ئۇلۇغ دوستلۇق
بەش مىڭ يىل
1883 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن ئۆتكەنىدى. ئېنگېلس، ماركىسنىڭ قورۇسىغا كەلدى. ئۇ قورۇ ئالدىدىكى يېرىم چەمبە شەكىللىك گۈللۈككە يېقىنلاشقاندا، ماركىسنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزە پەردىسى چۈشۈرۈلگەن - چۈشۈرۈلمىگەنلىكىگە دەككە - دۈككە بىلەن قارىدى.
ماركىسنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئېنگېلس ھەر كۈنى كېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ قەدىناس دوستىنى يوقلاپ تۇردى. لوندوندىكى ئەڭ داڭلىق دوختۇرلارنى ماركىسقا دىئاگنوز قويۇشقا ۋە داۋالاشقا تەكلىپ قىلدى. ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ كېتىۋەردى.
ئېنگېلس ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆز يېشى قىلغان ھالدا پەرىشان تۇرغانلىقىنى كۆردى - دە، كېسەللىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ماركىسنىڭ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىدىغان ۋاقتى يېتىپ قالغانلىقىنى بىلدى.
ئايال خىزمەتچى بالىخانىغا چىقىپلا چۈشتى - دە، ئېنگېلسقا:
- ھازىر ماركىس ئەپەندىم ئۇخلىغاندەك ياتىدۇ، يۈرۈڭ، مەن بىلەن چىقىڭ، - دەپ پىچىرلىدى.
ئېنگېلس ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ماركىسنىڭ يېزىقچىلىق شىرەسى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا خاتىرجەم ياتقانلىقىنى كۆردى. ئەسلىدە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بۇ ئىنقىلابچى ۋە مۇتەپپەككۇر ئويغانماس ئويقۇغا كەتكەنىكەن، يېزىقچىلىق شىرەسى ئۈستىدە >كاپىتال< نىڭ 2 -, 3 - توملىرىنىڭ قوليازمىلىرى تۇراتتى.
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ماركىس لوندوندىكى ھايگېت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ئېنگېلس قەبرە ئالدىدا تۇرۇپ مەرھۇم قەدىناس دوستىغا ئەڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ھۆرمەت سالىمى بەردى ۋە قىسقىغىنا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
>بۇ زاتنىڭ ۋاپاتى، ياۋروپادا كۈرەش قىلىۋاتقان پرولېتارىيات سىنىپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىخ ئىلمى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشتۇر، بۇ گىگانىت ئادەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن بوشلۇقنى، ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە كىشىلەر ھېس قىلىدۇ<.
ئېنگېلس نۇتۇقىنىڭ ئاخىرىدا: >ئۇنىڭ نامى ۋە ئىشى مەڭگۈ ھايات!< دەپ توۋلايدۇ.
ماركىسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولۇشى بىلەن ئېنگېلس چوڭقۇر قايغۇغا چۆكتى. دوستلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ساياھەتكە چىقىپ كۆڭلىنى ئارامىغا چۈشۈرۈشكە ئۈندىدى.
ئەمما ئېنگېلس ھېچ يەرگە بارماسلىقنى قارار قىلدى. ئۇ لوندوندا تۇرۇپ >كاپىتال< - نىڭ ئاخىرقى توملىرىنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرماقچى بولدى ھەمدە بۇنداق قىلىش قەدىناس دوستۇمنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ مېنىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىم، دەپ قارىدى.
ماركىسنىڭ >كاپىتال< دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنىڭ 1 - تومى 1867 - يىلى نەشىردىن چىققانىدى. ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان قول يازمىلاردىن يەنە نەچچە مىڭ بەت بار ئىدى. 2 - تومىنىڭ تۆت - بەش توپ تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئورىگىنالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تېخى پەقەت بىر توپىلا قولدىن چىققانىدى، قالغانلىرى بولسا ئەمدىلىكتە قولغا ئېلىنغانىدى. قول يازما بەكمۇ ئىرماپ يېزىلغاچقا، تونۇپ ئوقۇش ناھايىتى قىيىن ئىدى. بەزى سۆزلەر قىسقارتىپ يېزىلغان، بەزى جۈمىلىلەر پەقەت بىر نەچچە ھەرپ بىلەنلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، يەن ئېنگلىزچە، نېمىسچە ۋە فرانسۇزچە يېزىلغانىدى.
بۇ تەۋەررۇكنى رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن، ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىنىدىغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى. ئەمما، ئېنگلېس بۇلارنى زادىلا ئېغىر ئالمىدى. ئۇ ئۆزى يېزىۋاتقان >تەبىئەت دىئالېكتىكىسى< نى قويۇپ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ خىزمەتكە كىرىشتى.
ماركىسنىڭ قول يازىسىنى تونۇش ۋە ئۇنى كۆچۈرۈش ئېنگېلىسنىڭ بىرىنچى قەدەمدىكى خىزمىتى بولدى. خۇددى ئېنگېلس دوستلىرىغا يازغان خېتىدە: ھايات كىشىلەردىن پەقەت مەنلا مۇنداق پۇچۇركا، شۇنداقلا ئايرىم سۆزلەر ۋە پۈتۈن جۈمىلىلەرنىڭ قىسقارتىلمىسىنى تونۇيالايمەن، دەپ يازغاندەك، بۇ ھەم زېھن سەرپ بولىدىغان، ھەم ۋاقىت كېتىدىغان، باشقىلار ئارىلىشالمايدىغان خىزمەت ئىدى.
ئۇ چاغدا، ئېنگېلس 60 ياشتىن ھالقىپ قالغانىدى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋېرىپ، ئاخىر كېسەل بولۇپ يېقىلىپ قالدى. دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ كەچتە ئىشلىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلدى. كېيىنچە ھەتتا كۈندۈزى ئىشلەشكىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاللىقاچان ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئېنگېلس خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى: بىر خاتىرىلىگۈچى تەكلىپ قىلدى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە ئۆزى سافادا يېتىپ، قول يازما بويىچە ئېيتىپ بەردى، خاتىرىلىگۈچى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ خاتىرىلىدى؛ كەچقۇرۇنلۇقى كۈنلۈك خاتىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
قول يازمىنى كۆچۈرۈپ بولۇپلا ئۇ تولۇقلاش، رەتلەش ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى ۋە پروگراممىلارغا ئايرىپ، يېزىق جەھەتتىن سىلىقلىدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تىرىشىش ئارقىلىق، 2 - تومنىڭ قول يازمىسىنى رەتلەش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. 1885 - يىل 5 - ئايدا، بۇ ئەسەر رەسمىي نەشىردىن چىقتى.
3 - تومنى رەتلىگەندە، ئېنگېلس تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. چۈنكى ماركىس بۇ تومنى يېزىۋاتقاندا، كۆپ خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەچكە، بەزى باب، پاراگرافلارنىڭ تەخمىنەن مەزمۇنى يېزىلغان ياكى شۇ ھەقتىكى بەزى ماتېرىياللارنىڭ قالدۇرۇپ قويغان بەزى باب، پاراگرافلارنىڭ ھەتتا ماۋزۇسىلا قويۇلغان ئىدى. بۇنداق بولغاچقا، بۇ تېمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە ماتېرىياللارنى تولۇقلاشقا ھەمدە ماركىسنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئاق قالغان باب، پاراگرافلارنى يېزىپ پۈتتۈرۈشكە توغرا كەلدى. ئېنگېلس ئەسلىدە 2 - توم دۇنياغا كەلگەننىڭ كېيىنكى يىلىلا بۇ تومنى نەشىردىن چىقىرىشنى مۆلچەرلىگەنىدى، نەتىجىدە، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلار ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر مۇنچە باشقا خىزمەتلەر يۈكلەنگەنلىكتىن، 3 - توم 1894 - يىلى نەشىردىن رەسمىي چىقتى.
ماركىسنىڭ قىممەتلىك تەۋەررۈك ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشىر قىلىش ئۈچۈن، ئېنگېلس تولۇق 12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قىلغان ئەڭ زور نەزەرىيىۋى ياردىمى بولدى. ئېنگېلس ئۆزىمۇ مۇشۇ خىزمەت داۋامىدا ئەڭ زور ھۇزۇر ئالدى. ئۇ دوستىغا يازغان بىر خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
>ماركىستەك ھەر بىر سۆز - جۈملە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئادەم قالدۇرۇپ كەتكەن قول يازمىلارنى رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئاز ئەمگەك كەتمەيدۇ، ئەمما، بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئەمگەك بولدى. چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق قەدىناس دوستۇم بىلەن يېڭىباشتىن بىرگە بولدۇم<.
راست دېگەندەك، ئېنگېلس >كاپىتال< نىڭ 2 -, 3 - توملىرىنى رەتلەپ نەشىر قىلىشقا مۇشەققەتلىك ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، زور تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، >كاپىتال< ماركىس بىلەن ئېنگېلس ئورتاق يازغان ئەسەردۇر، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئۇلۇغ دوستلۇقىنىڭ سىمۋولىدۇر.
>كاپىتال< نىڭ 3 - تومى نەشىردىن چىققان يىلى، ئېنگېلىس 74 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى جەھەتتە يەنە ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى پىلانلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى >كاپىتال< نىڭ 4 - تومى )>قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسى< نى رەتلەپ نەشر قىلىش ئىدى. ئەمما ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا، ئۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئورۇنداشقا مادارى يەتمىگەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا، ماركىسنىڭ بۇ سادىق دوستى ئاخىر دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
ئېنگېلىسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كىچىك بىر كېمىگە چۈشۈپ ئەنگلىيىنىڭ شەرقىدىكى ئىستىبوئېن دېڭىز ساھىلىدا بىر قىيا تاشتن ئىككى ئىنگلىز مىلى يىراق جايغا ئاپىرىپ، ئېنگېلىسنىڭ جەسەت كۈلىنى دېڭىزغا تۆكتى ھەمدە مەڭگۈلۈك خاتىرە بولسۇن ئۈچۈن ئۇ يەرگە بىر خادا تىكلەپ قويدى.