مېكلىئاند جېلو
بەش مىڭ يىل
1503 - يىلى، فلورېنسىيىدە بىر كىنەز قەدىمكى فېلورېنسىيىلىكلەرنىڭ بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پارچە ماي بوياق سىزدۇرماقچى بولۇپ، ئادەم ئىزلىدى. ئۇ بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا داۋېنچى بىلەن مېكلىئاند جېلولارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىزدۇرۇش قارارىغا كەلدى.
مېكلىئاند جېلو بۇ رەسىمنى سىزىش ئۈستىدە زادى بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئۇ «داۋېنچى 51 ياشقا كىرىپ قالدى» ئۇ، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. بۇ يىل يەنە «ماننالىسا» نامىلىق رەسىمنى تاماملىدى، يىراق - يېقىندا نامى چىققان پېشقەدەم رەسسام، بۇنداق رەسىمنى سىزىپ چىقالايدۇ؛ مەنچۇ؟ مەن ئەمدىلا 28 ياشقا كىردىم، سەنئەت جەھەتتە دەسلەپ قىلىپ ئۆزەمنى ئاشكارىلىدىم، «داۋىد سۈرىتى» دەك مۇنەۋۋەر ئويمىنى ئىجاد قىلغان بولساممۇ، ئەمما داۋېنچىدەك كۆپلەپ سەنئەت ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولمىغان يېڭىياچى ئادەممەن! بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلايمۇ - قىلمايمۇ؟ دەپ ئويلىدى.
مېكلىئاند تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە: مەن داۋېنچىدەك سىزىپ چىقالمىساممۇ، بىر خىل چېنىقىشنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدىغان جايلىرىمنى بىلىۋالالايمەن. بۇ ئىنتايىن بىر ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى» دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما، شۇ ھامانلا: قەدىمكى فلورېنسىيىلىكلەرنىڭ روھىي قىياپىتى قانداق؟ ئۇلار ۋەھشىي تاجاۋۇزچىلار - بابىللىقلارنى قانداق يەڭگەن؟ ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى قانداق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ۋە قانچە ئويلاپمۇ سىزىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمىدى.
ئۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شۇ باسقۇچتىكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ماتېرىياللارنى ئىزلەپ تاپتى ۋە ئۇلارنى ئوقۇش جەريانىدا كۆپلەپ خاتىرە يازدى. ھېسسىي بىلىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئەينى يىللاردا جەڭ ئەڭ شىددەتلىك بولغان جايلارغا بېرىپ، قەدىمكى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ يەر شەكلىنى تېز سىزما قىلىۋالدى.
دېمەك، ئۇ مول خام ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى مول ئۇرۇش ھەققىدە كۆڭلىدە سان تۇرغۇزدى. نەتىجىدە رەسىمنى سىزىش جەريانى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، تارىخىي تېما بىلەن ئىشلەنگەن بۇ نادىر ئەسەر - ماي بوياقنى ئىنتايىن تېزلىكتە تاماملىدى.
داۋېنچىمۇ ئالاھەزەل ئۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۆز ئەسىرىنى پۈتتۈردى. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ماي بوياقلىرىنى كىنەزگە تاپشۇردى.
ئىككى مەشھۇر رەسسامنىڭ بىرلار ۋاقىتتا ئوخشاش مەزمۇندىكى ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ۋەقەسى فلورېنسىيىگىمۇ ناھايىتى يېڭىلىق بولدى. بىرمۇنچە رەسساملار داۋېنچى جەزمەن مېكلىئاند جېلودىن يۇقىرى دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ دەپ قارىدى. ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا نېمىدېگەن تەشنا _ ھە!
كىنەز رەسساملارنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى، ئىككى پارچە ماي بوياقنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىپ، جامائەتنىڭ باھالاپ چىقىشىغا تاپشۇردى.
كىنەزنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان مەشھۇر رەسساملارنىڭ ھەممىسى بىرلا كۈندە كىنەزنىڭ ھەرەمخانىسىغا كەلدى. ئۇلار ماي بوياقلارنى زوق - شوخ بىلەن كۆرۈپ چىقتى.
_ پاھ، نېمە دېگەن كېلىشكەن - ھە! - بىر رەسسام مېكلىئاند جېلونىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران - ھەس بولدى.
_ كېلىشكەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىپادىلەشمۇ ناھايىتى توغرا، چوڭقۇر بوپتۇ، راستتىنلا ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ! - يەنە بىر رەسسام يەنە شۇنداق ماختىدى.
دەرۋەقە، بۇ رەسىمدە مېكلىئاند جېلونىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت تالانتى ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئۇ شىددەتلىك جەڭ مەيدانىنى بىۋاسىتە سۈرەتلىمەستىن، بەلكى ئۆز ۋەتىنىدىكى بىر دەريادا سۇغا چۈشۈۋاتقان فلورېنسىيىلىك جەڭچىلەرنى سىزغان ئىدى. رەسىمدە جەڭچىلەرنىڭ توساتتىن ياڭرىغان جەڭ سىگنالىدىن بابىللىقلارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال قىرغاققا سەكرەپ چىقىپ، ھەربىي كىيىملىرىنى كىيىپ، قوراللىرىنى ئېلىپ جەڭگە كىرىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى فلورېنسىيە جەڭچىلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ۋەتەننى قوغدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بەدىئىي ھالدا قايتا كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى.
رەسساملار داۋېنچىنىڭ سىزغىنىنىمۇ كۆردى.
- داۋېنچى ئەپەندىم رەڭنى تەڭشەپتۇ، ئەپسۇسكى ... _ بىر رەسسام شۇ يەرگىچە باھا بەردى يۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتمىدى.
_ يېتەرسىزلىكى شۇكى، - دېدى يەنە بىر رەسسام ئارقىدىنلا، _ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىي تەبىئىتىنى سۈرەتلەشكە سەل قارىغان! ئەنە قاراڭلار، جەڭ مەيدانى ناھايىتى ھەيۋەتلىك سۈرەتلەنگەن، ئەمما بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ۋەھىمە ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە خۇددى سەۋدايى بولۇپ قالغاندەك سۈرەتلەنگەن!
دەرۋەقەداۋېنچى ئىجاد قىلغان بۇ رەسىم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىغان ئىدى. ئۇ بىرمۇنچە رەسساملارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، ھەتتا نارازى قىلدى. بەزىلەر يەنە كەسكىن ھالدا: بۇ شەرەپلىك فلورېنسىيە جەڭچىلىرىگە ئوقۇلغان مەدھىيە ئەمەس، بەلكى ھاقارەت دەپ تەنقىد قىلدى. جامائەت بۇنى مېكلىئاند جېلونىڭ رەسىمىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىگىتنىڭ كارامەت ئادەم ئىكەنلىكىنى، داۋېنچىغا ئوخشاش ئاشۇنداق داڭلىق رەسسام بولغان تەقدىردىمۇ تۇرمۇشنى تەتقىق قىلمايدىغان بولسا، ئىجادىيەتتە ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىشتى.
مېكلىئاند جېلو مەشھۇر رەسسام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئويمىچى ئىدى. ئۇ 1475 - يىلى فلورېنسىيىدە تۇغۇلدى. 13 يېشىدا رەسىم سىزىشقا كىرىشتى، كېيىنچە يەنە ئويمىچىلىقنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئاساسلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بولدى.
مېكلىئاند جېلو ئادەم رەسىمىنى ئۇيۇشقا ھەممىدىن بەك قىزىقتى . «داۋىد سۈرىتى» ئۇنىڭ داڭ چىقارغان ئەسىرىدۇر.
«داۋىد سۈرىتى» _ مەرمەرگە ئويۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.3 مېتىر كېلىدۇ. داۋىد «ئىنجىل» دىكى بىر بالا بولسىمۇ، ئەمما مېكلىئاند جېلو دىنغا قارشى تۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇنى يىگىت قىلىپ بويىغان.
بۇ ئويمىنى ئويۇپ چىقىش ئۈچۈن، مېكلىئاند جېلو ئۈچ يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىنەز، ماي بوياق سىزدۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان يىلى قولدىن چىقاردى. «داۋىد سۈرىتى» ئاجايىپ مۇكەممەل ئويۇلغاچقا، كىشىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ياندۇرقى يىلى فلورېنسىيە بۈيۈك سەنئەتكارلار كومىتېتى ئۇنى شەھەرنى قوغدىغۇچى قەھرىمانلارغا سىمۋول قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى.
1508 - يىلىدىن، ئۇ كەسكىن شىجائەت ۋە باتۇر جاسارەت بىلەن ئۈزمەي تۆت يىل ئىشلەپ، رىمدىكى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ 800 كۋادرات مېتىر تورۇسىغا كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان «دەۋر ئېچىش» ناملىق كاتتا رەسىمنى ئۆزى يالغۇز سىزىپ پۈتتۈردى. 1516 - يىلى يەنە «مۇسا سۈرىتى» نى ئىجاد قىلدى.
1535 - يىلى، رىم پاپىسى، مېكلىئاند جېلونى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىغا چوڭ تىپتىكى تام رەسىمى سىزىشقا مەجبۇرلىدى. 1542 - يىلى مېكلىئاند جېلو «ئاڭ ئاخىرقى سوت» ناملىق بۇ رەسىمنى تاماملىدى. پۈتۈن رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى ئون مېتىر، كەڭلىكى توققۇز مېتىر بولۇپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. بۇ مېكلىئاند جېلونىڭ ھاياتىدىكى نادىر ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مېكلىئاند جېلو، ئىتالىيىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان دەۋرىدىكى سەنئەتكارلار پىرى بولۇپ، 89 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشقا ئۇستا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ئىدى. رىمدىكى مەشھۇر سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبىزىنى ۋە گابدول مەيدانىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ لايىھىلىگەن ئىدى.