UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭستالىنگراد ئۇرۇشى

ستالىنگراد ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل گېرمانىيە ئارمىيىسى لېنىنگىرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1942 - يىلى 17 - ئىيۇندا، بىر مىليون 500 مىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ ستالىنگىرادقا ھۇجۇم قىلدى. ئاۋغۇستىنىڭ ئاخىرىدا، 300 مىڭدىن ئارتۇق گېرمانىيە ئارمىيىسى ستالىنگىرادنىڭ شەھەر ئەتراپىغا قىستاپ كەلدى. گېرمانىيە كۆپرەك ئايروپىلانلىرىنى ھەركۈنى 1000 ئايروپىلان قېتىمدىن كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، بۇ شەھەرگە بىر مىليون توننىدىن كۆپرەك بومبا تاشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى چىقىرىشقا بولغۇدەك ئەسكىرىي كۈچنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مۇشۇ رايونغا يۆتكىدى. ھەل قىلغۇچ بىر چوڭ جەڭ ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا باشلىنىپ كەتتى. 13 - سېنتەبر كۈنى، گېرمانىيىنىڭ 170 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى 500 تانكا بىلەن، ستالىنگىرادنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 62 - گۇرۇپپا ئارمىيىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بىر نەچچە جايدىكى مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەھەر رايونىغا كىردى. سوۋېت ئارمىيىسى قەھرىمانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. بىر مەيدان ئەڭ دەھشەتلىك، ئەڭ شىددەتلىك شەھەر جېڭى باشلىنىپ كەتتى. 62 - گۇرۇوپپا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال سۈيكوۋ ئارقا - ئارقىدىن جگڭ راپورتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى: _ سائەت يەتتىدىن 30 مىنۇت ئۆتتى. دۈشمەنلەر ئىنىستىتۇت كوچىسىغا كىردى. _ سائەت يەتتىدىن 40 مىنۇت ئۆتتى. ماشىنىلاشقان 13 - برىگادىنىڭ 1 - باتالىئونىنىڭ ئاساسىي كۈچ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. _ سائەت يەتتىدىن 50 مىنۇت ئۆتتى. مامايوپ ئېگىزلىكى بىلەن پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا جەڭ بولماقتا. _ سائەت سەككىز، پويىز ئىستانسىسى دۈشمەن قولىغا ئۆتۈپ قالدى. _ سائەت سەككىزدىن 40 مىنۇت ئۆتتى. پويىز ئىستانىسىسى بىزنىڭ قولىمىزدا. _ سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتتى. دۈشمەن پويىز ئىستانىسىسىنى يەنە بېسىۋالدى. _ سائەت ئوندىن 40 مىنۇت ئۆتتى. دۈشمەنلەر پۇشكىن كوچىسىغا كىردى. ئارمىيىمىزنىڭ قوماندانلىق ئورنىدىن 600 مېتىر يەرگە كېلىپ قالدى. _ سائەت 11. دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئىككى پولكى 30 تانكىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇتەخەسسىلەر بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى. _ سائەت 13 تىن 20 مىنۇت ئۆتتى. پويىز ئىستانسىسى يەنە بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتتى. جەڭ ۋەزىيىتىدە دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇراتتى. 14 - سېنتەبردىن باشلانغان شەھەر مەركىزىنى تالىشىش جېڭى شىددەتلىشىپ چېكىگە يەتتى. نېمىس باسقۇنچىلىرى ئېغىر تالاپەت بېرىشتىنمۇ يانماي، ھەركۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. پويىز ئىستانسىسىنى تالىشىش جېڭى بىر ھەپتە داۋاملىشىپ، 13 قېتىم قولدىن قولغا ئۆتتى. شۇ كەملەردە، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارى قەھرىمان ستالىنگىرادقا تىكىلگەنىدى. ستالىنگىراد ۋولگا دەرياسىنىڭ قولتۇق قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر دەريانى بويلاپ 18 ئىنگىلىزمىلى سوزۇلغان. بۇ شەھەرنىڭ كونا نامى سارتىسىن ئىدى. ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدە، ستالىن بۇ يەردە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغانلىقتىن، كېيىنكى چاغلاردا ستالىنگىرادقا ئۆزگەرتىلگەنىدى. مانا ئەمدى بۇ قەھرىمان شەھەرنى قوغداۋاتقان سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن سوۋېت خەلقى دۈشمەننىڭ غالجىرلىق بىلەن قىلغان ھۇجۇمى ئالدىدا ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. _ بىر قەدەممۇ چېكىنمەڭلار! _ كىمكى بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ بىر غېرىچ يېرىنى دۈشمەنگە بېرىپ قويىدىكەن، ناھايىتى چوڭ شەرمەندىلىك بولىدۇ! ستالىنگىرادنى تۇتۇپ تۇرغان 62 - گۇرۇپپا ئارمىيە جەڭچىلىرى شەھەر بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشقا ئىرادە باغلىدى. ئۇلار كېچە - كۈندۈز قانلىق جەڭ قىلدى. بەزى كۈنلىرى دۈشمەننىڭ ئون نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرەتتى؛ ھەربىر شەھەر رايونى ، ھەربىر شەھەر كوچىسى ، ھەربىر كورپۇس ئۆي ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن جەڭ قىلدى. مامايوۋ ئېگىزلىكنى تالىشىش - پۈتۈن شەھەر رايونىدىكى جەڭنىڭ تۈگۈنى ئىدى. مامايوۋ ئېگىزلىكى 102 - ئېگىزلىك دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ۋولگا دەرياسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 1000 مېتىردىن ئاشاتتى. ئېگىزلىك ئۈستىدىن پۈتۈن شەھەر رايونى كۆرۈنەتتى. 1918 - يىلىدىكى سارتىسىن مۇداپىئەسىدە، ستالىننىڭ قوماندانلىق شتابى مۇشۇ يەردە ئىدى. ئەمدى بڭ يەرنى نېمىس باسقۇنچىلىرى بېسىۋالدى. مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئىككى باتالىئونى مامايوۋ ئېگىزلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئالغاندىن كېيىن، ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يانتۇلۇققا ئېتىلىپ بارغىنىچە ئاكوپلارغا كىرىپ، نېمىس باسقۇنچىلىرى بىلەن نەيزىۋازلىق جېڭى قىلدى. ئاكوپلاردا نەيزە يالتىراپ، ھۇررا سادالىرى پەلەككە يەتتى. بەش سائەت ئېلىشقاندىن كېيىن ، سوۋېت قوشۇنلىرى ئېگىزلىكتىكى بىر پارچە ئۈچ بۇرجەك جاينى ئىگىلىدى. نېمىس باسقۇنچىلىرى كەينى - كەينىدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، سوۋېت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. مامايوۋ ئېگىزلىكى خۇددى مەزمۇت تۈۋرۈكتەك ۋولگا دەرياسى بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋەردى. سېنتەبرنىڭ ئاخىرىدا، جەڭ نۇقتىسى شىمال تەرەپتىكى زاۋۇت رايونىغا يۆتكەلدى. گېرمان باسقۇنچىلىرى بەش دىۋىزىيە بىلەن تەخمىنەن بەش كىلومېتىر ئارىلىقتا كۈچلۈك ھۇجۇم باشلىدى. سوۋېت جەڭچىسى گېۋىستىنمىۋ زاۋۇت رايونىدىكى بىر كوچىنى ساقلاپ تۇراتتى. دۈشمەننىڭ ئالتە تانكىسى كوچىنى بويلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، ئۇ تامنىڭ بۇلۇڭىغا كىرىۋېلىپ كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ توپ، تانكىغا ئاتىدىغان مىناميوت ۋە قول مىناسى بىلەن بەش تانكىنى يوقاتتى. ئالتىنچى تانكا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قالدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ئاخىرقى بىر قول مىناسىنى قولىغا ئالدى - دە، پارتلاتقۇچ پىلتىنى تارتىپلا تانكىغا ئېتىلدى. «گۈلدۈر » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بۇ قەھرىمان قۇربان بولدى. تانكىمۇ خۇددى مەشئەل يانغاندەك كۆيۈشكە باشلىدى. ئىستىھكامنىڭ ئۇ تەرىپىدىن دۈشمەننىڭ سەككىز تانكىسى بىر سوۋېت تانكىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئامبېكوۋ قوماندانلىق قىلىۋاتقان بۇ تانكا دۈشمەننىڭ تۆت تانكىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ۋەيران قىلدى. دۈشمەنلەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەنە تانكىلارنى ئەۋەتتى. ئامبېكوۋنىڭ تانكىسىغا ئوق تېگىپ ئوت كەتتى. دۈشمەننىڭ ئاپتوماتچىلىرى ئېتىلىپ كېلىپ تانكىنى قورشىۋالدى. _ تېزدىن چىقىپ تەسلىم بول! دۈشمەننىڭ سوۋېت تانكىچىلىرىنىڭ تۈڭلۈكتىن يامىشىپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەمما ئۇلار زادى تەسلىم بولمىدى. تانكىنىڭ ئىچىنى ئوت ۋە ئىس - تۈتەك قاپلاپ، پولات - تۆمۈرلەر ئېرىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەر چىداپ تۇرالمىدى. بۇ چاغدا سوۋېت ئارمىيىسى تانكىچىلار قىسمىنىڭ نۆۋەتچى رادېستى ھاۋادىن ئامبېكوۋنىڭ: «خەير - خوش، يولداشلار! بىزنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار!» دېگەن تۇنۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. ئامبېكوۋ بىلەن قالغان ئۈچ تانكىچى تەنتەنىلىك «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى » نى ئېيتتى، بۇ ناخشا ئاۋازى كۆكتە پەرۋاز قىلدى . . . . شەھەر رايونىدىكى «9 - دېكابر» مەيدانىدىكى جەڭمۇ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى. جەڭچى پابىلوۋ باشچىلىقىدىكى بىر كىچىك ئەترەت تۆت قەۋەتلىك بىر بىنانى ئېلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ ئىمارەت ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ «9 - دېكابر» مەيدانىنى ۋە مەيدان ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرنى تىزگىنلىگىلى بولاتتى. قوماندان بۇ مۇھىم نۇقتىنى سۆزسىز تارتىۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئۇلار دۈشمەننىڭ قاتتىق ئوت ئېچىشىغا پەرۋا قىلماي، مەيداندىن ئۆتۈپ، دۈشمەن ئىگىلەپ تۇرغان بىناغا يېقىنلاپ كەلدى. ئۇلار دۈشمەن پىلىموتى توختىغان دەقىقىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئورام قول بومبىسىنى دېرىزىدىن تاشلىدى؛ ئىس - تۈتەك تارقىلىپ كەتكۈچە ئۆينىڭ ئىچىنى بىر پەس ئوققا تۇتقاندىن كېيىن ، دېرىزىدىن سەكرەپ ئۆيگە كىرىپ، دۈشمەن بىلەن تىغمۇ - تىغ ئېلىشتى، ئاخىرىدا بۇ ئىمارەتنى تارتىۋالدى. قەۋەتلىك ئىمارەتنى مۇداپىئە قىلىش جېڭى 58 كېچە كۈندۈز داۋام قىلدى. دۈشمەنلەر ھەركۈنى ھەر ئاخشىمى بۇ بىنانى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى. ئۇلار زەمبىرەك، مىناميوتلار بىلەن ئوققا تۇتتى. ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئىمارەتنى بومباردىمان قىلىپ باقتى. پۈتۈن بىنا ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتتى. ئەمما، ستالىنگرادنى قوغدىغۇچىلار «پابىلوۋ بىناسى » دەپ ئاتىغان بۇ ئىستىھكامنى دۈشمەنلەر ھەرقانداق قىلىپمۇ ۋەيران قىلالمىدى. پۈتۈن شەھەر ئەمگەكچىلىرى جەڭچىلەرگە زىچ ماسلىشىپ، بىرلىكتە جەڭ قىلدى. تراكتور زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى دۈشمەن زاۋۇتتىن 500 مېتىر كېلىدىغان يەرگە كېلىپ قالغاندىمۇ، بىر تەرەپتىن قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەنگە قايتۇرما زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوق پارچىلىرى ئۇچۇپ يۈرگەن سېخلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇردى. شىددەتلىك جەڭ بولغان 9 - ئايلاردا، ئۇلار 200 تانكا ۋە 150 چاتما ئاپتوموبىل ياسىدى. ئىشچىلار ھەمىشە ئۆزلىرى يېڭى قۇراشتۇرغان تانكىلارنى سېختىن ھەيدەپ چىقىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلاتتى. كوچا جەڭلىرى بولغان مەزگىلدە، ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى جەڭچى بولدى. ھەممىلا يەر جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. گىتلېرنىڭ ئەسكەرلىرى ئوت دېڭىزى ئىچىدە قالغان ياۋا كالىدەك، تەرەپ - تەرەپكە ئۈسۈپمۇ چىقىش يولى تاپالماي قالدى. گىتلېر ئەسلىدە ستالىنگىرادنى تېز ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىراقلا ئالماقچى بولغانىدى. ئەمما، سوۋېت ئارمىيىسى ۋە سوۋېت خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەدرىجىي ھالدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شىدەتلىك شەھەر جېڭى 13 - سېنتەبردىن 26 - سېنتەبرگىچە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ھەركۈنى 3000دىن ئارتۇق ئادىمىنى تالاپەت بېسىپ تۇرغان بولسىمۇ، شەھەرنى پۈتۈنلەي بېسىۋالالمىدى. گېرمانىيىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆيىگە يازغان خېتىدە زارلىنىپ :«بىز ستالىنگرادنى پات ئارىدا بېسىۋالىمىز، ئەمما بۇ شەھەر بىزگە شۇنچە يېقىن - كۆز ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ، ئۇ گويا ئاسماندىكى ئايدەك يىراق كۆرۈنمەكتە» دەپ يازغان. شۇنداقتىمۇ، گىتلېر ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە زادى تەن بەرمەي، ستالىنگىرادقا ھۇجۇم قىلغان 6 - گۇرۇپپا ئارمىيە قوماندانى فائۇليوسقا ئارقا - ئارقىدىن بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنىڭدىن ستالىنگرادنى قىش كىرىشتىن بۇرۇن بېسىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. نويابرغا كەلگەندە، ستالىنگىرادتا قار يېغىشقا باشلىدى. ۋولگا دەرياسىنىڭ يۈزىدە مۇزلار لەيلىدى. گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پاختىلىق كىيىملىرى بولمىغانلىقتىن، ئەسكەرلەر ئۇچىسىغا ئارتقۇدەك ھەممە كۆڭلەك ۋە يالاڭ چاپانلىرىنى ئۈستى - ئۈستىگە كىيىۋالدى. چوماقتەك توڭلاپ قالغان سۈنئىي خۇرۇم ئاياغلىرىغا پاخال سېلىۋالدى. ئۇلار قىشنى ئامان، قورقۇنچ ۋە ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى كۈچىيىپ كېتەتتى. گېرمانىيىلىك بىر ئەسكەر خوتۇنىغا يازغان خېتىدە : «مەن جاسارەت - شىجائەتتىن مەھرۇم بولدۇم. بۇلتۇر قىش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئۆتتىكى، ئۇنى ئەسلىسەم غال - غال تىترەيمەن» دەپ يازغان. پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك بىر ئوفىتسېر تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا زارلىنىپ :«بىز ھېرىپ - چارچاپ ھالىمىزدىن كەتتۇق. ھەممىمىزنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. تىغمۇ - تىغ ئېلىشىش ئارقىسىدا ، نۇرغۇن ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ماجالى قالمىدى. مەن ئەمدى چىدىمايمەن » دېگەن. 19 - نويابردا سوۋېت ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇم ئۇيۇشتۇردى. 23 - نويابردا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولدى. بۇ چاغدا، دۈشمەننىڭ ئۇزۇق - تۈلۈك، ئوق - دورىسى تۈگەپ، ئاسمانغا چىقاي دېسە ئاسمان يىراق، يەرگە كىرەي دېسە يەر قاتتىق بولۇپ قالدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئات - ئۇلاغلىرىنى سويۇپ يىيىشكە باشلىدى. ئاتلارنىڭمۇ ھايت - پايت دېگۈچە يەپ تۈگىتىپ، يەرلەرنى كولاپ چاشقان تۇتۇپ يېدى. پۈتۈن ئارمىيىنى ھالاكەت ۋەھىمىسى باستى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 6 - گۇرۇپپا ئارمىيە قوماندانى پائۇليوس خاتىرە دەپتىرىگە :«ئەسكەرلەرنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى. مۇھاسىرىنى بۆسۈش ئۈمىدى ئۈزۈلدى. ھېرىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئەسكەرلەر ستالىنگىرادتىكى يەر ئاستى ئۆيلەردىن ئۆزىگە پاناھ ئىزدىمەكتە. قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاغرىنىشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە» دەپ يازدى. 1942 - يىلى 8 - يانۋاردا، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابى فائۇليۇسقا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ دەرھال تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. فائۇليۇس گىتلېردىن «ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئىش كۆرۈش» نى تەستىقلاپ بېرىش توغرىسىدا تېلېگرامما يوليۇرۇقى سورىدى. گىتلېر ئۇنىڭ تەلىپىنى دەرھال رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن «ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي ياردەمچىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى. دۈشمەن تەسلىم بولمىسا، ئۇنى يوقىتىش كېرەك. 10 - يانىۋاردا ، ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇم باشلاندى. 5000 زەمبىرەك تەڭلا ئوت ئاچتى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەڭ مەيدانى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھۇررا سادالىرى كۆكتە ياڭرىدى. ئالتە كۈن ئىچىدە دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ جەڭ مەيدانى بىر ھەسسە تارايتىلدى. 14 - يانۋاردا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر قولى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئۇلار «بارغانسېرى تارىيىپ بېرىۋاتقان جەھەننەم» گە سولاندى. بۇ چاغدا، ستالىنگرادتىكى بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە مۆكۈنۈۋالغان فائۇليۇس، گىتلېرغا :«قىسىملىرىمىز بىر سوتكا ئىچىدە ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت بولىدۇ» دەپ جىددىي تېلېگرامما يوللىدى. گىتلېر تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تېلېگرامما بۇيرۇقى بېرىپ، ئۆلۈپ كەتكەن فاشست گېنېراللىرىنىڭ مەنسەپ - مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى. فائۇليۇسقا مارشاللىق قولتۇق تايىقى بەردى. باشقا 117 نەپەر ئوفېتسىرنىڭ ھەممىسى بىر دەرىجە ئۆستۈردى. فائۇليوس تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ تېلېگرامما بۇيرۇقىنى چۆرۈۋېتىپ، سەپەر كارىۋىتىغا تاشلاندى - دە، ھالاكەتنى كۈتۈپ ياتتى. ھايال ئۆتمەي، سوۋېت جەڭچىلىرى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانلىق شتابى بولغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھازىر بولدى. _ يەر ئاستى ئۆيدىكىلەر قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئوتدىلىنىيە كوماندىرى توۋلاپ تۇرۇپ، - تەسلىم بولمايدىكەنسىلەر ، سىلەرنى يوقىتىمىز! _ تەسلىم بولىمىز، تەسلىم بولىمىز! گېرمانىيىنىڭ 6 - گۇرۇپپا ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى ئارقا - ئارقىدىن سۆزلەپ، قولىنى كۆتۈرگەن پېتى يەر ئاستى ئۆيىدىن چىقتى. ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ: _ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، يەنەنېمە گېپىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى فائۇليوستىن. بىر مەھەل كۆرەڭلەپ كەتكەن بۇ فاشىستلار قومانداننىڭ لام - جىم دېگۈدەك دەرمانى قالمىغانىدى. ئۇ شتاب باشلىقىنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن تەسلىمنامىسىگە ئىمزا قويۇشىغا رۇخسەت قىلدى. ئالتە ئاي داۋام قىلغان ستالىنگراد جېڭى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيىنىڭ 330 مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتتى. بۇلار ئىچىدە فائۇليوس قاتارلىق 24 گېنېرالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 91 مىڭ كىشى ئەسىر ئېلىندى. ستالىنگراد ئۇرۇشى گېرمانىيە فاشىستلىرى ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گىتلېرنىڭ چوڭراق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ماجالى يەتمىدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق غەلىبە نۇرىنى كۆردى. شۇڭا ستالىنگراد ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭمۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى، دەپ ئېيتىمىز.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ