بوكاچۇ
بەش مىڭ يىل
ئەگەر دانتې ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى دېيىلسە، بوكاچۇنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ھېكايىچىسى دېيىشكە بولىدۇ.
بوكاچۇ 1313 - يىلى پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ئىتالىيان، ئانىسى فرانسۇز ئىدى. بوكاچۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتىسى ئۇنى ئىتالىيىنىڭ فېلورېتسىيىگە ياندۇرۇپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا فېلورېتسىيىنىڭ دېموكىراتىك كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىغا ئانچە ئوخشىمايتتى. شۇ سەۋەبتىن، بوكاچۇ كىچىكىدىنلا دېموكىراتىيىگە تەلپۈنەتتى. دىنىي جەمئىيەتنىڭ مۇدھىش ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى ئىدى. ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە، ئاتىسى ئۇنى نېئاپۇل پادىشاھلىقىغا سودىگەرچىلىكنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. كېيىنرەك بۇ يەردە يەنە دىنىي جەمئىيەت قانۇنىنى ئۆگىنىپ، جەمئىي 12 يىل تۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە يەرلەرنى ئايلىنىپ بىلىمىنى ئاشۇردى.
بوكاچۇ كىچىكىدىنلا قېتىقىنىپ تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. يەتتە ياشقا كىرگەندە شېئىر ئۆگىنىشكە كىرىشتى. 20 نەچچە ياشلارغا كىرگەندە بىر قانچە شېئىر توپلام چىقارغان ئىدى. ئۇ 62 ياشقا كىرگەندە ئاتىسىنىڭ ئىگىلىكى سۇنۇپ، بوكاچۇ، فلورېتسىيىگە قايتىپ، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۇ قەتئىي تۈردە جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدە تۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن يەتتە قېتىم دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە تەيىنلەندى. 1351 - يىلى دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجخرىشكە تەيىنلەنگىنىدە، ئىتالىيىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان دېموكىراتىك شائىرى پېتراركىنى تەكلىپ قىلغىلى بېرىپ، پېتراركا بىلەن مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئورناتتى.
1948 - يىلى فلورېتسىيىدە ئېغىر ۋاپا كېسىلى پەيدا بولۇپ، تۆت ئايدا 100 مىڭ ئادەم ئۆلدى. پۈتكۈل زېمىن قەبرىستانلىققا ئايلىنىپ كەتكەندەك بولدى، جەسەتلەر كەڭ دالىلارنى قاپلىدى. بۇ ئاپەت بوكاچۇغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ 1350 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە يازغان ھېكايىلەر توپلىمى >ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< دا مۇشۇ ۋەقە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
>ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< - ئەينى زاماندا ئىتالىيە بويىچە ئەڭ نادىر ھېكايىلەر توپلىمى ھېسابلىناتتى. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىكى جانلىق، قىزىقارلىق بولۇپ، فېئودالىزىمغا قارشى دېمۇكىراتىك روھ ئۇرغۇپ تۇراتتى. بۇ ئەسەر شۇ چاغدا دانتېنىڭ داستانى >تەڭرى كۈيلىرى< بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئەدىبىي ئەسەر ئىدى. شۇڭا بەزىلەر >ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< نى >بەندە كۈيلىرى< دەپ ئاتاپ >تەڭرى كۈيلىرى< نىڭ ھەمشىرىسى دەپ ھېسابلىغان.
ئۇنداق بولسا ئۇ نېمە ئۈچۈن >ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< دەپ ئاتىلىدۇ؟
فلورېتسىيىدە ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈنلەرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ناماز شام مەھەل بىلەن پەرىشان يەتتە قىز مەسچىتكە دۇئا - تىلاۋەتكە بارىدۇ. بۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، چاكارلىرىنى ئېلىپ ئەزرائىل قولىدىكى بۇ دەھشەت باسقان شەھەردىن چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ، دەپ تۇرۇشىغا، ئۈچ يىگىت يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىگىت، يەتتە قىز بىرلىكتە چاكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، شەھەر سىرتىدىكى ۋابا كېسىلىدىن خالى بىر جايغا كېتىشىدۇ.
ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن، كىچىككىنە بىر تاغ كۆرۈنىدۇ. دەل - دەرەخلەر بىەلن قاپلانغان ياپ - يېشىل تاغدا ئېگىزغىنا بىر ھەشەمەتلىك جاي كۆرۈنىدۇ. بۇ جاينىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان ھويلا بولۇپ، ھويلىدىن يىلان باغرى كارىدور، كارىدور تاملىرىدىن ناھايىتى نەپس - نەقىش، سۈپ - سۈزۈك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلاق ۋە كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك گۈل - گىياھلار كۆزگە تاشلىنىدۇ. گەمىلەردە يەنە نۇرغۇن مەززىلىك ئېسىل شاراپلارنى ئۇچرىتىدۇ.
ئۇلار بۇ جايغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى قىلغان ئىشى، ئون ئادەم ئىچىدىن بىر كىشىنى باشلىق قىلىپ سايلايدۇ. باشلىق سايلانغان كىشى يىگىت بولسا، >خان<، قىز بولسا>خانىش< دەپ ئاتاشنى، ھەر قانداق ئىشنى باشلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلىشىدۇ. باشلىقنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بىر كۈن، ئىككىنچى كۈنى يەڭگۈشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئون ئادەم بىلەن باشلىق بولىدۇ.
بىرىنچى كۈنى، ئۇلار يېشى ھەممىدىن چوڭ بىر قىزنى >خانىش< قىلىپ سايلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ قىزنىڭ يېشى 28 دىلا ئىدى. >خانىش<، >قول ئاستىدا< كى قىز - يىگىتلەرنى ھەر خىل خىزمەتلەرگە بۇيرۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇش تەرتىپى ئورنىتىدۇ؛ ناشتىدىن كېيىن ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە سەيلە - تاماشا قىلىدۇ؛ چۈشتە ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە ھەممەيلەن توپلىنىپ سالقىن جايغا كېلىپ، ھەر كىشى بىردىن ھېكايە سۆزلەيدۇ؛ كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ھەممەيلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلايدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئون كۈندە جەمئىي 100 ھېكايە ئېيتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھېكايىلەر توپلىمى >ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< دەپ ئاتىلىدۇ.
بوكاچۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى پاكىت ئاساسقا ئىگە ئىدى. بۇ ھېكايىلەر ئاساسەن مۇنداق ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى: بىرى، ئۇنىڭدا فېئودال كۈچلىرىگە زەربە بېرىلەتتى، مەسىلەن، فېئودال جان - پادىشاھلارنىڭ ياۋۇزلۇقى؛ خىرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ جىنايەتلىرى ۋە باشقىلار؛ يەنە بىرى، خەلق ئەركىنلىكى، خۇسۇسەن مۇھەببەت ئەركىنلىكى، خەلقنىڭ ئەقىل - ئىدراك قابىلىيىتى مەدھىيلىنەتتى. تۆۋەندە بۇنىڭغا مىساللار كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز.
1 - كۈندىكى 2 - ھېكايە مۇنداق:
پارىژدا ئەرەبخان ئىسىملىك بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇ يەھۇدى دىنىي مۇخلىسى ئىكەن، خىرىستىئان دىنىغا مۇتلەق ئىشەنمەيدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قەدىناس دوستى ياننۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ تەقۋادار مۇخلىسى ئىكەن. بىر كۈنى ياننۇ، ئەرەبخانغا:خىرىستىئان دىنىغا ئىشەنمىسەڭ، ئۆلگەندە دوزاخقا كىرىپ ئازاپلىنىسەن دەپ، ئەرەبخاننى خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا ئۈندەپتۇ. ئەرەبخان:يەھۇدى دىنىلا مۇقەددەس ئۇلۇغ دىن. مەن ئېتىقادىمىنى ئۆزگەرتمەيمەن، دەپ ياننۇنى رەت قىلىپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ياننۇ، ئەرەبخاننى يەنە خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا دالالەت قىلىپتۇ. ئەرەپخان بۇ قەدىناس دوستىنىڭ سەمىمىي نىيىتىنى نەزەرگە ئېلىپ:ئاۋۋال پاپا تۇرۇشلۇق جاي - رىمغا بېرىپ، خىرىستىيان دىنى راستتىن مۇقەددەس ئۇلۇغمۇ - يوق كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر سەن دېگەندەك بولسا، ئېتىقادىمنى ئۆزگەرتىپ خىرىستىئان دىنغا كىرەي، دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياننۇ تەمتىرەپ قاپتۇ، چۈنكى، ئۇ دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يامان ئىش قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى كۆرسە ئەرەپخانىنىڭ چوقۇم خىرىستىئان دىنىغا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ: رىمغا بارمىغان تۈزۈك، يول ئازابى تارتىسەن، نۇرغۇن پۇل خەجلىمىسەڭ بولمايدۇ، دەپتۇ.
ئەمما ئەرەپخان زادى بارمىسا بولمايدۇ، دەپ ئاخىرى رىمغا بېرىپتۇ. ئۇ، پاپا ۋە ئۇنىڭ قولقاناتلىرى - قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپلارنىڭ ھەر بىر سۆز - ھەركىتىگە دىققەت بىلەن سەپسېلىپتۇ. دىندارلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىنىمۇ ئەستايىدىل كۈزىتىپتۇ. نەتىجىدە دىنىي جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يامان ئىش قىلىدىغانلىقىنى، پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغانلىقىنى، ئاچكۆز، تويماس ئىكەنلىكىنى، ئادەم ئېلىپ ئادەم ساتىدىغانلىقىنى، ئاياللارنى خورلاپ، ئاياق ئاستى قىلىدىغانلىقىنى، ئالدامچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، ئەيش - ئىشرەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دىنىي جەمئىيەت نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ، دىنىي جەمئىيەت ئەمىلىنى يۇقىرى باھادا ساتىدىغانلىقىنى؛ ئەمەل سېتىۋالغانلارمۇ دىنىي جەمئىيەت نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئەرەپخان خىرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قارا پەردىسىنى ئېنىق كۆرۈپ پارىژغا قايتىپ كەپتۇ.
ياننۇ، ئەرەپخاننىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بۇ سەپەردىن ھادىل قىلغان تەسىراتىنى سوراپتۇ. ئەرەبخان:>ئاللا بۇ مەخلۇقلارنى جازاغا تارتىشى كېرەك، بىرىگىمۇ رەھىم قىلماسلىقى لازىم. ئۇلار ھازىر قىلىدىغان يامان ئىش تاپالمىغۇدەك دەرىجىگە يېتىپتۇ!< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان ياننۇ، ئەرەپخان خىرىستىئان دىنىغا ئەمدى چوقۇم كىرمەيدۇ، دەپ ئويلاۋاتقاندا، ئەرەپخان سۆزىنى داۋام قىلىپ:>مەن خىرىستىئان دىنىغا كىرىمەن!< دەپتۇ. بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن ئىنتايىن خوشال بولغان ياننۇ، شۇئان ئەرەپخاننى چېركاۋغا باشلاپ بېرىپ چوقۇندۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا >جوھەن< دەپ دىنىي ئىسىم قويۇپتۇ.
بۇ غەلىتە ھېكايە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا خىرىستىئان دىنىي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋرۇپا ئىدى. كىم بۇ دىنغا قارشى تۇرسا، شۇ كىشىنى نەس باساتتى. ھەتتا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى. بوكاچۇ ئۆزىمۇ دىندار بولغانلىقتىن، دىننى تامامەن ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن بىر تەرەپتىن، دىنىي جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى پاش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دىنىي جەمئىيەتنىڭ كۈچىنىڭ زورلۇقىنى، بىراقلا ئاغدۇرۇلمايدىغانلىقىنى، دىتىغا ياقمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا مۇخلىس بولۇش لازىملىقىنى كۆرسىتىش بىلەن، ئۇنىڭغا زەربە بېرىدىغان كۈچنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى.
4 - كۈندىكى 1 - ھېكايە مۇنداق:
سالېرنودا تاكلېر ئىسىملىك بىر شاھزادە بولۇپ ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا قىزى بار ئىكەن، خەقلەر بۇ قىزنى >پادىشاھ< دەپ ئاتىشىدىكەن. شاھزادە، قىزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. شاھزادىنىڭ رەپىقىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئاتا - بالا ئىككىيلەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ھامان مىسكىنلىك ھېس قىلىپ، پەقەت بىر - بىرىنى پاناھ تارتىپلا ياشايدىكەن. >پادىشاھ< بويىغا يەتكەندە، شاھزادە، قىزىنى يادلىق قىلىشقا كۆزى قىيماپتۇ. ئۇيان تاللاپ - بۇيان تاللاپ، ئۆزىگە تەڭ كېلەلىگۈدەك بىر كىنەزنىڭ ئوغلىنى كۈيوغۇللۇققا تاللاپتۇ. ئەپسۇسكى كۈيوغول بىر كېسەل كۆرپىسى بولۇپ، توي بولۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە >پادىشاھ<نى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىككىنچىلەپ ياتلىق بولغىلى قويماپتۇ. ئەمما ياشلىقى تازا ۋايىغا يەتكەن >پادىشاھ< توي قىلماي قانداق ئولتۇرالىسۇن؟ قىز، شاھزادە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەپسىلىي كۈزىتىپ، ئالىي ھوقۇق - مەرتىۋىلىك ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھەممىسى يەپ - ئىچىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان دۆتلەر ئىكەنلىكىنى؛ ئەمما ئورنى ناھايىتى تۆۋەن بىر يىگىتنىڭ قەدى - قامەتلىك، تەڭدىشى يوق پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ يىگىتنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىپتۇ.
يىگىتنىڭ ئىسىمى جىسكارد بولۇپ، ئۇ، قىزغا پات - پات خەت يېزىپ، ھەقىقىي مۇھەببەت ئورنىتىپتۇ. بىر كۈنى >پادىشاھ< يىگىتكە:ئارقا تاغنىڭ غارىدا بىر يول بارلىقىنى، بۇ يول بىلەن شاھزادە ئوردىسىنىڭ كەينىدىكى گۈلزارلىققا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن يىگىت، غار بىلەن كېلىپ، >پادىشاھ< بىلەن ئۇچرىشىپتۇ. ئەمما بۇ ئىشنى شاھزادە ئۇقۇپ قېلىپ، غار ئاغزىنى ساقلاشقا ئەسكەر ئەۋەتىپتۇ. جىسكارد غاردىن چىقىش بىلەنلا، ئەسكەرلەر تۇتۇۋاپتۇ.
شاھزادە، >پادىشاھ< نىڭ ئالدىغا كېلىپ غەزەپ بىلەن كايىپتۇ:
- سەن نېمە ئۈچۈن بۇ پەسكەش چاكارنى ياخشى كۆرىسەن؟ ھەر قايسىڭغا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمەن!
- ئاتا، - دەپتۇ قىز، - بۇرۇن ئۇنى ئەقىللىق، قولىدىن ئىش كېلىدۇ، دېمىگەنمىدىلە؟دەرۋەقە، ئۇ كەمبەغەل، ئەمما ئۇ ئېسىل خىسلەتلىك ئادەم.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپتىن ئۆرتەنگەن شاھزادە شۇئانلا جىسكارنى ئۆلتۈرۈشكە، ئۇنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئالتۇن رۇمكىغا سېلىپ >پادىشاھ< نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. قىپ - قىزىل قان تېمىپ تۇرغان يۈرەكنى كۆرگەن >پادىشاھ< قاتتىق قايغۇ ئىچىدە ھۆڭرەپ يىغلاپتۇ. ئۇ، يۈرەكنى سۆيۈپ تۇرۇپ:>بۇ ئالتۇن رۇمكا سېنىڭ تاۋۇتۇڭ بولسۇن< دەپتۇ ۋە ئارقىدىنلا ئالتۇن رومكىغا زەھەر قۇيۇپ، بىراقلا ئىچىۋېتىپتۇ. ئۇ جان ئۈزەر ۋاقتىدا ئاتىسىغا:>مەن جىسكار بىلەن بىر يەرلىكتە ياتىمەن!<دەپتۇ.
بۇ تىراگىدىيە خاراكتېرلىق ھېكايە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇ، ئىنساننىڭ ئازات، ئەركىن بولۇشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھۆكۈمرانلىق شۇنداق ئېغىر ئىدىكى، خەلق فېئودال پادىشاھ، دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرى دەستىدىن تىنالمايتتى، قىلچىلىك ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئىنسانى ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، فېئودالىزىمنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ مۇھىم تەرىپى ھېسابلىناتتى. بوكاچۇنىڭ بۇ ئەسىرى فېئودالىزىمغا قارشى دېموكىراتىك ئىدىيە بىلەن تولغان.
>ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< يېزىلغاندىن كېيىن، فېئودال كۈچلىرىنىڭ قاتمۇ قات كاشىلىسىغا ئۇچرىدى. بوكاچۇ ئۆزىمۇ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ، يېزىقچىلىقنى تاشلاپ، ئەدەبىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەنمۇ فېئودال كۈچلىرىنىڭ بېسىمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 1362 - يىلى، خىرىستىئان دىنىي جەمئىيىتى ئادەم ئەۋەتىپ بوكاچۇغا تىل - ھاقارەت قىلدى ۋە تەھدىت سالدى. بۇنىڭ بىلەن بوكاچۇ تىل - ھاقارەت قىلدى ۋە تەھدىت سالدى. بۇنىڭ بىلەن بوكاچۇ بارلىق ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن >ئون كۈنلۈك ئىشلار توغرىسىدا< - نىمۇ كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولدى. بەختكە يارىشا دوستى پېتراركانىڭ قاتتىق توسىشى ئارقىسىدا ئۇنداق قىلمىدى.
پېتراركا، مەشھۇر دېموكىراتىك شائىر، >14 مىسرالىق شېئىر< نىڭ ئىجادچىسى، ئۇ ياۋرۇپا شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 4137 - يىلى پېتراركا ۋاپات بولغاندا، بوكاچۇ روھىي جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ناھايىتى مىسكىن - پەرىشان بولۇپ قالدى. ئىككىنچى يىلى، بۇ ئۇلۇغ ئەدىپمۇ نامراتلىق، مىسكىنلىك ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.