ئېتىغا مىنىپ، جەڭ تۇغىنى كۆتىرىپ قوشۇننى ئېلىپ، غالىپلارچە جاسارەت بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، خەلق ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى، پۈتكۈل شەھەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.
شۇندىن ئېتىبارەن جېننارد ياركنىڭ نامى پۈتكۈل فرانسىيىگە داڭ كەتتى، ھەممە ئۇنى >ئورلېئان قىزى< دەپ ئاتىدى.
ئورلېئان ئۇرۇشىدىن كېيىن، جېنناد يارك، شاھزادە چارلېسنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشنى پائال قوللاش بىلەن، ئەنگىلىيىگە قارشى كۈچلەرنى يەنىمۇ ئىلەىرىلەپ ئىتتىپاقلاشتۇردى. شاھزادە چارلېس پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىس بولغان )چارلېس Ⅶ دەپ ئاتالغان( دىن كېيىن، جېنناد يارك دەرھال پارىژغا يۈرۈش قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى تېز ئورۇنلاشنى تەكلىپ قىلدى. چارلېس ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چارلېس ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جېنناد يارك ۋەكىللىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈرىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ھىلە ئىشلىتىپ جېنناد ياركنى سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدى.
- سىز ئورلېئاننى قۇتقۇزدىڭىز، - دەپ گەپ ئاچتى ئۇ بىر قېتىم جېنناد ياركقا، - شۇ ئارقىلىق فرانسىيىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز، سىزگە نېمە لازىم بولسا، توغرىسىنى ئېيتىۋېرىڭ.
- ماڭا ھېچنېمە لازىم ئەمەس، پارىژغا يۈرۈش قىلساقلا بولىدۇ!
- پارىژغا يۈرۈش قىلىش دەمسىز؟ ئۇ يەرگە بارىدىغان يوللاردا ئەنگىلىيىنىڭ قانچىلىغان ئاكوپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟
- پادىشاھ ئالىلىرى، - دېدى جېنناد يارك جاۋابەن، - بۇ پەقەت سىزنىڭ دۈشمەن ئاكوپلىرى ھەققىدىكى قارىشڭىز، بۇرۇن دۈشمەن، ئورلېئاندىمۇ كۆپ ئاكوپ قۇرغان ئەمەسمىدى؟ ئەمما غەلىبە بىزنىڭ بولدىغۇ! ھازىر ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن، ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ بولسا ھالى خاراپ بولۇپ قالدى، بۇ زېمىنىمىزنى قايتۇرۇۋېلىشىمىزغا ناھايىتى ئوبدان پۇرسەت!
جېنناد ياركنىڭ تەلىپىگە چارلېس Ⅶ كۆرۈنۈشتىلا قوشۇلدى، ئەمما ئەمەلىي ياردەم بەرمىدى. شۇنداق بولسىمۇ جىنناد يارك شۇ يىلى ئاۋغۇستتا پارىژغا يۈرۈش قىلدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، جېنناد يارك قوشۇنى قولدىن كەتكەن بىر قىسىم يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، پارىژ شەھەر يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قوشۇنى يالغۇز كەلگەنلىكى ۋە شەھەرنى ھەر قانچە ھۇجۇم قىلغان بىلەنمۇ ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش داۋامىدا ئۇ يەنە يارىدار بولۇپ، پارىژدىن نېرىراقتىكى كومپېن شەھىرىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
1430 - يىلى باھاردا، جېنناد يارك قوشۇنى كومپېن ئەتراپىدا دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ باشلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى دۈشمەنلەر قۇدرەتلىك ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە ئەنگىلىيە بىلەن ئاشكارا تىل بىرىكتۈرۈۋالغان فرانسىيىنىڭ بىر فېئوداللار گۇرۇھىمۇ بار ئىدى. بۇنداق دۈشمەن كۆپ، ئۇرۇش شارائىتى ئەپسىز ئەھۋال ئاستىدا، جېنناد ياركلار قوشۇنى ئۇرۇش قىلغاچ چېكىنىپ شەھەر ئىچىگە كىرىۋالماقچى بولدى.
ئۇ قوماندانلىق قىلغان قوشۇن چېكىنىپ شەھەر ئىچىگە كىرمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىپ، ئاسما كۆۋرۈكمۇ تارتىۋېلىنىپ، چېكىنىش يولى ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ جىددى پەيتتە، جېنناد يارك ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، ئەمما دۈشمەن كۆپ، ئۇ ئاجىز بولغانلىقتىن، كۈتۈلمىگەندە ئەنگىلىيىنىڭ چۇماقچىسى - فرانسىيىلىك بىر فېئوداللار گۇرۇھى قوشۇنىغا ئەسىر چۈشتى.
ئالتە ئايدىن كېيىن، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى جېنناد ياركنى فرانسىيىلىك فېئودال گۇرۇھنىڭ قولىدىن ئون مىڭ قاداق ئالتۇنغا سېتىۋالدى ۋە تۆمۈر قەپەزگە سولاپ قويدى، ئۇ تۆمۈر قەپەز ئىچىدە روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر نابۇت قىلىندى. چارلېس Ⅶئۇنى قۇتقۇزماي، قول قوشتۇرۇپ بىر چەتتە قاراپ تۇردى.
جېنناد يارك ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ قىلچە تىز پۈكمىدى، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى يامان غەرەز بىلەن ئۇنى دىنىي سوتنىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
سوت باشلانغاندىن كېيىن، سوتچى ئۇنىڭ >ئەنزە ئەھۋالى< نى جاكارلىغاندىن كېيىن سورىدى:
- كىم سىزنى ئەرچە كىيىن دېگەن؟
- ئۆز ۋەتىنىمنى قوغداش ئۈچۈن، ئەرچە كىيىنىش مېنىڭ ئەركىنلىكىم! - دەپ جاۋاب بەردى جېنناد يارك مەردانىلىق بىلەن.
- ئەگەر ھوشىڭىزنى تاپمىسىڭىز، سىزگە ئايال داخان دېگەن گۇناھنى ھۆكۈم قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈش جازاسى بېرىمىز.
- فرانسىيە ئۈچۈن مەن ھېچنېمىدىن قورقمايمەن! - جېنناد يارك، سوتچىنى مەنسىتمىگەن ھالدا جاۋاب بەردى.
1431 - يىلى 30 - ماي، فرانسىيىنىڭ رۇئان شەھىرىدىكى مەيداندا ئوت جازاسى تۈۋرۈكى تىكلەندى، ئەتراپىغا قۇرۇق ئوتۇنلار تاشلاندى. جېنناد يارك قولىغا كويزا سېلىنغان ھالدا، مەردانىلىق بىلەن جازا مەيدانىغا كەلدى. جاللاتلار قۇرۇق ئوتۇنغا ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.
- ھۇ ئايال داخان، سەن يەنە تۆۋە قىلمامسەن! - ئوت جازاسىنى ئىجرا قىلغۇچى سوئال قويدى.
جېنناد يارك سوغاق كۈلۈپ:
- سىلەر مەندەك بىر ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بىلەن، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قوزغىلىپ سىلەرنى يوقىتىدۇ! غەلىبە فرانسىيىگە مەنسۇپ!
شۇنداق قىلىپ بۇ ياش قىز قەھرىمان ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن، ھاياتىنى قۇربان قىلدى.
جېنناد ياركنىڭ ھەقىقەت يولىدا مەردانىلىق قىلىشتەك قەھرىمانلىق ھەركىتى، فرانسىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىغا مەدەت بەردى. جايلاردىكى خەلق ئارقا - ئارقىدىن ئۆزلۈگىدىن قوزغىلىپ قولىغا قورال ئېلىپ، ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. 4361 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى پارىژنى قايتۇرۋالدى. ئارقىدىن قولدىن كەتكەن جايلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا قايتۇرۇۋالدى. 1454 - يىلى بىر شەھەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەنگىلىيە قوشۇنى فرانسىيىنىڭ قالغان بارلىق جايلىرىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئەنگىلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشى، فرانسىيىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇندىن ئېتىۋارەن، فرانسىيىدە بىرلككە كەلگەن مۇھىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.