UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭچاقماق سىرىنىڭ ئېچىلىشى

چاقماق سىرىنىڭ ئېچىلىشى

بەش مىڭ يىل «گۈلدۈر!» قىلغان چاقماق ساداسى كۆكنى يېرىپ ئۆتتى. «تاراق _ تۇرۇق!» قىلغان چاقماق ساداسى جىلغىلاردا ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، يەر _ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەكتە. ئۇ بەزىدە ھەتتا دەل - دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋېتەتتى، ئۆيلەرنى ئۆرۈۋېتەتتى، ھايۋان ۋە ئادەملەرنى سوقوپ ئۆلتۈرۈپ قوياتتى. چاقماقنىڭ كۈچىنى بوش چاغلىماڭ! چاقماق زادى قانداق نەرسە؟ مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان، ئەجداتلىرىمىز بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. جۇڭگولۇقلار رىۋايەت قىلىپ كەلگەن چاقماق ئاتا، چاقماق ئانىلار ھەيۋە قىلىپ كەلدى، يۇنانلىقلار رىۋايەت قىلىپ كەلگەن ئولىمپىيە تېغىدىكى ئاسمان خۇداسى غەزەپلەنمەكتە ئىدى. كېيىن ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى كەڭ رايونلاردا، چاقماقنىڭ چېقىشى خۇدانىڭ تەقدىرى دەيدىغان ھېكايىلەر تارقالدى. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر چاقماقنىڭ سىرىنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئېچىپ تاشلىماقچى بولدى. شۇ كەملەردە، كىشىلەر چاقماق توغرىسىدىكى بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى.يىپەك رەختنى ئەينەك سۈركىسە توك ھاسىل بولاتتى. شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى «ئەينەك توك»، «كەھرىۋا توك» دېيىشكەن ئىدى. توك ھاسىل بولغاندا، مېتال ئۈستىدە ئۇچقۇنلارمۇ پەيدا بولاتتى. بىراق كىشىلەر بۇ ئۇچقۇنلارنى ئاسماندىكى چاقماققا تەتبىقلىماي، سۈنئى ھاسىل بولغان توك ئاسماندىكى چاقماققا ئوخشاشمايدۇ، دەپ قاراپ كەلدى. ئامېرىكىلىق فرانكلىن بۇ ئىككى خىل ھادىسىنى بىرىنچى بولۇپ بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ 1749 - يىلى ئەنگلىيىدىكى پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىگە بىر دوكلات يېزىپ، ئۆي - ئىمارەتلەرنى چاقماقنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇچلۇق مېتال تاياقنى ئۆگزىگە بېكىتىپ، ئاندىن تۆمۈر تاياقچىنى توك سىمى ئارقىلىق يەرگە تۇتاشتۇرۇپ، ئاسماندىكى توكنى يەرگە ئۇلىۋېتىشنى تەكلىپ قىلدى. _ ھا - ھا! نېمە دېگەن قۇرۇق خىيال _ ھە! چاقماقنىڭ چېقىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتسا، سەن ئۇنى خۇدادىن ئايرىۋەتمەكچىمۇ _ ھە!؟ _ دېيىشتى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى «ئالىملار» ئۇنى مازاق قىلىپ. چۈنكى، شۇكەملەردە ئامېرىكا تېخى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى، مىتروپولىيىدىكى (باشقا دۆلەتنى ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىدىكى دۆلەت قىلىۋېلىش) خوجايىنلار مۇستەملىكىدىكى خەلقنىڭ كەشپىياتىنى كۆزگە ئىلىشى مۇمكىنمۇ؟ فرانكلىن «كۆڭۈل قايتۇرۇش» نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئەزىمەت ئىدى. ئۇ ، بۇ تەكلىۋىنى فرانسىيىلىك دوستىغا ئەۋەتىپ بەردى. بۇ فرانسۇز 40 گەز ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر تاياقنى ئۆگزىگە بېكىتىپ، چاقماق چاققاندا ئاسماندىكى چاقماقنى راستلا يەرگە ئۇلىۋەتتى. بۇ - فرانكىلىن كەشىپ قىلغان چاقماق قايتۇرغۇچ ئىستىرىلكىسى ئىدى، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن تاھازىرغىچە پايدىلانماقتا. ئاسماندىكى توك ئارىلاش بۇلۇت قاتلىمىنى قانداق قىلىپ توغرىدىن _ توغرا تۇتاشتۇرۇش كېرەك؟ دەپ ئويلايتتى فرانكلىن توختىماي پىكىر يۈرگۈزۈپ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئاخىرى دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن سىناقنى ئۆتكۈزدى. 1752 - يىل 7 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، كۈمۈش يىلانلار قارامتۇل كۆكتە ئۈزۈپ يۈرەتتى، قاتتىق گۈلدۈرماما تاغۇ دەريالارنى زىلزىلىگە كەلتۈردى، قارا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى! بۇ چاغدا، ئون نەچچە ياشلىق بالىسىنى يېتىلەپ چىققان 40 نەچچە ياشلاردىكى بىر كىشى دالىدا يۈرەتتى، ئۇلار يىپەك رەختتىن ياسالغان چوڭ لەگلەكنى شامال يۆنۈلۈشىگە قاراپ ئۇچۇرۇپ، كانا يىپنى قويۇپ بەرگەن پېتى ئۇنى ناھايىتى ئىگىزگە چىقاردى. قاتتىق ياغقان يامغۇر يىپنى ھۆل قىلىۋەتتى. ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى توساتتىنلا «توك ماڭدى! توڭ ماڭدى!» دەپ توۋلىۋەتتى، ئەسلىدە، بۇلۇت قاتلىمىدىكى ئېلېكتىر ھۆل يېغىم ئارقىلىق ئۆتكەن ئىدى. بۇ قىران كىشى كانا يىپنى يىپەك لاتا بىلەن ئورىۋېلىپ، ئىزولياتور ئورنىدا تۇتۇۋالدى. بۇ چاغدا، كانا يىپنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئېسىپ قويغان تۇچ قۇڭغۇراق ئىرغاڭلاپ جىرىڭلىدى ۋە ئۇچقۇن پەيدا قىلدى. بۇ قىران كىشى خوشال بولۇپ «غەلىبە قىلدىم غەلىبە قىدىم!» دەپ توۋلىۋەتتى. چۈنكى ئۇ ئاسماندىكى چاقماق توكى بىلەن كىشىلەر سۈركەپ ھاسىل قىلغان توكنىڭ ئوخشاشلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ھايات خەۋپىگە قارىماي، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا چاقماقنى سىناپ كۆرگەن بۇ قىران كىشى فرانكلىن ئىدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى چاقماق توغرىسىدىكى خۇراپاتلىقنى ئۈزۈل - كېسىل بەربات قىلىپ، تەبىئەتتىكى چاقماقنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، چاقماقنى خۇدادىن خالاس قىلدى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىززەت _ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى (بۇ سىناق ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. فرانكىلىن سىناق قىلىپ، ياندۇرقى يىلى روسىيىلىك بىر ئالىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن). فرانكلىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئېلېكتىرنىڭ ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئەينەك توك» بىلەن «كەھرىۋا توك» نىڭ ئەسلىدە بىر خىل توك بولۇپ، پەقەت بىرىنىڭ پىلوس. بىرىنىڭ مىنۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئېلېكتىر توغرىسىدىكى تونۇشى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى. فرانكىلىن ئېلېكتىر ئىلمى قانۇنىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇلاردىن سىرت، فرانكلىن يەنە ھەر خىل پەنلەرنىمۇ تەتقىق قىلغان يېڭى تىپتىكى مەش _ فرانكلىن مېشىنى كەشىپ قىلدى؛ يىراقنىمۇ، يېقىننىمۇ كۆرەلەيدىغان قوش نۇرلۇق قېرىلار كۆزەينىكىنى كەشپ قىلدى؛ تېببى ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان كېڭىيىش ۋە تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە سۈيدۈك تۇرۇبىناسىنى كەشىپ قىلدى؛ جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەجرىبە قىلىپ، سۇيۇق جىسىم پارغا ئايلانغان چاغدىكى ئىسىقلىقنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەرجرىبە قىلىپ، سۇيۇق جىسىم پارغا ئايلانغان چاغدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئۆلچىدى؛ شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ خۇسۇسىيىتى، قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلدى... بېنجامىن فرانكلىن 1706 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۇلۇغ ئالىم بولۇپلا قالماي، ئاتاقلىق سىياسەتچى ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى، مەشھۇر دىپلوماتىيە ئەلچىسى ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شىمالىي ئامېرىكا خەلقى فرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى ئاخىر مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى قۇردى. فرانكلىننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۈگەنگەنلىكىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇ بالا ۋاقتىدا ئائىلە ئەھۋالى قىيىن بولغانلىقتىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇپلا، ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. ئۇ 12 يېشىدا باسما زاۋۇتىغا شاگىرت بولۇپ كىردى. كۈندۈزى جاپالىق شارائىتتا ئىشلىسە، كېچىسى قارا چىراق ئالدىدا ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە، ھەتتا كۆز يۇمماي تاڭ ئاتقۇچە كىتاپ ئوقۇيتتى. 14 يېشىدا ماقالا يېزىشقا كىشتى، ئۇنىڭ نۇغۇن ماقالىلىرى «يېڭى ئەنگلىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. كېيىن ئۇ، پەلسەپىنى، ماتېماتىكىنى ۋە لوگىكىنى تەتقىق قىلىپ، خېلى زور نەتىجىگە ئىگە بولدى. فرانكلىن ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. ئۇ دىپلوماتىيە ئۆمىگىنىڭ باشلىقى ۋە ئۈچ قارار شىتات باشلىقى بولغان ئەمما ئۇ 1790 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكۈندە، قەۋرە تاختىسىغا «مەتبەئە ئىشچىسى فرانكلىن» دەپ يېزىپ قويۇشنىلا تەلەپ قىلغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
چاقماق سىرىنىڭ ئېچىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki