133 كۈن
بەش مىڭ يىل
1919 - يىلى 22 - مارت كەچقۇرۇن يەنى پارىژدىكى سۈلھ كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تالاش - تارتىش قىلىپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن بىر پەيتتە، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىرخەۋەر ۋېرسالغا يېتىپ كەلدى. ۋېنگىرىيىدە ئىنقىلاب پارتىلىدى ھەمدە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. يېڭى قۇرۇلغان سوۋېت ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنياغا يەنە سوۋېت روسىيە جۇمھۇرىيتى بىلەن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە جاھانگىرلىكككە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقنى جاكالىدى!
بۇ خەۋەر جىمجىت ۋېرسال سارىيىدا دەرھال چوقان - سۈرەن پەيدا قىلدى. پارىژ سۈلھ كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى خۇددى ۋەدىلىشىۋالغاندەكلا تەڭلا ھېس قىلدى. شۇ كۈنى كېچىسى ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ قارشى تۇرۇش تەدبىرنى مۇھاكىمە قىلدى.
_ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئويلىغانىدىم. ئەمما شۇنچە تېز بولۇشىنى خىيالىمغا كەلمەپتىكەن!
_ بىز ھەقىقىي خەۋپكەدۇچ كەلدۇق، ئەمدى زادى تېنچىلىق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ!
_ قانداق قىلىمىز؟ مېنىڭچە قامال قىلىشتىن باشقا چارىمىز يوق!
_ قامال قىلشنىڭ نېمە كېرىكى بار، ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان تۈزۈك!
_ بۇنداق قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەپلەشمەي قالسا، ھەرقايسى ئەللەر خەلقنىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىز - دە، يېڭى ئىنقىلاب يۈز بېرىدۇ . . .
ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىر پەس جىددىي سۈيقەست پىلانلانغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋۋال بۇددا پېشىتقا گېنېرال سموز باشچىلىقىدا «تېنچلىق » ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، ۋىنىرگىيە سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن تەدبىر كۆرۈشنى قارار قىلدى.
4 - ئاپرېل ئەتىگەندە، سىموز باشچىلىقىدىكى «تېنچلىق » ئەلچىلەرئۆمىكى بۇداپېشتقا يېتىپ كەلدى.
ئاپرېلدىكى بۇداپېشت قىش كېتىپ باھار كەلگەن، ھەممىلا يەرنى جۇشقۇن مەنزىرە قاپلىغان پەيتتە تۇراتتى. كوچىلارغا كونا ژاندارمىلار ۋە ساقچىلارنىڭ ئورنىغا قىزىل مۇھاپىزەتچىلەر چىقتى. زاۋۇتلاردا ئىشچىلار رەھبەر بولدى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى ھەمدە ئىش ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى؛ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئەمگەكچىلەر بۇرژۇئازلار ئولتۇرۇپ كەلگەن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ فېئودال غوجىلارنىڭ ئوردا - قەلئەلىرى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساناتورىيە ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى . . .
ۋېنىرگىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قانداق قۇرۇلغان؟ ۋېنگىرىيە ئەسلىدە ئاسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىگە قارايتتى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئىنقىلاب پارتلاپ، خابسبۇرگ خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئاۋسترىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقل بولدى. ۋېنگىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كارولېي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىشچى -دېھقانلار ئاممىسىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئاممىنى باستۇرۇپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
1918 - يىلى نويابردا ۋېنگىرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلدى. پارتىيە رەھبىرى كۈن بېلا روسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا قاتناشقان بولۇپ، لېنىن بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنىدى. ۋېنگىرىيە كومپارتىيىسى «بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىنقىلابىي شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. كارولىي كومپارتىيىنىڭ كۈنپېلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرىق نەپەر رەھبىرىنى قولغا ئېلىپ، كومپارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى «قىزىل» گېزىتىنى پېچەتلىدى ۋە ۋەيران قىلدى. كارولىيىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى كەڭ ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلار تەرەپ - تەرەپتە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئانتانتا دۆلەتلەردىكى جاھانگىرلار كارولېي ھۆكۈمىتىنىڭ لىڭشىپ قالغانلىقىنى ، ۋېنىرگىينىڭ روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى يولىغا ماڭىدىغانلىقنى كۆرۈپ، 20 - مارتتا ۋېنگىرىيە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن زېمىننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى قوشنا دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ۋېنگىرىيە ئىنقىلابىنى شۇ يول بىلەن تۇنجۇقتۇرماقچى بولدى.
كارولىي ئولتىماتۇمنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نائىلاج ئۆزلۈكىدىن ئىستىپا بېرىپ، ھاكىمىيەتنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە تاپشۇردى. ئەمما سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى كەڭ ئاممىنىڭ كومپارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى، ئۆزى ئىنتايىن يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. كوممۇنستلارنى باشقۇرغۇدەك قوراللىق كۈچكىمۇ ئىگە بولالمىدى. زادى ئامال تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈرمىدىكى كومپارتىيە رەھبىرى كۈن بېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت ئاخرلاشتى. ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتنى قۇرۇش بەلگىلەندى.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇدا پېشت ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلەر كوچىلارغا چىقىپ، ئىستىھكام، ۋوگزال، كۆۋرۈك، پوچتىخانا، ۋە ھۆكۈمەت بىناسنى ئىشغال قىلدى.ئارمىيە بىلەن خەلق قورالسىزلاندۇرۇلدى. 21 - مارتتا بۇداپېشت ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى چاقىرىلىپ، ۋېنگىرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى، دەپ جاكارلاندى. خەلق تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي غەلبىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ بىرنەچچە كېچە - كۈندۈزگە داۋاملاشتى.
بۇ زور ئۆزگىرىش ئالدىدا، جاھانگىرلار ۋەسۋەسىگە چۈشتى ۋە قورقتى. سىموزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇداپېشتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال «تېنچلىق » نىقابى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەمما سۆھبەت داۋامىدا ۋېنگىرىيىدىن نۇرغۇن زېمىننى ئانتانتا دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ يولسىز تەلەپنى سۆزسىز رەت قىلدى. سىموز سۆھبەتنى يېرىم يولدا توختىتىپ، خوشلاشمايلا، بۇدا پېشىتقا كېتىپ قالدى.
ئانتانتا دۆلەتلەر سۆھىبەتنى بۇزغاندىن كېيىن، قۇراللىق مۇداخىلە قىلىشقا كىرىشتى. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ۋېنگىرىيىنىڭ قوشنىسى بولغان بۇرژۇئا دۆلىتى رۇمىنىيە بىرىنچى بولۇپ قوراللىق ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 150 مىڭ ئەسكىرى ۋېنگىرىيىگە باستۇرۇپ كەلدى. ۋېنگىرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى خەۋپ ئاستىدا قالدى!
1 - ماي كۈنى بۇداپېشت ئەمگەكچىلىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەركىنلىك بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئەتىگەن سائەت توققۇزدا خەلق ئاممىسى توپ - توپ بولۇپ، شەھەر باغچىلىرىدىكى ياپيېشىل چىملىقلارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. باغچىلاردىكى بارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بىلەن ئىمارەتلەر قىپقىزىل يېڭى تونغا پۈركىنىپ، ھەممە يەرنى بايرام تەنتەنىسى قاپلىدى.
كومپارتىيىنىڭ نۇرغۇن ناتىقلىرى باغچىلاردا، كوچىلاردا ۋە سەلتەنەتلىك بىنالار ئالدىدا خەلققە تەشۋىقات - تەرغىبات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى جاھانگىرلارنىڭ قوراللىق مۇداخلىسىگە قارشى كۈرەشكە چاقىردى.
ئەتىسى سوۋېت ھۆكۈمىتى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. بۇداپېشتتىكى ئىشچىلار ئاممىسى قولىغا قورال ئېلىپ، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئىنقىلابىي بايرىقى ئاستىغا خۇددى دولقۇندەك ئۇيۇشىتى. ماينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆز ئىختىيارىي بىلەن قىزىل ئارمىيىگە قاتناشتى. بەزى زاۋۇتلاردا مۇستەقىل دىۋىزىيىلەر قۇرۇلدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، يېڭى قۇرۇلغان يېڭى قۇرۇلغان قىزىل ئارمىيە ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى ھەمدە تېزلا غەلبە قازاندى. 30 - مايدا قىزىل ئارمىيە 250كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ئۇرۇش سېپىدە، پۈتۈن سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە قولىدىن كەتكەن يەرلەرنى تېزلىكتە قايتۇرۇۋالدى. قىزىل ئارمىيىنىڭ غەلىبىسى چېخوسلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشىغا تۈرتكە بولدى.
قىزىل ئارمىيە ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، پارىژ سۈلھ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فرانسىيە زۇڭلىيسى كلېمانسو 13 - ئىيۇندا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇشتۇمتۇتلا بىر پارچە نوتا تاپشۇردى. نوتىدا شىمالىي ئۇرۇش سېپىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىشنى ھەمدە بۇرۇنقى جايغا چىكىندۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان؛ بۇنىڭ بەدىلىگە ئاتنانتا دۆلەتلەر رۇمىنىيە ئارمىيىسى بېسىۋالغان تىسا دەرياسى بويىنى قايتۇرۇپ بېرىش شەرت قىلىنغان. ئەگەر بۇنىڭغا قوشۇلمىسا، ۋېنگىرىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىلغانىدى. كۈن بېلا نوتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى باشلىدى.
لېنىن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۈن بېلاغا دەرھال تېلېگرامما يوللاپ:«سىلەرنىڭ ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغىنىڭلار توغرا بوپتۇ. خەلقنىڭ دەم ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئەقەللىيىسى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ياكى تېنچلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش لازىم. ئەمما ئانتانتا دۆلەتلەرگە بىر مىنۇتمۇ ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى ۋە بىزنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئالداپ، ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى » دېدى.
لېنىن ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى. بىراق كۈن بېلا ھېچقانداق كاپالەت بېرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقا رەھبەرلەرنىڭ قەتئىي قارشلىقىغا قارىماي، كلېمانسونىڭ ئۇلىتىماتۇمنى قوبۇل قىلىپ، قىزىل ئارمىيىگە ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئەمما رۇمىنىيە قوشۇنلىرى تىسا دەرياسى بويىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىنى ئۇرۇنلىمىدى. ۋېنگىرىيە خەلقى ئىسسىق قېنى بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن زېمىن بىكاردىن - بىكارلا دۈشمەنگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلدى. بۇ خەلقنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ناھايىتى چوڭ زەربە بەردى. تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى. باي دېھقانلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توپىلاڭ كۆتۈردى. يەر تەقسىم قىلىنمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلەنگەن دېھقانلار ئاستا - ئاستا ئىشچىلاردىن يىراقلاشىتى. ئارقىدىنلا ئارمىيە ئىچىدىمۇ ئاسىيلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، ئارمىيە پارچىلىنىشقا باشلىدى.
1919 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتا رۇمىنىيە قوشۇنلىرى بۇداپېشتتىن 30 - 40 كىلومېتىرلا يەرگە قىستاپ كەلدى، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 133 كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋېنگىرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيتى ئەنە شۇنداق ھالاك بولدى.