ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرى
بەش مىڭ يىل
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرى ھازىرقى غەرپ ئەللىرى شەھەرلىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ چاغلاردا ھەر بىر شەھەر قېلىن سېپىل بىلەن ئورالغان ئىدى، سېپىل كوڭگۇرلار، توپ ئېتىش ئېغىزلىرى، كۈزىتىش مۇنارلىرى بار ئىدى. سېپىل سىرتىدا خەندەك بولۇپ، شەھەرگە ئاسما كۆۋرۈك بىلەنلا كىرگىلى بولاتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى كۈن بويى ياساۋۇللار ساقلايتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە شەھەر دەرۋازىسى سىگنال بىلەن تەڭ ئېچىلاتتى ۋە كەچ كىرگەندە يەنە شۇ تەرىقىدە تاقىلاتتى - دە، ھېچقانداق كىشىنىڭ كىرىپ - چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى خۇددى قەلئەگە ئوخشايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى.
شەھەرلەر ئومۇمەن چوڭ ئەمەس ئىدى، ئادەتتە ئاھالىسى 5000 - 4000 كىشىدىن ئاشمايتتى. 20 مىڭ ئاھالىگە ئىگە شەھەرلەر ناھايىتى چوڭ شەھەرلەر ھېسابلىناتتى. بۇ ھال شۇ چاغدىكى مىليون ئاھالىگە ئىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى.
شەھەرلەردە ئاھالە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن قىستاڭچىلىق ئىدى. تار ھەم ئەگرى كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار - قاتار ئىمارەتلەر بولۇپ، بەزىلىرى 5 - 4 قەۋەتلىك ئىدى. بۇ ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى بىر - بىرىگە چىشلىشىپ ئۈستۈنكى قەۋەت ئاستىنقى قەۋەتتىن تومپاقراق ئىدى. ئىككى تەرەپتە روبىرو تۇرغان بىنالار بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، قۇياش نۇرىنى توسۇۋالاتتى - دە، كوچىلار قاراڭغۇ بولاتتى. ئۇ چاغلاردا ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى ياغاچتىن سېلىناتتى، ئۆگزىلەرگە قېلىن شاخ - سامان سېلىناتتى. چاقماق تاش بىلەن ئوت يېقىشقا ۋاقىت كۆپ كەتكەنلىكتىن، ئاھالىلەر >ئوت ئۆچۈرۈش< سىگنالى چېلىنغاندىن كېيىن، ئوتنى كېچىچە كۈلگە كۆمۈپ قوياتتى، كەچلىرى مەشئەل يېقىپ ئۆينى يورۇتاتتى. شۇڭا دائىم ئوت كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ تۇراتتى ھەمدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ھامان پۈتكۈل تۇرالغۇ رايون كۆيۈپ كېتەتتى.
شەھەرنىڭ ئادەتتىكى كوچىلىرى توپا يول بولۇپ، ئاۋات كوچىلارغىلا شېغىل تۆكۈلەتتى. ھارۋىلىقلار، ئاتلىقلار، پىيادىلەر بۇ ئېگىز - پەس كوچىلاردا بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ تۇراتتى. كوچىلار ئەخلەت - چارۋا، چاڭ - توزاڭغا تولغان بولۇپ، يامغۇر ياغقان ھامانلا لاي يۇندىغا ئايلىناتتى - دە، شۇ تۈپەيلى پات - پات يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلاتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەپ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش مۇددىتى قىسقىراپ كېتەتتى.
شەھەردە بىردىن بىر كەڭ جاي - بازارلار ئىدى. كەڭرەك بوش جايلار تولاراق شەھەر مەركەزلىرىدە بولاتتى. بازار ئەتراپىدا شەھەرلىك پارلامېنت، دۇكان، ئايلانما كارىدۇر ۋە تۈرلۈك يايمىچىلار بولاتتى؛ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاھالىلەر كېڭىشى، ئەنزىلەرنى سوتلاش، گۇناھكارلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىشلىرى مۇشۇ جايلاردا ئېلىپ بېرىلاتتى. يىل بويى تەخمىنەن 001 يەكشەنبە ھەم بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە پاراڭ سېلىش، خەۋەر ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولاتتى. شۇڭا بۇ جاي ئەڭ ئاۋات جاي ھېسابلىناتتى.
شەھەرلەرگە ئاساسەن قول سانائەتچىلەر ئولتۇراقلاشقان ئىدى. نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا شۇلارنىڭ كەسپى بويىچە نام بېرىلگەن ئىدى. مەسىلەن، كۆنچىلەر كوچىسى، مىسكەرلەر كوچىسى، زەرگەرلەر كوچىسى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا شەھەرلىرىنى شۇلار بەرپا قىلغان ئىدى.
مىلادى 5 - ئەسىردە غەربىي رىم ئىمپىرىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، غەربىي ياۋرۇپادا شەھەر يوق دىيەرلىك ئىدى. قۇللۇق تۈزۈمى دەۋرىدە راۋاجلانغان شەھەرلەر خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، بەزىلىرى مۇداپىئە بازىلىرىغا ئايلانغان، بەزىلىرى فېئودال پادىشاھلارنىڭ ياكى ئېپىسكوپلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىغا ئايلانغان، بەزىلىرى خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى راۋاجلانغانلىقتىن، قول سانائەت، يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىدى، قول سانائەتچىلەر بازارلاردا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ساتالايتتى. ئۇلار ھەمىشە سۇ ھەم قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىقراق، ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېرىپ بازار قىلاتتى، سەييارە سودىگەرلەرمۇ باشقا جايلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا ئېلىپ كېلىپ ساتاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قول سانائەتچىلەر بۇ جايلاردا دۇكان ئاچاتتى، سودىگەرلەرمۇ پەيدىنپەي بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ سودا دۇكانلىرىنى ئاچاتتى. شۇنىڭ بىلەن بازارلار بارا - بارا ئاۋاتلىشىپ شەھەرگە ئايلاندى. غەربىي ياۋرۇپادا سودا - سانائەتنى مەركەز قىلغان بۇنداق شەھەرلەر مىلادى 10 - ئەسىردىن كېيىن ئاندىن بارلىققا كەلدى.
گۈللىنىۋاتقان شەھەرلەر زور تۈركۈمدىكى يانچىلار ھەم يانچىلىق مەۋقەسىدىكى قول سانائەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئۇلار قۇلدارلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ھەم زۇلمىغا چىدىيالماي، يېزىلاردىن شەھەرگە قېچىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەر كۈنسايىن راۋاجلاندى. يېزىلاردىكى فېئودال قورۇق ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسى بولمىغاچقا، يانچىلار قېچىپ كەتكەن ھامان ئۇلارنى ئىگىلىرى قوغلاپ يۈرمەيتتى. بىراق شەھەرلەردىكى قول سانائەتچىلەر ئاۋۋالقىدەكلا شەھەردىكى قۇلدارلارنىڭ يانچىلىرى بولغاچقا، ئۇلار يەنىلا قۇلدارلارغا باج - سېلىق تاپشۇراتتى. بىر كەسىپتىكى قول سانائەتچىلەر ئۆز مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمىسى - كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇردى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۈنچىلەر، مىسكەرلەر، زەرگەرلەر... قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر شەھەردە نەچچە ئونلاپ، بەزى چوڭ شەھەرلەردە نەچچە يۈزلەپ كەسىپداشلار ئويۇشمىلىرى بار ئىدى. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پارىژدا 030 دىن ئارتۇق كەسىپداشلار ئويۇشمىسى بار ئىدى.
ھەر بىر قول سانائەتچى مەلۇم كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە بولۇشى شەرت ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇنىڭ شەھەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقى بولمايتتى. ھەر بىر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئۆز باشلىقىنى سايلاپ چىقاتتى ۋە ئۇيۇشما ئورگىنىنى تەسىس قىلاتتى. ئۆز ئارا رىقابەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ناچار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىشىگە كۆپ مىقداردا خام ماتىرىيال توپلىۋېلىشىغا، بەلگىلىمىدىن تاشقىرى نىمكا ھەم شاگىرت ياللىۋېلىشىغا ھەمدە دەرىزە ئالدىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلارنى تىزىپ قويۇشقا ياكى باشقا دۇكان ئالدىدا تۇرغان خېرىدارلارنى ئۆز ئالدىغا چاقىرىۋېلىشقا يول قويماسلىق ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىراتتى. كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى كەسىپنى بېجىرىش بىلەن بىللە، يەنە ھەربى تەشكىلات بولۇپ شەھەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.
كېيىنكى كۈنلەردە، قۇلدارلار ھەتتا پادىشاھلارغا قارشى يۈز نەچچە يىللاپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق كۆپ ساندىكى شەھەرلەر مۇستەقىللىققە، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بارلىق شەھەر ئاھالىسى ئەركىن كىشىلەرگە ئايلاندى. يانچى بولغان تەقدىردىمۇ شەھەردە بىر يىل بىر كۈن تۇرسا ئەركىنلىككە ئېرىشەتتى. ئۇلار شەھەرلىك پارلامېنت قۇرۇپ، شەھەر باشلىقىنى )بەزى شەھەرلەردە ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى( ۋە سوتچىلارنى سايلىدى، پۇل ياسىدى ھەمدە بىرلىككە كەلگەن قوشۇن تەشكىللىدى.
شەھەرلەرنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سودا پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسايىن جانلاندى. ھەر قايسى ئەللەر ۋە ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۆز ئارا بازار قىلىشاتتى. ئۇلار بازارلارغا نۇرغۇن مال ھەم پۇللارنى ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن، ھەر بىر قۇلدار ھەم شەھەر ئۆز ئالدىغا پۇل ياسىغاچقا، پۇللارنىڭ نامى، رەڭگى ھەم ئېغىرلىقى ئوخشىمايتتى. شۇڭا بارلىق پۇللار سودىدا ئالماشتۇرۇش قىممىتى جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلەتتى. يىراققا، چوڭ تىپتىكى كۈمۈش، مىس پۇلنى ئاپىرىش قولايسىز ھەم بەك خەتەرلىك بولغاچقا، قوراللىق قوغداپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا، سودىگەرلەر ئۆز شەھەرلىرىدە پۇللىرىنى پۇل ئالماشتۇرغۇچىلارغا بېرىپ، ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ ھۆججىتىنى ئېلىپ، شۇ ھۆججەتكە ئاساسەن يەنە شەھەردە يەرلىك پۇلغا تېگىشەتتى. شۇنداق قىلىپ پۇل ئالماشتۇرۇش كەسپى بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ھۆججەت >پېرېۋوت چېكى< بولدى. بەزىدە سودىگەرلەرمۇ ئالماشتۇرغۇچىلاردىن پۇل ئۆتنە ئالاتتى، پۇل ئۆتنە ئالغۇچى قايتۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى يېزىلغان چەكنى ئېلىپ، ۋاقتى توشقاندا پۇلنى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇراتتى. شۇنداق قىلىپ پۇل ئالماشتۇرغۇچىلار بانكىلارغا ئايلاندى. شەھەرلەردە بانكىلارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. >بانكا< شۇ چاغدىكى ئىتالىيان تىلىدا ئالماشتۇرغۇچى ئولتۇرغان ئۇرۇندۇق دېگەن مەنادا ئېيتىلغان بولۇپ، كېيىنچە كەڭ مەنادا قوللىنىلغان. بىراق، ئۇ چاغلاردىكى دىنىي جەمئىيەتلەر ئۆسۈمگە قەرز بېرىپ پايدا ئېلىشنى قاتتىق چەكلىگەچكە، بەزى سودىگەرلەر بۇ چەكلىمىدىن قېچىش ئۈچۈن، ئۆسۈمگە قەرز بەرگۈچىلەردىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ، پايدىسىنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۈلىشەتتى. >ھەسسىدارلىق شىركىتى< ئەنە شۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئىدى. چەتئەل شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر دۆلەت تەۋەلىكىدىكى سودىگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىنى مەمۇرى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھۆكۈم قىلىشقا ھەمدە ئۇلارغا ۋاكالىتەن بۇ شەھەرنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا كۆرسەتتى. بۇنداق خادىملار >كونسۇل< دەپ ئاتىلاتتى. شۇندىن تارتىپ >كونسۇل< تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرىنىڭ گۈللىنىشى ھەم راۋاجلىنىشى يېزىلارنىڭ تەبىئىي ئىگىلىكىگە ناھايىتى زور بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينىدى. فېئوداللار شەھەرلەرنىڭ قول سانائەت بۇيۇملىرىنى، مەسىلەن، تاۋار - دۇردۇن، گۆھەر، دورا ماتىرىياللىرى، قارىمۇچ، دارچىن قاتارلىق خۇش پۇراق دورا - دەرمەكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇلاردا پۇلغا بولغان جىددى مۇھتاجلىق تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر ئىجارىسى ئۈچۈن ھاشارغا ئىشلىتىش ۋە ماددى نەرسە تۆلەشنى پۇل تۆلەشكە ئۆزگەرتتى. دېھقانلار پۇل بىلەن يەر ئىجارىسىنى تۆلەش ئۈچۈن، دائىم قەرزگە بوغۇلدى. نەتىجىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشتى. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، 14 - ئەسىردىن باشلاپ، غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىدە زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۆزلۈكسىز كۆتىرىلدى؛ شەھەر كەمبەغەللىرىمۇ قۇلدارلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش كۈرەشلىرىنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇردى.