پۇگاچېۋ
بەش مىڭ يىل
1773 - يىل 9 - ئايدا، دون دەرياسى بىلەن يېك دەرياسى )ئورال دەرياسى( ئەتراپىدىكى كازاكلار ئارىسىدا مۇنداق قىزىق رىۋايەت تارقالدى:
- يېكاتېرىناⅡنىڭ قانداق پادىشاھ بولغانلىقىنى بىلەمسەن؟
- بۇنى كىم بىلمەيدۇ دەيسەن! ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرى - چار پادىشاھ پېتىرⅢ نى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
- سەنچۇ، شۇنىلا بىلىدىكەنسەن، باشقىسىنى بىلمەيدىكەنسەن، پادىشاھ پېتىرⅢ ئۆلمىدى، ئۇ كازاكلار ئارىسىغا قېچىپ بېرىپتۇ.
- راستمۇ؟
- راست بولماي، ئەمما ھازىر ئۇ ئىسىمىنى يوشۇرۇپ يۈرىدۇ، سەن بىلمەسلىككە سېلىپ يۈرىۋەر.
- ھەي، پېتىرⅢ ياخشى پادىشاھ ئىدى - دە!
- راست، ئۇ بىز يانچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولغان ئىدى، ئاقسۆڭەك - پومىششىكلار ئۇنىماي، يېكاتېرىنانى ھىمايە قىلىپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن!
- ئۇ ئايال ئىنتايىن رەھىمسىز ئىكەن! بىز كازاكلار تەڭ قوزغىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك قانداق دەيسەن؟
- شۇنداق قىلساققۇ ياخشى بولاتتى، باشچىلىق قىلىدىغان كىشى يوق - دە، پادىشاھ پېتىرⅢ كېلىپ بىزگە باشچىلىق قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى...
- پېتىرⅢ نىڭ چوڭ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ئۇ ھازىر ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يايلاقتىكەن!
- راستمۇ؟! مەن بېرىپ كۆرۈشەيمىكىن دەيمەن!
- بار، ئۇنىڭغا قوشۇل!
رىۋايەت ئاخىر رىئاللىققا ئايلاندى، بىر نەچچە كۈندىلا نەچچە يۈز كازاك، رۇسلار ۋە باشقىلار تۇشمۇ تۇشتىن ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يايلاققا كېلىپ، 30 ياشتىن ئاشقان بىر كازاكنى ئوۋېلىشتى، بۇ كازاكنىڭ جاراڭلىق نۇتىقىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
- يۇرتداشلار، مەن چار پادىشاھ پېتىرⅢ بولىمەن! سىلەرنىڭ دەرت تارتىۋاتقانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، شۇنى جاكارلايمەنكى، بارلىق تېرىلغۇ يەرلەر، ئورمانلار، يايلاقلار، كۆللەر، تۇز كانلىرى پۈتۈنلەي خەلققە مەنسۇپ! ئېغىر >جان بېجى< ئېلىپ تاشلانسۇن! خەلققە ئەركىنلىك سۆزسىز بېرىلسۇن! يانچىلار ئازاد قىلىنسۇن!
- بەللى! كۆڭلىمىزدىكىنى ئېيتتىڭ! - دېيىشتى كازاكلار تەنتەنە قىلىپ.
- ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسى گىزەندىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! - دېدى >چار پادىشاھ< سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
- توغرا! - دېدى كازاكلار يەنە بىر قېتىم تەنتەنە قىلىپ، - ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتايلى!
- مەن سىلەرگە باشچىلىق قىلىپ، ئالۋاستىلارغا ھۇجۇم باشلايمەن! بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!
قوزغىلاڭچى دېھقانلار بىلەن كان ئىشچىلىرى >چار پادىشاھ پېتىرⅢ< نىڭ باشچىلىقىدا شاۋقۇن - سۈرەن كۆتىرىشىپ، قەھرىمانلارچە ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار ئىچىدە مازۇر ۋە نەيزە تۇتقان، ھەتتا بەزىلىرى قولىغا كالتەك ئېلىۋالغان ئىدى.
قوزغىلاڭغا باشچىلىق قىلىۋاتقان بۇ كازاك راستلا چار پادىشاھ پېتىرⅢ مۇ؟ ياق، پېتىرⅢ 1762 - يىلىلا ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىرقى بۇ >پېتىرⅢ< نىڭ ھەقىقىي ئىسىمى ئېمېلىيان پۇگاچېۋ.
پۇگاچېۋ 1742 - يىلى دون دەرياسى بويىدىكى چىمۋوسك بازىرىدا تۇرىدىغان كەمبەغەل كازاك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 18 يېشىدا ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن پولشاغا ئەۋەتىلگەن؛ تۈركىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقىمۇ قاتنىىشپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغانلىقتىن، شياۋۋېيلىققا كۆتىرىلگەن، كېيىن ئاغىپ قېلىپ، رۇخسەت بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋە دون دەرياسى بىلەن يېك دەرياسى ئارىلىقىدا >سەرگەردان كازاك< بولۇپ يۈرۈپ، روسىيىدىكى يانچىلار بىلەن كان ئىشچىلىرىنىڭ جەۋر - زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
قوزغىلاڭچىلار يېك دەرياسىنى بويلاپ، يۇقىرىغا يۈرۈش قىلدى. چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى دەريا بويىغا نۇرغۇن قورغانلارنى سالدۇرغان ئىدى. قورغانلاردىكى قورۇقچىلار بىلەن كازاكلار پۇگاچېۋنىڭ قوشۇنى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كوماندىرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن باغلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، پۇگاچېۋنىڭ قول ئاستىغا ئۆتتى. 1773 - يىل 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، پۇگاچېۋنىڭ قىسىملىرى ئۆلكە مەركىزى ئورېنۇرگقا يېتىپ كەلدى. پۇگاچېۋنىڭ سىياسى پىروگىراممىسى ناھايىتى ئېنىق بولغانلىقتىن، كەڭ يانچىلار ھەرىدەك ئولىشىپ، قوزغىلاڭچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، پۇگاچېۋ ئۇلارنى پولك ۋە روتا، ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى. ئۇرال ئىشچىلىرى بىر نەچچە زەمبىرەك قۇيۇپ ئەۋەتتى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ داڭقى تېخىمۇ پۇر كەتتى.
ئورېنبورگنىڭ ئۆلكە باشلىقى ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئايال چار پادىشاھدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1773 - يىل 11 - ئايدا، چارروسىيىنىڭ گېنېراللىرى باشچىلىق قىلغان نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك ئارمىيە ئورېنبۇرگقا يېتىپ كەلدى. ئاقسۆڭەك - پومېششىكلار خۇشاللىقىدىن قېن - قېنىغا پاتماي، قوزغىلاڭچىلارنى ئەمدى يوقىتىدىغان بولدۇق، دېيىشتى، ئەمما ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، چار روسىيە گېنېراللىرىنىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ چېكىندۈرۈلدى. ئاقسۆڭەك - پومىششىكلار يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، يەنە ئۈمىدسىزلىنىپ زارلىنىشقا باشلىدى.
ھېلىقى ھېلىگەر ئۆلكە باشلىقى ئۇستىلىق قىلىپ، ئافاناسى دېگەن بىر يانچىنى >چاقىرىتىپ< كەلدى.
- ئافاناسى، مەرھەمەت قىلىپ ئولتۇرسىلا! - دېدى ئۆلكە باشلىقى ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن.
ئافاناسى ھەيران قالدى، ئىلگىرى يانچىلارنىڭ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى، بۈگۈن ئۆلكە باشلىقى بۆلەكچىلا تۈزۈت قىلىۋاتىدۇ، چوقۇم بىرەر >مۇھىم< ئىش بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە ئاندىن:
- ئۆلكە باشلىقى جاناپلىرى، ئىش بولسا تۈزۈت قىلماي تاپشۇرۇۋەرسىلە! - دېدى.
- ئولتۇرسىلا، ئولتۇرسىلا!پۇگاچېۋنىڭ ساپلا ئاقسۆڭەك - پومىششىكلارنى قىرىۋاتقانلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم، مەن سىرتقا چىقالمايمەن؛ ئۆزلىرى يانچى، ئۇلار سىلىگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ...
ئۆلكە باشلىقى ئادەتتە يانچىلارنى ئۇراتتى، تىللايتتى، بۈگۈن قاراپ تۇرۇپ>سىلە< دەۋاتىدۇ، بۇ يەردە چوقۇم بىر گەپ بار دەپ ئويلىدى ئافاناسى ۋە ئىنتايىن ئىتائەت قىلغاندەك بولۇۋېلىپ:
- ئۆلكە باشلىقىمىز نېمە ئىشقا بۇيرۇسا، شۇ ئىشنى جەزمەن بىجا كەلتۈرىمەن! - دېدى.
- يارايلا! يارايلا! - دېدى ئۆلكە باشلىقى باشمالتىقىنى چىقىرىپ، ئاندىن چاڭگىلىغا بىر سىقىم تىللانى ئېلىپ كېلىپ، بىر قولى بىلەن ئاغزىنى دالدا قىلدى ۋە ئافاناسىغا بىر نېمە دەپ پىچىرلىدى.
شۇ كۈنى كېچىدە ئافاناسى كىشىلەرگە كۆرۈنمەي شەھەردىن چىقىپ كەتتى، ئەتىسى ئۇ پۇگاچېۋنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى. پۇگاچېۋ بۇ يانچىنى كۆرۈپلا، ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلدى.
- قېرىندىشىم ئافاناسى، مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزلەپ كەلدىڭىز؟
- ئالىلىرى، ئۆلكە باشلىقى مېنى سېلىنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتتى، مەن يانچى تۇرسام، بۇ ئىشتا مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەنمۇ؟ ئۇنىڭ سۈيىقەستلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتماقچىمەن.
پۇگاچېۋ پېتىرⅢ دېگەن يالغان نام بىلەن قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى >ئالىلىرى< دەيتتى.
- ئوبدان قېرىندىشىم، قېنى، ئېيتىڭ!
- ئۇنىڭ سۈيىقەستى كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇ مەندىن سېلىنىڭ قورال - ياراق ئىسكىلاتلىرىغا ئوت قويۇشۇمنى، كازاكلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، قوزغىلاڭغا ئاسىيلىق قىلدۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، قارىمامدىلا! - دېدى ئافاناسى يېنىدىن بىر مۇنچە تىللا سېلىنغان پورتمالنى چىقىرىپ جوزىغا >پاق< قىدا تاشلاپ.
- ھا...ھا! - پۇگاچېۋ قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى ۋە يەنە نېمە گەپ بار؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇ ماڭا شەرق تەرەپتىكى قوغاندا تۇرىدىغان ئاقسۆڭەك بىلەن ئالاقە قىلىپ، سىلىگە ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن قىسىپ ھۇجۇم قىلىشنىمۇ تاپلىدى.
- مەن قوزغىلاڭچىلارغا ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن! - دېدى پۇگاچېۋ سەمىمىي ھالدا.
- مېنىڭ بىر پىلانىم بار، شەرقتىكى قورغاننى بۈگۈن كېچىدە بىراقلا قولغا چۈشۈرۈپ، ئۆلكە باشلىقىنىڭ قولىنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى كۈپتىكى تاشپاقىغا ئوخشاش قىلىپ قويساقمىكىن.
- يارايسىز! سىز بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ يېقىن ياردەمچىم بولۇڭ، قوشۇنۇمغا باشچىلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈڭ! - دېدى پۇگاچېۋ، ئۇ سىنپىي قېرىداشلىرىغا تولۇق ئىشىنەتتى.
ئافاناسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۇگاچېۋنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ مۇھىم كوماندىرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كۆپىيىپ 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ۋە ئۇلار 100 نەچچە زەمبىرەككە ئىگە بولدى.
چار پادىشاھ نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكتىن، پۇگاچېۋ ئۇرېنبۇرگتا مەغلۇپ بولدى. ئۇ قوشۇنلىرىنى شىمالغا يۆتكىدى. 1774 - يىل 7 - ئايدا، ۋولگا دەرياسى بويىدىدكى مۇھىم شەھەر قازاننى ئالدى. ئارقىدىنلا غەرپكە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم شەھەر نىشىننوۋگرودنى )ھازىرقى گوركى شەھىرىنى( ئالدى. چار پادىشاھ يەنە نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ قوغلاپ ھۇجۇم قىلدى. پۇگاچېۋ ئەسكەرلىرىنى جەنۇپقا باشلاپ مېڭىپ، 1774 - يىل 8 - ئايدا، دون دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم شەھەر ساتسىنغا يېتىپ كەلدى. دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قورال - ياراقلىرى ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مۇنتىزىم تەلىم - تەربىيە كۆرمىگەنلىكتىن، چار پادىشاھنىڭ نۇرغۇن قوشۇنى تەرىپىدىن ئاخىرى مەغلۇپ قىلىندى. پۇگاچېۋ 200 دىن ئوشۇق كازاك ۋە دېھقانغا باشچىلىق قىلىپ مۇھاسىرىنى يېرىپ چىقىپ شەرقتە ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ يايلاق تەرەپكە قاچتى، ئاخىرىدا، قوشۇندا ئاران 40 نەچچە ئادەم قالدى.
بۇ چاغدا كازاكلارنىڭ بىر باشلىقى ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ پۇگاچېۋنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى باغلاپ چار پادىشاھ قوشۇنىغا ئاپىرىپ بەردى.
1775 - يىل 1 - ئايدا، موسكۋا شەھىرىدە ناھايىتى ئېگىز جازا سەھنىسى ياسالدى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە دار ئورنىتىلدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر كەلدى. پۇگاچېۋ قول - پۇتى كىشەنلەنگەن ھالدا قەپەزگە سېلىنىپ موسكۋاغا كەلتۈرۈلدى. ئۇ جازا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن، كاللىسى ئېلىندى، پۇت - قولى كېسىلدى، جەسىدى ئۆرتەلدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن سەپداشلىرى دارغا ئېسىلدى.
روسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان دېھقانلار ئىنقىلابى ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئەمما، پۇگاچېۋنىڭ قەھرىمانلىقلىرى رۇس خەلقى ئالدىدا تا بۈگۈنگىچە رىۋايەت قىلىنماقتا.