يول ئېچىشقا ئىرادە باغلىغان ياش
بەش مىڭ يىل
ئۆركەشلىگەن ئۇلۇغ بىر قىيان،
ئېتىلىپ چىقتى تاغ جىلغىلىرىدىن،
قارىغايلارنى يىقىتىپ بىر - بىر،
ئۆزىگە ئاچتى ئۇ شۇنداق چوڭ يول؛
مەنمۇ گويا ئاشۇ قىياندەك،
ئاچىمەن ئۆزەمگە شۇنداق كەڭ يول.
بۇ - ئىنگېلىسنىڭ 19 يېشىدا يازغان بىر كۇپلېت شېئىرى، بۇ شېئىرىدا ئۇنىڭ جەزمەن بۇرژۇئا ئائىلىسى ۋە كونا جەمئىيەتنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ئىرادىسى، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدىغان، تىرىشىپ ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرىدىغان قەتئى ئېتىقادى ئىپادىلەنگەن.
فرىدرىخ ئېنگېلس 1820 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى رېين ئۆلكىسىنىڭ بارمىن شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى ئاچقان كاپىتالىست ئىدى، ئۇ دىنغا چوقۇنىدىغان، مىجەزى قوپال ۋە زالىم ئادەم ئىدى. ئېنگېلسنىڭ ئاپىسى ئۆي ئايالى بولۇپ، يۇۋاش ۋە جۈدەك ئايال ئىدى. ئېنگېلس بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا، دادىسى ئۇنى ئالاھىدە قاتتىق باشقۇرۇپ، كىچىكىدىنلا «خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە» ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەمما، ئېنگېلسنىڭ باشقىچە ئويى بار ئىدى. ئۇ ھەممىلا يەردە يېڭى بىلىملەرنى ئېلىشقا ئىشتىياق باغلىدى. ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ، پاكار ئىشخانا لاپاسلىرىدا مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقان، پۈتۈن ئەزايىنى قۇرۇم ۋە چاڭ - توزان باسقان ئىشچىلارنى كۆردى. بەزى ئىشچىلار ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بولسىمۇ، ھۆمىدەپ - يۆتىلىپ، سۆرۈلۈپ يۈرۈپ ئىشلەيتتى. بەزى ئىشچىلار ئۇزاقتىن بېرى ئىشلەپ ھېرىپ - چارچىغانلىقتىن، مۈكچىيىپ دوك بولۇپ قالغان ئىدى. نۇرغۇن زاۋۇتلاردا ئالتە - يەتتە ياشلىق بالا ئىشچىلار قىستىلىشىپ، كىچىككىنە تۇرۇپلا جاپالىق ئەمگەك قىلاتتى،كۈن بويى تاياق ۋە تىل - دەشنام يەپ ئازابلىناتتى. ئېنگېلس ئىشچىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ، ئىشچىلارنىڭ پۈتۈنلەي نەم، پاكار، ئىشكلىرى ئۆتمە - تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپە ۋە كونا ئىبادەتخانىلاردا يېتىپ - قوپىدىغانلىقىنى، قېرى - ياشلارنىڭ ئاچ - يالىڭاچ، ئىنتايىن قىيىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆردى. ئېنگېلس ئىشچىلار دۇچكەلگەن رىئاللىقنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلققە تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلدى.
كاپىتالىستلارنىڭ ئەقىدىسى پۇل تېپىش، ئېنگېلس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاران ئۈچ يىل ئوقۇدى، دادىسى ئۇنىڭ ئوقۇشنى توختىتىپ، تىجارەت ئورنىدا ئىشلەپ، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئېنگېلس بۇنىڭغا قىزىقمىدى. 1838 - يىلى ئېنگېلس 18 ياشقا كىردى. دادىسى ئۇنى گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم پورت - برېمېنغا ئەۋەتىپ، چوڭ بىر سودا شىركىتىدە ئىش بېجىرگۈچى قىلىپ قويدى. ئېنگېلس بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇ يەرگە قىزغىنلىق بىلەن باردى.
ئەسلىدە، رېيىن گېرمانىيىگە قاراشلىق بولسىمۇ، ئەمما پرۇسسىيىنىڭ زېمىنى بولمىغانلىقتىن، سىياسى كەيپىيات خېلى ئەركىن ئىدى، پرۇسسىيىنىڭ «كىتابلارنى مەنئى قىلىش پەرمانى» ئۇ يەردە ئاقمايتتى. ئېنگېلس خۇددى قەپەزدىن ئۇچۇپ چىققان قۇشتەك، پەلسەپە، فىزىكا، خېمىيە قاتارلىق پەنلەرنى تەشنالىق بىلەن ئۆگەندى، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىلغار كىتابلىرىنى نۇرغۇن ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ ئۈزۈش، ئات مىنىشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى پۇخادىن چىققۇچە كۆرسەتتى. ئېنگېلسنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش نەتىجىسى كىشىنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ 20 ياشقا كىرە - كىرمەيلا ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە، ئىتالىياچە، ئىسپانچە، گرېكچە، لاتىنچە قاتارلىق ئون نەچچە خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ ئىنىلىرى ۋە سىڭىللىرىغا خەت يازغاندا، ھەمىشە ئوخشاش بولمىغان چەتئەل يېزىقىدا يازاتتى.
1841 - يىلى ئېنگېلس چاقىرىققا بىنائەن بېرلىندىكى زەمبىرەكچىلەر بىرىگادىسىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىدى. ئۇ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى ۋە ھەربىي تېخنىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغانلىقتىن، پات ئارىدىلا ياخشى زەمبىرەكچى بولۇپ قالدى. شۇ كەملەردە، بېرلىن داشۆسى پرۇسسىيىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئىدى، ئېنگېلس تىرىشچان ياش بولغانلىقتىن، داشۆگە بېرىپ چەتتىن دەرس ئاڭلاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ھەر خىل پەننىي بىلىملەرنى ئۆگەندى. بىر كۈنى ئۇ پەلسەپە دەرسىنى تىڭشىغىلى بارغاندا، شېللىڭ ئىسىملىك بىر قېرى پروفېسسور دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ پەلسەپە لېكسىيىسى پۈتۈنلەي «خۇدا دۇنيادىكى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچتۇر» دېگەنگە ئوخشاش ئىدىيالىزىملىق بىر نېمىلەر ئىدى. ئېنگېلس بۇلارنى ئاڭلاپ زادىلا ياقتۇرمىدى ۋە نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرۈپ، نۆۋەتتىكى كۈرەشكە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا «شىللىڭ - خىروستوس پەيلاسوپ» قاتارلىق ئۈچ پارچە ماقالە يازدى ۋە ئۇلاردىن بىرىنى ژورنالدا ئېلان قىلىپ ئىككىسىنى ئايرىم كىتابچە قىلىپ باستۇرۇپ، شېللىڭنىڭ تازا رەسۋاسىنى چىقاردى.
1842 - يىل 9 - ئايدا، ئېنگېلسنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشتى. ئۇ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە ئاتايىن كيۇلىندىكى «رېين» گېزىتخانىسىغا كېلىپ ماركىس بىلەن كۆرۈشتى. ئەمما، ماركس بۇ ناتۇنۇش ياش بىلەن ناھايىتى سۆرۈن ۋە قورۇنغان ھالدا كۆرۈشتى - دە ئەھۋاللاشمايلا خوشلاشتى.
بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ شۇ كەملەردە، بېرلىندىكى ياش گېگېلچىلار ئارىسىدا «ھۆرىيەتچىلەر» دېگەن بىر تەشكىلات پەيدا بولدى، ئۇلار زادىلا ئەمەلىي ئىش قىلماي، پەقەت ماختانچاقلىق قىلىپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ماركس ئۇلارنى تولىمۇ ياقتۇرمايتتى. ئېنگېلس «ھۆرىيەتچىلەر» نىڭ يادرولۇق كىشىلىرىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ماركس ئېنگېلسنىمۇ «ھۆرىيەتچى» لەردىنمىكىن دەپ قاراپ، تازا قارشى ئالمىغان ئىدى.
ئېنگېلس ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادىسى ئۇنى دەرھال مانچېستېر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئېنگېلس پەلەككە يەتكەن ئەنگىلىيە ئىشچىلار ھەركىتىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ يۈرگەنلىكتىن، بۇ ئىشقا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئېنگېلس شۇ يىلى 11 - ئايدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەنگىلىيىنىڭ سانائەت مەركىزى بولغان مانچىستېر شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
«خەلق ئاساسى نىزامى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەنگىلىيە ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاساسىي كۈرەش نىشانى ئىدى. نەچچە مىليون ئىشچى ئىمزا قويۇپ، پارلامېنتنىڭ بۇ ئاساسىي نىزامىنى ماقۇللىشىنى، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىگە سايلام ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئېنگېلس دەرھال ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك ئىشچىلارنى زىيارەت قىلدى، «ئاساسىي نىزامچىلار» نىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتى، ئەنگىلىيە ئىشچىلىرى تارتىۋاتقان جەبرى - جاپالارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈرەش ئارزۇلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، «سىياسى ئىقتىساد تەنقىدىگە دائىر پروگىرامما» نى يېزىپ چىقىپ، فرانسىيىدە چىقىدىغان «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» نىڭ مۇھەررىرى ماركسقا ئەۋەتىپ بەردى. ماركس ئېنگېلسنىڭ قاراشلىرى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ژورنالغا باستى. ئارقىدىنلا، ئېنگېلس ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ھۆججەت ۋە ماتىرىياللىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، «ئەنگىلىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. ئېنگېلس: پۇرۇلېتارىيات ئۆزىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ياۋۇز كاپىتالىزىم تۈزۈمىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلىشى شەرت، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى. ئۇ، كىتابتا بىر كۇپلېت جەڭگىۋار شېئىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كۈرەش ئوتىنى تۇتاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ يازدى:
مىليون ئىشچى قوزغىلىپ، چامداپ ئالغا!
پادىشاھنى، جاللات پادىشاھنى يوقىتايلى تېز!
پۈتۈن خەلقنى يالماشقا تەييارلاندى ئۇ،
ئۇنىڭ ئىبلىس قولىنى چىڭ ماتايلى بىز.
1844 - يىل 8 - ئايدا ئېنگېلس ئەنگىلىيىدىن قايتىش سەپىرىدە پارىژغا كېلىپ، ماركسنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
بۇ قېتىم ئىككىيلەننىڭ كۆرۈشۈش ئەھۋالى تامامەن باشقىچە بولدى. ماركىس ئېنگېلسنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئۇزۇن يىللار كۆرۈشمىگەن ئاكا - ئۇكىلاردەك قۇچاقلاشتى. ماركس ئېنگېلسنى رىژانس قەھۋەخانىسىغا قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە فرانسىيە ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ يولباشچىلىرىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى. كەچتە ئۇلار ماركىسنىڭ ئۆيىدە ئېچىلىپ - يېيىلىپ پاراڭلىشىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزىمغا دائىر نەزەرىييە مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار بىللە بولغان ئون ئون كۈن ئىچىدە، ياش گېگېلچىلاردىن بولغان «ھۆرىيەتچىلەر» نىڭ بىمەنە قاراشلىرى تەنقىد قىلىنغان مۇھىم ئەسەر - «مۇقەددەس ئائىلە» ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى ھەمدە بىرلىشىپ يېزىشقا كىرىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، كىتاب پۈتۈنلەي يېزىلىپ بولدى. بۇ - ماركىس بىلەن ئېنگېلس بىرلىشىپ يازغان بىرىنچى كىتاب ئىدى. كىتابتا، خەلق ئاممىسى ھەقىقى تارىخنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدىيە شەرھىلەندى، پۇرولېتارىيات كاپىتالىزىمنىڭ گۆركارى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابىي ماتىرىيالىستىك كۆرسىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى ماتىرىيالىستىك سوتسىيالىزىمغا ئاساس سېلىندى.
ئورتاق ئىنقىلابىي ئىشلار پەلەككە يەتكەن ئىرادىلىك، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يول ئېچىشقا بەل باغلىغان بۇ ئىككى ياشنى چەمبەرچاس ئىتتىپاقلاشتۇردى!$