UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«رەسىم ئەۋلىياسى» راففېللو

«رەسىم ئەۋلىياسى» راففېللو

بەش مىڭ يىل گېرمانىيىنىڭ دۇلۇت شەھىرىدىكى سەنئەت مۇزېيخانىسىدا ئىتالىيىنىڭ «سىتىن ئانا» ناملىق مەشھۇر بىر رەسىم ساقلانماقتا. بۇ رەسىم تۆت ئەسىرنى ئاتلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن جانلىق ئوبراز ۋە كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەزمۇن تاكى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قايىل قىلماقتا. ئۇنىڭ ئاپتورى _ ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىدىكى «رەسىم ئەۋلىياسى» راففېللو ئىدى. «سىتىن ئانا» _ 1513 - يىلى، راففېللو، ئىتالىيىنىڭ پياچېنتىسا دەرۋىشخانىسىغا سىزىپ بەرگەن دىنىي رەسىم بولۇپ، ئۇ «ئىنجىل» ھېكايىلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان. رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا بوۋاقنى قۇچاقلىغان ئەۋلىيا ئانا مارىيە چۈشۈرۈلگەن. ئۇ مېھرىبان، خاتىرجەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، چوڭقۇر مەنلىكى كۆزلىرى قۇچىقىدىكى ئامراق ئوغلى _ ئەيساغا تىكىلىپ تۇرىدۇ. بوۋاق ئەيسا تېتىك، ساغلام بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بارلىق كىشىلەرگە قاراۋاتقاندەك ئېچىلغان ساددا كۆزلىرى كىسىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ رەسىمدە، ئەۋلىيا ئانا مارىيەنىڭ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئامراق ئوغلى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلىشتىن باش تارتماي، ئۇنى بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۈچۈن رىيازەت چېكىشكە، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق مىڭلىغان - مىليونلىغان جاپاكەش پۇقرالارنى قۇتقۇزۇشقا بەلگىلەنگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. راففېللونىڭ قەلىمىدە ئەۋلىيا ئانا قول يەتمەيدىغان «ئىلاھ» ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسى ئىشقى - مۇھەببەت بىلەن تولغان «ئادەم» گە، مېھرى - شەپقەتلىك ئانىغا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي غايىگە يەتكۈچى روماللىق قەھرىمانغا ئايلانغان. ئاپتور دىنىي ھېكايىلەرنى تېما قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئالىي پەزىلىتىنى سۈرەتلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتەرگەن. 1483 - يىلى، راففېللو، ئىتالىيىنىڭ شەرقىدىكى ئوربىننو شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاتىسى مەشھۇر رەسسام ئىدى. راففېللو كىچىكىدىن باشلاپلا داڭلىق ئۇستازدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجە ياراتتى. 21 ياشقا كىرگەندە فلورېنسىيىگە كەلدى ۋە ئۇ يەردە سەنئەتنىڭ پىرى ئاتالغان داۋېنچى ۋە مېكىئاندجېلولارنىڭ ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەنئەتتە سەكرەش ھاسىل قىلدى. 1508 - يىلى، ئۇ پاپانىڭ تەكلىپى بويىچە ۋاتىكان سىرىيىغا بىر يۈرۈش تام رەسىم سىزىشنى باشلىدى ۋە ئۇنى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاماملىدى. ھازىر ۋاتىكان سارىيى ئىمزاخانىسىنىڭ تۆت تېمىدا ساقلىنىۋاتقان تۆت پارچە تام رەسىمنى بۇنىڭدىن تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئۆتكەن ئاشۇ راففېللو ئۆز قولى بىلەن سىزغان. ئۇ چاغدا، پاپا «ئىلاھىيەت»، «پەلسەپە»، «ئەدەبىيات - سەنئەت»، «قانۇن» ھەققىدە تۆت پارچە كىنايە رەسىم سىزىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما، راففېللو ئۆتمۈشتىكى دىنىي تېمىلارنى سىزىشتىن ئىبارەت قاتمال كۆرۈنۈشلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەدىمكى يۇنان ئەدەبىيات - سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى تۇتتى. مەسىلەن، «پەلسەپە» دېگەن رەسىمدىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت كاتتا بىر ئىمارەت يېقىندىن يىراققا قاراپ بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كېتىۋاتقان بىر يۈرۈش ئەگمە ئىشىكلەر، بىنا ئالدىدا كېتىۋاتقان پلاتون ۋە ئارىستوتىلدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇلۇغ پەيلاسوپ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋاتقان سوكرات، ئارخېمىد قاتارلىق قەدىمكى يۇناننىڭ بىرمۇنچە پەيلاسوپ ۋە ئالىملىرى گەۋدىلىنىپ، قەدىمكى يۇنان مەدەنىيەت ئىدىسىيىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەملەر بارلىقىغا، شاگىرتلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا سمۋول بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، «ئىلاھىيەت» دېگەن رەسىمدە، رەھىمسىزلىك بىلەن سۈر كۆرسىتىپ تۇرغان بىر توپ مۆتىۋەرلەر ئەمەس، بەلكى جانلىق، تېتىك ئالىملارنىڭ ئوبرازى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىشىلەر ئەقىللىق، پاراسەتكە باي، مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئالىملارنى كۆرۈۋالالايدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، تەسۋىردە گەرچە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى مەشھۇر دىن تارقاتقۇچىلىرى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ خۇددى يۇناندىكىگە ئوخشاش «مۇنازىرە يىغىنى» ھاسىل قىلىپ، قەدىمكى يۇناندىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ مۇنازىرە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. راففېللو يەنە مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ئىدى. ئۇ پاپانىڭ تەكلىپى بويىچە تام رەسىملىرىنى سىزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىم ۋاتىكانىدىكى سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنى لايىھىلەشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى ھەمدە ئىزچىل تۈردە رىمدا تۇرۇپ، غايەت كاتتا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا مەسئۇل بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك زېھنىنى تەقدىم قىلدى. ئەپسۇسكى، ئۇ 1520 - يىلى، يەنى 37 يېشىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇپ، سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ پۈتكەن ھالىتىنى كۆرەلمىدى. راففېللونىڭ ئۆمرى قىسقا بولدى، ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتلىق سەنئەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىنىڭ «رەسىم ئەۋلىياسى» دېگەن تاجىنى كىيدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«رەسىم ئەۋلىياسى» راففېللو | UyghurWiki | UyghurWiki