رىمنىڭ قولدىن كېتىشى
بەش مىڭ يىل
دىئوكلېتانۇس پادىشاھلىق ئورنىدىن چېكىنىپ، بىر مەھەللىك يېغىلىقتىن كېيىن، «تۆت پادىشاھ ھاكىمىيەت ئىجرا قىلىش تۈزۈمى» ئاخىرى بىكار قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، ئىچكى جەھەتتىكى قۇللار، قۇل دېھقانلار، نامراتلار قوزغىلاڭلىرى بىلەن ئۈزۈلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىگەن يات مىللەتلەر قۇشۇلۇپ، چىرىك قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىمپىرىيىگە زەربە بەرگەن. مىلادى 5 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا قەدەم قويغان. بۇ چاغدا، ئىمپىرىيە شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىم دەپ ئىككى قىسىمغا (قارا دېڭىز بويىدىكى كونىستاتتىپولنى پايتەخت قىلغان شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئىتالىيە زىمىنى داۋېننانى پايتەخت قىلغان غەربىي رىم ئىمپىرىيىسى) دەپ ئىككىگە ئايرىغان. شەرق ۋە غەرىب قىسىمغا ئايرىم _ ئايرىم ھالدا ئىككى پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇلار ئاكا _ ئۇكا ئىككەيلەن بولۇپ، تەختكە چىققاندا بىرسى 18 ياش، بىرسى ئەمدى 11 ياش ئىكەن.
غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان پادىشاھ خونورىئۇس چۈشكەن، ئىقتىدارسىز ئادەم ئىكەن. بەختكە يارىشا سىتىلكا ئىسىملىك بىر قوماندان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ بېرىشى ئارقىسىدىلا پادىشاھ ھاكىمىيەتنى ئاران داۋاملاشتۇرالىغان. جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا ئىمپىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشى قېتىپ قالغان.
مىلادى 401 _ يىلى 11 - ئايدا، ئىمپىرىيە يېڭى كىرىزىسكە دۇچكەلگە: شەرقتىكى گېرمانلار ئىچىدىكى گوتلارنىڭ قوشۇنى تۇيۇقسىزلا ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن. رىم ئىمپىرىيىسى بۇ چاغدا زاۋالغا يۈزلەنگەن. بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆز زېمىنى ئىزچىل تېچ بولۇپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا يات مىللەتنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، ھەممە يەرنى ۋەھىمە بېسىپ، بايلار كەينى _ كەينىدىن قېچىپ ئىتالىيىدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇزاق قالماي گوتلار پادىشاھ خونورىئۇسنى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كىچىك بىر شەھەرگە قورشىۋالغان.
بۇ قوشۇنغا باشچىلىق قىلغۇچى گوتلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەزىمەت ئالادىك ئىكەن. ئۇ ئۆز خوتۇنىغا، رىمنى قولغا چۈشۈرسەم، شەھەردىكى ئىسىلزادە خېنىملارنى ساڭا سوغا قىلىپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەن. بىراق، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قوماندانى سىتىلكا نۇرغاۇن قوشۇن توپلاپ، ئالادىكنى يەڭگەن.
شۇ زامان رىمدا كەيپىيات جانلىنىپ كەتكەن. ئىقتىدارسىز پادىشاھ خونورىئۇس كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، بۇ غەلىبىنى تەنتەنە قىلىشقا بويرۇق بەرگەن. ئەسىرگە چۈشكەن گوتلار كوچىلاردا يالاپ يۈرۈپ سازايى قىلىنغان. يۇمۇلاق ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا گلادىئاتورلار ماھارەت كۆرسەتكەن. دېمەك بۇ رىم تارىخىدا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق غەلىبە تەنتەنىسى، شۇنداقلا گىلادىئاتورلارنىڭمۇ ئاخىرىقى قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشى ئىدى.
زىرەك ھەم ھەربىي تالانتى بولغان سىتىلكا گوتلارنى مەغلۇپ قىلغا بولسىمۇ، لېكىن ئىمپىرىيىنىڭ جۇلىقى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ھونلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالادىك بىەلن ئىتتىپاق تۈزۈش قارارىغا كەلگەن. ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈلگەن، نەتىجىدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان گوتلار 4000 قاداق ئالتۇن ۋە رىمنىڭ غەربىدىكى بىر ئۆلكىگە ئىگە بولغان.
بىراق، بەختكە قارشى سىتىلكىنىڭ تاكتىكىسى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇلا، سىتىلكا گوتلاردىن پايدىلىنىپ خونورىئۇسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆز ئوغلىنى پادىشاھ قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ پىتنە - پاسات تارقاتقان. نادان خونورىئۇس پىتنە - پاسات گەپكە چۇمپۇتۇپ، بۇيرۇق بېرىپ سىتىلكىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە سىتىلكىنىڭ ئەل _ئاغىنىلىرىنى ۋە ھىمايىچىلىرىنىمۇ بوش قويمىغان. دەھشەتلىك باستۇرۇش سىتىلكىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قاتتىق غەزىۋىنى قوزغىغان، نەتىجىدە 30 مىڭ ئادەم بىراقلا ئالادىكقا قوشۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالادىك ھونلار بىلەن بىرلىشىپ، رىم ئىمپىرىيىسىگە يېڭىۋاشتىن ھۇجۇم قوزغىغان.
مىلادى 410 - يىلى ئالادىكنىڭ قوشۇنلىرى رىم شەھىرىنىڭ يېنىغا كەلگەن.
رىم بۇ چاغدا ئىمپىرىيىنىڭ پايتەختى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا شۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەردىن بىرى ئىدى. شەھەردە 45 مىڭدىن ئارتۇق تۇرار جاي ۋە 1800 خان سارىيى بار ئىدى. رىم شەھىرىدىكى كاتتا، ھەشەمەتلىك چوڭ تىياتىرخانا، سېركخفنا ۋە خىرىستىيان چېركاۋىلىرى قاتارلىق كاتتا قۇرۇلۇششلار گوتلار بىلەن ھونلارنىڭ كۆزىگە غۇۋا كۆرۈنگەن.
گوتلار يەنە رىمغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز بوغىزى ئۆستىيىنى بېسىۋېلىپ، ئافرىقىدىن رىم توشۇلۇۋاتقان ھەممە ئاشلىقنى قولغا چۈشۈرگە، شۇنىڭ بىلەن ئاھالىسى كۆپ بولغان رىمدا دەرھال قورقۇنچلۇق ئاچارچىلىق باشلانغان ھەر بىر ئادەمگە بېرىلىدىغان يېرىم قاداق ئاشلىق تۆتتە بىر قاداققا چۈشۈرۈلگەن. ئاخىرى بېرىپ ئاشلىق تەمىناتى پۈتۈنلەي توختىتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋابا پەيدا بولۇپ مىڭلىغان ئونمىڭلىغان، ئادەم ئۆلۈپ كېتىپ، رىمنىڭ كوچىلىرى ۋە مەيدانلىرى جەسەت بىلەن تولغان. شەھەر ئەتراپىنى يات مىللەتلەر بۇلاپ قۇرۇقداپ قويغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قايسى جايلاردىكى قۇللار، قۇل دىھقانلار ۋە ھۈنەرۋەن _ كاسىپلار ئارقا _ ئارقىدىن ئالادىك تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن، رىم خەۋپ ئاستىدا قالغان.
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاقساقاللار مەھكىمىسى يارىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئالادىكنىڭ قېشىغا ھەربىي ئەلچى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
_ ئۇرۇش توختاتماقچىمۇ؟ ياخشى گەپ. شەرتىمىز پۈتۈن شەھەردىكى ئالتۇن _كۈمۈش، بايلىقنى تاپشۇرساڭلار بولدى.
_ ئۇنداقتا، يولباشچى، _ دەپتۇ ئاۋايلاپ ھەربىي ئەلچى، _ ئۆزلىرى رىم ئاھالىسىگە نېمە قالدۇرماقچى؟
_ ھاياتلىق! _ دەپتۇ ئالادىك گىدىيىپ،
_ بىراق... بىراق شەھەردە يەنە نۇرغۇن ئادەم بار، لەشكەرلەر ھەركۈنى مەشق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆلگىچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
_ ناھايىتى ياخشى گەپ، بولىدۇ، _ دەپتۇ ئالادىك قاقاقلاپ كۈلۈپ، _ ئوت _ چۆپ قويۇق ئۆسسە، ئورىماق ئوڭاي!
ئاخىرى، قانداق بولمىسۇن كېلىشم ھاسىل قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى رىملىقلار 5000 قاداق ئالتۇن، 3000 قاداق كۆمۈش، 4000 توپ يىپەك تاۋار، 3000 قاداق قارامۇچ تاپشۇرىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە ئاقسۆڭەك رەنە ئۈچۈن ئالادىكنىڭ قېشىغا بارىدۇ؛ ئالادىك رىمغا قاراتقان مۇھاسىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە رىملىقلارنىڭ ئۈستىيە پورتىغا بېرىپ ئاشلىق سېتىۋېلىشقا يول قويىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بولغان.
خونورىئۇس ئىقتىدارسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە تەن بەرمىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ئاكىسى كونستانتىيولدىن ياردەمگە ئەۋەتكەن 4000 لەشكەر ۋە ئافرىقىدىن قوشۇلغان ئاشلىق يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بېلى چىڭىپ قالغان، ئۇ ھەربىي ھەركەت قوللىنىشقا كىرىشكەن ھەمدە ئالادىكنى تىللاشقا راۋېننا كوچىلىرى ۋە مەيدانلىرىغا ئادەم ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالادىكنىڭ قاتتىق غەزىۋى كېلىپ، رىمنى ئېلىشقا بەل باغلىغان ھەمدە شەھەرگە: شەھەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، خالىغانچە بۇلاپ _ تالاشقا يول قويۇلىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن.
مىلادى 410 _ يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كېچىدە گۈلدۈرماما گۇلدۇرلەپ، قاۋۇل كەلگەن، تېرە كېىيىم كىيگەن گوت لەشكەرلىرى چۇقان كۆتىرىپ رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپتۇ، بۇلار بىلەن بىللە شەھەرگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىچىدە پاكار، چىداملىق ئۇرۇش ئاتلىرى مىنگە، ئوق _ يا ئاسقان، قاۋۇل ھون ئاتلىق لەشكەرلىرى بار ئىكەن. ئازاتلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان رىم قۇللىرى قاراڭغۇ كېچىدە رىمنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋېتىپتۇ. سىگنال ساداسى ۋە ھەرخىل قورال _ يارقنىڭ جاراڭ _ جۇرۇڭ ساداسى ئىچىدە يات مىللەت قوشۇنلىرى رىم شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىپتۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرى 390 _ يىلى گائۇللار بىر مەھەل بۇ شەھەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندى بۇيانقى 800 يىل ئىچىدە ھىچقانداق يات مىللەت رىمغا باستۇرۇپ كىرەلمىگەن ئىكەن. شۇ ئەسنادا شەھەرنى قالايمىقانچىلىق بىر ئېلىپتۇ. لەشكەرلەر خان سارايلىرىغا، ئىبادەتخانىلارغا ۋە تۇرار جايلارغا بېسىپ كىرىپ، تاملاردىكى قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپتۇ، قىممەتلىك كىيىملىك رەختلەر، ئالتۇن _كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا _ قۇچىلارنى ئۆز ھارۋىلىرىغا بېسىپتۇ. ئالتۇن تاپىمىز دەپ ئىلاجى ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسىنى چېقىۋېتىپتۇ. خىرىستىيان چېركاۋلىرى پاك _ پاكىز قۇرۇقلاپ قويۇلۇپتۇ. خان ئورىسىغا ئوت قويۇۋېتىپتۇ، كوچىلار ۋە مەيدانلار جەسەت بىلەن تولۇپتۇ. تېخىمۇ كۆپ رىملىقلار تۇتقۇن قىلىنىپ قۇل قىلىپ سېتىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالادىك قوشۇنىغا قوشۇلغان رىم قۇللىرى ۋە قۇل دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز خوجايىنلىرىنىڭ تازا ئەدىۋىنى بېرىپتۇ.
ئۈچ كېچە - كۈندۈز بۇلاش _ تالاش ئارقىسىدا، رىم قۇرۇقلىنىپ قېلىپتۇ. شەھەرنى ئېلىپ 6 - كۈنى، ئالادىك قوشۇنلىرىنى باشلاپ رىمدىن چىقىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە قاراپ يول ئېلىپتۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپتۇ. تارقالغان گەپلەرگە قارىغاندا، گوتلار رىم ئەسىرلىرىنى زورلاپ بىر دەريانىڭ سۈيىنى قۇرۇقلىتىپ، دەرياغا ئالادىكنىڭ جەسىدىنى ۋە سانسىزلىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى كومدۇرۇپ، ئاندىن دەرياغا سۇ باشلىۋەتكەنمىش. بۇئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ھەممە ئەسىرنى قىرىۋەتكەنمىش شۇڭا بۇ يولباشچىنىڭ قەۋرىسى ۋە بىرگە دەپنە قىلىنغان نەرسىلەر زادىلا تېپىلمىغان.
رىم قولدىن كەتكەندىن كېيىنكى 60 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىتالىيىدە، شەكىلدە، يەنىلا پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ساقلانغان، بىراق ئاتالمىش غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى يات مىللەت ھەربىي باشلىقلىرىنىڭ قولىدىكى خالىغانچە ئەخمەق قىلىشقا بولىدىغان قورچاق بولۇپ قالغان.
مىلادىسى 476 - يىلى، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانلاردىن ياللانغان قوشۇنلىرىنىڭ بىر يولباشچىسى رىمنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بىر ھاكىميەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. تارىختا، بۇ يىل، غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولغان ۋاقتى، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى، كونستانىتىپول ھاكىمىيىتى گەرچە غەربىي رىم ئىمپىرىيىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ھالاك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ بارا _بارا فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى ئىمپىرىيىگە ئۆتكەن.
12 ئەسىر داۋام قىلغان، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا دەۋر سۈرگەن رىم ئىمپىرىيىسى قۇللار، قۇل دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسى ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى ئارقىسىدا، ئاخىرى ھالاك بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ياۋۇوپا تارىخىي فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا قەدىمقى زامان دەۋرىگە قەدەم قويغان.