UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسىپارتاك قوزغىلىڭى

سىپارتاك قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل «ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلسەم ئۆلىمەنكى، بايلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ھەرگىز جېنىمنى ئاتمايمەن!» بۇ، بۇنىڭدىن 2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ئۆتكەن قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى سىپارتاكىنىڭ مەردانە قەسمى. مىلادىدىن ئىلگىرى 73 - يىلى يازدا، رىمنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كاپۇيە شەھىرىدىكى بىر گلادىئاتورلار مەكتىۋىدە بىر قوزغىلاڭ بولغان گلادىئاتورلار قوللىرىغا قىڭراق، زىخ ۋە ھەر خىل ئۇچلۇق توخماق ئېلىپ، قوللىرىغا قىڭراق، زىخ ۋە ھەرخىل ئۇچلۇق توخماق ئېلىپ، قاراۋۇللارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇختا قاراۋۇللۇق قىلىنىدىغان مەكتەپتىن بۆسۈپ چىقىپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ۋېزۇۋىي يانار تېغىغا قاراپ چاپقان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى قەدىمقى رىم تارىخدىكى ئىنتايىن مەشھۇر قەھرىمان سىپارتاك ئۇيۇشتۇرغان. سىپارتاك فراكىيىلىك بولۇپ، بىر قېتىم رىم تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، گلادىئاتورلار مەكتىپىگە سېتىلغان. سىپارتاك نەچچە قېتىم قاچماقچى بولغان، بىراق قېچىپ كېتەلمىگەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گلادىئاتورلار ئارىسىدا تەرغىبات ۋە ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ 200 دىن ئارتۇق گىلادىئاتور بىلەن ئالاقە باغلاپ قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغدا، تۇيۇقىسىزدىن بىر خائىن دۈشمەنگە سىر بېرىپ قويغان. سىپارتاك كەسكىن قارارغا كېلىپ گىلادىئاتورنى باشلاپ ھەركەت قوللانغان، نەرىجىدە 78 ئادەم يولۋاس ئېغىزىدىن قۇتۇلالىغان. سېپارتاك بۇ گىلادىئاتورلارنى باشلاپ ۋىزۇۋىي تېغىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ تاغنىڭ تىك قاىيالىق تاغ ئىكەنلىكىنى تاغ چوققىسىغا چىققىلى بولىدىغان بىر چىغىر يولىدىن باشقا ھەممىلا تەرىپى تىك غار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ تاغدا بارگاھ تۇزۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى قۇلدارلارنىڭ داچىلىرىغا ئۈزۈكسىز تۈردە ھۇجۇم قىلغان. بۇ چاغدا ئىتالىيىدە ئۇدا ئاچارچىلىق بولۇپ، قۇللار تەرەپ _ تەرەپتىن قېچىپ كېلىپ ئۇنىڭ توچىغا قوشۇلغان، ھەتتا بىر قىسىم ۋەيران بولغان دىھقانلارمۇ كېلىپ قوشۇلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا قوزغىلاڭچىلار كۆپىيىپ 10 مىڭ كىشىگە يەتكەن. رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى نەچچە 10 گىلادىئاتور قېچىپ كەتكەنلىكىگە دەسلەپتە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ئادەم سانى كۆپىيىپ ھەيۋىسى ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، باستۇرۇش ئۈچۈن 3000 سەركەردە ۋە لەشكەرلەر بىلەن مەمۇرى ئەمەلدار كلودىيىنى ئەۋەتىكەن. كلودىي تاغ چوققىسىغا چىقىدىغان بىردىن _ بىر چىغىر يولنى قامال قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەككچى بولغان. سىپارتاك خەۋپتىن قورقماي، جەڭچىلەرگە: _ جەڭ قىلىپ ئۆلسەك ئۆلىمىزكى، ئاچ قېلىپ ئۆلمەيمىز! _ دېگەن. يېمەكلىك تۈگسە ئوت _ چوپ بىلەن قورساق باققان . بىركۈنى، سىپارتاك جەڭچىلەرنىڭ ياۋا تال چىۋىقىلاردىن قالقان توقۇۋاقتانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن تاغدىن چۈشىدىغان ئاسما شۇتا ياساش مۇمكىنمىدۇ؟ دەپ ئويلىغان _ دە، جەڭچىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، بۇ ئوي ھەممەيلەنگە ياققان. ناھايىتى تېزلا سانسىزلىغان ئاسما شوتا تەييارلانغان. يېرىم كېچىدە ھەممە يەرنى تۇتەك باسقان، گۆكىرەك شامال چىققان، تاغ ئاستىدىكى رىم قوشۇنلىرى شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن. سىپارتاك جەڭچىلەرنى باشلاپ، كىشىنى ھەيران قلدۇرىدىغان جاسارەت ۋە غەيرەت بىلەن ئاسما شوتىغا ئېسىلىپ تىك غاردىن تۇيدۇرماي چۈشكەن ۋە تېز سۈرئەت بىلەن ئايلىنىپ دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتكەن. ھۇررا! _ سىپارتاكنىڭ بۇيرۇغى بىلەن تەڭ قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەن بارگاھىغا ئاچ يولۋاستەك ئېتىلىپ بېرىپ، دۈشمەنلەرنى سۈرپ _ توقاي قىلىپ، تېرە - پېرەڭ قىلىۋەتكەن. كلودىي ئولە _ تېرىلىشىگە قارىماي، ئىگەرسىز بىر ئاتقا مىنىپ تىكىۋەتكەن. تۇنجى جەڭنىڭ غەلىبىسى قوزغىلاڭچى قوشۇننى روھلاندۇرۇۋەتكەن. سىپارتاك بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى تەھلىل قىلىش ئارقىسىدا، دۈشمەن كۈچلۈك، ئۆزى ئاجىز ئەھۋالدا رىم دۆلىتىنىڭ ئىچىكى جايلىرىدا ھاكىمىيەت قۇرۇش بەك تەس دېگەن يەرگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالپىس تېغىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيە زىمىنىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن يول ئۈستىدە كېتىۋېتىپ بىر دوڭلۈككە كەلگەن. سىپارتاك ئارقىسىغا قارىغۇدەك بولسا چۇمۇلىدەك كۆپ ئاتلىق لەشكەرلەر ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئەسلىدە، كلودىي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى ۋارىنىي دىگەن مەمۇرى ئەمەلىدارنى ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇ 12 مىڭچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىككى قوشۇننى باشلاپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئىكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن تاغ باغرىدا ھۆكۈمەت لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلغان. ئۇلار بىر كۈنى ئىچىدىلار نەچچە مىڭ ھۆكۈمەت لەشكەرلىرىنى يوقاتقان. بىراق قوزغىلاڭچى قوشۇن بەك چارچاپ كەتكەچكە بىر دۆڭگە قامىلىپ قالغان. ۋارىنىي خوشاللىنىپ، ئاقساقاللار مەھكىمىسىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغان. بىراق قوزغىلاڭچى قوشۇن خەۋپتىن قوتۇلۇشنىڭ ئوبدان چارىسىنى تاپقان: شۇ كۈنى ئاخشامدا، قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەن تاشلاپ كەتكەن جەسەتلەرنى قۇزۇقلارغا تىك تۇرغۇزۇپ باغلاپ، يېنىغا گۈلخان ياققان يىراقتىن قارىسا، بۇلار پوستەك كۆرۈنگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز ساندىكى ئادەملەرنى كاناي قىلىشقا بەلگىلىگەن: بۇنىڭ بىلەن قۇزغىلاڭچى قوشۇن يەنىلا دۆڭدە قامىلى قالغاندەك ھىسنى پەيدا قىلماقچى بولغان. ئاندىن كېيىن قوزغىلاڭچى قۇشۇن قاراڭغۇدا چۈشۈشكە باشلىغان. بۇ ئىشلار تولىمۇ راستتەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەرىكەتمۇ ئىنتايىن چاققان بولۇپ، قىلچە شەپە چىقارمىغان، دۈشمەن قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ چېكىنگەنلىكىنى زادىلا سەزمىگەن. شۇنداق قىلىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەننىڭ بۇرنى ئاستىدىكى تاغ يولىنى بويلاپ، مۇھاسىرىدىن چىقىپ كەتكەن. تاڭ ئاتقاندا، ۋارىنىي ئالدامخالتىغا چۈشكەنلىكىنى سېزىپ، دەرھال لەشكەر تارتىپ ئارقىدىن قوغلىغان. يېرىم يولدا قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بۆكتۈرمە قىسىملىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، قاتتىق چىقىم تارتقان، ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسملىرى ۋە ئېتى قوزغىلاڭچى قۇشۇن تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 72 - يىلى سىپارتاك قۇشۇنلىرى دۈشمەننىڭ مۇھاسىرە قىلىشى، قوغلاپ زەربە بېرىشى ۋە توساپ زەربە بېرىشى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلغان، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئالپىس تېغىغا يېقىنلاشقان. بۇ چاغدا قوزغلىلاڭچى قۇشۇن كۆپىيىپ 120 مىڭ كىشىگە يەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىقتىلاپ پيدا بولۇپ، بەزى داىلار ئەسلىدىكى تاغىدىن ئوتۈپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، لەشكەر تارتىپ جگنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، رىمنىڭ پەيتەختىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدا بولۇنۇش پەيدا بولغان. بىر قوشۇن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رىم قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىغان. باشقا قوزغىلاڭچى قوشۇن سىپارتاكنىڭ يېتەكچىلىگىدە داۋاملىق شىمالىغا يۈرۈش قىلغان لېكىن ئالپىس تېغى يىل بويى قار كەتمەيدىغان، ھاۋاسى ئوسال تاغ بولغاچقا، قوشۇننىڭ تاغدىن ئۆتۈشى بەك تەسكە چۈشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالدىكى ھاللىق دېھقانلاردىن قوللىغۇچىلارنى تېپىش تەس بولغان، شۇڭا سىپارتاك ئەسلى پىلاننى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بۇيرۇق بېرىپ، بارلىق ئارتۇق مەنقۇلاتىنى تاشلاتقۇزۋەتكەن. كېرەك بولمايدىغان ئاتلارنى ئولتۇرگۈزۇۋەتكەن. ئاندىن لەشكەر تارتىپ جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلغان. رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ تېرە _ پېرەڭ بولۇپ كەتكەن. شۇ يىل ھاكمدار بولۇشنى خالايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغان. ئۇيان ئىتتىرىپ، بۇيان ئىتتىرىپ چوڭ قۇلدار كراسىسىنى ھاكىمدار قىلىپ سايلىغان. ئاقساقاللار مەھكىمىسى ئۇنى قوزغىلاڭچى قوشۇننى باستۇرغۇچى قوشۇننىڭ لەشكەرلەر بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا «دىكتاتۇر» دېگەن كراسىس خەۋپتىن قۇتۇلۇش، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ۋەھىشى بولغان «ئوندىن بىر ئۇسۇل» نى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغنالىقىنى جاكالىغان. ئۇ ئالدىنقى سەپتىن قاچقان 500 لەشكەرنى تۇتۇپ كېلىپ سازايى قىلىپ، 10 ئادەمنى بىر گۇرۈپپا قىلىپ، جەمئى 50 گۇرۇپپىغا ئايرىغان، چەك تاشلاپ ھەر بىر گۇرۇپپىدىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئومۇمەن چەك تاشلاپ ھەر بىر گۇرۇپپىدىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئومۇمەن چەك چىققان ئادەم كەڭ لەشكەرلەر ئالدىدىلا ئۇرۇپ ئولتۇرۇلگەن. كراسىس قوشۇننى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن سىپاتاكقا شىددەتلىك ئېتىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن كراسىس بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك ئېلىشقان ۋە نۇرغۇن قېتىم غەلىبە قىلغان. لېكىن كۈچ جەھەتتىكى چوڭ پەرق ۋە ئىچكى بۆلۈنۈش ئارقىسىدا، ئاخىر ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كاپۇيىدە دۈشمەن تەرىپدىن قورشىۋېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 71 - يىلى باش كۈز كۈنلىرىنىڭ بېرىدە، سىپارتاك دۈشمەن بىلەن ھايات - ماماتلىق جېڭى قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەنلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قىرغان. كەچ كىرگەندە 60 نەچچە مىڭ قوزغىلاڭچى قۇل مەدانىلىق بىلەن قۇربان بولغان. جەڭ بارغانسېرى دەھشەتلەشكەن. نۇرغۇن قوزغۇلاڭچى جەڭچى ئېغىر يارىلانغان، لېكىن ئۇلار ئۇزۇن نەيزىلىرىنى خەنجەر ۋە پالتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، دەرغەزەپ بىلەن قايتا - قايتا مۇھاسىرىنى بۇزۇشقا ئېتىلغان. بۇ چاغدا رىم لەشكەرلىرى قويۇق سەپ تۈزۈپ، قوزغلاڭچى قوشۇنغا قىستاپ كەلگەن ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قارىتىپ يامغۇر تاش ۋە ئوق - يا ياغدۇرغان. سىپارتاك قارامتۇل ئارغىماققا مىنىپ، قولىغا ئۇزۇن نەيزە ئېلىپ، ئۆلۈمگە قارىماي سانسىزلىغان رىم لەشكەرلىرىنى قىرغان. ئۇ جاللات كراسىسنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىزلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن كەلگەن رىم جۇنگۇەنى ئۇنىڭغا نەيزە سانچىغان. سىپارتاكنىڭ يوتىسى يارىلىنىپ ئاتتىن دومىلاپ چۈشكەن، جەڭچىلەر دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزغان. _ چاققان ئاتقا مىندۈرۈپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىپ كېتەيلى! _ بىر جەڭچى بىر ئات ئېلىپ كېلىپ، سىپارتاكىتىن قۇللارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن دەرھال ئاتقا مىنىپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان. سىپارتاك ئۆزى بىلەن ھەر جاي _ ھەر جايدا جەڭ قىلىپ، ئۆلۈم - كۆرۈمدە بىللە بولغان سەپداشلىغا قاراپ قاتتىق تەسىرلەنگەن. ئۇ جەسسۇرلۇق بىلەن خەنجىرىنى چىقىرىپ، ۋاقىرىغان: _ بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبە قىلساق، دۈشمەن ئاتلىرىنى ئولجا ئالىمىز؛ ئەگەر مەغلۇپ بولساق، بۇ ئاتنى نېمە قىلىمىز! ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا خەنجەرنى تىقىپ ئاتنى ئۆلتۈرگەن. شۇ ئەسنادا، كراسىس رىم لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ يەنە ھۇجۇم قىلغان، دۈشمەن قوشۇنلىرى خۇددى قارا بۇلۇتتەك باستۇرۇپ كەلگەن. سىپارتاك تۆت تەرەپتىن كەلگەن ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرغان، يوتىسىدىكى يارا تۈپەيلدىن ئۇ پۇختا تۇرالماي، بىر تىزلاپ ئولتۇرۇپ، بىر قولىدا قالقان، بىر قولىدا قىلىچ تۇتۇپ دۈشمەن بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلغان. ئاخىر بەدىنىگە نەچچە 10 نەيزە _قىلىچ سانچىلىپ، دەرمانسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشۈپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. سىپارتاك رەھىبەرلىك قىلغان بۇ قېتىملىق سەلتەنەتلىك زور قۇللار قوزغىلىڭى بەختكە قارشى مەغلۇپ بولغان. ۋەھشى كراسىس ئەسىرگە چۈشكەن 6000 قۇزغىلاڭچى قۇلنى كاپۇيىدىن تارتىپ رىمغىچە بولغان يولدىكى كىرسىتقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ پۈتكۈل ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۇپ، رىم قۇلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. قەھرىمان سىپاتاك ئۆزىگە خاس جەڭگىۋارلىق، ئاجايىپ تەشكىللەش تالانتى ۋە ئالىجاناپ ئىدىيە پەزىلىتى بىلەن ماركىسنىڭ قەدىمقى زامان دۇنيا تارىخدىكى ئەڭ شانلىق ئەرباپ دەپ تەرىپلىشىگە، لېنىننىڭ تەخمىنەن 2000 يىلدىن ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ ئەڭ مەشھۇر قەھرىمانى دەپ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ