جانلىق تاۋار
بەش مىڭ يىل
پورتۇگالىيە ئېكسپىدىتسىيىچىلىرى يېڭى بىر جايغا يېتىپ بارغان ھامان: «يۇرتۇڭلاردا خىرىستىئان مۇخلىسلىرى بارمۇ؟ - دەپ سورىشاتتى ۋە، _ بىز خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ئىزلىگىلى كەلدۇق» - دەپ تەكرارلايتتى. ئۇنداق بولسا، ئۇلار خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى نېمىشقا ئىزدەيدۇ؟
رىۋايەت قىلىنىشىچە، 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىسلامىيەتكە ئېتىقاد قىلىدىغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى (ھازىرقى تۈركىيە) خىرىستىئانلارنىڭ «مۇقەددەس ماكانى» پەلەستىننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى خىرىستىئان مۇخلىسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي، جون ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا ياقا يۇرتقا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى يىغىپ بىر پادىشاھلىق قۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن خىرىستىئانغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياۋروپا ئەللىرىدە «جون ئاقساقال پادىشاھلىقى» ھەققىدە ھېكايىلەر تارقالغان ئىكەن.
رىۋايەتتىكى بۇ دۆلەتنىڭ تولۇق نامى «جون ئاقساقالنىڭ خىرىستىئان پادىشاھلىقى» ئىكەن. ئۇ زادى قەيەردە قۇرۇلغان؟ دەسلىپىدە «جۇڭگوغا يېقىن يەردە» دەپ رىۋايەت قىلىنغان ئىدى. ماركوپولو شەرققە ساياھەتكە كەتكەندىن كېيىن، جۇڭگوغا يېقىن يەردە، ھەتتا ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ «جون ئاقساقال پادىشاھلىقى» نىڭ قارىسىمۇ يوقلۇقى مەلۇم بولدى. كېيىنكى كۈنلەردە يەنە «ئافرىقىدا» دېگەن رىۋايەت تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن، پورتۇگالىيە پادىشاھىنىڭ ئوغلى ھېنرى شاھزادە، ئىككى پىلوت تەشكىللەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرقىي ۋە غەربىي ئافرىقىلارنىڭ دېڭىز ياقىلىرىغا ئەمەلىي چارلاشقا ئەۋەتتى. نەتىجىدە دىئساس، ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقتى، گاما شەرققە بارىدىغان دېڭىز يولىنى تاپتى. ئۇلار ئاتلانتىك ئوكيان،تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانلارنى ئاقتۇرۇپمۇ خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ «جون ئاقساقال پادىشاھلىقى» نى زادىلا تاپالمىدى.
ئۇلارنىڭ دەسلەپتە قىلغان گېپى، چەتئەللەردىكى بىرقانچە خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ئېلىپ كېتىش ئىدى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە نېگىرلارنى ئېلىپ كەلدى.
ئۇلار نېگىرلارنى خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ «مېھمان» لىرى قاتارىدا ئېلىپ كەلدىمۇ؟ ياق قۇل قاتارىدا ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ نېگىرلار «جانلىق تاۋار» قاتارىدا سېتىۋېتىلدى. نېگىرلار ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، پايانسىز ئوكيانلار ئايرىپ تۇرىدىغان ياقا يۇرتلاردا ھايۋان كەبى ئىشلەپ، جاھاننىڭ ئازاب - كۈلپەتلىرىدە يەتكىچە خورلاندى.
1 - قېتىم ئافرىقا نېگىرلىرىنى قۇل قاتارىدا پورتۇگالىيىگە ئېلىپ كېلىش 1442 - يلى بولۇپ، جەمئىي ئون كىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىدىن «ئوۋلاپ» كېلىنگەن ئىدى، 2 - قېتىمقىسى، 1469 - يىلى بولۇپ، جەمئىي 200 كىشى ئىدى. بۇ قېتىمقىسى، بىر شىركەتنىڭ «تاۋار» قاتارىدا پورتۇگالىيىگە سېتىۋەتكەنلىكى بىلەن ئالدىنقىسىدىن پەرقلىنەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ نېگىرلارنى «يىغىۋالغان» ئىكەن.
قانداقسىغا «ئوۋلىغان» ۋە «يىغىۋالغان» دېمەمسىلەر. ئومۇمەن مۇنداق بىرنەچچە خىل ئۇسۇل قوللانغان: ئالدى بىلەن تار دائىرىدە ئالداش ئېلىپ بېرىپ، ئەينەكتىن ياسالغان بەزى زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ئافرىقىلىقلار كۆرمىگەن نەرسىلەرنى «سوۋغات» ئورنىدا ئايرىم ساندىكى ئافرىقىلىقلارغا «ھەدىيە» قىلىش ئۈچۈن يەرگە تاشلىغان. بىراۋ كېلىپ «سوۋغات» نى قولغا ئالغان ھامان ئۇنى باغلىۋالغان. شۇنداق قىلىپ قۇللارنى بىر - بىردىن «ئوۋلىغان». ئەمما بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئادەملەرنى پەقەت بىردىن - بىردىن تۇتقىلى بولغاچقا، نېگىرلار كۆپرەك كەلگەندە ئىمكان بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن «قورشاپ ئوۋلاش» ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان ۋە بىر تۈركۈم قوراللىق ئەسكەر چىقىرىش ئارقىلىق، بىې قرتىمدا بىر نەچچە نېگىرنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنى باغلاپ ئېلىپ ماڭغان. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ مۇستەملىكىچى قاراقچىلارنىڭ يۈرىكى قاپتەك بولۇپ كەتكەن - دە، ھەتتا وۈتكۈل بىر كەنتنى بىر قېتىمدىلا قورشىۋېلىپ، كەنتتىكى ئەر - ئايال، ياش - قېرى ھەممىسىنى «يىغىپ» كەتكەن.
ئەمما، بۇنداق «ئوۋلاش» ئۇسۇلى يەرلىك نېگىرلارنىڭ قوراللىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. نېگىرلاردا پەقەت ئوق - يا ۋە مىس بولقىلاردىن بشاقا قىلىچ - خەنجەر قاتارلىقلارنى سوقىدىغان تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەرمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. مۇستەملىكىچىلەردە مىلتىق ۋە زەمبىرەك قاتارلىقلار بولغىنى بىلەن ئادەم سانى ئاز ئىدى. شۇڭا ھەرقانداق قىلغان بىلەن ئوۋلاشتا ئۇتۇق قازىنالماي، ئەكسىچە ئۆزلىرى جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇستەملىكىچىلەر يەنە «سېتىۋېلىش» تىن ئىبارەت ۋەھشىي قارارغا كەلدى. ئۇلار ئافرىقىدىكى نېگىرلارنىڭ بىرمۇنچە ئىرقلارغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى، ھەربىر ئىرقنىڭ يەنە بىرمۇنچە قەبىلىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى، ئىرقلار بىلەن ئىرقلار ئارىسىدا، قەبىلىلەر بىلەن قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەمىشە زىددىيەت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، قوراللىق توقۇنۇش پەيدا قىلدى ۋە ئۇلاردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى «سېتىۋالدى». ئافرىقىلىقلارنىڭ قولى بىلەن ئافرىقىلىقلارنى «ئوۋلاش» تىن ئىبارەت مۇنداق ئۇسۇل ئىنتايىن زەھەرلىك بولغاچقا، نەتىجىدە ئاارىقىدا نۇرغۇنلىغان كەنتلەر ۋەيران قىلىندى. نۇرغۇنلىغان نېگىر ئائىلىلىرى توزۇپ كەتتى، ئەمما، مۇستەملىكىچىلەر كارامەت بېيىپ كەتتى. چۈنكى، ئافرىقىدا بىر نېگىر قۇلنى 70 فرانكتىن 100 فرانككىچە «سېتىۋالغان» بولسا، دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ھامانلا مىڭ فرانكتىن 2000 فرانككىچە سېتىپ، يۈزدە مىڭ پىرسەنتتىن يۈزدە 3000 پىرسەنتكىچە يۇقىرى پايدا ئالدى.
ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تېپىلىشىغا ئەگىشىپ، نېگىر قۇللارغا يەنە يېڭى «بازار» چىقتى. ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىدە زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ھىندىئانلارنى ئالاھەزەل قىرىپ تۈگەتكەچكە، شۇنچە چوڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەمگەك كۈچلىرى تېپىلمىدى. ئافرىقىنىڭ نېگىرلىرىنى كەڭ تۈردە ئاپىرىپ قۇللۇققا سېتىش، يېڭى بىر سودىگەرلىككە ئايلاندى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يالغۇز غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلغان رايونلارغا 1680 - يىلىدىن 1786 - يىلىغىچە ئىككى مىليون 130 مىڭ ئافرىقىلىق كىرگۈزۈلگەن. كىچىككىنە يامايكىغا 1700 - يىلىدىن 1786 - يىلىغىچە 600 مىڭ نېگىر قۇلۇققا يۆتكەپ كېلىنگەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ قۇللارنى ئېلىپ - سېتىش سودىسى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ كەينىدىن ئىسپانىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر، گوللاندىيىلىكلەر، ئاخىرىدا ئەنگلىيىكلەرمۇ بۇ خىل سودىگەرلىككە كىرىشىپ كەتتى. 16 -، 17 -، 18 - ئەسىرلەردە ئافرىقا نېگىرلىرىدىن قانچە - قانچىلاپ كىشىلەرنىڭ قۇل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.
«ئوۋلىنىش» تىن تارتىپ قۇلۇققا سېتىۋېتىلگىچە ئارىلىقتا نېگىرلار ئەڭ پاجىئەلىك باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ھەقتە جوھىنىستون دېگەن ئېنگېلىز ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇنداق دەپ خاتىرىلىگەن:
«توپ - توپ قۇللار دېڭىز قىرغىقىغا ھەيدىلەتتى. قىرغاققا بارغىچە ئارىلىقتا ھەر بىرسىنىڭ بوينىغا ئېغىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سېلىناتتى ياكى قۇل كۆتىكى باغلىناتتى، قول - پۇتىرىغا كويزا - كىشەن سېلىناتتى. تۆمۈر كويزا - كىشەنلەر ئۇلارنىڭ قول - پۇتلىرىنى يېغىر قىلىۋېتەتتى. بۇ جاراھەتلەر بارغانسېرى يامانلىشىپ،يىرىڭلاپ كېتەتتى. ئۇلار ئاچ قورساق قېلىپلا قالماي، ھەتتا داغ سۇمۇ ئىچەلمەيتتى. ئانىلىرى يۈدۈپ ماڭالمىغان ياكى قوشۇنغا يېتىشىپ ماڭالمىغان بالىلارنىڭ بىردەك مىڭىسىنىڭ قېتىقى چۇۋۇلاتتى. نۇرغۇن قۇللار ھەسرەت - نادامەت بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالاتتى.»
قاراڭلار، ئۆزلىرىنى «يۈكسەك مەدەنىيەتلىك» دەۋالغان ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قارا تەنلىكلەر ئىرقىغا قىلغان مەدەنىيەتسىزلىكىنى؟
دېڭىز قىرغىقىدىكى يۇرتقا بارغاندىن كېيىن، قۇللار خېرىدارلارنى كۈتەتتى. قۇللارنى ئوۋلاپ كەلگەن مۇستەملىكىچىلەر نېگىرلارنى قاتار قىلىپ قويۇپ، قۇللارنى ئېلىپ - ساتىدىغان خەللاپقا «مال» نى كۆرسىتەتتى. بىر ھازا سودىلاشقاندىن كېيىن، خەللاپ بىلەن خېرىدار باھادا كېلىشەلىگەن قۇللارنىڭ ئىسىملىكى تۇرغۇزۇلاتتى. خېرىدار شۇ ئىسىميەت بويىچە ئوۋلىغۇچىغا پۇلنى بېرەتتى. ئوۋلىغۇچى يىلخەت يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، خېرىدار ھەر بىر قۇلنىڭ بەدىنىگە قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەم تامغا باساتتى - دە، رەسمىيەت ئاياقلىشاتتى.
ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىغا بارغاندا، 2 - قېتىملىق «خېرىدار» كۈتۈش بولاتتى. ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇستەملىكىچىلەر ئاچقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا كۆپلەپ ئەمگەك كۈچى كەتكەچكە، ئۇلار پورتقا بېرىپ «مال» سېتىۋالاتتى. بۇ يەردىكى ئېلىم - سېتىمنىڭ ئەھۋالىمۇ ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بەدەنلىرىنى تەكشۈرۈپ ۆرۈش، باھا تالىشىش، قۇللارنىڭ بەدىنىگە 2 - قېتىم قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەن بېسىش ئىشلىرى بېجىرىلەتتى.
دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا كىرىشى بىلەن قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئاياقلاشماستىن، بەلكى يېڭى ئېچىنىشلىق ھايات باشلىناتتى. ئۇلار يەنىلا كىشەن - كويزىلار بىلەن تومۇز ئىسسىقلاردا جان تالىشىپ ئىشلەيتتى، قوللىرىغا قامچا ئالغان كۈزەتچىلەر ئۇلارغا دىۋەيلەپ يۈرۈشەتتى ....
تەبىئىيكى، بۇ ھالغا قالغان قۇللار قارشىلىق كۆرسىتەتتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قارشىلىقلارنى تىنجىتىشتىكى بىردىن بىر ۋاسىتىسى، دىن تارقىتىش ئىدى ئالاھەزەل قۇللارنى ئاپىرىپ ساتىدىغان ھەربىر كېمە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قۇللار ئىشلەيدىغان ھەربىر مەيداندا دېگۈدەك خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرى بار ئىدى، ئۇلار قۇللارغا بۇ دۇنيادا جاپا تارتقانلار ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەننەتكە كىرىدۇ دېگەن «ئىنجىل» نى ئوقۇپ، قۇللارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ تۇراتتى.
«خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ئىزدەش» تىن نېگىرلارغا «خىرىستىئان ئىنجىل» ىنى تەشچىق قىلىشقا ئۆتۈش، ئاخىر بېرىپ قۇللارنى «خىرىستىئان مۇخلىسلىرى» غا ئايلاندۇرۇش، مانا بۇ قۇللارنى ئېلىپ - سېتىشنىڭ تارىخى!