UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئەپيۈن ئۇرۇشى

ئەپيۈن ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل 1839 - يىل 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى خۇمېن دېڭىز ساھىلىدا ئادەملەر مىغىلداپ كەتتى، بۇ كىشىلەر ئەنگىلىيىلىك ئوپيۇن ئەتكەسچىلىرى ئېلىپ كەلگەن زەھەر _ ئەپيۈننىڭ كۆيدۈرۈلۈشىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. دېڭىز ساھىلىغا ھەر بىر تەرىپى 15 غۇلاچتىن كېلىدىغان ئون نەچچە «ئەپيۈن كۆيدۈرۈش كۆلىچىگى» كولانغان بولۇپ، ئەتراپى رىشاتكىلار بىلەن ئورالغان، دېڭىز سۈيى تاقاق بىلەن توسۇپ قويۇلغان ئىدى. كىشىلەر «لىن دارېن كەلدى!» دېيىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئەگەر مۇپەتتىش ۋەزىر لىن زېشۈ ئەنگىلىيىلىك ئەتكەسچىلەرنىڭ باش شىتابى _ سودا كونسۇلخانىسىنى پېچەتلەپ تاشلاش نىيىتىگە كەلمىگەن بولسا، ئەنگىلىيىلىك ئەپيۇن سودىگەرلىرىنىڭ 20 مىڭ ساندۇقتىن كۆپرەك (ئىككى مىليون 300 مىڭ جىڭ) ئەپيۈننى ئاسانلىقچە تاپشۇرمايدىغانلىقىنى كۆپچىلىك بىلەتتى، شۇڭا ئۇلار لىن زېشۈگە قالتىس ئاپىرىن ئوقۇدى. لىن زېشۈ تەختىراۋاندىن چۈشۈپ، سوراق ئۈستىلى ئالدىدا قىمىرلىماي ئولتۇرۇپ، «كۆيدۈرۈلسۇن!» دەپ قولىنى شىلتىش بىلەن تەڭلا، «گۈلدۈر!» قىلغان ئاۋاز ياڭراپ، نەچچە ئونلىغان زەمبىرەك تەڭ ئېتىلدى. بۇ چاغدا، ھامماللار ساۇندۇقتىكى ئەپيۈنلەرنى بىر _ بىرلەپ كۆتىرىپ كېلىپ كۆلچەك يېنىدا قويدى، ئەسكەرلەر ھاكنى ئاللىقاچانلا تەييارلاپ قويغان ۋە بىر قەۋەت ئەپيۈن، بىر قەۋەت ھاك تۆكۈپ، ئەپيۈن كۆيدۈرۈش كۆلچىكىنى پەۋەس تولدۇرغان ئىدى. سۇ تاقىغى ئېچىلدى! دېڭىز سۈيى ئەپيۈن كۆيدۈرۈش كۆلچىكىگە كىرىپ ھاكقا تېگىش بىلەنلا، دەرھال قايناپ ئاپپاق ئىس - تۈتەك كۆتىرىلدى.، قاپ قارا ئەپيۈن كۆلچەكتە كۈلگە ئايلاندى. نەچچە ئون مىڭلىغان تاماشىچى ئامما «ياخشى بولدى!» دەپ تەنتەنە قىلدى، ئەنگلىيە ھىندىستاندىن توشۇپ كەلگەن زەھەرلىك چېكىملىك ئاخىر جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلدى! ئەپيۈن كۆيدۈرۈش ئىشى ئىلگىرى - ئاخىر 23 كۈن داۋاملىشىپ، ئىككى مىليون 300 مىڭ جىڭ زەھەر پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئەنگلىيىلىك ئەپيۈن سودىگىرى دانتى دۆلىتىگە قېچىپ كەتتى. ئۇ نۇرغۇن كاپىتالىستلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، جۇڭگوغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پىلانلىدى. ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى پالمېرستون (كېيىن باش ۋەزىرلىككە كۆتىرىلگەن) نىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشۈپ، ئەنگلىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ تەسدىقىنى ئالدى. 1840 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان «ئەپيۈن ئۇرۇشى» پارتلىدى! ئەنگلىيىنىڭ كېمە ئەترىدى گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلدى، لىن زېشۈ بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى، ئۇلارنى زەربە بىلەن چېكىندۈردى. ئۇلار بۇرۇلۇپ شيامېنغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى، ئۇ يەردىنمۇ چېكىندۈرۈلدى. ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى دېڭىزنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىر _ ئاخىر جېجياڭدىكى دېڭخەيگە ۋە تيەنجىندىكى تاشقى پورت داگۇغا ھۇجۇم قىلدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى داۋگۇاڭ قورقۇپ كېتىپ، «سۈلھلىشىش» ئۈچۈن چى شەننى گۇاڭجۇغا ئەۋەتتى. چى شەن 1841 - يىل 1 - ئايدا گۇاڭجۇغا يېتىپ كېلىپ، لىن زېشۈنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلىدى، گۇاڭجۇدىكى مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىكار قىلدى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلدى، خۇمېندا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان تىدۇ (ئەمەل نامى، قوماندانغا تەڭ) قۇربان بولدى. چى شەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ۋەتەن ساتقۇچى شەرتنامە تۈزۈپ، ئەپيۈندىن بولغان «زىيان» نى تۆلەپ بېرىدىغان بولدى ھەمدە شياڭگاڭنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە قوشۇلدى. دىتسىز ۋە كۆرەڭ پادىشاھ داۋگۇاڭ چى شەننىڭ ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ دۆلەتكە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان شەتنامىنى تۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، قارشىلىق كۆرستىشنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇل جىيەنى يى شەننى گۇاڭجۇنىڭ «تېچلاندۇرۇش گېنېرالى» قىلىپ تەيىنلەپ، ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى، بۇ «خان جىيەنى» ئۇرۇش قىلىشنى زادىلا بىلمىگەنلىكتىن، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر نەچچە پاي زەمبىرىكىگە پاي بېرەلمەي ئاق بايراق چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا گۇاڭجۇ «شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش پۇلى» سۈپىتىدە ئالتە مىليون يۈەن تەڭگە تاپشۇردى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى گۇاڭجۇدا قاتىللىق قىلىپ ئوت قويدى، مال _ مۈلۈكلەرنى بۇلاپ - تالىدى، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى. گۇاڭجۇدىكى پۇقرالار چىداپ تۇرالمىدى، سەنيۈەنلىدا ئەنگلىيىگە قارشى قوغدىنىش جېڭى پارتلىدى. 1841 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ۋوۋۇگ ۋە ئەنگلىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئېللىئوت 2000 دىن ئوشۇق تاجاۋۇزچى قوشۇننى باشلاپ، زەمبىرەك - مىلتىقلار بىلەن توپ - توغرا سەنيۈەنلىغا كېلىپ قىرغىنچىلىق قىلدى. سەنيۈەنلى خەلقى ئاللىبۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى، ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىشنى باشلىۋەتتى، تاجاۋۇزچىلارنى بىر پارچە ئويمان يەرگە ئالداپ ئېلىپ كەلدى. بۇ چاغدا، ئۈچ يۇلتۇزلۇق بايراق تىك قادالدى. زەمبىرەك ئېتىلىش بىلەن تەڭ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان جۇڭگو پۇقرالىرى قىلىچ نەيزە ۋە قارا مىلتىقلار بىلەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا قاراپ تەڭلا باستۇرۇپ كەلدى. ئەنگلىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايورى بىلو قارشىلىق كۆرسىتىشكە قوماندانلىق قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، بىر نەيزە كېلىپ، ئۇنىڭ كىكىرتىگىگە تىقىلدى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى بۇنى كۆرۈپلا ئالدىراپ قېچىشقان ئىدى - ئۇدۇل بېرىپ پاتقاقلىققا كىرىپ قېلىپ پۇتىنى تارتىۋالالماي قېلىشىپ، جۇڭگولۇق قەھرىمانلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى. ۋوۋۇگ پۈتۈن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، بۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ كەتتى. شۇ كەملەردە زەمبىرەك ۋە مىلتىقلارنى ئوت ئالدۇرۇپ ئېتىشقا توغرا كېلەتتى، ھۆل بولغاندىن كېيىن ئېتىلمايتتى، شۇڭا ئۇ كېرەكسىز نەرسە بولۇپ قالدى. سەنيۈەنلى خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۈشمەننى قىرىپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا تاجاۋۇزچىلاردىن 200 دىن كۆپرەگىنى ئۆلتۈردى، نەچچە يۈز كىشىنى يارىدار قىلدى، ئون نەچچىنى ئەسىر ئالدى، 2000 دىن ئارتۇق ئەنگلىيە ئەسكىرى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىدە قالدى. ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى يى شەنگە دەرھال بېسىم ئىشلەتتى. يى شەن ئەجنەبىلەرگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، گۇاڭجۇنىڭ ھاكىمىنى ئەۋەتىپ «مۇھاسىرىنى بۇزۇۋەتتى»، ئەنگلىيىنىڭ 2000 ئەسكىرى ئاخىرقى ھېساپتا ئامان قالدى. تاجاۋۇزچىلار بىر سۇڭ يەرگە ئىگە بولسا، غۇلاچ يەرگە ئىلگىرىلەپ ئادەتلىنىپ قالغان. ئۇلار چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ چىرىك، قابىلىيەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 1841 - يىل 8 - ئايدا شيامېنغا ھۇجۇم قىلدى. 10 - ئايدا دىڭخەي، نىنبونى بېسىۋالدى. 1842 - يىل 6 - ئايدا شاڭخەيگە تاجاۋۇز قىلدى، ۋۇسۇڭدا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان تىدۇ چېن خۇاچېڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، 7 - ئايدا جېنجياڭ، نەنجىڭگە تاجاۋۇز قىلىپ، چىن خاندانلىقى ھۆكۈمىتىنى ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان «جۇڭگو - ئەنگلىيە نەجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى. 1842 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى «جۇڭگو _ ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» رەسىمىي ئىمزالاندى، ئەنگليە تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇن «نەپ» كە ئىگە بولۇۋالدى. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت بولدى: (1) جۇڭگو شىياڭگاڭنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بەردى؛ (2) 21 مىليون يۈەن تەڭگە تۆلەم تۆلىدى؛ (3) گۇاڭجۇ، شىيامېن، فۇجۇ، نىنبو، شاڭخەيدىن ئىبارەت بەش يەر سودا پورتى قىلىپ ئېچىپ بېرىلدى؛ (4) ئەنگلىيە سودىگەرلىرى ئېكىسپورت، ئىمپورت قىلغان ماللاردىن ئېلىندىغان باجنى جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلىكتە كېڭىشدىغان بولدى. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىبلىس قولى ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقىغا سوزۇلدى. جۇڭگو جەمئىيىتى قەدەممۇ قەدەم يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ