ھىندىستاننىڭ مۇقەددەس مۇراسىم ئادەتلىرى
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن ئىلگىرى ھىندىستاند بۇددا دىنى تازا ئەۋج ئالغان چاغدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە، خۇاپاتلىق ئىدىيىلەر كىشىلەر ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھەر بىر كىشى >ئىڭە< دەپ يەرگە چۈشكەندىن تارتىپ قۇرامىغا يەتكىچە بولغان ئارىلىقتا 33 خىل مۇقەددەس مۇراسىمنى باشتن كەچۈرەتتى.
بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئون كۈنلۈك بولغاندا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئىككى ئىسىم قوياتتى. ئىككى ئىسىم قويۇشتىكى سەۋەپ ھەقىدە رىۋايەتق ىلىندىكى، ھەركىم تۇغۇلۇش بىلەنلا ئېزتقۇلارنىڭ زىيانكەشلىك تەھدىدىگە ئۇچرايدىكەن. ئادەتتە، ئالۋاستىلار ھەممە يەردە قاڭقىپ يۈرۈشىدىكەن. ئەگەر ئۇلار مەلۇم بالىنىڭ ئىسمىنى چاقىرسا، بۇ بالا ئېزىتقۇنىڭ كەينىدىن كېىتىپ قالىدىكەن. ئاتا ـ ئانىلار ئېزىتقۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى بالىلىرىغا ئاشكارا، مەخپى ئىككى ئىسىم قويىدىكەن ۋە مەخپى ئىسمىنى ھەر بىر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىلا بىلىدىكەن، بۇنداقتا ئېزىتقۇلار بالىلارنىڭ مەخپى ئىسمىنى بىلمىگەچكە، ئاشكارا ئىسمىنى چاقىرغان بىلەنمۇ بالىلارنى ئېزىقتۇرۇپ ئېلىپ قاچالمايدىكەن.
بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە، جىددى ھەم داغدۇغىلىق بىر مۇراسىمى - 1 - قېتىم چاچ ئالدۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 16 ياشقا كىرگەندە يەنە بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ 1 - قېتىملىق يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئېلىپبېرىلىدۇ. بۇدىلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا بۇتساتىۋا ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، دەپ ھېساپلايدۇ.
نىكاھلنىش - ئىنتايىن جىددى ئۆتكۈۈلىدىغان مۇقەددەس مۇراسىم. يىگىت، قىزنى قولى بىلەن يۆلەپ تۇرۇپ، ئۇنى بىر تاشقا دەسسەتكۈزىدۇ؛ قىز تاشقا مەھكەم دەسسىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن يەنە بىرلىكتە يەتتە قەدەم مېڭىپ بىر دانە نەزىر قۇيمىقىنى بۆلۈشۈپ يىيىشى شەرت. ئاندىن كېيىن، يىگىت، قىزنى ئۆڭكۈر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، ئۇنى قىزىل موزاينىڭ تېرىسىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. بىر ئوغۇل بالىنى قىزنىڭ بىر تىزىغا ئولتۇرغۇزىدۇ، ئەمما ئۇ ئوغۇل بالنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغان بارلىق ئوغۇللار ھايات ياشاۋاتقان بولۇشى شەرت. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىىلىنىدۇكى، بۇنداق قىلغاندا، قىز ساغلام ئوغۇل تۇغىدىكەن ۋە بۇ ئوغۇل بالا، ۋاقتىسىز قازا تاپمايدىكەن. كەچ كىرگەندە يىگىت يەنە قىزغا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قەسەم ئىچىدۇ، شۇ چاغدا، نىكاھ مۇراسىمى تاماملانغان بولىدۇ.
ھەرقانداق كىشى كېسەل بولۇپ قالسا، يەتتە كۈن تاماق يىمەسلىگى شەرت. يەتتە كۈنگىچە داۋالانغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر تەبىئىكى ئاچلىقتىن، قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتەتتى.
ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىكەر ھۆڭرەك ئېيتىپ يىغلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم ـ كېچەكلىرىنى تىتىپ تاشلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، چاچلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ، پىشانىسىگە كاچاتلاپ، ئۆزىنى ئۇرۇپ، تېپىچەكلەپ يىغلايدۇ. دەپنە مۇراسىمى ئۈچ خىل بولىدۇ: بىر خىلى، كۆيدۈرۈش، يەنى جەسەتنى تاغ ـ دالىلارغا ئېلىپ چىقىپ قۇش ھەم ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىش.
ھۆكۈمرانلارنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى ۋە تەرغىپ قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ چاغدا يەنە، تۇل خوتۇنلار ئۆزلىرىنى ئەرلىرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىۋېتىش ئادىتى بار ئىدى. يەنى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خوتۇنى ئۆزلۈگىدىن ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ قۇربان بولاتتى. ئەمما بۇنداق شەپقەتسىز نادانلىق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەۋج ئالالمىغان ئىدى.
ئۇ چاغدا، ھىندىستاندا يەنە >سەدىقە بېرىش< ۋە >ئۆزىنى غەرق قىلىش< ئادىتى ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇددا دىنىنىڭ، ئۆلگەندىن كېيىن، بەزلەر ئەرشكە چىقىدۇ، بەزىلەر دوزاققا كىرىدۇ، دېگەن ئەقىدىسى بويىچە، بەزى بۇددىسلار تەقۋادارلىققا ئىشىنىپ، كۈن بويى ئەرشكە چقىپ بۇتساتىۋا بولۇش كويىدا يۈرەتتى. ئوتتۇرا ھىندىستاندىكى بىر دۆلەتنىڭ شەرقىدە >چوڭ سەدىقە مەيدانى< بولۇپ، بۇ چاغدىكى پادىشاھ ھارشاۋاردھانا، بۇ يەردە ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم سەدىقە بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزەتتى. بۇ كۈنى سەدىقە مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كاتتا بىر بۇت تۇرغۇزۇلاتتى. ھىندىستاننىڭ جاي - جايلىرىدىن نۇرغۇن شاھلار، بەەلەر، ئاقسۆڭەكلەر بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان پۇقرالاردىن شۈلۈۋالغان مال ـ دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدى بىلەن ئىبادەتخانىلارغا، ئاندىن راھىپلارغا، ئۆلىمالارغا، ئەۋلىيالارغا، ئەڭ ئاخىرىدا يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىشتاتتى ۋە >ئۆزەمدە بالىرىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلدىم، سەدىقە بەرەەنلىگىمگە ئىنتايىن خۇشالمەن! < دىيىشەتتى.
چوڭ سەدىقە مەيدانىنىڭ شەرقىدە بىر دەريا بار ئىدى. خۇراپىيلىق ئىدىيىسى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئادەملەر بۇ يەردە >يىمەك - ئىچمەي ئۆزىنى غەرق قىلىش< ئارقىلىق دىنىنىڭ قۇربانى بولاتتى. ئۇلار، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ ەۇناھلىرىدىن پاك بولۇپ، ئەرشىگە بۇرۇنراق چىقالايمىز، دەپ ھېساپلايتتى. ئۇلار يىراق - يىراقلاردىكى يات ئەللەردىن بۇ يەرگە كېلىپ، يەتتە كۈنگىچە ھېچنەرسە يىمەي ئۆلەتتى، ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇلارنى دەرياغا تاشلايتتى. 80 - 70 ياشلاارغا كىرىپ قالغان بەزى بوۋاي - مومايلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنىڭ قوۋم - قېرىنداشلىرى يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، راسا بىر نەغمە - ناۋا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى قېيىققا سالاتتى - دە، كاناي - سۇنايلار، داقا - دۇمباقلار بىلەن ئۇنى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزىتىپ باراتتى، بۇ چاغدا، ئۇ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ۋىدالىشىپ خۇشال - خوراملىق بىلەن دەرياغا سەكرەپ >ئەرشىگە چىقاتتى<.
بەزى جاپاكەش بۇددىلار دەرياغا خادا باغلايتى. ئۇلار قۇياش چىقماي دېگەندە ئاشۇ خادىمغا چىقىشقا باشلايىتتى. خادىنىڭ چىڭ ئۇچىغا چىققاندىن كېيىن، بىر قولىدا خادىنى تۇتۇپ، بىر پۇتىدا خادىغا قېقىلغان تاختايغا دەسسەيتتى - دە، بىر قولى ۋە بىر پۇتىنى بوشلۇققا سوزۇپ، بوينىنى سوزۇپ كۆزىنى قۇياشتىن ئۈزمەي قۇياشقا قاراپ تۇراتتى ھەمدە قۇياشنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئايلىناتتى. مۇشۇ تەرىقىدە قۇياش پاتقىچە تۇرۇپ ئاندىن خادىدىن يېنىپ چۈشەتتى. قانسىزراق كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەي دەرياغا يىقىلاتتى - چېكىش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىدىغان تەقۋادار بۇددىلار بۇ يەرگە ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىپ >ئىبادەت< قىلىدىكەن، بەزىلەر مۇشۇنداق ئىبادەتنى نەچچە ئون يىلغىچە ئۈزمەي داۋاملاشتۇرغان ئىكەن.