UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ>پىلىموت ھۇجۇمىنى بۇزۇش ماشىنىسى<

>پىلىموت ھۇجۇمىنى بۇزۇش ماشىنىسى<

بەش مىڭ يىل نېمىسلار شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان زور تىپتىكى توپلار ۋە زەھەرلىك گازلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرىنى قىرىۋاتقاندا، ئىنگلىزلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەخپىي قورالى - >پىلىموت ھۇجۇمىنى بۇزۇش ماشىنىسى< نى ئىشلەپ چىقتى. بۇ - بىر ھەرىكەتچان برونېۋىك قەلئە بولۇپ، ئۇ پىلىموتلارنىڭ ئوققا تۇتۇشىدىن قورقماي، ئاكوپلاردىن ھالقىپ، تىكەنلىك سىم توساقلارنى چەيلەپ ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا دۈشمەنگە ئوت ئېچىپ، پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە ھىمات بولدى. دۈشمەننىڭ مۇاپىئە سېپىنى ۋەيران قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك قورال ئىدى. >پىلىموت ھۇجۇمىنى بۇزۇش ماشىنىسى< نى تانكا ئىسىملىك بىر سانائەتچى كەشىپ قىلغانىدى، شۇڭا، ئىنگلىزلەر ئۇنى >تانكا< دەپ ئاتىدى. ئەمما، تانكا ئەمدىلا ياسالغان چاغلاردا، ئەنگلىيە ھەربىي دائىرىلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولالمىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى: بۇ >ماشىنىلاشقان چىرايلىق ئويۇنچۇق< قىممىتى ناھايىتى چەكلىك، دەپ قارىدى. بەختكە يارىشا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل ئىچكى جەھەتتىن ئۇنىڭغا مەبلەغ توپلاپ بېرىپ، مەشغۇلات مودېلىدىن بىرنى ئىشلەپ چىقتى. 1916 - يىل 8 - ئايغا كەلگەندە جەمئىي 48 تانكا ياساپ چىقىلدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى خېيگ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇلارنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا بۇيرۇدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تانكىلار تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇراتتى، تانكا شوپۇرلىرىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ مەخسۇس مەشىقلەرنى قىلىپ كۆرمىگەنىدى. نەتىجىدە 18 تانكا ئۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ بارالىدى، قالغانلىرى يولدا بۇزۇلۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا، تەخمىنەن ئوندەك تانكا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىغا گۈلدۈرلەپ بارغاندا، نېمىسلار پولات چاپان كىيگەن بۇنداق غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئۆزلىرىگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پىلىموت ئوقلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئۆتمەيۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئالاقزادە بولۇشى - دە، ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ قېچىشقا باشلىدى. تۇنجى تانكا ئۇرۇشى كۈتۈلمىگەن ئۈنۈم بەردى: بىر تانكا بىر كەنتنى ئىگىلىۋالدى؛ يەنە بىر تانكا بىر ئاكوپنى تارتىۋالدى ۋە گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ 300 نەچچە نەپەر ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى. تانكىلارنىڭ غەلىبىسىدىن ئىنگلىزلەر ئىلھام ئالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ئاز، سۈرئىتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولۇپ، سائىتىگە ئالتە كىلومېتىر يۈرەلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاتقاق سازلىقلاردىنمۇ ئۆتەلمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ستراتېگىيە جەھەتتە قىممىتى چوڭ ئەمەس ئىدى. 1917 - يىلى قىشتا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە - روسىيە سېپىدىن ئەسكەر يۆتكەپ، غەربىي سەپنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى خېيگ پايدىلىق پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۇرۇش قوزغاش قارارىغا كەلدى. ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغاندا، باش شتابتىكى فولېر پولكوۋنىك گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى زور تۈركۈمدىكى تانكىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۆسۈپ تاشلاشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلدى. بىر مۇنچە گېنېراللار بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن گۇمانى سوئاللارنى قويدى: - تانكىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى قۇرغاق ۋە پۇختا مەيدانلارنىڭ كاپالىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى شەرت، ئۇ يەردىن مۇشۇنداق ھۇجۇم مەيدانلىرىنى تاپقىلى بولامدۇ؟ - گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئاكوپلارنىڭ ھەممىنى تۆت مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولىۋالغان تۇرسا، تانكا بولامدۇ؟ فولېر پولكوۋنىك خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئىشەنچلىك ھالدا سۆزلىدى: - جانابلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ناھايىتى ئەمەلىي بولۇپ، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىپ بولدۇم. مېنىڭچە، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى كانبولېر ئەتراپىدىكى جايلارنى تاللاپ بۆسۈش ئېلىپ بارغاندا، تانكا ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ بازارنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي كىچىك ئېرىق ۋە تار قىرلار بولۇپ، تۇپرىقى پۇختا. بازارنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان ئىككى قانال ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن ئون كىلومېتىر كېلىدىغان دالا بار، بۇ جايلار تانكىلارغا ئىنتايىن ھەرىكەتچانلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ يەردە دۈشمەننىڭ ئالتە دىۋىزىيىسى بار، بۇلاردىن ئىككى دىۋىزىيە ئەنە شۇ ئىككى قانال ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، تانكا بىلەن يوقىتىشقا تولىمۇ ئەپلىك! - پولكوۋنىك كۆپچىلىكنىڭ بىردەك باش لىڭشىتىپ، تەستىقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ئاكوپلار ۋە مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرىنى مېنىڭچە تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پولكوۋنىكنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، كانبولېر ئۇرۇشىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى ئالدى بىلەن زور تۈركۈمدىكى تانكىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۆسۈپ تاشلاش قارار قىلىندى. ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، 300 دىن ئارتۇق تانكا ئەنگلىيە مۇداپىئە سېپىنىڭ ئارقىسىغا يېقىن بولغان كەڭرى دەرەخزارلىققا يوشۇرۇندى. بۇ تانكىلارنىڭ ھەممىسى رەڭدار - ئالىبالداق نەرسىلەر بىلەن نىقابلاندى. ئوفىتسېرلاردىن باشقا ھېچكىمگە تانكا توغرىسىدىكى ئىشلار بىلىندۈرۈلمىدى. 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت ئالتىدە تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشكە باشلىدى، شۇئان ئەنگلىيىنىڭ پەس ئۇچار ئايروپىلانلىرى ئالدىنقى سەپ ئاسمىنىدا توختىماستىن گۈركىرەپ ئۇچۇش ئارقىلىق قوزغىلىش ئالدىدا تۇرغان تانكىلارنىڭ گۈلدۈر - تاراقلىرىنى بېسىۋېتىپ، دۈشمەنگە يەر يۈزىدىكى غەيرىي نورمال ئاۋازلارنى ئاڭلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بەرمىدى. 20 مىنۇتتىن كېيىن، 324 تانكىنىڭ ماتورى بىرلا چاغدا گۈركىرەشكە باشلىدى. بۇلار كېچىلىك تاسما بەلگە بىلەن كۆرسىتىلگەن يولنى بويلاپ گۈلدۈرلەپ ئالغا قاراپ ئېتىلدى. ئايلىنىۋاتقان تۆمۈر تاپانلار تىكەنلىك پولات سىم قاتارلىق ئىرماش - چىرماش توسالغۇلارنى يەنجىپ تۈزلەپ، ئىنتايىن تېزلىكتە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىستىھكاملىرىغا باردى. شۇئان ئالدى تەرەپتە كەڭلىكى ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان ئاكوپلار كۆرۈندى، بۇ ئاكوپلارنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تانكىلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن قازغانلىقى مانا مەن دەپ تۇراتتى. فولېر پولكوۋنىك بۇنىڭغىمۇ ئاللىقاچان تەييارىق قىلىپ قويغانىدى. تانكىلاردىكى ئەسكەرلەر زەنجىرلەر بىلەن چىڭ باغلانغان ئۇزۇن - ئۇزۇن ياغاچلار بىلەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ ئاكوپلارنى تىندۇردى - دە، تانكىلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەمما بىر مۇنچە تانكىلار ئاكوپلارغا موللاق ئاتقان پېتى تۈگەشتى. تانكىلار بىر تەرەپتىن شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن توپ بىلەن ئوت ئاچتى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى كەلگەنچە قالايمىقان توپ ئاتتى، ئەمما كۆپچىلىكنى جان يېرىگە تەگكۈزەلمىدى؛ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلىۋاتقان پىلىموت ئوقلىرى تانكا ئالدىدا زادىلا كارغا كەلمىدى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي كۈتۈلمىگەن بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىدى. ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملار ياكى تانكىنىڭ ئوت كۈچىدە ئۆلدى، يارىلاندى، ياكى تەسلىم بولۇپ قاچتى. كەچقۇرۇندا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىغا ئالتە كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن 7500 كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. ئەمما، 65 تانكا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ توپ ئوقىدا پاچاقلاندى، 140 تانكا بۇزۇلۇپ قالدى ۋە ئاكوپلارغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ قېتىمقى تانكا ئۇرۇشى بىر مۇنچە غەلىبىلەرنى قازاندى. گېرمانىيىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تانكا ئىشلەتكەنلىكى بىلەن كانبولېر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقتىن ئىنتايىن چۆچۈدى - دە، ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تېزلىكتە كانبولېرغا ھەمدەمچى قوشۇن ئەۋەتتى. خېيگ تانكىنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىگە تايىنىپ كانبولېر ئۇرۇشىدا ئەڭ دەسلەپكى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئىگىلگەن جايلارنى ساقلاپ تۇرغۇدەك زاپاس ئارمىيىسى ھېچقانچە ئەمەس ئىدى. ھەمدەمچىلەر بىلەن تولۇقلانغان گېرمانىيە قوشۇنلىرى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرى تانكىلارغا تايىنىپ ئىگىلىۋالغان بەزى جايلارنى قايتۇرۇۋالدى؛ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەنگلىيە قوشۇنلىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز بوران - چاپقۇن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى توستى. نەتىجىدە، گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا زىيان تارتقان ئادىمى ئومۇمەن تەڭ بولۇپ چىقتى؛ ھەر بىر تەرەپتىن 40 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرىدى. كانبولېر ئۇرۇشى ئىنگلىزلەرگە ھېچقانداق نەپ بەرمىدى، ئەمما رەقىبلەشكەن ئىككى تەرەپ: >پىلىموت ھۇجۇمىنى بۇزۇش ماشىنىسى< - تانكىنى خېلى كۆپ ئىشقا سالغاندا، مەلۇم جەڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئورتاق ئېتىراپ قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ