ھىندىستانغا بېرىش
بەش مىڭ يىل
كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىبارەت يېڭى قۇرۇقلۇقنى تاپقانلىق خەۋىرى پۈتكۈل ياۋروپادا زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئەمما ئۇ چاغدىكى ياۋروپالىقلار كېچە - كۈندۈز شەرقنىڭ دورا - دەرمەك، يىپەك ۋە ياقۇتلىرىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھىندىستانغا بىۋاسىتە بارىدىغان يولنىڭ تېپىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى. خۇسۇسەن پورتۇگالىيىلىكلەر شۇنداق ئىدى. ئۇلار قوشنىسى ئىسپانىيىنىڭ دېڭىزدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى يالغۇز ئىگەللەپ كېتىشىگە تەن بەرمەي، ھىندىستانغا بىۋاسىتە بارىدىغان يولنى تېپىپ، يېڭى بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنى مىڭبىر چارىلەر بىلەن ئويلىشاتتى.
پوتۇگالىيە پاىداشھسىنىڭ ئوغلى شاھزادە ھېنرى بۇ ئۇلۇغ ئىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ پورتۇگالىيىنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز بويدىكى تاش بۇرجەككە رەسەتخانا، پىرىستان ۋە دېڭىز نەقلىيات مەكتىپى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ يەردە كېمىلەرنى ياساپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ، دېڭىز خەرىتىسىنى سىزىپ، شەرققە بېرىپ تەكشۈرۈشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، پورتۇگالىيىنىڭ دېڭىز چارلاش پىلوتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتىپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. ئۇلار قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە بىردىن تاش ئابىدە تۇرغۇزۇپ، پورتۇگالىيىنىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلغان زىمىنى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ جايلارغا يېڭى نام بېرىپ ماڭدى؛ قارىمۇچ كۆپ جاي بولسا «قارىمۇچ قىرغىقى» پىل چىشى كۆپ جاي بولسا «پىل چىشى قىرغىقى»؛ ئالتۇن كۆپ بولسا «ئالتۇن قىرغاق» دېگەندەك ناملارنى بەردى، يەرلىك نېگىرلارنى تۇتۇپ قۇل قىلغان جايلارغا بولسا «قۇل قىرغاق» دەپ نام بەردى.
چارلاش ئەنە شۇ تەرىقىدە جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىۋەردى. 1487 - يىلىغا كەلگەندە، دئاس باشلاپ بارغان پىلوت ئاخىرى ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تۇمشۇققا يېتىپ باردى؛ بۇ يەرنى ئايلىنىپ ئۆتكەن ھامان ھىندى ئوكيانغا يېتىپ بارغىلى بولاتتى. ھىندىستانغا بېرىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ ئىسقا ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭا، ئۇلار ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بۇ تۇمشۇققا ئۈمىد تۇمشۇقى دېگەن چىرايلىق نامنى بەردى.
1497 - يىلى يازاد، پورتۇگالىيە پادىشاھى خۇش پۇراق ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلارنى تېپىش ئۈچۈن، ھىندى ئوكيانغا تۆت يەلكەنلىك كېمىدىن تەركىب تاپقان كارۋان ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. پادىشاھ ئوردا ياساۋۇللىرى باشلىقنى ۋاسكوداگامانى بۇ كارۋانغا قوماندان قىلىپ بەلگىلىدى.
7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بۇ كېمە كارۋىنى، لىسسابون شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى پورتتىن يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى. ئۇلار دئاس تاپقان دېڭىز يولىنى بويلاپ توپ - توغرا تۆت ئاي يول يۈرۈپ، ئۈمىد تۇمشۇقىغا يېتىپ باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلار ئايلىنىپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن بۇ تۇمشۇقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيانغا كىردى ھەمدە ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا، شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى باياشات شەھەر - مالىندىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سۇلتانى، پورتۇگالىيىلىكلەر بىلەن «ئىتتىپاق» تۈزدى ھەمدە بۇرۇن ھىندى ئوكياندا سەپەر قىلغان بىر رولچىنى ئۇلارغا يول باشلاشقا ئەۋەتتى.
4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، گامالار ئەرەپ دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. يەلكەنلىك كېمىلەر بۇ بىپايان دېڭىزدا توپ - توغرا 23 كۈن سەپەر قىلىپ، ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ھىندى ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى سودا شەھىرى كالىكۇتتاغا يېتىپ كەلدى.
قىرغاققا چىقىپلا، گاما دەرھال شەھەرگە ئالاقىچىلىققا كىرگۈزدى.
_ سىلەرنى بۇ يەرگە كىم باشلاپ كەلدى؟ بۇ يەرگە نېمە ئىشقا كەلدىڭلار؟ - شەھەردىكىلەر ھەيرانلىق بىلەن سورىشاتتى. چۈنكى، ئۇ چاغدا، ھىندىستان بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرەپلەر ئارقىلىق بولاتتى. شۇ چاققىچە ياۋروپالىقتىن بىرەرسىمۇ دېڭىز يولى بىلەن ھىندىستانغا كېلىپ باقمىغان ئىدى.
_ خىرىستىئان مۇخلىسلىرى ۋە دورا - دەرمەك ئىزلەپ كەلدۇق، - دەپ جاۋاب بېرەتتى پورتۇگالىيىلىكلەر.
_ نېمە دېگەن غەلىتە بۇ _ ھە! ئىسپانىيە، فرانسىيە پادىشاھلىرى ۋە ۋېنېتسىيە قوماندانى نېمىشقا ئادەم ئەۋەتمىدى؟
_ بىزنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ پادىشاھى ئۇنىمىدى، _ گامالار، پورتۇگالىيە پادىشاھىنىڭ خىيالىنى قىلچە پەدەزلىمەستىنلا ئېيتىۋەتتى.
كالىكۇتتىلىقلار توقاچ ۋە ھەسەللەر بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئارقىدىنلا پورتۇگالىيىلىكلەرمۇ كالىكۇتتىلىقلارنى كېمىسىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى.
ھىندىلار كېمىگە چىققاندىن كېيىن، گاما ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن مېھمان قىلدى ھەمدە سودىگەرلىك قىلىش نىيىتىدە كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ھىندىلار بۇنى ئاڭلاپ:
_ خوش كەپسىزلەر! خوش كەپسىزلەر! بىزنىڭ بۇ يەردە قىزىل، يېشىل ياقۇتلار دېگەن كۆپ نېمە ئۇ. سىلەر ھازىر تازا بىر باي مەملىكەتكە يېتىپ كەلدىڭلار جۇمۇ! - دېيىشتى.
گاما بۇ يەرنىڭ سۇلتانىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندىلار بۇ تەلەپنى يەتكۈزمەكچى بولدى.
2 - كۈنى، گاما بۇ يەرنىڭ سۇلتانىنى زىيارەت قىلدى. سۇلتان ئىنتايىن ياسىداق بىر كارۋاتتا ياتاتتى. كارۋاتتا تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن بىرمۇنچە ياستۇقلار تۇراتتى. كارۋاتنىڭ سول تەرىپىدە يوغان ھەم ۋەزنىلىك ئالتۇن كورا تۇراتتى. ھىندىستاننىڭ كىلىماتى بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن بولسا كېرەك. سۇلتان توختىماستىن كاكاۋىنىڭ يىلىتىزىنى چايناپ شۈمۈپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇۋاتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن، يىلتىزنى چاينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يىلتىزنىڭ شامىسىنى ھەدەپ ئالتۇن كورىغا تۈكۈرەتتى.
_ شۇنچە يولنى يىراق كۆرمەي بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى سۇلتان.
_ خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ئىزلىگىلى كەلدۇق. كەمىنە پورتۇگالىيىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ، مال بايلىقى بول، ئالتۇن - كۈمۈشلىرى ناھايىتى نۇرغۇن، كەمىنە ئېلىمىزنىڭ پادىشاھى مېنى شەرققە ئاساسلىقى قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتقىلى ئەۋەتتى، - گاما ئىززەت - ئىكرام بىلەن جاۋاب بەردى ۋە پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇردى.
_ سىلەرنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭلارنى ناھايىتى قارشى ئالىمىز، - دېدى سۇلتان خۇشاللىق بىلەن، _ مەملىكىتىڭلارنىڭ پادىشاھ ئالىيلىرى بىزنى قېرىنداش ئورنىدا كۆرگەن بولسا، بىز جەزمەن مەملىكىتىڭلارغا ئەلچى ئەۋەتىمىز.
گاما خوشلىشىپ ئوردىدىن چىقتى. بىر كۈندىن كېيىن ئوردىغا يەنە بىرمۇنچە سوۋغا - سالام يوللىدى.
ھىندىلار ناھايىتى مېھماندوست بولغاچقا، پورتۇگالىيە دېڭىزچىلىرى قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا ئۇلارنى قوندۇرۇپ، يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. پورتۇگالىيىلىكلەرمۇ ھىندىلارنى ھەمىشە كېمىلىرىگە تاماشىغا تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كېمىچىلەر، يەرلىكلەر بىلەن تونۇشۇپ كەتتى ۋە قىرغاقتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قارىمۇچ قاتارلىق ھىندىستاننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى: بەزىلىرى قىزىل، يېشىل ياقۇتلارغا ئوخشاش شەرقنىڭ قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى؛ بەزىلىرى ھىندىستان ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى، خۇش پۇراق ماتېرىياللار تاقىم ئاراللىرى (ئۇ چاغدا مولۇككا تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلاتتى، ھازىر مالۇكۇ تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى ھىندونېزىيىنىڭ شەرقىدە) نىڭ قەلەمپۇر، دارچىن، قاقىلە قاتارلىق دورا - دەرمەك ماتېرىياللىرى ئىدى. بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇنچە ئەرزانلىقىنى كۆرۈپ گامالارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
گاما ۋە كېمىچىلەر، ھىندىستاندا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دۆلىتىگە قايتتى. ئۇ يەرنىڭ سۇلتانى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دوستلۇق مەكتۇبى يېزىپ، گامانىڭ پورتۇگالىيە پادىشاھىغا تاپشۇرۇشىغا ھاۋالە قىلدى.
قايتىش سەپىرىدە، گامالار خىلمۇ - خىل قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. يېمەكلىك، تاتلىق سۇ، بولۇپمۇ ئوتياش كەمچىل بولغانلىقتىن كېمىچىلەرنىڭ چىش مىلىكلىرى ئىششىپ كەتتى، بىرمۇنچىلىرى شۇ تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتتى. 1499 - يىلى 9 - ئايدا، گاما كېمە كارۋانى لىسسابونغا يېتىپ كەلگەندە، يولغا چىققان چاغدىكى كېمىچىلەرنىڭ ئاران يېرىمى ھايات قايتىپ كەلدى.
لىسسابون شەھىرىنىڭ پۈتكۈل خەلقى خۇددى زەپەر قۇچۇپ قايتقان جەڭچىلەرنى كۈتۈۋالغاندەك، قارشى ئېلىش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزدى. پورتۇگالىيە پادىشاھى ناھايىتى يۇقىرى مۇكاپات بەردى.
ياۋروپاغا ھايات قايتقان كېمىچىلەرنىڭ ھەممىسى بېيىپ كەتتى. ئۇلار شەرقتىن سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن دورا - دەرمەكلەر، يىپەك ۋە ياقۇتلارنى ئەسلىدىكى تەننەرخىدىن 60 ھەسسە يۇقىرى باھادا سېتىپ پايدا ئالدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك پايدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئالاردا ئەسەبىي قىزغىنلىق قوزغىدى. ئۇلار شەرقنىڭ بايلىق مەنبەسىنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى. پورتۇگالىيە ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھىندىستان ۋە شەرقىي، جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەردىن بىرمۇنچە تايانچ پونكىتلارنى ئىگىلىۋالدى. كېيىنچە، گاما، پورتۇگالىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىشغالىيەت رايونلىرىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھىندى ئوكيان يولى پورتۇگالىيە شەرق خەلقلىرىنىڭ قېنىنى شورايدىغان، بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىدىغان نەيچىگە ئايلاندى.
1553 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى جياچىڭنىڭ 32 - يىلى)، پورتۇگالىيىلىكلەر نەملىشىپ كەتكەن ماللارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشقا ئىشلىتىپ تۇرۇش نامى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىياڭشەن ناھىيىسىدىكى جۇجياڭ ئېغىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زىمىنىمىز ئاۋمېننى ئىگەللىۋالدى. بۇ ئىشقا ھازىر توپ - توغرا 400 يىل بولدى.