دېھلىدىكى جەڭ يالقۇنى
بەش مىڭ يىل
1857 - يىلى فېۋرال كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ھىندىستاندىكى كالكوتتىغا يىقىن دامدام كەنتىدىكى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ھەربى گازارمىسى ئالدىدا ھىندىستانلىق بىر ئەسكەر بىر دانە مىس كۇرۇشكىنى تۇتۇپ تۇراتتى.
- ئەپەندىم، كۇرۇشكىلىرىنى بېرىپ تۇرسىلا، مەن سۇ ئىچىۋالاي، ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كەتتى! - دېدى كىيىمى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن تازىلىق ئىشچىسى يالۋۇرۇپ.
- بولمايدۇ، سەن ھىقىر تۇرساڭ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ! - دېدى ھىندىستانلىق ئەسكەر ئۆرپ - ئادەت بويىچە، چۈنكى، ھىندىستاندا «ھىقىرلار» «يېقىن يولىغىلى بولمايدىغانلار» ھېسابلىناتتى.
تازىلىق ئىشچىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولدى - دە:
- سەن قانچىلىك بىر نېمىتىڭ، سىلەرنىڭ ئاغزى - بۇرنۇڭلار كالا يېغى بىلەن چوشقا مېيىغا تېگەي دەپ قالدى. يېڭى تارقىتىلغان ئەنگىلىيە ئوقلىرىنىڭ مىشىكى ئاستىغا پۈتۈنلەي مۇشۇ نەرسىلەر سۈرتۈلۈپتۇ! - دەپ ۋارقىرىدى.
ئەسكەر بۇنى ئاڭلاپلا ئالاقىزادە بولۇپ تاتىرىپ كەتتى - دە، قولىدىكى مىس كۇرۇشكىنى تاشلىۋېتىپ گازارمىغا قاراپ ماڭدى. چۈنكى، شۇ كەملەردە ئىشلىتىلىدىغان ئوقنى مىشەكنىڭ ئاستىنى چىشلەپ ئاچقاندىن كېيىنلا ئاتقىلى بولاتتى. ھىندىستان ئەسكەرلىرى يا ھىندى دىنىغا، يا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ھىندى مۇرىتلار كالا گۆشى يىمەيتتى، ئىسلام مۇرىتلىرى چوشقا گۆشى يىمەيتتى. ئۇلارنى كالا يېغى بىلەن چوشقا مېيى سۈرتۈلگەن مىشەكنى چىشلەپ ئېچىشقا مەجبۇر قىلىش ئاشكارا ھاقارەتلىگەنلىك بولاتتى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر كەينى - كەينىدىن نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار نىلۇپەرنى تۇتقان ھالدا گانگ دەرياسىغا قاراپ تۇرۇپ، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا قەسەميات قىلدى.ئەسكەرلەر ئۆز ئارا ئالاقە قىلىپ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى بەلگىلىدى.
كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە قوزغىلاڭنى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆتىرىشكە مەجبۇر قىلدى. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دېھلىنىڭ قېشىدىكى مىرات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 3 - ئاتلىق ئەسكەر باتاليونىدىكى 85 نەپەر ھىندىستانلىق ئەسكەر يېڭىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن ئەنگىلىيە ئوقىنى ئىشلىشنى رەت قىلدى. ئەنگىلىيە كوماندىرلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەشق مەيدانىدا باغلاپ، ئوقنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە نوقۇپ، قاتتىق ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، جازا بۇرۇقى چىقىرىپ، ئۇلارنى دەرھال قۇرۇقلۇق ئارمىيە تۈرمىسىگە سولاپ نەزەربەنت قىلىپ قويدى. ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر ئەمدى تاقەت قىلالماي، شۇ كۈنى كېچىدىلا دېھلى شەھىرىنىڭ ئەسكەرلەرنى خەۋەرلەندۈردى. خەتتە:«ئەتە - ئۆگۈن ئىچىدە دېھلىغا يېتىپ بارىمىز، ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقا تەييارلىق كۆرۈشۈڭلارنى سورايمىز» دېيىلگەن ئىدى.
ئەتىسى يەكشەنبە ئىدى. كەچقۇرۇن سائەت بەشتە چېركاۋلاردا قوڭغۇراق چېلىندى، ئەنگىلىيە كوماندىرلىرى توپلىشىپ، خىرىستىيانلار چېركاۋىدا جىم - جىم ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. «ئۇررا!» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر ئېتىلىپ كىرىپ، ئەنگىلىيە كوماندىرلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يامۇل ۋە مەھكىمىلىرىنى، تۈرمىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، قاماقتىكى قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزدى، ئارقىدىنلا ھەربى زاۋۇت ۋە قورال - ياراق ئىسكىلاتلىرىنى ئېچىۋېتىپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقىلى كەلگەن ئاممىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەممىسى بىرلىكتە دېھلىغا يۈرۈش قىلدى. ئۇلار يولغا چىقىش ئالدىدا گازارمىغا ئوت قويۇۋەتتى. لاۋۇلدىغان يانغىن ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرى تۈجۈپىلەپ باشتۇرۇپ كەلگەن قورغاننى تىرىپىرەن قىلىپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىش ئىشەنچىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.
قوزغىلاڭچىلار بىر كېچە قاتتىق يول يۈرۈپ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەردە دېھلى شەھىرىنىڭ چېتىگە يېتىپ كەلدى. ئەنگىلىيە شاڭشياۋسى خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەسكەر باشلاپ كەلدى. بۇ ئىككى قوشۇن تۇتۇشقان چاغدا، مىراتتىكى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر دېھلىدىن كەلگەن ئەنگىلىيە قوشۇنىدىكى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرنى كۆرۈپلا:«ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتايلى!» دەپ توۋلىدى.
دېھلىدىن كەلگەن ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر «ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتايلى!» دەپ ئاۋاز قوشتى - دە، مىلتىقنىڭ ئۇچىنى ئەنگىلىيە كوماندىرىغا قاراتتى. «پاڭ - پۇڭ!» قىلىش بىلەن تەڭلا ئەنگىلىيە شاڭشاۋسى ئۆلدى، قالغان ئەنگىلىيە كوماندىرلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئىككى قوشۇلۇپ ئۆركەشلىگەن كەلكۈن ھاسىل قىلىپ، توپ - توغرا دېھلى شەھىرىگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.
16 - كۈنى دېھلى شەھىرى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىندى، قوزغىلاڭچىلار ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇردى، مۇۋېل ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھى پەخرىي دۆلەت باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋەردى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتىرىلىپ، شەرقىي دېڭىز بويىدىكى كالكۇتتىدىن تارتىپ، غەربىي شىمال چېگرىدىكى پىشاۋەرگىچە بولغان كەڭ زېمىن ئازاد قىلىندى.
ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىسى كونىن ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ ئىشخانىسىدا قاپاقلىرى چۈشكەن ھالدا «ئىھ - ۋاي!» دەپ ئىنجىقلاپ، ئۇ ياقتىن - بۇ ياققا ماڭاتتى، ئۇنىڭ ئامالسىز قالغانلىقى ۋە باش - كۆزى قانغا مىلەنگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
- رۇخسەت قىلغايلا باش ۋالى جانابلىرى، قوماندان يېتىپ كەلدى! - دېدى نەۋكەر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ. گەپنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگۈچە ئەنگىلىيىنىڭ كونبېل ئىسىملىك بىر گېنېرالى ئالدىراپ ئېتىلىپ كىردى. تېگىپ كېتىشكە تاس قالدى.
- قوشۇنىمىز تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى، يىغىۋالغىلى بولمايۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى گېنېرال شارت - شۇرتلا. ئىنگلېزلار سىپايە كېلىدۇ، باش ۋالى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇنداق قوپاللىق قىلىش راستلا كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى.
- ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ، - دېدى باش ۋالى گېنېرالنىڭ ئىچى كۆيۈپ يېنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، پەرۋا قىلمىغاندەك بولۇۋېلىپ.
- بىز چوتنى خاتا سوقۇپتۇق، ھىندىستانلىقلارنى ئەسكەرلىككە ئالمىساق بوپتىكەن! ئەمدى بۇ «تومپاي ئەسكەرلەر» ئىسيان كۆتەردى، بىزنىڭ نېمە ئامالىمىز بار؟ - دېدى گېنېرال تىپچەكلەپ.
باش ۋالى چېكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئېسىگە بىر نېمە كەلگەندەك:
- جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەنگىلىيە پادىشاھى ئارمىيىسى نەگە يېتىپ كەلدى؟ - دەپ سورىدى.
- سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى؟ - دەپ سورىدى.
- سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى.
- ئۇلارغا تېزدىن تېلېگىرامما بېرىڭ، ئۇلارنىڭ دەرھال ئارقىسىغا قايتىپ، كالكۇتتىدا قۇرۇقلۇققا چىقسۇن.
باش ۋالىنىڭ بۇ پىكرىنى ئاڭلىغان قومانداننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلدى - دە:
- توغرا، ئۇلار كەلسۇن. ئىراندا تۇرۇۋاتقان قوشۇنلارنىمۇ چاقىرايلى، ئۇلار بىنگالدا قۇرۇقلۇققا چىقسۇن. ھىندىستانلىقلارغا ئىككى تەرەپتىن قىسىپ زەربە بېرەيلى! - دېدى.
- خوپ، مەن لوندوندىكى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرھال يوليورۇق سوراي، - دېدى بۇ قارا نىيەت باش ۋالى، ئاندىن يەنە بىر ئەسكى ئىشنى ئويلاپ تېپىپ، ئافغانىستان ۋە نېپالغا نۇرغۇن تارتۇق بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئەكسىيەتچىل قوشۇنلارنى توپلاپ، دېھلىغا شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى دېھلى شەھىرىگە يېقىنلاشتى. 14 - كۈنى دېھلىنى 50 زەمبىرەك بىلەن ئوققا تۇتتى. سېپىل «گۈلدۈر!» قىلىپ يىقىلدى، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى شەھەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، «ئالغا! ئالغا!» دەيتتى ئۇلارنى باشلاپ ماڭغان ئىككى ئەنگىلىيە گېنېرالى پوپوزا قىلىپ ۋە قىلىزىنى ئويناتقان ھالدا تاجاۋۇزچىلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئۆگزىدىن «تاڭ - تۇڭ!» قىلىپ ئېتىلغان ئوق بىلەن تەڭلا، بۇ ئىككى گېنېرال «ۋايجان! ۋايەي!» دەپ زارلىنىپ قان ئۈستىگە يىقىلدى. ئاھالىنىڭ ئۆيىدىكى دەرىزىلەردىن «پاڭ - پۇڭ!» قىلىپ ئوق ياغدى، بىر مۇنچە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى يەرگە يىقىلدى، تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر غال - غال تىترىشەتتى.
ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرى جامە ئالدىغا كەلدى. جامەدىن نەچچە مىڭ مۇسۇلمان ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلار قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئالدىنى توسىدى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوق چىقىرىپ، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننى ئېتىپ تاشلىدى. ئەمما، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى مىلتىقىنى بەتلەۋاتقاندا، يالتىرىغان قىلىچلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈشكە باشلىدى. بىر پەس چاپ - چاپ جەڭ نەتىجىسىدە، نەچچە يۈز ئەنگىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.
دېھلىلىق قوزغىلاڭچىلار ئالتە كۈن جەڭ قىلىپ، ئاخىرى ئوزۇق - تۈلۈك، ئوق - دورىسى قالماي، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئالتە كۈنلۈك كوچا جېڭىدە ئەنگىلىيىنىڭ ئىككى گېنېرالى، 5000 دىن ئارتۇق كوماندىر ۋە ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. موۋېلنىڭ ئاخىرقى شاھى ئەنگىلىيىگە تەسلىم بولدى، بۇ سۇلالە ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گۇم بولدى، ھىندىستان خەلقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋاملىق پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئەجەللىك زەربىلەرنى بەردى.
ئەنگىلىيىدىكى شاھبانۇس ھىندىستاندىكى فېئوداللارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا پەرمان چىقارغانلىقتىن، ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيىگە قارشى كۈچلەردە بۆلۈنۈش يۈز بەردى. فېئوداللارنىڭ كۆپ قىسىمى ئەنگىلىيىگە تەسلىم بولدى ۋە يۈز ئۆرۈپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇردى. قوزغىلاڭ 1859 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. ئارقىدىنلا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق باشلىنىپ، تۈركۈم - تۈركۈم قوزغىلاڭچىلار قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى، خۇددى مەلۇم بىې قوزغىلاڭ يولباشچىسى دار ئاستىدا تۇرۇپ، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىپ:
«سىلەر مېنى دارغا ئېسىشىڭلار مۇمكىن، باشقىلارنىمۇ مەندەك دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشۈڭلار مۇمكىن، ئەمما سىلەر بىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىمىزنى دارغا ئاسالمايسىلەر. مەن ئۆلسەم، يەنە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قەھرىمانلار بار، ئۇلار قانلارنى كېچىپ دەس تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ!» دېگەندەك، ھىندىستان خەلقىغە مەڭگۈ ئىلھام بەرمەكتە.