يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تېپىلىشى
بەش مىڭ يىل
«يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تېپىلىشى» دېگەن بۇ سۆز، بارلىق يېڭى كەشپىياتلار ئۈچۈن ئالماش ئىسىم بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن كولومبونىڭ دېڭىز قاتناش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك نەتىجىسىنى كۆرسەتتى.
گەپنى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇشۇ ۋەقەدىن باشلايلى.
مىلادى 1492 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەتىگەندە، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى باردىس پورتىدا كىشىلەرنىڭ ۋاڭ - چۇڭلىرى ۋە داقا - دۇمباق سادالىرى كۆككە كۆتىرىلەتتى. سان - ساناقسىز كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ يىراققا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغان كىچىك بىر كېمە كارۋىنىنى ئۇزىتىۋاتاتتى.
كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن ئامما ئىنتايىن ھەيران قالارلىق ئىدى: غەربكە قاراپ مېڭىپ شەرققە بارغىلى بولارمۇ؟ ھەي، كولومبو دېگەن بۇ ئادەم قۇرۇق خىيالغا بېرىلىپتۇ، جۇمۇ!
پورتتا ئۈچ يەلكەنلىك كېمە تۇراتتى، كېمىلەر دالچىن دەرىخىنىڭ رەڭگىدە ناھايىتى شوخ سىرلانغان ئىدى. بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى «سان مارىيە» ناملىق كېمە بولۇپ، ئۇنىڭ مومىسىدا دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى؛ كېمىنىڭ سۇغا خېلى بەكلا چۆكۈپ تۇرۇشى، ئۇنىڭغا قاچىلانغان نەرسىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن خەۋەر بېرەتتى. 87 دېڭىزچى تەييارلىقلارنى تەق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ روسلاندى. ئۇلار يەلكەنلەرنى چىقاردى. لەڭگەر ۋە روللارنى تۇتقان ھالدا يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى!
شۇئان «سان مارىيە» ناملىق پاراخوتنىڭ سەھنىسىگە 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم چىقىپ كەلدى. ئۇ دومىلاق يۈز، دوقا پېشانە، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمگە بىر قاراش بىلەنلا، ئۇنىڭ سۇباتلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۇ ئاشۇ كېمە كارۋىنىنىڭ قوماندانى كىرسىتوپ كولومبو ئىدى.
كولومبو، بارلىق دېڭىزچىلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئىما قىلغاندىن كېيىن:
_ لەڭگەرنى تارتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.
تۇتاش تەنتەنە ۋە داقا - دۇمباق سادالىرى ئىچىدە يەلكەنلىك ئۈچ كېمە پورتتىن ئاستا - ئاستا چىقىپ كەتتى.
ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، تىپ - تىنچ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا زۇمرەت ئۈنچىلەر جىمىرلايتتى. كولومبو «سان مارىيە» ناملىق كېمىنىڭ ئۈستىدە ئوكيان سۈيى ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈۋاتقان ئۇپۇق مەنزىرىسىگە زوقلىنىپ قارايتتى. «ئېھ، ئاقىۋەت غەربكە قاراپ يول ئالدىم، _ دەپ پىچىرلايتتى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە، _ شۇنىڭغا لايىق ئالتۇن ۋە دورا - دەرمەكلەرگە ئىگە بولارمەن _ ھە!»
دەرۋەقە غەربكە سەپەر قىلىش ئۈچۈن ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ ماددىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، كولومبونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى. بۇ ئىشقا ئۇ ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلغان ئىدى. ئۇ ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى گېنۇيىلىك بىر باپكارنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا كىچىكىدىنلا ناھايىتى قىزىقاتتى. ئۆسمۈر چاغلىرىدا، ئۇ ئەنگلىيە، گۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان. 20 نەچچە يېشىدا ناھايىتى تەجرىبىلىك دېڭىزچى بولۇپ يېتىشكەن. توساتتىن كەلگەن بىر پۇرسەت ئۇنى ماركو پولونىڭ «شەرققە ساياھەت خاتىرىسى» نى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھەمىشە شەرققە بېرىپ بايلىق ئىزدەش كويىدىلا بولۇپ يۈرگەن.
1484 - يىلى، كولومبو 33 ياشقا كىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ كولومبو ئۆزىنىڭ غەرب تەرەپتىكى سۇ يولى بىلەن ھىندىستانغا بېرىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ئەگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ياردەم سوراپ ھەممىسىدە رەددىيىگە ئۇچرىدى. 1492 - يىلى 4 - ئايغا كەلگەندە، ئىسپانىيە ئايال پادىشاھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا كېمە ۋە يول راسخوتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېرىدىغان ۋە كولومبوغا دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالى دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدىغان، شۇنىڭدەك ئۇنى يېڭى تېپىلغان يەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان باش ۋالى قىلىپ ئالدىنئالا تەيىنلەيدىغان، ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغان بولدى.
كولومبو، بۇ كىچىك كارۋانغا يەنە بىر قېتىم نەزەر تاشلىدى. ئۈچ يەلكەنلىك كېمە ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. «سان مارىيە» ناملىق كېمىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ 100 توننىدىن ئاشمايتتى. ئۇ قوشۇمىسىنى تۈردى - يۇ، ئەمما شۇ ھامانلا ئەسلىدىكى تەمكىن ھالىغا كەلدى. ئۇ كۆڭلىدە ئۆز - ئۆزىگە «دېڭىزچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويسام ھەرگىز بولمايدۇ!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش قىلدى.
كارۋان ئۇدۇل غەربكە قاراپ يول ئالدى. دېڭىزچىلار كېمە ئۈستىدە تۇرۇپ، دېڭىز شامىلىغا يۈزلىنىپ بىپايان ئوكيانغا، دەم كۆتىرىلىپ، دەم پەسىيىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلارغا، شۇنداقلا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بېلىقچى قۇشلارغا قارىغانسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىپ باراتتى. ئەمما ئۇلار يەنە: بۇ ئىتالىيان بىزنى شەرقتىكى ھىندىستانغا راستتىنلا ئېلىپ بارالارمۇ؟ دەپ گۇمانلىناتتى.
بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار دېڭىزدىن باشقا ھېچنېمە چېلىقتۇرمىدى. دېڭىزچىلارنىڭ ھەممىسى كولومبو، ئىسپانىيىدىكى پورتلاردىن قىممەت باھادا ياللىۋالغان مۇنەۋۋەر دېڭىزچىلار بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىدا ناھايىتى تەجرىبىلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ چاغقا كەلگەندە ئىختىيارسىز ھالدا ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ۋەھىمە چېكىپ، غەربكە قاراپ ماڭغانسېرى يۇرت ماكانىمىزدىن شۇنچە يىراقلاپ كېتىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلەلمەي قالارمىزمۇ دەپ قورقۇشقا باشلىدى.
بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى، بەزىلەر كېمە ئۈستىدە سوزۇلۇپ يېتىشاتتى، بەزىلەر كېمە بۆلۈمچىلىرىدە ئارام ئېلىۋاتاتتى. توساتتىن بىراۋنىڭ:
_ ئەنە قاراڭلار، قۇرۇقلۇق كۆرۈندى! _ دېگەن ھاياجان ئاۋازى ئاڭلاندى.
شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېمىنىڭ ئالدى تەرىپىگە بېرىپ، كۆزلىرىنى قىسىشىپ قاراشتى ۋە راست دېگەندەك ئالدى تەرەپتىكى كۆڭۈل مەيداندەك بىر كۆلەڭگىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز تەنتەنە قىلىپ كېتىشتى.
_ قۇرۇقلۇق ئەمەس، يايلاق! - دېدى قايسىبىرى تۈزىتىش بېرىپ.
كولومبو ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇ دورۇبۇننى ئېلىپ ئىنچىكىلىك كۈزەتتى - يۇ، ئەمما ئۇ كۆلەڭگىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بايقىۋالالماي، كېمىلەرنى شۇ ياققا تېز ھەيدەشكە بۇيرۇق بەردى.
ئەمما، ئۇ يەر ئاللىقانداق قۇرۇقلۇق ياكى يايلاق ئەمەس، بەلكى قىلسىمان يۈسۈنلەر ئۆسۈپ كەتكەن دېڭىز يۈزى ئىكەن! بۇنى كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ روھى ناھايىتى چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى «قۇرۇقلۇققا چىقىش» مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، قىلسىمان يۈسۈن بار يەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.
دېڭىزچىلار چىداپ تۇرالمىدى، نارازىلىق سادالىرى كۆتىرىلدى. ئۇلار كولومبو ئورىۋېلىپ، چۇقان كۆتىرىشكە باشلىدى:
_ دېڭىز ئارمىيىسى گېبېرالى ئەپەندى، سىز بىزنى زادى قەريەرگە ئۋلىپ بارماقچى؟ بۇنداق لەنىتى دېڭىز ھاياتىدىن جاق تويدۇق!
_ قۇرۇقلۇق زادى قەيەردە؟ ئۇنى جىن - شاياتۇنلاردىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ!
_ گېنېرال ئەپەندى، مېنىڭ خوتۇن - بالاچاقام بار ئادەم، دېڭىزدا ئۆلۈپ قېلىشقا رازى ئەمەسمەن، ئۆيۈمگە قايتىپ كەتكىلى قويۇڭ!
كولومبونىڭ كۆڭلىمۇ تازا پاراكەندە بولدى. ئەمما ئۇنىڭ غەربكە قاراپ سەپەر قىلىشى قەتئىي ئىرادىسى تەۋرەنمىدى. ئۇ كۆپچىلىككە:
_ مۇنداق چۇقان كۆتۈرۈشىڭلار بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ! كۆپچىلىك، ماڭا ئىشىنىڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە جەزمەن قۇرۇقلۇققا يېتىپ بارىمىز. شۇ چاغدا مەن سىلەرنىڭ مائاشىڭلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىمەن! ... دەپ ۋەزمىن تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى.
دېڭىزچىلار بۇ ھالغا يەتكەندە مىڭ كاپشىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆپەيتىلىدىغان مائاشنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئاستا - ئاستا جىمىشقا باشلىدى.
2 - كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى، كولومبو گاھ ئۆرلەپ، گاھ پەسىيىۋاتقان كىچىككىنە بىر لىفىلدىما يورۇقلۇقنى يىراقتىن كۆردى - دە، دېڭىزچىلارغا دىققەت بىلەن قاراشقا بۇيرۇق بەردى ۋە: كىمكى قۇرۇقلۇقنى ئاۋۋال تونۇۋالسا، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىپەك كۆينەك قوشۇپ مۇكاپات بېرىمەن، دەپ جاكارلىدى. بۇ مۇكاپات ئۆز شارائىتى ئېتىبارى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىناتتى.
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تاڭ سەھەردە، تىرويانا ئىسىملىك بىر دېڭىزچى ئېگىز ماچتا ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇقنى ئاۋۋال تونۇۋالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن «قۇرۇقلۇق! قۇرۇقلۇق!» دەپ ئالقىش ياڭراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا ئىككى كېمىگە بەلگە بەردى.
ئۈچ كېمە ئىنتايىن تېزلىكتە جەم بولدى. دېڭىزچىلار ئىچ - ئىچىدىن ئۆركەشلەۋاتقان خۇشاللىقىنى باسالماي تەنتەنە قىلىپ سەكرىشىپ كەتتى، بەزىلەر ھاياجانلىنىپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتىرىپ ئۈنلۈك ناخشا توۋلىدى ۋە كولومبونى كۆتىرىپ ئۇنى تەبرىكلىدى.
كولومبونىڭ كۆزلىرىدە ھاياجان ياشلىرى ئەگىدى. ئۇ كۆپچىلىككە تىنچلىنىپ قۇرۇقلۇققا چىقىش تەييارلىقىنى تېزلىكتە پۈتتۈرۈشكە جېكىدى.
تاڭ يورۇغاندا بۇ كېمە كارۋىنى بىر ئارالغا تاقالدى. كولومبو، بىر تۈركۈم دېڭىزچىلارنى باشلاپ، ئۈستىگە يېشىل رەڭلىك كرىست بەلگىسى كەشتىلەنگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئەترىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتەرگەن ھالدا 70 كۈنلۈك يول ئازابىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىغان تەنتەنىلىك قەدەم باستى.
توساتتىن، ئارالدىكى خەلق تۇشمۇ - تۇشتىن يېتىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى يالىڭاچ ئىدى. بېشىدا ئوتۇغات، بەدىنى ۋە يۈزلىرىدە رەڭگارەڭ سىزىلغان سىزىقچىلار تۇراتتى. خوتۇن - قىزلار بۇرۇنلىرىغا مېتال پارچىلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. ئارال خەلقى كولومبولارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىمىرلىماي تۇرغىنىچە بۇ ئاق تەنلىكلەرگە ئىنتايىن ھۇشيارلىق بىلەن سەپسېلىشتى. دېڭىزچىلار بۇ ھالەتنى كۆرۈپ قانداق قىلىشنى بىلمەي، بىردەك كولومبوغا قاراشتى.
كولومبو ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق دېڭىز نەقىلياتچىسى بولغاچقا، ئارال خەلقىنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىپ، دېڭىزچىلارنى ئەينەك تەسۋىلەرنى ئارال خەلقىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇدى. ئارال خەلقى بۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال - خۇرام ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن جىددىي كەيپىيات بىردەمدىلا بېسىلىپ كەتتى.
ئۇسسۇلدىن كېيىن ئىككى تەرەپ سوۋغا ئالماشتۇردى. ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى: ھەر ئىككى تەرەپتىكى جامائەت ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيە قىلماقچى بولغان نەرسىلىرىنى يەنە بىر تەرەپنىڭ تاللىۋېلىشى ئۈچۈن يەردە قويدى. ئارال خەلقى شاتۇتى، يىپ ۋە ئاتار نەيزە قويدى؛ كولومبولار ساپال قاچا، تەسۋى ۋە ئەينەك پارچىسى قويدى. يەرگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ھەر ئىككى تەرەپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئېلىشتى.
كولومبو غەربكە قىلغان سەپىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان بۇ ئارال - ھازىرقى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىگە قاراشلىق باھاما تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە بىر كىچىك ئارال ئىدى. ئۇ بۇ ئارالغا «سان سالۋادور» (قۇتقۇزغۇچى خۇدا) دەپ خىرىستىيانچە نام بەردى.
2 - كۈنى، كولومبو، كېمە كارۋىنىنى بۇ ئارالنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ۋە ئەلمى - تەلىمىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇدى. بۇ يەردىن ئالتۇن چىقمىغاچقا، ئارال خەلقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەنە جەنۇبقا قاراپ يول ئالدى.
بىرنەچچە كۈن يول مېڭىپلا يەنە كۇبا ۋە ھايتى ئاراللىرىنى تاپتى. شۇ كەمگىچە بۇ ئاراللارغا ياۋروپالىقلار زادى كېلىپ باقمىغان ئىدى.
كولومبو، بۇ ئاراللاردىكى ھەممە نەرسىلەر ئۈستىدە غايەت زور ئىشتىياق بىلەن ئىزدەندى. ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، تەبىئىيكى ئالتۇن ئىدى. ئۇ كېچە - كۈندۈز ئالتۇن چىقىدىغان يەرلەرگە يېتىپ بېرىش كويىدىلا يۈردى ھەمدە خاتىرىسىگە: «ئالتۇن ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ نەرسە ئىكەن! كىمدە ئالتۇن بولسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلى تارتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ خوجايىنى بولالايدىكەن. ئالتۇنلا بولىدىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ روھىنى جەننەتكە كىرگۈزگىلىمۇ بولىدىكەن» دەپ يازدى.
ئەمما، كولومبو، ئالتۇن چىقىدىغان يەرگە بارالماي بالاغا يولۇقتى.
10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دىجورنى دېڭىزچىنىڭ بىخەستىلىك قىلىشى بىلەن «سان مارىيە» ناملىك كېمە ھايتى ئارىلىدىكى بىر ھايازلىقتا توختاپ قالغاچقا، تېگىدىن سڭ ئۆتۈپ كېتىپ داۋاملىق ئىلگىرىلىيەلمىدى. كولومبو نائىلاجلىقتىن ئارقىسىغا يېنىش قارارىغا كەلدى. ئۇ 39 نەپەر دېڭىزچىنى بۇ ئارالدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا كەپە - لاپاسلارنى سېلىپ بەردى ھەمدە بىر يىل يەتكۈدەك يېمەكلىك قالدۇردى؛ ئۆزى باشكا دېڭىزچىلار بىلەن «نىنىيە» ناملىق ئەڭ كىچىك كېمىنى ھەيدەپ ئىسپانىيىگە قايتتى.
«نىنىيە» ناملىق كېمە ئاتلانتىك ئوكياندا شەرققە قاراپ يول ئالدى. دەسلەپكى كۈنلەردە شاۋقۇنسىز تىنچلىقتا ماڭغان بولسىمۇ، تۆت ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن توساتتىن چاپقۇن ئىچىدە قالدى.
چىلەكلەپ قويغاندەك چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئارىلاش چىقىۋاتقان قارا بوران ھەدەپ ئۇشقۇرتۇپ تۇراتتى. ئوكيان يۈزىدە سانسىز ھەيۋەت دولقۇنلار ئۆركەشلەيتتى. شىددەتلىك دېڭىز ئۆركەشلىرى «نىنىيە» ناملىق كېمىنى گاھ چۆكۈرۈۋەتسە، گاھ بوشلۇققا ئېتىۋېتەتتى.
يەلكەن، چاپقۇندا ئاللىقاچان جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن ئىدى، ماچتا توختىماستىن غىچىلداپ تۇراتتى. يامغۇردا پۈتۈن ئەزايى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن دېڭىزچىلار كېمىنىڭ مۇستەھكەمرەك جايلىرىغا ئېسىلىۋېلىپ، «ئېھ، پەرۋەردىگار، چاپقۇننى توختاتقايسەن!» دەپ كانىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ نالە قىلىشاتتى.
«قاراۇس - قۇرۇس» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، چاپقۇن ماچتىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. كېمە داۋالغۇپ يانتۇلاشتى. «نىنىيە» ناملىك كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى!
كولومبو، تېزلىكتە ئۆز بۆلۈمچىسىگە كىردى - دە، ھالاك بولۇش ئالدىدا بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ساقلاپ قېلىش چارىسىنى ئويلىدى. بۆلۈمچە ئىچىدىكى بۇيۇملار پۈتۈنلەي چېچىلىپ كەتكەن ئىدى ھەمدە كېمىنىڭ چايقىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز دومىلاپ تۇراتتى. شۇ جىددىيچىلىكتە كولومبوغا بىر ئەقىل كىردى - دە، ئۆزىنى دەرھال مىدىرلىماس قىلىپ بېكىتىلگەن ئۈستەلگە باغلىدى ۋە تىزىغا بىر تاختاينى باغلاپ قويۇپ، يېڭى قۇرۇقلۇقى تاپقان ۋە 39 دېڭىزچىنى ھايت ئارىلىدا قالدۇرۇپ كەلگەن قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن تېرە قەغەزگە خاتىرىلىدى. ئاندىن بۇ خاتىرىنى قاتلاپ موم بىلەن ئورىدى ۋە ئۇنى كوكىس قوۋزىقى ئىچىگە سېلىپ، قوۋزاقنىڭ چاكلىرىنى قاراماي بىلەن ھىملاشتۇردى - دە، ئۆزىنى باغلاقتىن بوشىتىپ، دەلدەڭلىگەن ھالدا كېمە سەھنىسىگە چىقىپ ئۇنى دېڭىزغا تاشلىدى. بۇ ئىشنى قىلىپ بولۇپلا كۆزىنى يۇمدى - دە، ئۆزىنى دەھشەتلىك چاپقۇن دولقۇنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا تاپشۇردى.
تەلەي ئوڭدىن كېلىپ «نىنىيە» بۇ چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىدىن ساق قۇتۇلدى ۋە ئون نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، پورتۇگالىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالدى.
1493 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كولومبولار ئىسپانىيىنىڭ باروس پورتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت دېڭىز سەپىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئورۇنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ كولومبو يەنە ئۈچ قېتىم غەربكە قاراپ سەپەر قىلىپ كارايىپ دېڭىزىدىكى بارلىق مۇھىم ئاراللارنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئامېرىكا بويۇنلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تاپتى.
كولومبو زادى مەن مەن ھىدىستانغا يېتىپ باردىمغۇ دەپ قاراپ، ئۆزى تاپقان ئاشۇ ئاراللارنى «غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى» ۋە ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنى «ھىندىئانلار» دەپ ئاتىدى. بۇ خاتا ناملار تاكى ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە.
كوڭلومبودىن كېيىن، ئامېرىكا ۋېسپوچ ئاتلىق بىر ئىتالىيىلىك ئالىم جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كولومبو بارغان يەرنىڭ ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان شەرق ئەمەس، بەلكى بىر يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تاپتى. شۇڭا، بۇ قۇرۇقلۇق كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى دەپ ئاتالدى.
كولومبونىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى، كېيىنكى كۈنلەردە پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەىسىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تېپىلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. ماگېللاننىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۇلۇغ بولدى. ئەمما ئۇنىڭ شەخسىيەت ئاقىۋىتى بەختسىز بولدى. كولومبو، ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئالتۇن ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ ئۇنىڭ يېڭى تېپىلغان يەرلەرنىڭ باش ۋالىيلىق ئورنىنى تارتىۋالدى، شۇنداقلا ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئەسلىدىكى بەلگىلىنىمۇ بىكار قىلدى. كولومبو، پۈتكۈل مال - مۈلكى بىلەن قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 1506 - يىلى دۇنياغا داڭقى چىققان بۇ دېڭىزچى دۇنيادىن ئۈن - تىنسىز ئايرىلدى.