لېنىنگىراد مۇداپىئەسى
بەش مىڭ يىل
لېنىنگراد - ئۇلۇغ ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم دېڭىز پورتى ۋە مەشھۇر سانائەت ، مەدەنىيەت مەركىزى، سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گىتلېر بۇ مۇھىم شەھەرنى تېزلىكتە بېسىۋېلىش ئۈچۈن، 40 دىۋىزىيە، 6000 زەمبىرەك ۋە 1000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان بىلەن لېنىنگرادقا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. ئاۋغۇستىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى لېنىنگىراد بۇسۇغىسىغا كېلىپ قالدى. گىتلېر لېنىنگرادنى 1 - سېنتەبردىن بۇرۇن بېسىۋالىمىز دەپ داۋراڭ سالغانىدى.
«ئۆلۈمگە رازىمىزكى، لېنىنگىراد شەھىرى مەڭگۈ بىزنىڭ بولىدۇ!» - بۇ ئۈچ مىليون لېنىنگراد خەلقىنىڭ ئەلپازى بۇزۇلغان فاشىست گېزەندىلەرگە بەرگەن كۈچلۈك جاۋابى بولدى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى شەھەر بۇسۇغىسىغا كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاسىتىدا ، لېنىنگىراد خەلقى ئەر - ئايال، قېرى - ياش دېمەي تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، قولىغا قورال ئېلىپ، كوچا ئىستىكاملىرىنى قۇرۇپ، لىنىنگىرادنى مۇداپىئە قىلىش كۈرىشىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلاندى!
بىر كۈنى، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گورېلوۋ پويىز ئىستانسىسى دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. پويىز ئىستانسىسىنى ساقلاۋاتقان 5 - خەلق ئەسكەرلىرى دىۋىزىيىسى دەرھال شىددەتلىك ئىستانسا تالىشىش جېڭىگە ئاتلاندى. ئۇلار ئىككى پولك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى چىكىندۈرۈپ، پويىز ئىستاننسىنى تارتىۋالدى. ئەمما، ئۇلار ئىستىھكاملىرىنى پۇختىلاپ بولماي تۇرۇپلا، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ماتورلاشقان قىسىملىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پويىز ئىستانسىسى يەنە دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. بىر سائەتتىن كېيىن خەلق ئەسكەرلىرى دىۋىزىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پويىز ئىستانسىسىنى يەنە قايتۇرۇۋالدى. ئەتىسى سەھەردە گېرمانىيە قوشۇنلىرى يەنە بېسىپ كەلدى. شىددەتلىك جەڭدە، خەلق ئەسكەرلىرى دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى ئېغىر يارىدار بولدى. دۈشمەننىڭ پويىز ئىستانسىسىغا بېسىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندا، ۋىرا ئىسىملىك قىز خەلق ئەسكىرى جەڭچىسى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:«يولداشلار، ئارقامدىن مېڭىڭلار!» - دەپ توۋلاپ، قولىنى پۇلاڭلاتتى -دە، جەڭچىلەرنى باشلاپ جەڭنى داۋاملاشتۇردى. ۋىرا لېنىنگىرادلىق ئاياغ تىككۈچى ئىشچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ يېرىگە ئوق تەكگەن بولسىمۇ، پوزىستىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىنلا، جەڭگىۋار دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى.
شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كولپى رايونىدا چوڭ تىپتىكى بىر ھەربىي زاۋۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن مۇھىم سىتراتىگىيىلىك خام ئەشيا ۋە ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرى بار ئىدى. شۇ كەملەردە، لېنىنگىراد يۆلىنىش ئارمىيىسى بۇ زاۋۇتنى قوغداش ئۈچۈن مۇنتزم قوشۇن ئاجرىتالماي قالدى، ئەمما گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى زاۋۇتقا بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. مۇشۇنداق ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا، يەرلىك ئىدارە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئىشچى خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي زاۋۇتقا يېتىپ كېلىپ، قولىغا دەرھال قورال ئېلىپ، جەڭگە ئاتلاندى. ھەربىي زاۋۇتتىكى ئىشچىلارمۇ سېخ،سىمىنا بويىچە جەڭگىۋار گۇرۇپىلارغا بۆلۈندى. ئۇلار ئىش كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا سەپكە تىزىلىپ قورال ئالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي 500 يەرلىك پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئاكتىپلىرى بىلەن ئاھالىلەرمۇ يېتىپ كېلىپ، مۇداپىئە ئىستىكاملىرىنى ياساشقا ياردەم بەردى. «دۈشمەننى بۇ يەر ئارقىلىق لېنىنگىرادقا قەتئىي ئۆتكۈزمەسلىك!» ئۇلارنىڭ شۇئارى ئىدى.
جەڭ داۋامىدا تۆت نەپەر قىز خەلق ئەسكىرى ناتاشا، رايا، نىنا ۋە توكالار جەڭ مەيدانىدىكى يارىدارلانى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەنىدى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدىن يارىدارلارنى ئەكىتىۋاتقاندا، دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقى ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ قېشىدىكى دۆڭنىڭ يېنىغا چۈشتى. قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، بۇ تۆت قىز تەڭلا دېگۈدەك خەۋپ - خەتەرگە قارىماي، ئۆزىنى زەمبىرەك ئوقى چۈشكەن جايغا يېقىن يەردە تۇرغان تۆت نەپەر يارىدارنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. يارىدارلار قۇتقۇزۇۋېلىندى. ئەمما ناتاشا زەمبىرەك ئوقى پارتلاپ قۇربان بولدى. رايانىڭ بىر پۇتى ئۈزۈپ تاشلاندى. نىنانىڭ يوتىسىمۇ يارىلاندى. توكا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يارىدار بولمىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستىباشلىرىنى قاقتى - دە، ھەمراسىنىڭ جەسىتىنى كۆمدى، يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تاڭدى. ئاندىن يارىدار بولغان نىنان بىلەن بىللە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
لېنىنگىرادتىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پىداكارانە قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى باشقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن غايەت زور چىقىملارنى بەردى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى لېنىنگىرادنىڭ يېنىغا بېسىپ كەلگەن سېنتەبرنىڭ بېشىدىن ئوتتۇرىسىغىچە بولغان يېرىم ئاي ئىچىدە، 170 مىڭ كوماندىر ۋە ئەسكىرىنى تالاپەت بەردى. 300 ئايروپىلان، 500 تانكا، 500 زەمبىرەكنى زىيان تارتتى. گېرمانىيە مارشالى لېيىپ ئەقىلىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، گىتلېرغا جىددىي مۇراجىئەت قىلىپ :« گۇرۇپپا ئارمىيىدە قالغان كۈچ بىلەن لېنىنگىرادقا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ» - دېدى. گىتلېر بۇ دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەبلىنىپ، نۇرغۇن مارشال ۋە گېنىراللارنىڭ ئالدىدا : «لېيىپ يارامسىز، لېيىپ ئىقتىدارسىز! ئۇ ئەقىل - ھوشىنى يۇقىتىپتۇ. ئۇ مىنىڭ لېنىنگىرادنى تىزلىكتە بېسىۋېلىش پىلانىمنى چۈشەنمىدى ۋە ئىجرا قىلمىدى! » - دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى.
گىتلېر ئاخىر يەنە بىر ئىنتايىن زەھەرلىك پىلانىنى ئويلاپ تاپتى. ئۇ گېرمانىيە قوشۇنلىرىغا لېنىنگىرادنى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش چەمبىرىكىنى قۇرۇقلۇق دېڭىز ئارمىيىسى ئارقىلىق تېخىمۇ تارايتىپ قاتتىق قامال قىلىش ھەمدە زەمبىرەكنى توختاتماي، ئوققا تۇتۇپ ئارام بەرمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. گىتلېر :«پېتىربۇرگ يەرشارىدىن يوقالسۇن!» - دەپ ئەسەبىيلەرچە چوقان سالدى.
دېمەك، گېرمانىيە ئارمىيىسى سېنتەبرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، لېنىنگىراد كېچە - كۈندۈز توختىماي نۆۋەت بىلەن توپقا تۇتتى. ھەر ئون بەش مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم توپقا تۇتۇپ، شەھەردىكى ئارمىيە ۋە خەلقنى كۈن بويى مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدىن چىقالمايدىغان، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان قىلىپ قويماقچى بولدى. مۇھاسىرىنىڭ ئۇزاققا سۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شەھەردە ئاشلىق بارغانسېرى ئاز قالدى. كىشىلەر ئاشلىق قىسلىقىنى تەرەپ - تەرەپتە ئاشلىق ئورنىدا يەيدىغان نەرسىلەرنى تېپىش يولى بىلەن تولۇقلاشقا كىرىشتى. ھەربىي ئات فېرمىسىدىكى ئاتقا بوغۇز قىلىنىدىغان ئارپىنى تېجەپ ئاشلىق ئورنىدا يېدى، پاراخوت غەرق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن سۈزۈۋېلىنغان، ئۈندۈرمە بولۇپ كەتكەن ئاشلىق كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ئۇزۇقى بولۇپ قالدى، ھەتتا ياغ زاۋۇتىدىكى مەشكە يېقىلغۇ قىلىنىدىغان چىگىت كۈنجۈرىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئاشلىق ئورنىدا يەيدىغان ئوزۇقى بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئاشلىق يەنىلا كۈندىن - كۈنگە قىس بولۇپ كەتتى. شەھەر سوۋېتى پۈتۈن شەھەرنى تەمىنلەيدىغان ئاشلىق ئۆلچىمىنى كەينى - كەينىدىن ئازايتىشقا مەجبۇر بولدى. نويابرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ، ھەربىر ئىشچىغا كۈنىگە 250 گرام بولكا، باشقا ئاھالىلەرگە ئاران 120 گرام قارا بولكا بېرىدىغان بولدى. ئاشلىق ئىنتايىن قىس بولغانلىقتىن،ئۇزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئاغرىغان كېسەللەر ھەدەپ كۆپىيىپ كەتتى. ھەركۈنى مىڭلىغان ئادەم ئاچلىق ئازابىدا جېنىدىن جۇدا بولدى. بىر ئايال دوختۇر ئۆزىنىڭ خىزمەت خاتىرىسىدە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاجىئەلىك مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئىشىك ئۇلۇغ ئۇچۇق تۇراتتى. مەن ئىشكىنى چەكمەيلا ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئىچى مۇزدەك سوغۇق ۋە قاراڭغۇ ئىدى. 14 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئۇرۇندۇق ئۈستىدە قازا قىپتۇ. يەنە بىر ئوغۇل بالا ئۇرۇندۇق بۆشۈكتە جان ئۈزۈپتۇ. كارۋاتتا مەرھۇم ئۆي خوجايىنى ۋاسىلى يېتىپتۇ. ئۇنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چوڭ قىزى مىكا كارىۋات يېنىدا مۆلدۈرلەپ تۇراتتى. ئەتىسى مىكامۇ ئۆلۈپ قالدى.»
1941 - يىلى نويابردىن 1942 - يىلى دېكابرغىچە بىر يىل ئىككى ئاي ئىچىدە ، پۈتۈن لېنىنگىرادتا جەمئىي 632 مىڭ 253 كىشى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. شەھەردە ئۆلۈكلەر دۆۋە - دۆۋە بولۇپ، كوچىلار، مەيدانلار، دامبىلار ۋە ئاھالە ئۆيلىرىگە كۆمۈلگەن جەسەتلەر ھەددى - ھېسابسىز ، مەشھۇر يازغۇچى سىمېنوۋ ئۆزىنىڭ «ئاچارچىلىق» دېگەن پوۋېسىتىدا، نەپىس ۋە تەسىرلىك قەلىمى بىلەن، پېتىروگراد خەلقىنىڭ ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاچارچىلىققا چىداپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان قەھرىمانلىق كۈرىشىنى قىزغىن ماختىغانىدى. ئەمما، بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ 1942 - يىل يانۋاردا ئاچلىق ئازابىدىن ۋاپات بولدى.
لېنىنگىراد پارتىيە تەشكىلاتى ۋە لېنىنگىراد سوۋىتى بارلىق چارە - تەدبىرلەر بىلەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى تېزىلىكتە ياخشىلاپ، ئاھالىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىنى ئازايتتى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ياشلار تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەترەتلىرىنى تەشكىل قىلىپ، كوچا ۋە ئۆيلەرگە بېرىپ قېرى - چۆرىلەر ۋە ئاجىز ئاياللاردىن خەۋەر ئالدى. كېسەلمەنلەر ۋە يېتىم - يېسىرلارغا غەمخورلۇق قىلدى. بىر كومسومول ئاھالىگە بوتۇلكا تارقىتىۋاتقاندا، دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقى ئۇنى كۇكۇم تالقان قىلىۋېتىپ، دەپنە قىلىشمۇ مۇمكىن بولماي قالدى. كىشىلەر بۇ بولكىنى ئىنقىلاپ يولىدا قۇربان بولغان ئاشۇ كومسومولنىڭ جەسىتى سۈپىتىدە تەنتەنىلىك دەپنە قىلدى.
لېنىنگىراد ئاھالىسى ئارىسىدا، ئىتتىپاقلىق - ئۆز ئارا ھەمكارلىق، بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش، باشقىلارنى كۆزلەش روھى ھالەتكە ئايلاندى. بىر كۈنى، بىر قىز ئوقۇغۇچى كوچىدا ئاچلىقتىن يېقىلىپ قالغان بىر ساقچىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى دەرھال يۆلەپ بولغا دۇكىنى ئالدىغا ئېلىپ باردى - دە، ئۆزىنىڭ ئەتىلىك بولكا ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ نورمىلىق بولكىسىدىن ئېلىپ ساقچىغا بەردى. ئەتىسى ئۆزىنىڭمۇ ئاچلىقتىن يېقىلىپ، ھەتتا مەڭگۈ ئورنىدىن تۇرالمايدىغانلىقىنى بۇ قىز ئىنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما، بۇ خەلق ساقچىسى تاماق يېمىسە، دەرھال ئۆلۈپ قالدىغانلىقى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېنىق ئىدى. ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇۋالمىسا بولامدۇ؟
يەنە بىر كۈنى، بىر چوڭ ئاپتوموبىل شوپۇرى تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇز نۇرى ئاسىتىدا، بولغا ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ لېنىنگىرادنىڭ بوش - بىكار كوچىسىدا كېتىۋاتاتتى. ئاپتوموبىلغا مەخسۇس كېسەللەر يەيدىغان يېڭى بولكىلار قاچىلانغانىدى. ئاپتوموبىل تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە، دۈشمەننىڭ بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئۇشتۇمتۇتلا ئاپتوموبىلنىڭ قېشىدا پارتلىدى. شوپۇر قازا تاپتى. بولكىلار يەرگە چېچىلىپ، سەھەرنىڭ سالقىن شامىلىدا كىشىگە خۇش پۇراقلار چاچاتتى. يولۇچىلار بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن يەرگە ئېڭىشىپ بولكىلارنى بىر - بىرلەپ يىغىۋېلىپ، توپىلارنى ئاۋايلاپ تازىلىغاندىن كېيىن كوزۇپقا سالدى. ئاندىن ئاپتوموبىل يىنىدا ساقلاپ تۇرۇپ، بولكا زاۋۇتىنىڭ يەنە بىر بولكا ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا كېتىشتى. شۇ كەملەردە، ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان لېنىنگىرادلىقلارنىڭ مەززىلىك بولكا تۇرغان يەردە، ئۆز نەپىسىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن قانچىلىك زور جاسارەت كېرەك - ھە!
1941 - يىلى نويابرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، لېنىنگىرادتىكى ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇقدىلىپ قالدى. مۇشۇ جىددىي پەيتتە، لېنىنگىرادتىكى ئارمىيە بىلەن خەلق بارلىق مۈشكۈللۈكلەرنى يېڭىپ، لېنىنگىرادنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇزلار توڭلاپ كەتكەن لادۇژكا كۆلىنى بويلاپ، مۇز ئۈستى ترانسىپورت يولى ئاچتى. بۇ ترانسىپورت يولى لادوژكا كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقى بىلەن غەربىي قىرغىقىدىكى ترانسىپورت يوللىرىغا تۇتاشقان بولۇپ، لېنىنگىراد چەتنىڭ ياردىمىنى ئالدىغان بىردىنبىر يول بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا لېنىنگىرادلىقلار بۇ يولنى «ھاياتلىق يولى» دېيىشەتتى. ئەمما بۇ «ھاياتلىق يولى »دا قاتناش باشلانغاندا، مۇز قېلىن بولمىغانلىقىدىن، ئاپتوموبىل بىلەن شوپۇرلار ھەمىشە مۇز ئاستىغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا نورمال بولماي، يەر - جاھاننى قار قاپلاپ كەتكەن، دەھشەتلىك بوران چىقىپ تۇرغانلىقتىن، كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۆرۈلۈپ كېتەتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇ قاتناش يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئايروپىلان ئەۋەتىپ،كۈن بويى كۆل ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوققا تۇتاتتى. ھەتتا كۆل ئۈستىدىكى تاش يولنىڭ مەلۇم قىسىمىنى قارىغا ئېلىپ، قاتتىق پارتلايدىغان زەمبىرەك ئوقلىرىنى ئېتىپ، مۇز ئۈستىنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتكەنلىكتىن، بەزىدە قاتناش مۇمكىن بولماي قالاتتى. لېنىنگىرادتىكى ھەربىي ۋە خەلق ئىنتايىن زور قەيسەر ئىرادە ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن بۇ ھاياتلىق يولىنى ئاخىر قوغداپ قالدى. 60 ئاپتوموبىل بۇ يولدا كېچە - كۈندۈز توختىماي قاتناپ تۇردى، قەھرىمان شوپۇرلار دۈشمەن ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشى، ئوققا تۇتۇشىغا ۋە نۆلدىن تۆۋەن 34 گىرادوس سوغۇققا پەرۋا قىلماي، ئاشلىق يېقىلغۇ ۋە باشقا جىددىي زۈرۈر بولغان ئەشيارلارنى مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرغان شەھەرگە توشۇپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار ۋە مۇھىم ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى توشۇدى. ئۇلارنىڭ كېچە - كۈندۈز كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، لېنىنگىرادتا ئاشلىق بارغانسېرى كۆپەيدى. 1942 - يىلى ئاپرېلغا كەلگەندە ، شەھەر بويىچە ئون ئىككى كۈنلۈك زاپاس ئاشلىق توپلاندى. مۆجىزىگە ئوخشايدىغان لادوژكا «ھاياتلىق يولى » لېنىنگرادنىڭ ئاچلىق خەۋپىنى ئاخىر يېڭىشىغا،شۇ ئارقىلىق گېرمان فاشىستىلىرىنىڭ لېنىنگىراد خەلقىنى قىينچىلىق ئىچىدە ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتەك قەبىھ پىلانىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇب قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ كۋەى. 1943 - يىلى يانۋاردا، لېنىنگىرادتىكى ئارمىيە ۋە خەلق قاتتىق مۇھاسىرىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان كۈنلەر ئاخىر يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن گىرادۇسقا چۈشتى. قۇياش نۇرى بۇلۇتلارنى تىشىپ ئۆتكەندە ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پوزىتسىيىلىرىدىن 2000 زەمبىرەك ۋە مىناميوت تەڭلا ئوت ئاچتى. بىر پەس شىددەتلىك توپقا تۇتۇلغاندىن كېيىن، لېنىنگىراد يۆلىنىش ئارمىيىسىنىڭ قەھرىمان جەڭچىلىرى نېۋا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىن، توققۇزىنچى ئىشچىلار كەنتىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىدىن، لادوژكا كۆلى تەرەپتىن دۈشمەنلەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ لېنىنگىرادقا قىلغان 17 ئايلىق مۇھاسىرىسى ئاخىر بىتچىت قىلىندى!
1943 - يىلى 18 - يانۋار كۈنى، لېنىنگرادتىكى ئارمىيە بىلەن خەلق رادىئو دىكتۇرىنىڭ ھاياجان بىلەن :«لېنىنگىراد مۇھاسىرىسى بۇزۇپ تاشلاندى!»، «قامال لىنىيىسى بۇزۇپ تاشاندى!» دېگەن ھەيۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئۇشتۇمتۇت ئاڭلىدى. خەلق كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، تەرەپ - تەرەپتە: «قىزىل ئارمىيە ئۇچرىشىپتۇ!» « ھۇررا! لېنىنگىراد!» دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. لېنىنگىراد قىزغىن تەنتەنە خۇشاللىقىغا چۆمدى.